ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

HR چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك قوراللار قامۇسى (1)

HR چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك قوراللار قامۇسى (1)

ۋاقتى: 2015-12-07 ئاۋاتلىقى: 419 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىرىنچى، ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇش قورالى
Swot ئانالىز ماترىتساسى
بۇ كارخانا تاشقى مۇھىتى ۋە ئىچكى شارائىتىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئىككىسىنىڭ ئەڭ ياخشى  قوللىنىشقا بولىدىغان ئىستراتېگىيەلىك بىرىكمىسىنى تاپىدىغان بىر خىل ئانالىز قورالىنى كۆرسىتىدۇ. "S" ئەۋزەللىك ياكى ئارتۇقچىلىقنى (strength)، " W" كارخانىنىڭ يېتەرسىزلىك ياكى ئاجىزلىقىنى (weakness) ، "O" تاشقى مۇھىتتا ساقلىنىۋاتقان پۇرسەتنى (opportunities) ، "T" بولسا تاشقى مۇھىتتا شەكىللىنىۋاتقان تەھدىتنى (threat) كۆرسىتىدۇ. 
بۇ خىل ئانالىزنى ئېلىپ بېرىشنىڭ قەدەم باسقۇچى: 1. كارخانا تاشقى مۇھىت ئانالىزى ئېلىپ بېرىپ، كارخانىغا نىسبەتەن  تاشقى مۇھىتتا ساقلىنىۋاتقان تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە تەھدىتنى رەتلەپ چىقىش؛
2. ئىچكى مۇھىت ئانالىزى ئېلىپ بېرىپ، كارخانىنىڭ نۆۋەتتىكى ئارتۇقچىلىق  ۋە ئاجىزلىقىنى رەتلەپ چىقىش؛
3. Swoft ماترىساسىنى سىزىپ چىقىش؛
4. بىرلەشمە ئانالىز ئېلىپ بېرىش؛
 
 قارار دەرىخى
قارار دەرىخى(decision tree) ئادەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ شەكىللىنىدۇ. ھەر بىر قارار ياكى ئىشتىن (تەبىئىي  ھالەتتە) ئىككى خىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ھادىسىلەر كېلىپ چىقىشى ۋە ئوخشىمىغان نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ خىل قارارنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ رەسىم ئارقىلىق سىزىپ چىقساق خۇددى دەرەخ شاخلىرىغىلا ئوخشايدۇ، شۇڭا قارار دەرىخى دەپ ئاتىلىدۇ. 
#p#
بەش ئىقتىدار مودېلى
بەش ئىقتىدار ئانالىز مودېلىنى 80-يىللارنىڭ باشلىرىدا Michael Porter ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، كارخانا ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈزۈلۈشىگە دۇنيا خارەكتېرلىك چۇڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ رىقابەت ئىستراتېگىيەسىنى ئانالىز قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ رىقابەت مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك تەھلىل قىلغىلى بولىدۇ. بەش كۈچ ئايرىم ھالدا: تەمىنلىگۈچى سودىگەرنىڭ نەرخنى كېلىشىش ئىقتىدارى؛ سېتىۋالغۇچىنىڭ نەرخنى كېلىشىش ئىقتىدارى؛ يوشۇرۇن رىقابەتچىنىڭ كىرىش ئىقتىدارى؛ سەپلىمە مەھسۇلاتنىڭ ئورۇننى بېسىش ئىقتىدارى؛  كەسپ ئىچىدىكى رىقابەتچىلەرنىڭ ھازىرقى رىقابەت ئىقتىدارى.  
بەش خىل ئىقتىدارنىڭ ئوخشىمىغان بىرىكىش ئۆزگىرىشى ئاخرىدا كەسپ پايدا يوشۇرۇن كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
 
Boston ماترىسا ئۇسۇلى
شىركەت قاتلىمى ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈشتە ئەڭ ئومۇملاشقان ئۇسۇللارنىڭ بىرسى  BCG ماترىساسى. بۇ ئۇسۇلنى بوستون  مەسلىھەت سوراش گۇرۇھى (Boston Consulting Group,BCG)  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان.  BCG ماترىئاسى گۇرۇپپىلانغان ھەر بىر كەسپىي ئورۇننى(SBUS) بىر خىل  ماترىسا رەسىمىدە ئىپادىلەپ چىقىش ئارقىلىق قايسى SBUS نىڭ يۇقىرى سوممىدىكى يوشۇرۇن پايدا بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى، قايسى SBUS نىڭ  مەبلەغ تۈزۈلمىسىدە نۇقسان بارلىقىنى ئىپادىلەپ چىققان. 
BCG ماترىساسىنىڭ كەشپ قىلغۇچىسى، بوستون شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى  Bruce مۇنداق دەپ قارىغان: «شىركەتنى مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم  ئېشىش نىسبىتى ۋە بازار ئۈلۈشى ئوخشاش بولمىغان مەھسۇلات بىرىكمىسى بولۇشى كېرەك. بىرىكمىنىڭ قۇرۇلمىسى نەقپۇل ئېقىمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.» بۇنىڭدىن قارىغاندا ، BCG نىڭ ماھىيىتى بولسا كەسپنىڭ ئەلالاشتۇرۇلغان بىرىكمىسى ئارقىلىق كارخانا نەق پۇل ئېقىمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. 
----------------
داۋامى تەھرىرلىنىۋاتىدۇ... كېيىنكى يازمىغا دىققەت قىلىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى