ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلەش---باج تۈرىنى ياخشى ئويلىشىش (04)

ئىگىلىك تىكلەش---باج تۈرىنى ياخشى ئويلىشىش (04)

ۋاقتى: 2016-03-17 ئاۋاتلىقى: 462 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كۆپلىگەن كىشىلەر شىركەت قۇرۇشتىن ئىلگىرى، مالىيە ۋە باجغا نىسبەتەن ھېچنىمە بىلمەيدۇ. بۇ تەرەپتە ئەمدىلا شىركەت قۇرغانلارمۇ ئوخشاشلا خەۋەرسىز بولىدۇ. جۇڭگونىڭ باج تۈرى كۆپ، ئەگەر ئىچكىرىلەپ ئۈگەنمىگەندە راستىنلا چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ھېلىمۇ ئېسىمدە بىر دوستۇم بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۇ مەندىن بۇ تۈر نەچچە پۇل دەپ سورىدى، مەن تىلىمنىڭ ئۇچىدىلا 10 تۈمەن دېدىم، ئۇ يەنە ئۇنداقتا تەننەرخى قانچىلىك دەپ سورىدى، مەن ئۇنىڭغا تەخمىنەن 3 تۈمەن دەپ جاۋاب بەردىم، ۋاھ، سەن ھەقىقەتەن كۆپ پۇل تاپالايدىكەنسەن! دېدى ئۇ.
مۇشۇ تۈردىلا 7 تۈمەن كىرىم بولىدىكەن ئەمەسمۇ!
بۇ ئاغىنە باجنى چۈشەنمەيدىكەن، بىرىنچى ئەگەر سىز مۇلازىمەت كەسپىدە بولسىڭىز، ھەر بىر توختام ئۈچۈن %5.8 بۇيىچە تىجارەت بېجى (يەرلىك باج)، يەنى كىرىمنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ 6 پىرسەنتى دۆلەتنىڭ پۇلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن 3 تۈمەن تەننەرخى ئېلىۋېتىش تېخى يېتەرلىك ئەمەس، يەنە %6 لىك باج تاپشۇرۇش كېرەك.
باج تاپشۇرغان تەقدىردىمۇ، پەسىل ئاخىرىغا بارغاندا، شىركەت يۈرۈشتۈرۈش ياخشى بولسا، نەق پۇل كىرىمى 5 تۈمەن (ئىككى تۈمەننى باشقا چىقىمغا ئىشلەتكەن دەپ قارىغاندا)، ئۇنداقتا، چوقۇم %25 كارخانا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇش كېرەك، يەنى 1.25 تۈمەن دۆلەتكە بېرىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن كىرىم ياخشى بولغان ئەھۋال ئاستىدا، تەننەرخ ئارقىلىق پايدا سەرپ قىلىنىدۇ.
تەننەرخ دېگەن نېمە؟ بۇ ئاساسلىقى سىياسەت چىقىمى، قاتناش چىقىمى، خىزمەتچى مائاشى، ئىشخانا ئەسلىھەلىرى، مۇقىم مۈلۈك قاتارلىقلار. ئەگەر مۇلازىمەت كەسپى ساھەسى بولسا، ئۇنداقتا ئاساسلىقى خىزمەتچى ئاماشى بولىدۇ.
مائاش تارقاتسا بولامدۇ؟ ياق، چۈنكى يەنە شەخسى تاپاۋەت بېخى تاپشۇرۇلىدۇ، ئاز بولغاندىمۇ %10 بولىدۇ.
بىراق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، ئاشخانا، ھاراق سېتىش ئورۇنلىرى قاتارلىق ئىستېمال بولسا تەننەرخنىڭ قانچىلىك بولۇشى ھېسابلانمايدۇ، بۇ كىشىنىڭ خىيال قىلىش چېكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇلار بولسا جۇڭگو سودا ئىستېمالدىكى چىقىم ھېسابلاشقا ئامالسىز بولغان تۈر، بۇنىڭغا ئايرىم تالون بېجىرىش كېرەك.
#p#
شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن كارخانا ئامال قىلىپ كاسسىر تەكلىپ قىلىدۇ، بۇنىڭدا ئەڭ قىيىن بولغىنى تالون ياساپ ھېساباتنى تولۇقلاش. مەسىلەن سىز 100 تۈمەن يۈەنلىك تۈر ئىشلىگەن بولسىڭىز، خېرىدار 20 تۈمەن ئالسا، سىز چوقۇم 20 تۈمەنلىك تالۇن ئارقىلىق بۇ ھېساباتنى يۇيۇۋېتىشىڭىز كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئاندىن ئوڭۇشلۇق ھالدا بۇ ھېساباتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، خېرىدار سىزگە 20 تۈمەنلىك تالوننى بەرمەيدىغاندۇ؟
كىچىك شىركەتنىڭ كەسپى ئاز، باج ئۇنداق قادىلىپ تۇرۇۋالمايدۇ، بىر نەچچە تۈمەنلىك ھېساباتقا ئامال قىلغىلى بولىدۇ، شىركەت چوڭايغاندا، بىر نەچچە تۈمەنلىك تالون بېجىرمەكچى بولسا، ئۇنداقتا قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ، بۇ مالىيە ۋاكالەتچىلىك شىركىتى ئاسانلا ھەل قىلىدىغان ئىش ئەمەس.
ئېلانچىلىق كەسپى، تاماقخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، ھاراق تاماكا كەسپى، ئادەتتە مەھسۇلات سېتىش ساھەسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمىغان باج تۈرىنى ئىشلىتىدۇ، مېنىڭ دوستۇم مۇلازىمەت ساھەسىدە بولۇپ نەتىجىدە %17 لىك ئاشۇرما قىممەت بېجى تاپشۇردى، ئەلۋەتتە بۇ تەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى تۈر ئەمەس. بىر قارىسىلا شىركەت قۇرغاندا تەجرىبىسى يوق، زىيانغا ئۇچراپ كەتكەن.
ئادەتتىكى مۇلازىمەت كەسپى، %5.8 لىك تىجارەت بېجىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، باشقا باج تاپشۇرمايدىغىنى تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ، ھازىر بەزى شەھەرلەردە مۇقىم باج يىغىلىدۇ، بۇ تەننەرخ بېسىمنى يوق قىلىدۇ، ئەگەر نەق پۇل ئايلىنىشى ياخشى بولمىسا، يەنە %5.8 لىك تىجارەت بېجى ئەڭ ياخشى، تەننەرخ قوشۇلسا قوشۇۋالسۇن، ئاشۇرما قىممەت بېجى تاپشۇرغاندىن ئەرزان توختايدۇ.
قانداق شىركەت ئېچىش، قانداق باج تاپشۇرۇش، قايسى دەرىجىدە بولۇشتا، ھەر قايسى جايلارنىڭ ئانچە ئوخشاش بولمايدۇ، بىراق ئوخشاش بولغىنى، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەي، يەنىلا شۇ ساھەدىكىلەردىن سوراپ باققاندا پايدىسى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى