ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ستېۋ جوبس قانۇنىيىتى

ستېۋ جوبس قانۇنىيىتى

ۋاقتى: 2015-11-05 ئاۋاتلىقى: 583 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ستېۋ جوبس قانۇنىيىتى
جوبس قانۇنىيىتى: ئەڭ ئىقتىدارلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يىغىش
بىر ئىقتىدارلىق ئىختىساس ئىگىسى 50 نەپەر ئادەتتىكى خىزمەتچىگە تەڭ كېلەلەيدۇ.
ئوتتۇرىغا قويغۇچى: ئامېرىكا ئالما كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سىتېۋ جوبس
باھا: بىر جو گېلىياڭ بولۇشقا رازىكى، ئۈچ نەپەر ياغاچچى بولۇشقا رازى ئەمەس

جوبس قانۇنىيىتى
ئەڭ ئىقتىدارلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يىغىش
ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ يېرىمىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە، ئىختىساسلىقلارنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتتى. ئۇ يېقىندا بىر نوتۇقىدا: "مەن ئۆتمۈشتە بىر ئىقتىدارلىق ئىختىساس ئىگىسى ئىككى نەپەر ئادەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىگە تەڭ كېلەلەيدۇ دەپ قارايتتىم. ئەمما ھازىر مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى بىر ئىقتىدارلىق ئىختىساس ئىگىسى 50 نەپەر ئادەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىگە تەڭ كېلىدىكەن." دەپ ئۆتكەن. ئالما شىركىتى يېڭىلىق ياراتقۇچى ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق بولغاچقا، جوبس ئۆزىنىڭ ۋاقتىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىشقا سەرپ قىلغان. ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار دائىم ئىختىساسلىقلارغا مەزكۇر شىركەتنىڭ كەلگۈسى نىشانىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا چۈشەندۈرەلەيدۇ. ئەمما، يېڭى قۇرۇلغان تولۇپ تاشقان كۈچ-قۇردەتكە ئىگە شىركەت ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى دائىم خىزمەتچى تاللىغاندا ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن، ئۆزى بىۋاسىتە ھالدا نەق مەيدانغا بېرىپ خادىم قوبۇل قىلغاندا، ئىش ئىزدىگۈچىلەر مەزكۇر شىركەتنىڭ مەدەنىيىتى ۋە مۇھىتىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ.

تېپىك مىسال:
مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئەڭ ئىقتىدارلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئۆزىگە تارتىش مەخپىيىتى
مىكروسوفت شىركىتىدىكى پرەژژېرى جۆ (Pressure jue) ئەڭ ئىقتىدارلىق (بىرىنچى دەرىجىلىك) ئىختىساس ئىگىلىرىنى جەلپ قىلىش مەخپىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ مەخپىيەت: يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىم قوبۇل قىلىش جەريانىغا چوقۇم قاتنىشىشى كېرەك. ھازىرغا قەدەر، مىكروسوفتنىڭ كۆزى چۈشكەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا بېل گايتىس ئۆزى تېلېفون بېرىپ، شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ خىزمەتكە قىزىقىشى بارمۇ-يوق سورايدۇ. پرەژژېرى جۆ ئەگەر يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىم قوبۇل قىلىش جەريانىغا قاتناشمىسا، ئىش ئىزدىگۈچىلەر يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار ئىختىساسلىقلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن دەپ قارايدۇ دەپ تەكىتلەيدۇ. ئەگەر يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار ئىختىساس ئىگىلىرىگە كۆڭۈل بۆلمىسە، ئۇنداقتا كىم كۆڭۈل بۆلىدۇ؟

IBM نىڭ "ياۋا ئۆردەك" نى قەدىرلەپ ئىشلىتىشى
ئامېرىكا خەلقئارا سودا ماشىنا شىركىتى (IBM) دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى بولۇپ، بۇ شىركەتتە "ياۋا ئۆردەك روھى" نى ھازىرلىغان ئىختىساسلىقلار قەدىرلەپ ئىشلىتىشكە مۇيەسسەر بولىدۇ. شىركەت باش دېرىكتور توماس ۋاتسون (Thomas.J.Watson) دانىيە پىسخولوگى گېركجاد (歌尔科加德)نىڭ بىر داڭلىق سۆزىنى ئۆزىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزى قىلىۋالغان بولۇپ، بۇ ئەقلىيە سۆزى مۇنداق: "ياۋا ئۆردەك بەلكىم كىشىلەر تەرىپىدىن كۆندۈرۈلۈشى مۇمكىن، ئەمما كىشىلەر تەرىپىدىن كۆندۈرۈۋېلىنسىلا، ياۋا ئۆردەك ئۆزىنىڭ ياۋايىلىقىنى يوقىتىدۇ-دە، پايانسىز كەڭ تەبىئەتتە ئەركىن ئۇچالمايدۇ." بولۇپ، ۋاتسون تەكىتلەپ: "مەن گەرچە ئۇلارنى ئانچە ياقتۇرمىساممۇ، ئەمما ھەقىقەتەن ئىقتىدارلىقلارنى ئۆستۈرۈشتە، مەن قەتئىي ئىككىلەنمەيمەن. مېنىڭ ئىزدەيدىغىنىم ئاشۇ خاراكتېرى كۈچلۈك، ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغا پەرۋا قىلمايدىغان، بىر ئاز ياۋايىلىقى بار شۇنداقلا كۆڭلىدىكىنى يۇشۇرماي ئېيتىدىغانلاردۇر. ئەگەر سىز ئەتراپىڭىزدا بۇنداق كىشىلەردىن نۇرغۇننى بايقىسىڭىز، ھەمدە ئۇلارنىڭ پىكىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ." دەيدۇ. ۋاتسون يېڭىلىق يارىتىشنى "ياۋا ئۆردەك روھى" نىڭ نامايەندىسى قىلىپ، ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ خىزمەتچىلەرنى كەشپىيات يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازاردىكى غالىبلىقنى قولغا كەلتۈردى. "ياۋا ئۆردەك روھى" IBM شىركىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسىي ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى بولۇپ قالدى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى