ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسىنىڭ تۈرلىرى

ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسىنىڭ تۈرلىرى

ۋاقتى: 2012-09-20 ئاۋاتلىقى: 613 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن بۆلگەندە، ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلەرگە بۆلگىلى بولىدۇ:
1. مەۋجۇت بولۇش ھالىتىدىن قارىغاندا، ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى ئادەتتىكى كىرىزىس ۋە ئېغىر كىرىزىس قاتارلىق ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. 
1) ئادەتتىكى كىرىزىس. ئادەتتىكى كىرىزىس ئاساسلىقى دائىم كۆرۈلىدىغان ئاممىۋى مۇناسىۋەت ماجىراسىنى كۆرسىتىدۇ. مەلۇم نۇقتىدىن قارىغاندا، ئاممىۋى مۇناسىۋەت ماجىراسى ھەقىقىي كىرىزىس قاتارىغا كىرمەيدۇ، ئۇ پەقەت ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسىنىڭ بىر سىگنالى، ئالامىتى ۋە ئىشارىسى. بۇ خىل ماجىرا دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنسىلا  ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسىغا ئايلانمايدۇ، شۇنداقلا كىرىزىس ھالىتى پەيدا قىلمايدۇ. 

 
2) ئېغىر كىرىزىس. ئاتالمىش ئېغىر كىرىزىس ئاساسلىقى كارخانىلارنىڭ چوڭ تىپتىكى ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋەقەسى، ئېغىر ئىشلەپچىقىرىش خاتالىقى، ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىقتىساد كىرىزىسى، ئەمگەكچىلەر بىلەن كاپىتالىستلار ئوتتۇرىسىدىكى چوڭراق ماجىرالارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئاممىۋى مۇناسىۋەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار چوقۇم دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايدىغان ھەقىقىي كىرىزىس. مەسىلەن، مەھسۇلات ۋە كارخانىنىڭ ئوبراز كىرىزىسى، پايچىك سودىسىدىكى تۇيۇقسىز چوڭ كۆلەملىك سېتىۋېلىش قاتارلىقلار، ئاممىۋى خىزمەتچىلەر چوقۇم بۇ خىل ھادىسىلەرنى  دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى، ئەڭ ياخشىسى ئادەتتە تەييارلىق ھالەتتە تۇرۇشى كېرەك. 
 
2. كىرزىس بىلەن مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ مۇناسىۋەت دەرىجىسى ۋە تەۋەلىك ئوبيېكتىدىن قارىغاندا، ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى ئىچكى ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى ۋە تاشقى ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى قاتارلىق ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. 
#p#
1) ئىچكى ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى. كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يۈز بەرگەن ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى ئىچكى ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىچكى ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىلا كۆرۈلىدۇ. ياكى بۇ خىل كىرىزىسنى ئادەتتە  كارخانىنىڭ خادىملىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم مەسئۇلىيەتنىمۇ كارخانىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. 
2) تاشقى ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى. تاشقى ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى ئىچكى ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسىگە قارشى ئېيتىلغان. ئۇ كارخانىنىڭ سىرتىدا يۈز بېرىدىغان، كۆپرەك ئاممىنىڭ پايدا-مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان كىرىزىسىنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر كارخانا پەقەت زىيانغا ئۇچرىغانلارنىڭ بىرى بولىدۇ. 
بۇ نۇقتىدىن ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسىنىڭ تۈرلىرىنى ئېنىق بۆلگەندە، ئىچكى بىلەن تاشقى بەزىدە نىسپىي. چۈنكى بەزى ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسىنىڭ يۈز بېرىشىدە ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبنىڭ ھەر ئىككىلىسى بار، ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەتمۇ كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. شۇڭا ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسىنى تۈرگە بۆلگەندە ۋە بىر تەرەپ قىلغاندا مەسىلىلەرنى چوقۇم كونكرېت تەھلىل قىلىپ، ياخشى  بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. 
مەسىلەن، ئۆسەك سۆز كەلتۈرۈپ چىقارغان كىرىزىس؛ ھۆكۈمەت سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىرىزىس؛ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە ئورگانلار ئوتتۇرىغا قويغان بەزى ئۇچۇر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان كىرىزىس؛ قانۇن مەسىلىسىگە چېتىشلىق كىرىزىس؛ مىللەت، دىن، مەدەنىيەت پەرقى، جىنسى كەمسىتىش قاتارلىق جەمئىيەت مەسىلىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىرىزىس؛ بەزى سەزگۈر مەسىلىلەرگە چېتىلىپ قىلىشتىن پەيدا بولغان كىرىزىس؛ قەستەن سېتىۋېلىشتىن كەلگەن كارخانىنىڭ قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى پەيدا قىلغان كىرىزىس؛ تەشكىلنىڭ كومپيۇتېر تورىغا "قارا مېھمان" نىڭ ھۇجۇم قىلىشى پەيدا قىلغان كىرىزىس؛ تەبئىي ئاپەتلەر ۋە باشقا كونترول قىلغىلى بولمايدىغان ئېلېمېنتلار كەلتۈرۈپ چىقارغان كىرىزىس؛ مۇھىت ئاسراش پەيدا قىلغان كىرىزىس قاتارلىقلار. 
#p#
3. كىرىزىسنىڭ كارخانىغا كەلتۈرگەن زىيىنىنىڭ كۆرۈلۈش ھالىتىگە ئاساسەن، ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى ئىككى خىل بولىدۇ، يەنى شەكىللىك ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى ۋە شەكىلسىز ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى. 
1) شەكىللىك ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى. بۇ خىل كىرىزىس كارخانىغا بىۋاسىتە ھەم ئوچۇق ئاشكارە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، ئادەتتە كۆزگە تايىنىپلا بۇ زىيانلارنى بايقىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئوي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش، پارتلاش، تاۋار ئوبوروتىدىكى قاتناش ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادەم يارىلىنىش ۋە مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى. 
1989-يىلى 6-ئايدا، چېڭدۇ شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ تۈرلۈك ماللار ماگىزىنى چېڭدۇ خەلق سودا-سارىيىغا ئوت كېتىپ ھەممە نەرسە كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ نەچچە يۈز مىليونلۇق زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان. چېڭدۇ خەلق سودا-سارىيىدا يۈز بەرگەن ۋەقە شەكىللىك كىرىزىسقا تەۋەدۇر. 
2) شەكىلسىز ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسى. كارخانىغا كەلتۈرگەن زىيىنى ئېنىق بولمىغان كىرىزىسنى كۆرسىتىدۇ. ھەرقانداق كارخانىنىڭ ئوبرازىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان كىرىزىسنىڭ ھەممىسى شەكىلسىز ئاممىۋى مۇناسىۋەت كىرىزىسقا تەۋە. ئەگەر جىددىي ئۈنۈملۈك ئۇسۇل قوللانمىسا، ئاللىقاچان دەخلىگە ئۇچرىغان كارخانا ئوبرازى كارخانىنى تېخىمۇ چوڭ زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. 
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى