ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىنجاڭ 14 مىڭ نەپەر ئاز سانلىق مىللەت «كۆك ياقىلىقلىرى»نى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدۇ

شىنجاڭ 14 مىڭ نەپەر ئاز سانلىق مىللەت «كۆك ياقىلىقلىرى»نى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدۇ

ۋاقتى: 2016-07-22 ئاۋاتلىقى: 429 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

  شىنجاڭ 14 مىڭ نەپەر ئاز سانلىق مىللەت «كۆك ياقىلىقلىرى»نى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدۇ

 

ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ھازىر بار بولغان ئادەم ئىشلىتىش توسالغۇلىرىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، شىنجاڭ 14 مىڭ نەپەر ئاز سانلىق مىللەت «كۆك ياقىلىقلىرى»نى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدۇ

 

ياشىن تورى خەۋىرى(باش مۇخبىر فەن چيوڭيەن، مۇخبىر خې لىڭ، جاڭ خاۋ)  «بىزنىڭ شىركەتنىڭ شىنجاڭلىق خىزمەتچىلىرىنىڭ نىسبىتى %91.26گە يەتتى.» «يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىركىتىمىز جەمئىي قوبۇل قىلغان شىنجاڭلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نىسبىتى %72كە يەتتى.» 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان كارخانىلار ئۆزلىرىنىڭ شۇ يەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى بەس-بەستە تونۇشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى كارخانىلار كەسپىي ئىشچىلار كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە بولغان ئەنسىرىشىنىمۇ ئىپادىلىدى.

 

ئەنسىرەشنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى بار بولدى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ نازىرى ئەنۋەر ئىمىن بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ 14 مىڭ نەپەر ئاز سانلىق مىللەت ئىشقا ئورۇنلاشمىغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا «تىل+تېخنىكا» تەربىيەلەش پىلانى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2013-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 16دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھىرى خېنەن شەرقى يولى 440-نومۇر ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تېخنىكا ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پۇخۇا كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دۇ خۇڭيەن «كەسپىي يېتەكچى تەربىيەلەش سىنىپى»دا ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتمەكتە. ياشىن تورى مۇخبىرى ما يۈەن سۈرەتكە تارتقان


 

بەزى مۇتەخەسسىسلەر، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا ئاندىن ھازىر بار بولغان ئادەم ئىشلىتىش توسالغۇلىرىنى يوقاتقىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ يەرلىكتە تۆۋەنكى ئېقىم ئىگىلىك زەنجىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللىغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىق خىزمەتچىلەرنى كېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلىپ قىلغىلى بولىدۇ، ھەم تەدرىجىي ھالدا بىر تۈركۈم كەسپىي ئىختىساس ئىشچىلار يېتىشىپ چىقىدۇ دەپ قارىدى.

 

بۇنىڭغا قارىتا، ئەنۋەر ئىمىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي تەربىيەلەش كۈچىنى زورايتىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق ئارىلاش مۈلۈكچىلىك كارخانىلىرىنىڭ خىزمەتتىكى خادىملىرىغا قارىتا، كەڭ كۆلەمدە خىزمەت ئورنى تېخنىكىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەربىيەسى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساس ئىگىلىرى تەربىيەسى ئېلىپ بارىدۇ.

 

14 مىڭ نەپەر ئاز سانلىق مىللەت «كۆك ياقىلىقلار» تەربىيەلىنىدۇ

 

ئەنۋەر ئىمىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايون 14 مىڭ نەپەر ئاز سانلىق مىللەت ئىشقا ئورۇنلاشمىغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىغا «تىل+تېخنىكا» تەربىيەلەش پىلانى ئېلىپ بارىدۇ، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار يېزا ياش ئەمگەكچى كۈچلىرىگە قارىتا، نۇقتىلىق ھالدا خىزمەت ئورنى بېكىتىلگەن، زاكاسلىق تەربىيەلەش ئېلىپ بارىدۇ، تەربىيەلەش مەزمۇنى كارخانىلارنىڭ خىزمەت ئورنى ئېھتىياجىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە قارىتىلغان تەربىيەلەش باشقۇرۇش، تېخنىكا، مۇلازىمەت خىزمەت ئورنىنى ئاساس قىلىدۇ؛ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت يېڭىدىن ئۆسۈپ يېتىلگەن ئەمگەكچىلەرگە قارىتا، ھەممىباب تىل تەربىيەسىنى كۈچەيتىدۇ، كارخانىلار ئۇلارغا تېخنىكىلىق تەربىيەلەش ئېلىپ بارىدۇ.


 

نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق ئارىلاش مۈلۈكچىلىك كارخانىلىرىنىڭ كەسپىي ئىقتىدار ئەمەلىي تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنى تېخنىكا مەكتەپلىرىگە ھاۋالە قىلىشقا ياكى كارخانا ئۆزى خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ، تەربىيەلەش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش بىلەن كارخانا خىزمەت ئورنىنىڭ زىچ بىرلەشتۈرۈلۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ، كارخانىلارنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساس خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈش تۈرلىرىنى ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئەمەلىي تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇلۇشىنى سىياسەت ۋە مەبلەغ قاتارلىقلار بىلەن قوللايدۇ.

 

كارخانىلار يېڭىدىن قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن شىنجاڭلىق خىزمەتچىلەرگە قارىتا، ھۆكۈمەت كارخانىلارنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئەمەلىيەتتە تاپشۇرغان ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ %50 بويىچە 3 يىل ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تولۇقلىمىسى بېرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلسا ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، ئىشتىن قېلىش سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى، تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى، كدېرىت تولۇقلىمىسى ۋە باجنى كېمەيتىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدۇ. ھۆكۈمەت مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار يېڭىدىن قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن شىنجاڭلىق خىزمەتچىلەرنىڭ نىسبىتى %70تىن تۆۋەن بولماسلىق، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر %30تىن تۆۋەن بولماسلىقبەلگىلىمىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؛ شىنجاڭدا تىزىمغا ئالدۇرغان ھەر تۈرلۈك كارخانىلار ۋە شۇنداقلا شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتنى ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ھۆددىگە ئالغان كارخانىلارنىڭ قوبۇل قىلغان يېڭى خادىملىرى ئىچىدە شىنجاڭلىق خادىملارنىڭ %50تىن تۆۋەن بولماسلىق سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى