ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جۇڭگولۇق تۇنجى باي لى جياچېڭنىڭ روناق تېپىش تارىخى (1)

جۇڭگولۇق تۇنجى باي لى جياچېڭنىڭ روناق تېپىش تارىخى (1)

ۋاقتى: 2016-07-31 ئاۋاتلىقى: 1092 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق جۇڭگولۇق بولۇشى مۇمكىن، لى شياۋلۇڭ ياكى جىن لۇڭ بولۇشىدىن  قەتئىينەزەر، ھەممىسى ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ، داڭلىقلىقنى مەلۇم مىقدار بىلەن ئۆلچىگىلى بولمىغان بىلەن، بايلىقنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ ئەلۋەتتە. شياڭگاڭ ئىقتىسادىنىڭ كونتىروللۇقى ئۇنىڭ قولىدا، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پورتنى باشقۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يۈزلەنگەن توك سىم كىرگۈزۈش مونوپوللۇقى ئۇنىڭ قولىدا، ئۇ ئالىي دەرىجىلىك زېمىندار ۋە پارچە ساتقۇچى دېگەن ناملارغا ئىگە بولغان، ئۇ ئەڭ چوڭ كۆچمە يانفون تىجارەت ئەمىلىگە ئىگە بولغان. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ساھەسىدە دۇنيا تەرىپىدىن قايتا-قايتا سىزىلىپلا قالماي، تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا پۈتۈن دۇنيانىڭ مۇشۇ كەسىپ كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسەتكەن......ئۇ بولسىمۇ لى جياچېڭ.


21-ئەسىردە پۇل تېپىش تەس دەپ كىم دەيدۇ، لى جياچېڭ بىر ئەپسانە ئىجاد قىلىۋاتىدۇ، قىزىقارلىق يېرى شۇكى، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان پوزىتسىيەسى ئىككى يۆنىلىشلىك بولماقتا. 2002-يىلى مەلۇم بىر ئورگان تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك بولغان كارخانىچىلارنى تەكشۈرۈشتە، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىچكىرىدىكى پۇقرالار ۋە ھەر-ساھە، ھەر-كەسىپتىكى زاتلار بولۇپ، ئەڭ ياخشى جۇڭگولۇق كارخانىچىنى باھالايدۇ، نەتىجىسىدە، ئىچكىرىدىكى پۇقرالار تاختىسىدا لى جياچېڭ بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن يەنە بىر دەرىجە تاختىسىدا ئۇنىڭ ئىسمى يوق چىقىدۇ.
يۈز يىللار مابەينىدە، "غەربتىن ھەقىقەت ئىزدەش" پىكرىدە، بەيۋېر ئۇستازنى قىزغىنلىق بىلەن ئارزۇ قىلىپ، لى جياچېڭ بىلەن بەيۋېرنىڭ ئوخشاشلىقىغا سەل قارىدۇق، كۆپ مەنبەلىك ئىش تۈزۈلمىسى ئاستىدا، ھەرقايسى رەھبەرلىك سىتراتىگىيەسىنى قەتئىي ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كىرگەن ھەر-ساھە، ھەر كەسىپتىكى رەھبەرلەر بازاردا گۇمانلىنىشقا بولمايدىغان ئالدىنقى ئورۇنغا ئىگە بولدى. بافىت، ۋېئېرچى، گەس، دېل قاتارلىقلارنىڭ ئايىغىغا باش قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىمىزنىڭ يېنىدىكى بۇ مەشھۇر ئۈلگىگە سەل قارىدۇقمۇ قانداق؟ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى، لى جياچېڭ دۇنيا پىلاستىك گۈل پادىشاھى بولغاندا، يۇقىرىدىكى تۆت ئىسىمنىڭ قايسى مۇقەددەس جايدىن كەلگەنلىكىنى كىممۇ بىلىدۇ؟ خەلق مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى: بىر دۇنياۋى كارخانىچىنىڭ، ئاددىي ھالدا مۇۋەپپىقىيەت قازانغان سودىگەر دەپ قارالغانلىقىدا. ئۇنىڭ كۆپ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە، ئالغا ئىلگىرىلەپ ئېچىش، ھازىرقى زامان دۆلەتتىن ھالقىغان كارخانا باشقۇرۇرۇش تەرەپلەردىكى ئېسىل كەسىپ ئىپادىسى، بىر قاتار بافىتچە "كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سودا" دەپ يېپىلغان.
81 ياشلىق لى جياچېڭنىڭ جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆگىنىشىگە، چۈشىنىشىگە ئەرزىيدىغان تەرەپلىرى بەك كۆپ، پەقەت سىز بۇنى خالىسىڭىزلا.


بىرىنچى ئالتۇن: پلاستىك گۈل، پەقەتلا پىلاستىك گۈل
ئارقا كۆرۈنۈشى: 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، پىلاستىك سانائىتى ياۋرۇ-ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە گۈللەنگەن. شياڭگاڭ ھەر تەرەپتىن تولۇق ئېچىۋېتىلگەن ئەركىن دۇنيا سودا پورتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياۋرۇ-ئامېرىكىدىن كىرگۈزۈلگەن پىلاستىك مەھسۇلاتلار ناھايىتى تېزلا بازارلارغا يۈزلەندى. پىلاستىك ماتېرىيالنى شەكىلگە كەلتۈرۈش ئاسان، مەھسۇلات يىنىك، رەڭگى ھەرخىل، چىرايلىق، كۆپلىگەن ياغاچ ماتېرىيالى ۋە مىتال بۇيۇملارنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. پىلاستىكنىڭ ئاسان كونىراش، تەركىبى زەھەرلىك بولۇشتەك كەمچىلىكلىرى بار. لېكىن بۇ كەمچىلىكلەر ئادەملەرنىڭ مودا قوغلاش ئېقىمى ئاستىدا يوقالدى. بۈگۈنگىچە پىلاستىك بۇيۇملار يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. 
1950-يىلى يازدا، لى جياچېڭ شىياۋچىۋەندە پىلاستىك بۇيۇملار بازىرىنى قۇرۇپ "چاڭجياڭ"نى زاۋۇت ئىسمى قىلدى. 
ھەربىر ئادەمنىڭ ئىگىلىك يارىتىش جەريانى ئوخشىمايدۇ، بىرىنچى چىلەك ئالتۇن ئادەمنىڭ دىققىتىنى بەك تارتىدىغان تېما، لى جياچېڭنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە قارىتا، نۇرغۇن ئادەمدە مۇنداق چۈشەنمەسلىك بار: پىلاستىك گۈلگە تايىنىپ تىجارەت قىلىپ، راستلا مىليونېرغا ئايلانغىلى بولامدۇ؟ توغرا، لى جياچېڭ پەقەت پىلاستىك گۈلگە تايىنىپلا، شىياڭگاڭدىكى كاتتا بايغا ئايلانغان.
جوۋ ياۋچېڭ: بىز لى جياچېڭنى مۇنازىرە قىلساق، ئۇنىڭ ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ ۋە ئەھۋالنى كۆزىتىپ ۋەزىيەتنى مۆلچەرلىيەلەيدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز، بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ ياخشى ئەنئەنىسى. لى جياچېڭنىڭ پىلاستىك گۈل تەرەققىياتىمۇ بېشىدىلا ئۇنداق تەرەققىي قىلىپ كەتمىگەن. ئىگىلىك يارىتىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا، شىياڭگاڭنىڭ پىلاستىك ۋە ئويۇنچۇق بازىرى 300 دىن ئاشاتتى. چاڭجياڭ زاۋۇتى پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سودا ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى، ئەمما خاسلىقى كەمچىل بولغان بىرسى ئىدى. چاڭجياڭ زاۋۇتى ئىكسپورت قىلغان پىلاستىك ئويۇنچۇقلارنىڭ باشقا كەسىپداشلىرى ئوتتۇرىسىدا بەك چوڭ پەرق يوق، پەقەت پاسونىدا ئازراقلا ئۆزگىرىش بار ئىدى خالاس. مۇشۇ ۋاقىتتا، لى جياچېڭ كېيىنكى مەسىلىلەرنى پەرەز قىلىشقا باشلىدى.
1957-يىلى، دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، غەرب دۆلەتلىرى ئىقتىساد تېز لىنىيەسىگە كىرىپ، تۇرمۇشنىڭ تەمىنى تېتىشقا بولغان ئارزۇسى كۈندىن-كۈنگە ئاشىقانىدى. لى جياچېڭنىڭ زاۋۇتى تېزدىن تىپىنى ئاساسلىق پىلاستىك گۈل ئىشلەشكە ئۆزگەرتتى.
پىلاستىك گۈل ئەمىلىيەتتە گۈللەرنىڭ كۆچۈرۈلىشى بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى مودا قوغلىشىش ۋە مۈشكۈل ئەھۋالغا قېلىش تەڭ مەرجۇت بولۇپ تۇرغان دەۋر---چەكلىك بولغان تۇرمۇش سەۋىيەسى ھەم كۆپۈشكەن ئوي-خىيال، ئارزۇ، پىلاستىك گۈل خۇددى دەۋرنى بۇرىغۇچى كۆڭۈلدىكىدەك مەھسۇلات بولۇپ، ناھايىتى تېزلىكتە شياڭگاڭنى ۋە پۈتۈن دۇنيا بازىرىنى ئىگىلىدى.
جوۋ ياۋچىڭ: لى جياچېڭنىڭ 50-يىللىرى قىلغان ئىشلىرىنىڭ، ھازىر نۇرغۇن ئىزباسارلىرى بار---جېجياڭ سودىگەرلىرىگە ئوخشاش، مەسىلەن چاقماقنى مىسال ئالساق، بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق ناھايىتى چوڭ بولۇپ، چوڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش، چوڭ كۆلەملىك توپ سېتىش، مالنى چىقىرىش، يەنە سەل قاراشقا بولمايدىغان ئورتاقلىقى، پىلاستىك گۈل بىلەن چاقماقنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ تېخنىكا مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن.
1957-يىلدىن باشلاپ بىر قانچە يىل ئىچىدە، لى جياچېڭ توپ سېتىش تىجارىتىگە تايىنىپلا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پىلاستىك گۈل ئىكسپورتچىسى، ياسىغۇچىسىغا ئايلانغان. مۇھىم بىر نوقتا شۇكى: ئۇ پەقەت شىياڭگاڭ ۋە قوشنا ئەللەر ئۈچۈنلا ئىشلەپچىقارمايدۇ، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى ياۋرۇ-ئامېرىكىغا سېتىشتىن يىراق. 50-يىللانىڭ ئاخىرى شىياڭگاڭنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر ئالتۇن دەۋر بولۇپ، ئىكسپورت قىلغان ماللارنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە قوشۇمچە مەھسۇلات ئىشلەپچىرىش سالاھىيىتى، شياڭگاڭ بازىرىدا گۈللەپ راۋاجلىنىش مەنزىرىسىنى بەرپا قىلدى. پىلاستىك گۈل ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت ئەمىلىيەتتە ناھايىتى كۆپ، چاڭجياڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاددىي بىرسى، سودا چەمبىرىكىدە، پىلاستىك گۈلىدە ناھايىتى چوڭ ئاتاققا ئىگە بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئۇششاق تىجارەتچى ھېسابلىنىپ، رەسمىي كارخانا دائىرىسىگە كىرىشكە ئامالسىز. شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا لى جياچېڭنى "پىلاستىك گۈل پادىشاھى" دەپ ئاتىغاندا، ئازدۇر-كۆپتۇر كۆزگە ئىلماسلىقلار مەۋجۇت ئىدى.
لى جياچېڭ پىلاستىك گۈلگە تايىنىپ ئىكسپورت قىلىشنىڭ تولىمۇ ئۇزاق مەزگىللىك پىلان ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. تېخنىك تەركىبى تۈۋەن بولغان مەھسۇلاتنىڭ ھاياتى كۈچى مەڭگۈ ئۇزاق بولمايدۇ، ئۇ ھاياتىدا بىر قېتىم ئۆزگىرىش ياساشنى ئارزۇ قىلاتتى.
لى جياچېڭنىڭ 60-يىللىرى 
 ئارقا كۆرۈنۈشى: شىياڭگاڭنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ئالاھىدە. يەر شارائىتى كىچىك بولۇپلا قالماستىن، تاغ ناھايىتى كۆپ. چەكلىك زېمىندا چەكسىز ئېھتىياج مەۋجۈت، يەنە پورتنىڭ يۇقىرى باھالىق يەر-زېمىن سىياسىتىنى قوللانغاندا، كىچىككىنە يەر ئازغىنە بايلىق، لېكىن بىنالىرى ئاسمانغا تۇتاشقان، باھاسى قىممەت. 1951-يىللىرى، شىياڭگاڭنىڭ نوپۇسى ئارانلا 2 مىليون ئىدى، 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا 3 مىليونغا يېقىنلاشقان. نوپۇس كۆپەيسە، ئولتۇراق ئۆيگە بولغان تەلەپ-ئېھتىياجمۇ ئاشىدۇ. چۈنكى شىياڭگاڭنىڭ ئىقتىساد سىجىل تەرەققىياتى، كۆپلىگەن خىزمەت بىناسى، سودا ئورنى، سانائەت زاۋۇت بىناسىغا جىددىي ئېھتىياجلىق. شىياڭگاڭدا ئۇزاق مەزگىللىك ئۆي قىسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، ئۆي سانىنىڭ ئېشىشى ھەرۋاقىت ئىھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ.
پىلاستىك گۈل ئىشلەپچىقىرىش، پەقەت لى جياچېڭنىڭ پۇل تېپىش ۋاستىسى، ئاساس كەسپىنىڭ ئەسلى جۇغلانمىسى. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى: ھايات قىممىتىنى تولۇق نامايەن قىلىش. بىر ئادەمنىڭ ئىنىرگىيەسىنىڭ زادى قانچىلىكلىكىنى، قانچىلىك يۈگۈرىيەلەيدىغانلىقىنى بىلىش.
شياڭگاڭنى مىسال قىلساق، ھازىرغىچە ئون مىلياردتىن ئاشقان بايلارنىڭ %90 زېمىندار ياكى قوشۇمچە يەر-مۈلۈك سودىگىرى. لېكىن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى شياڭگاڭ بۇنداق ئەمەس ئىدى. چوڭ بايلار ئاساسلىقى پۇل-مۇئامىلە، سۇ تىرانسىپورتى، يەر-مۈلۈك، سودا، پارچە سېتىش، ئېنىرگىيە مەنبەسى، سانائەت قاتارلىق ساھەلەردە ئىدى. يەر-مۈلۈك سودىگىرى باي قەبىلىدە ئۇنچىلىك گەۋدىلىك ئەمەس. بۇ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆي-مۈلۈك كەسپى ھەممە ئادەم ياقتۇرىدىغان كەسىپ ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
1958-يىلى، لى جياچېڭ گۈللەنگەن سودا رايونىدا---شىمالي سېتىش رايونىدا 12 قەۋەتلىك سانائەت بىناسى قۇرۇلۇشقا كىرىشتى. 1960-يىلى، ئۇ يەنە يېڭى سانائەت رايونى-پورتنىڭ غەربى شىمالىدىكى رايوندا سانائەت بىناسى قۇرۇلۇشىغا كىرىشتى. ئىككى بىنانىڭ ئومۇمى كۆلىمى 120 مىڭ كۋادرات فۇت ئىدى.
جوۋ جاۋچىڭ: لى جياچېڭ بۇ چاغدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودىگەرنىڭ سالماق بىر تەرىپىنى ئىپادىلىدى. مەبلەغ قانچە جىددىي بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، لى جياچېڭ قۇرمىدى ياكى ئاز قۇردى، ۋاقىتلىق ئۆيمۇ ساتمىدى ياكى ئۆي سېلىش سۈرئىتىنى تېزلەتتى. ئۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بانكىدىن قەرزنى رەنىگە قويمىدى، ياكى ئوخشاش بانكىدىن خېرىدارغا رەنىلىك قەرز بەرمىدى. ھازىر بۇ قارىماققا سەل مۇتەئەسسىپچىلىكتەك تەسىر بېرىدۇ، چۈنكى ئۇ پايدىنى ئاساسلىق ئۆي-زېمىندىن ئىجارىگە بېرىشكە قاراتقان.
ئوقۇرمەنلەر ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە لى جياچېڭنىڭ مۇتەئەسسىپچىلىكىدىن ھەيران قالدىمۇ يوق؟ قەرەللىك ئېلىپ-سېتىش، بانكىىغا قەرەللىك قەرز تۆلەش يەر-مۈلۈك دائىرىسىدىكى بىردىنبىر ئۇسۇل، لى جياچېڭنىڭ نەزىرىدە يۇشۇرۇن كىرىزىس ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئىپادە غايەت زور مالىيە كۈچىنى ئارقا تىرەك قىلىشقا مۇھتاج بولىدۇ ئەلۋەتتە. "پىلاستىك گۈل پادىشاھى"  ھەرگىزمۇ قۇرۇق ئاتاق ئەمەس.
مۈلۈك ئىجارە ھەققىنى يىغىش، گەرچە تەرەققىي قىلغان قۇرۇلۇش (بىنا سېلىش، سېتىش) تەك  ھەددىدىن زىيادە بايلىق ياراتمىسىمۇ، لېكىن مۇقىم بولغان ئىجارە كىرىمى، مال-مۈلۈك باھاسىنىڭ ئېشىشى،  ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ ئىنىق گەۋدىلىنىدۇ.
60-يىللارنىڭ باشلىرى قۇرۇلۇشقا كىرىشكەن بىنالار ھازىرمۇ بەك كۆپ، ھەتتا بۇنداق  مەركىزىي ھالقىدەك ئالتۇن يەردە كونا بىنالارنى دائىم كۆرگىلى بولىدۇ، 40 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، مۈلۈك باھاسى توختىماستىن ئېشىپ، ئىجارە كىرىم قەدىمى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇنداق بىنالارنىڭ ئىگىسى ئەڭ كاپالەتكە ئىگە بولغان ئادەملەرگە ئايلاندى.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ ئالدىنقى بەش يىلىدا، لى جياچېڭ ئىككى تەرەپتىن تەڭ تۇتۇش قىلىپ، پىلاستىك گۈل تىجارىتىنى كۈندىن-كۈنگە كېڭەيتىپ، مەبلەغنىڭ تۇراقلىق قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئۇلۇغۋار غايىنى شەكىللەندۈردى.
1965-يىلى، 35 ياشلىق بافىت ئىقتىدارىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى، ئۇ مەبلەغ سالغان ”"بافىت ھەمكارلىق چەكلىك شىركىتى" شەخسىي مەبلەغ سېلىشنى باشلىدى، ئۇنىڭ شەخسىي بايلىقىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 4 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. 1965-يىلى، 30 ياشلىق جېك•ۋېرچى لى جياچېڭنىڭ كەسىىپدىشى بولۇپ، بىر ئېلېكتىر(GE) پىلاستىك كەسپىنىڭ ئاددىي خىزمەتچىسى ئىدى. 1965-يىلى، 10 ياشلىق بىل گايتىس سېئاتلدىكى دۆلەت قارىمىقىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتاتتى. 1965-يىلى، مەك•دېل تۇغۇلغان. 1965-يىلى، 37 ياشلىق لى جياچېڭ مىليوننېر بولۇپ دۇنياغا تۇنۇلغان. بىل گايتىسنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى پىلاستىك گۈل بەلكى لى جياچېڭنىڭ زاۋۇتىدىن ئىشلەپچىقىرىغان بولۇشى مۇمكىن.
شۇ يىلى 7-ئايدا، نىكېسون جىشىڭگې دوكتۇر جۇڭگونى زىيارەت قىلىپ جۇ ئېنلەي، ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشتى. شىياڭگاڭنىڭ ئىكسپورت سودىسىدىكى ئورنى بىر قەدەم يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. شىياڭگاڭ ئىقتىساد چەمبىرىكى شياڭگاڭنىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. نۇرغۇن كەسىپ راۋاجلىنىپ، ئولتۇراق ئۆيگە بولغان ئېھتىياج ئاشتى.
باھا ئۆرلەپ تېز ئەۋج ئالغان ۋاقىتتا، لى جياچېڭ باشتىن-ئاخىرى كاللىسىنى سەگەك تۇتتى. ئېغىزدا ئېلىم-سېتىم قىلىش سودىدىكى ئەڭ چوڭ، سودىدا ھايانكەشلىك قىلىش خۇددى پاي چېكى ئوينىغانغا ئوخشاش يامان بولۇپ، "بىر كىچىدىلا باي بولۇش"نىڭ كەينىدە ھەرۋاقىت "ۋەيران بولۇش" بار.
دۈەن مۇ: 1966-يىلى ۋە 1977-يىلدىكى شىياڭگاڭلىقلارنىڭ تۇرمۇشى داۋالغۇغان، بۇ دۇنيا تۈزۈلمىسى ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تاقىلىپ قېلىش دولقۇنى، تېز نەقلەشتۈرۈش دولقۇنى يامانلىرىنى شاللاپ، ياخشىلىرىنى تاللاشتەك ئەھۋال شياڭگاڭنى بىر مەھەل قاپلاپ، بىر قىسىم ئەقلىي قابىلىيىتى ئاددىي كىچىك كارخانىچىلار شاللانغان، چوڭ كۆلەملىك ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدىغان ئىشلەپچىقىرىش جاسارەتكە ۋە كەڭ كۆلەملىك بىلىمگە مۇھتاج بولغان.
لى جياچېڭ قەتئىي ھالدا ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغچى قىياپىتىدە يەر-مۈلۈك بازىرىدا ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ ھەم ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغچى ئىچىدىكى مۇتەسسىپچى ئىدى. ئۇ بۇرۇنقىدەك  پورت دائىرىسىنىڭ كونا-يېڭى سانائەت رايونىدا يەر-زېمىن سېتىش، زاۋۇت قۇرۇش ئىشلىرىنى قىلىپ يۈرەتتى. ئۇ ئامالنىڭ بارىچە بانكا قەرزىگە ئاز بېقىناتتى، بەزى سانائەت بىنالىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزى مەبلەغ توپلاپ قۇرغان. شىركەت تەۋەلىكىدە پىلاستىك ماتېرىيال تىجارىتىنىڭ ئەھۋالى ياخشى، پايدىسى ئوبيېكتىپ ئىدى.
«لى جياچېڭ قىسسىلىرى» دىن ئۈزۈندىلەر: «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» بېشىدا شياڭگاڭغا تەسىر كۆرسەتكەن. "جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرال كۈچى بىلەن شياڭگاڭنى قايتۇرېۋىلىش" دېگەن ئۆسەك سۆز ھەممە يەرگە تارقىلىپ، شىياڭگاڭلىقلارنى ساراسىمىگە سېلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىرىنچى قېتىملىق ئاھالە كۆچۈرۈش قوزغالدى. كۆچكەن ئاھالىلەر ئىچىدە پۇلدارلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇلار بەس-بەستە ماللىرىنى ئەرزان باھادا تۆكمە قىلىپ ساتتى. بۇ ئەھۋال نۇرغۇن جاي ۋە مۈلۈككە ئىگە بولغان لى جياچېڭنى قاتتىق تەشۋىشكە سالدى. ئۇ پات-پات گېزىت كۆرۈپ، رادىئو ئاڭلاپ، ئەھۋالنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. "شياڭگاڭنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ساقلاش، ئەمىلىيەتتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كۆپ پايدىسى بار، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىياڭگاڭ ۋەزىيىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى ئۈمۈد قىلمايدۇ". لى جياچېڭ ئەتراپلىق ئويلىنىش ئارقىلىق، قەتئىي ھالدا: باشقىلار تاشلىسا مەن ئالىمەن، تۆۋەن باھادىن پايدىلىنىپ قوبۇل قىلىمەن دېگەن ئىرادىگە كەلدى.
قالايمىقانچىلىق يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە، ئۈزىدىن ياخشىلىنىدۇ. يامانلىق تۈگەپ ياخشىلىق كېلىدۇ. چوڭ كۆلەملىك ئاھالە كۆچۈش دولقۇنى پەسلىدى، لېكىن كۆچكەن ئاھالىنىڭ چەتئەلدىكى خۇجايىنلىرى، يەنىلا ئولتۇراق ئۆي، ماگىزىن، قاۋاقخانا، زاۋۇت قاتارلىقلارنى تېزدىن قولدىن چىقىرىپ، ئەرزان باھادا سېتىۋېتىشكە ئالدىرايتتى. لى جياچېڭنىڭ نەزىرىدە بۇ كېڭەيتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى بولۇپ، پىلاستىك ماتېرىيالنىڭ پايدىسى ۋە مال كىرىمىنى يىغدى. كېيىن ئالماقچى بولغان كونا ئۆيلەرنى ئىجارىگە بېرىشكە يېڭىلىدى، يەر-زېمىننىڭ تۆۋەن ئېقىمىدا، قۇرۇلۇش باھاسىنىڭ تۈۋەن بولۇشتەك ياخشى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىدە مۈلۈك قۇرۇشقا كىرىشتى.
جوۋ جاۋچىڭ: سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ ئازادىلىشىشىگە ئەگىشىپ، لى جياچېڭنىڭ تىجارىتى تېزدىن تەرەققىي قىلدى، تەخمىنەن 1971-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئۇ كەسپىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى پۈتۈنلەي يەر-مۈلۈك ساھەسىگە ئۆزگەرتىپ بولدى.
مۇشۇ ۋاقىتتا، شىياڭگاڭنىڭ ھەر-ساھە، ھەر-كەسپى گۈللەنگەن بولۇپ، يەر-زېمىن بازىرى گۈللەپ ياشنىغان. بەزىلەر لى جياچېڭنى قىمارخانىنىڭ ياخشى مېھمىنىغا ئوخشىتىدۇ، ھەممىنى بىر يولىلا دوغا تىكىۋېتىپ، تەلەيگە ئاساسەن يېڭىدۇ دەپ قارايدۇ. پەقەت لى جياچېڭ بىر ئۆزىلا ئۆزىنىڭ ھەيران قالارلىق ئىشىدا قىمار تەركىبى يوقلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. ئۇ بۇ يەر-زېمىن ئاپىتىدىكى  يەڭگۈچى بولۇپ، ھەرگىزمۇ تەۋەككۈلچى ھېسابلانمايدۇ.
دۇەن مۇ: شىياڭگاڭلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇنداق بىر كىچىل ئىشنى بىلىدۇ، لى جياچېڭ ئاساسلىق تىجارىتىنى يەر-زېمىن تىجارىتىگە ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، بۇرۇنقى پىلاستىك گۈل ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنى تاقىۋەتمىدى. گەرچە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا پىلاستىك گۈلنى ئىكسپورت قىلىش زاۋاللىققا يۈز تۇتقان، ھەتتا زىيان تارتىشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ زاۋۇتنى ئۇزاق مەزگىل ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بىرىنچىدىن، ئۇ لى جياچېڭنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئاساسى؛ ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭ جاپا-ھالاۋەتتە بىللە بولغان كەسپداشلىرىغا بولغان تاپشۇرۇقى. لى جياچېڭ ئەزەلدىن مەسئۇلىيەتچانلىقى تۈۋەن ئادەم ئەمەس.

داۋامى بار....

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى