ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەققىدىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلەر

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەققىدىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلەر

ۋاقتى: 2016-03-22 ئاۋاتلىقى: 561 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «شىركەتنىڭ قانۇنىنىڭ رولى» بۇ يەردە!

 

2§.چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەققىدىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلەر


1.چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەققىدە چۈشەنچە ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى


چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يەنە چەكلىك شىركەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، شىركەت قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە قۇرۇلغان، پايچىلار ئۆزلىرى چىقارغان مەبلەغنى چەك قىلغان ھالدا شىركەتكە نىسبەتەن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان، شىركەت ئۆزىنىڭ بارلىق مال-مۈلكى ئارقىلىق شىركەتنىڭ قەرز مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان قانۇنىي ئىگە تىپىدىكى كارخانىنى كۆرسىتىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دېگىنىمىز، پايچىلار ئۆزلىرى چىقارغان مەبلەغنى چەك قىلغان ھالدا شىركەتكە نىسبەتەن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان، شىركەت ئۆزىنىڭ بارلىق مال-مۈلكى ئارقىلىق شىركەتنىڭ قەرز مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان شىركەتتۇر.


چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تۆۋەندىكى بىر قانچە ئاساسىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:


بىرىنچى، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى پايچىلار بىردەك چەكلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ چەكسىز شىركەت، ئارىلاشما شىركەت ۋە ئارىلاشما ھەسسىدارلىق شىركەتلىرى بىلەن بولغان ئەڭ مۇھىم پەرقىدۇر.


ئىككىنچى، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كاپىتالى تەڭ سوممىلىق پايغا بۆلۈنمەيدۇ، پايچىلارنىڭ قوشقان پېيىنى ئىسپاتلايدىغان ھوقۇق گۇۋاھنامىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئەكىسچە، پاي چېكى بولمايدۇ. بۇ، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىن بىلەن بولغان ئەڭ ئاساسلىق پەرقىدۇر.


ئۈچىنچى، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە پايچىلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئادەم سانىنىڭ چېكى بولىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ«شىركەت قانۇنى»دا، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە پايچىلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئادەم سانى 50 كىشى بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن، لېكىن باشقا شىركەتلەردە ئادەم سانىنىڭ چېكى بولمايدۇ.
تۆتىنچى، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش تەرتىپى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش تەرتىپىدىن ئاددىي بولىدۇ.
-----------------------------

«ئىقتىسادىي قانۇنشۇناسلىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى