ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ، ئىشنى يېڭىباشتىن باشلاڭ

كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ، ئىشنى يېڭىباشتىن باشلاڭ

ۋاقتى: 2016-07-03 ئاۋاتلىقى: 403 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ئۆزىڭىزگە ئىمكانىيەت قالدۇرۇڭ» بۇ يەردە!

 

كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ، ئىشنى يېڭىباشتىن باشلاڭ

 

ھەقىقىي قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرى، ھەربىر ئائىلىدە ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى بولىدۇ. مەسىلە شۇكى، بىز ئۇنىڭغا بەك ئاز قۇلاق سالدۇق ياكى بۇ ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىگە دىققەت قىلمىدۇق. ئەكسىچە، ئۆزىمىز بىلگەن سەنەمگە دەسسىدۇق، بولغۇلۇق بولۇپ يىغىشتۇرالمىغاندا، پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالمىدۇق. شۇڭا، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قۇلاق سېلىشنى ئۆگىنىپ، ئۇنى ئىشىمىزنى يېڭىباشتىن باشلاشنىڭ پۇرسىتى قىلىشىمىز كېرەك.


مىسال ئالساق، ئائىلىمىزدە ھەممەيلەننىڭ ئالدىراپ تۇرغان ۋاقتى قالايمىقانچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىدىن سىگنال بېرىلگەنلىك بولىدۇ. ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغىنى شۇكى، بىز ۋاقىت تالىشىپ ئالدىراپ تۇرغاندا، ئاسانلا چېچىلىپ ئاچچىقلايمىز. ھەممەيلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى بولغاندىكىن، بۇنداق سېزىمنى پەرق ئېتىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز، ئىشىمىزنى يېڭىباشتىن باشلاشقا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۆزىمىزگە ئالاھىدە بىر كەيگۇن بېكىتىپ بېرىشىمىز كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئارىمىزدىن بىرەيلەن ئاشۇنداق ھادىسىنى سەزسەك، كۆپچىلىككە: «ھەي، يەنە ئېلىشتۇرۇۋەتتۇق!» دېيىشىمىز كېرەك. ئاشۇنداق گەپلەر ئىشنى يېڭىباشتىن باشلاشنىڭ كەيگۇنى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بىزنى ئۆزىمىزنى توختىتىۋېلىپ، سەل – پەل ئارام ئېلىۋېلىپ، ئاندىن قەدىمىمىزنى تەڭشەپ، ئىشنى يېڭىباشتىن باشلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.


بۇنداق پۇرسەتتىن پايدىلانساق، ئارام ئېلىۋالىمىز، قەدىمىمىزنى تەڭشىۋالىمىز، ئىشىمىزنى قايتا باشلىيالايمىز، تۇرمۇشتىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا سەل قارىساق، كەيگۇن بېكىتىشنى ئۇنتۇپ قالساق، نەتىجىدە ھەممەيلەن ئالدىراشچىلىقتىن تىنالماي قالىمىز – دە، ئاخىر ھەسرەت – نادامەت چېكىمىز، يەنە بىر ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى — ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللار ئوتتۇرىسىدىكى كاج تالاش. سىز بۇنداق كاج تالاشنى بىر خىل كەيگۇن قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۇلار چاتاقنىڭ چوڭىنى تېرىشتىن ئىلگىرى مۇداپىئە كۆرۈپ، كاج تالاشنى يېڭىباشتىن باشلاشنىڭ كەيگۇنى قىلىپ، ئۇلارنى دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرۇڭ.
ئەگەر بىرلا بالىڭىز بولسا، ئۇنىڭ غەلۋە قىلغان ۋاقتى بىر بەلگە ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر سىز يالغۇز تۇرىدىغان بولسىڭىز، كىر دېسىدا بىر دۆۋە كىيىم – كېچەكنى كۆرسىڭىز ياكى يۇيۇقسىز تۇرغان قاچا – قۇچىلارنى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭغا دىققەت قىلىسىز. ئەمەلىيەتتە ھەربىر ئائىلىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئوخشاش بولمايدۇ، سىز ئۆزىڭىزگە مەنسۇپ بولغان بىردىنبىر قايتا باشلاش كەيگۇنىنى تېپىپ چىقىشىڭىز كېرەك. بېسىم ھەقىقىي تۈردە زىممىڭىزگە چۈشۈشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئۈزۈپ تاشلاڭ.


ئائىلىڭىزنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى بىرقانچە مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ئويلاپ كۆرۈڭ. بېسىم چۈشۈشتىن ئىلگىرى كۆرۈنەرلىك ئالامەتلىرى بولدىمۇ – يوق؟ ئەگەر كۆرۈنەرلىك بولغان بولسا، بەزى ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى كەينى – كەينىدىن كەلدىمۇ – قانداق؟ ئەگەر تەپسىلىي كۆزەتسىڭىز، چوقۇم يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلەيسىز. بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە بۇ ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى قانداق قىلىپ ئۆزىڭىزگە ئەسقاتىدىغان بەلگىگە ئايلاندۇرۇش. بۇ ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرىگە دىققەت قىلىپ، ئۇنى ئىشنى يېڭىباشتىن باشلاشنىڭ كەيگۇنى قىلىڭ. ئەگەر شۇنداق قىلالىسىڭىز، پۈتكۈل ئائىلىڭىز ئۇچرايدىغان بېسىممۇ كۆپ يېنىكلەيدۇ.
------------------------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى