ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مايمۇن باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا قارار چىقىرىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

مايمۇن باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا قارار چىقىرىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ۋاقتى: 2015-06-06 ئاۋاتلىقى: 539 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قارار چىقىرىشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە پىرىنسىپنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ:
بىرىنچى، خىزمەتچىڭىزنىڭ ئۆزى قارار چىقىرىشى كېرەك بولغان ئىشتا، چوقۇم ئۇ مۇستەقىل قارار چىقىرىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.
ئىككىنچى، قارار چىقىرىشنىڭ ئۆزى ئۆزىنىڭ قارارىغا مەسئۇل بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. قارار چىقىرىشنى خالىماسلىق، ھەمىشە ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۈچىنچى، خىزمەتچىنىڭ مەسىلىنى تەپەككۇر قىلماسلىقى، قارار چىقىرىشقا ئادەتلەنمەسلىكىنىڭ تۈپ نېگىزى تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى، "ھاۋالە ئىدىيەسى" سەۋەبلىك، باشلىقىغا ياكى باشقىلارغا تايىنىۋېلىش، بۇ خىل خىزمەتچى چوڭ ئىشلارغا چىدىمايدۇ؛ يەنە بىرى، باشقۇرغۇچى خىزمەتچىلىرىگە ۋاكالىتەن قارار چىقىرىپ بېرىدۇ ياكى باشقىلارنىڭ ئۆزگە ئىتائەت قىلغانلىقىدەك نەتىجە تۇيغۇسىنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ خىل باشقۇرغۇچىلار ۋە ئۇلار يېتەكچىلىك قىلغان كوللېكتىپ مۇرەككەپ ۋەزىپىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ.
تۆتىنچى، خىزمەتچىنى ئۆزى ئويلاپ قارار چىقىرىشقا بۇيرۇش ئارقىلىق، خىزمەتچىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەتلىك بولۇشتەك ئىش قىلىش ئۇسلۇبىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
#p#
مەزكۇر يازمىنىڭ بېشى بۇ يەردە!
دىيالوگ داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.
سىز خۇشال بولغان ھالدا:
__ناھايىتى ياخشى، بۇنچە كۆپ ھەل قىلىش چارىسىدىن، سىزنىڭچە قايسى خىل چارە ئەڭ ياخشى؟
__مېنىڭچە چارە A ياخشىراقمىكىن.
__بۇ ھەقىقەتەنمۇ يامان ئەمەس چارىكەن. ئەمما سىز تاسادىپىي بىرەر كېلىشمەسلىك كېلىپ چىقسا قانداق قىلىش ھەققىدە ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟
__ھە، داۋلىسى بار. قارىغاندا E چارىنى قوللانساق ياخشى بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.
__بۇ چارىمۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن. ئەمما، سىز ئويلىنىپ كۆردىڭىزمۇ....
__ھە، چۈشەندىم. B چارە ئەڭ ياخشىكەن.
__ ناھايىتى ياخشى، مېنىڭ پىكىرىممۇ سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش، مېنىڭچە سىزنىڭ پىكىرىڭىز بويىچە ئىشلىسىڭىز بولغۇدەك.
....
تەجرىبىڭىزگە ئاساسلانغاندا، ئەمەلىيەتتە، سىز B چارىنىڭ ئەڭ ياخشى چارە ئىكەنلىكىنى ئاللىبۇرۇن پەملەپ بولغان، ئەمما بىۋاسىتە ھالدا ئۇنىڭغا دەپ بەرمەسلىكىڭىز، مۇشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتچىڭىزگە مۇستەقىل قارار چىقىرىش مەشىقى ئېلىپ بارالايسىز. مەشىق قىلىش گەرچە ئاستا ئەمما سۈرئەت تېز بولغان بىر جەريان بولسىمۇ، مەشىقنىڭ «ئاستا» بولۇشى كەلگۈسىدە تېخىمۇ تېز بولۇش ئۈچۈندۇر.
سىزنىڭ بۇنداق قىلىشىڭىزنىڭ پايدىسىنى دېمىسەكمۇ چۈشىنىشلىك:
بىرىنچى، خىزمەتچىڭىزدىكى ناچار بولغان «تايىنىۋېلىش» نېرۋا زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلىيالايسىز.
ئىككىنچى، خىزمەتچىڭىزنىڭ مەسىلىنى ئانالىز قىلىش، مەسىلىنى ئومۇمىيلىق بويىچە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇرالايسىز.
ئۈچىنچى، خىزمەتچىڭىزدە ئىشەنچ ۋە نەتىجە تۇيغۇسى پەيدا قىلالايسىز. بۇنداق بولغاندا، ئۇ ئۆزىدە مۇرەككەپ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ-دە، قانچە ئىقتىدارلىق خىزمەتچى شۇنچە مۇھىم خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ.
تۆتىنچى، خىزمەتچىڭىزنىڭ ھەرىكەتلىنىشىنى قوزغىتالايسىز.
بەشىنچى، سىز شۇنىڭ بىلەن خىزمەتچىڭىزنىڭ «مايمۇنى» سەۋەبلىك تېخىمۇ كۆپ زېھنىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ مايمۇنىغا سەرپ قىلىۋەتمەيسىز.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى