ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پۇلنىڭ قۇشۇلما قىممىتىنى قانداق ئاشۇرۇش كېرەك؟

پۇلنىڭ قۇشۇلما قىممىتىنى قانداق ئاشۇرۇش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-05-28 ئاۋاتلىقى: 937 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى: «بېيىشنىڭ ھەقىقى مەخپىيىتى ‐‐‐ تىرىشىپ ئىشلەش» بۇ يەردە!

ئۈچىنچى باب: ئىگىلىك باشقۇرۇش مەخپىيىتى
پۇلنىڭ قۇشۇلما قىممىتىنى قانداق ئاشۇرۇش كېرەك؟
گۆرۆگە قويۇلغان ساندۇقۇمدىكى ئۇ ھېكايىلەرنى ئېسىڭدە چىڭ ساقلا: ھەميانىڭدىن بىر تىللا چىقىرىشتىن ئاۋۋال، ئەڭ ياخشىسى چىقارغان تىللا بىخەتەر قايتىپ كېلەلەمدۇ-يوق ئوبدان ئويلان. مەبلەغ بىخەتەر سېلىنغان ئەھۋال ئاستىدىلا ساڭا ئەڭ كۆپ پايدا ئېلىپ كېلەلەيدۇ. شۇندىلا پۇللىرىڭىنى تېخىمۇ كۆپەيتەلەيسەن.
 
باب يېتەكچىسى
ھەممە ئادەم بايلىقنى ئارزۇ قىلىدۇ. بايلىق بولغاندىلا قىيىن تۇرمۇش شارائىتلىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؛ بايلىق بولغاندىلا ھاياتلىق مەئىشەتلىرىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ؛ بايلىقنىڭ كۈچىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ. بايلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنى قانداق باشقۇرۇش كېرەك؟ بەتخەجلىك بىلەن ھاياتتىن قانغۇچە ھوزۇرلىنامدۇق ياكى تۆمۈر خۇرازغا ئوخشاش پۇللىرىمىىزنى يۇشۇرۇپ قويۇپ نامراتلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر دۆۋە ئالتۇننى قۇچاقلاپ ئاچ پېتى ئۆلۈپ كېتەمدۇق؟ بۇ ھەقتە لۇداننىڭ ھېكايىسى سىزگە زور ئىلھام ئاتا قىلىدۇ.

پۇلغا ئىگە بولغاندىن كېيىنكى گاڭگىراش
شۇ ۋاقىتتا، بابىلوندا كۆزگە كۆرۈنگەن تىغ ياسايدىغان ھۆنەرۋەن لۇدان خان سارىيى ئالدىدىكى كەڭ يولدا خۇشال ھالدا كېتىپ باراتتى. ئۇ بايىلا ياسىغان تىغنى پادىشاھقا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى. بۇ خىل يېڭى تىپتىكى تىغنى ئۆزى ياسىغان بولۇپ، پادىشاھ ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغاچقا، خۇشاللىقىدىن 50 تىللا ئىنئام قىلغان ئىدى. ساپ ساق 50 تىللا! بۇ ئۇنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇرىۋەتتى. ئۇ تومپايغان ھەمياننى سىلاپ، خۇشاللىقىدىن بۆكىنى ئاسمانغا ئېتىشقا تاسلا قالدى، ئۇ ئەزەلدىن بۇنچە كۆپ تىللانى تۇتۇپ باقمىغان ئىدى. ئۇ مەردانە قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. ھەر قەدىمىدە، ھەمياندىكى تىللالار شاراقلاپ ئاۋاز چىقىراتتى. ئۇ بۇ ئۆمرىدە ئاڭلىغان ئەڭ يېقىملىق مۇزىكا ئىدى. ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن بايلىققا ئى‍گە بولۇش ناھايىتى خۇشاللىق ئىش. ئەلۋەتتە، لۇدانمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. 50 تىللا! بۇ پۈتۈنلەي ئۆزىگە تەئەللۇق ئالتۇن. ئۇ بۇنىڭ راستلىقىغا، ئۇزىنىڭ شۇنچىلىك ئامەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە پېتىنالمايتتى. بۇنچە كۆپ ئالتۇن ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم-ھە! بۇنچە كۆپ بايلىقنىڭ كۈچى زادى قانچىلىك؟ بۇ بايلىق بىلەن ئۇ ئېرىشمەكچى بولغانلىرىنى سېتىۋالالايدۇ، كاتتا ئۆي، بىر پارچە زېمىن، بىر توپ مال-چارۋا يەنە تېخى نۇر چاقنىتىپ تۇرىدىغان جەڭ ھارۋىسى... ئۇ ھەممىگە ئىگە بولالايتتى! لۇدان گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئويلاپ قەلبى ھاياجانغا تولدى. ئۇ ئالدى بىلەن بۇ خۇشاللىقنى ھەدىسىگە ئېيتماقچى بولدى.
#p#
بۇ بايلىقنى زادى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟ شۇ كۈنى كەچتە ئۇ ھەدىسىنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان يولدا كېتىۋاتاتتى، خىيالىدا پارقىراپ تۇرغان ئالتۇنلاردىن باشقا ھېچنىمە يوق ئىدى،  ئالتۇندىن باشقا ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مۇھىم ئەمەستەك بىلىنەتتى. ئەمما، ئالتۇنلارنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا ئېنىق بىر پىلان يوق ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم شۇنچە كۆپ ئالتۇنغا ئېرىشىشى ئىدى. تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئامەت ئۇنى گاڭگىرىتىپ قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئالتۇنلارنى تېزراق خەجلىۋەتكۈسى كەپكەتكەن ئىدى.
ئەمما، نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىنكى قاش قارايغان ۋاقىت لۇداننى غەم-ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ئۇ يەنە قايتا شادلىنالمىدى. ئۇ بۇ پۇللارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى زادىلا ئويلاپ يېتەلمىدى. خەجلىۋىتەي دېسە، پۇللىرىنىڭ ئىسسىراپ بولۇپ كېتىشىگە كۆزى قىيمىدى. قانداقلا بولمىسۇن ئالتۇن ئۇنىڭ نەچچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكى نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەرخىل تەكلىپلەرنى بېرىشتى. ئەمما، ئۇلارنى ئىشەنچلىك ئەمەس دەپ قارىدى. ھەدىسىمۇ ئۇنى ئۆزىنىڭ يولدىشىغا بىرەر ئىشقا مەبلەغ سېلىپ بېرىشكە رىغبەتلەندۈردى. ئۇ نېمە قىلىشنى بىلەلمەيلا قالغان ئىدى. ئۇ ئامالسىز كەسىپ ئەھلىلىرىدىن تەلىم ئېلىشنى ئويلاشتى. ئۇنىڭچە مۇشۇنداق بولغاندا بۇ پۇللارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا چوڭ ياردىمى بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ غەمكىن ھالدا ماسسوننىڭ سارىيىغا كىرىپ كەلدى. ماسسون بابىلوندىكى داڭلىق سەرراپ بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە گۆھەر ۋە يىپەك سودىسىمۇ قىلاتتى. لۇدان سارايغا تىزىلغان چىرايلىق ماللارغا ئازراقمۇ قىزىقمىدى. ھەتتا قاراپمۇ قويماي، قوبۇل قىلىش ئورنىدىن ئۆتۈپ ئۇدۇل ساراينىڭ ئەڭ ئىچكىرىدىكى خانىسىغا كىردى. خانىدا گىلەم ئۈستىدە قىيسىيىپ ئولتۇرغان ماسسون نېگىر قۇل ئېلىپ كەلگەن ئېسىل يېمەكلىكلەردىن ھوزۇرلىنىۋاتاتتى.
لۇدان نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي بىر ئاز تۇرۇپ قالدى. ئاندىن ئامالسىز قىياپەتتە مۇنداق دېدى: «مەن بىر ئاۋارىچىلققا يولۇقتۇم. بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى زادىلا بىلەلمەي سېلىدىن تەلىم ئالاي دەپ كەلدىم. قانداقلا بولمىسۇن سېلى مۇشۇ ساھەدىكى كەسىپ ئىگىسى.»
ماسسون سالاملىشىش تەرەددۇدىدا ئورۇقراق كەلگەن سېرىق چىرايىغا دوستانە كۈلكە يۈگۈرتتى. ئاندىن ئۇنىڭغا: «مەندەك سەرراپنى ئىزدەپ كەلگۈدەك  زادى نېمە ئىش قىلىپ قويدۇڭ؟ قىمار مەيدانىدا تەلىيىڭ ئوڭدىن كەلمىگەن ئوخشىمامدۇ؟ چىرايلىق بىر نازىنىنغا مەپتۇن بولوپ قالمىغانسەن؟! سېنى ئوبدان چۈشىنىمەن، تونۇشقىنىمىزغا شۇنچە ئۇزۇن يىل بوپتۇ، ئەزەلدىن يېنىمغا ياردەم سوراپ كېلىپ باقمىغان ئىدىڭ. سەن چوقۇم چوڭ مەسىلىگە دۇچ  كەلگەن ئوخشايسەن.» دېدى.
#p#
«ياق! ياق! ئۇنداق ئىش يوق، سېلىدىن پۇل سوراپ كەلگىنىممۇ يوق. پەقەت ئۆزلىرىدىن بىر ئىشتا مەسلىھەت سوراي دەپ كەلگەن.»
«ئاڭلىدىڭلارمۇ! بۇ ئادەم زادى نېمە دەۋاتىدۇ؟ مەندەك ئالتۇن-كۈمۈش قەرز بېرىدىغان ئادەمدىن ھېچكىم تەلىم ئالىمەن دەپ كېلىپ باقمىغان، قۇلۇقۇمدىن چاتاق چىقمىغاندۇ-ھە!»
«ئۇنداق ئەمەس، مەن ئەستايىدىللىق بىلەن دەۋاتىمەن.» دېدى لۇدان ھودۇقۇپ.
«راستىنلا شۇنداقمۇ؟ تىغ ئۇستىسى لۇداننىڭ سەرراپخانىغا كېلىشى مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن ئىكەندە، ئۇ چۇقۇم ئويۇن ئويناۋاتىدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزى قىلىپ سالغان كىشى قوبۇل قىلالمىغۇدەك ئىشلىرى ئۈچۈن مەندىن قەرز سوراپ كېلەتتى. ئەمما ھېچكىممۇ نەسىھىتىمنى ئاڭلاشنى خالىمايتتى. بىراق، مەسلىھەت بېرىشكە دۇنيادا كىممۇ بىزدەك باشقىلارغا پۇل قەرز بېرىپ تورىدىغان سەرراپخانا خوجايىنلىرىغا يېتەلىسۇن؟ ئادەمنى توغرا تاللاپسەن.»
«بولىدۇ. لۇدان بىللە كەچلىك تاماق يەيلى، سەن دېگەن مېنىڭ مېھمىنىم!» دېدىن ئاندىن ماسسون ئۇلاپلا نىگىر قۇلغا جىكىلەپ: «ئەنلا، مەندىن مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن كەلگەن، بابىلوندا كۆزگە كۆرۈنگەن تىغ ئۇستىسىغا زىلچا كەلتۈر! ئۇ بۈگۈن كەچتىكى ئەزىز مېھمان! ئۇنىڭغا يەنە ئېسىل نازۇ-نىممەتلەردىن ئېلىپ كەل! چوڭ قەدەھ تەييارلا! ئۇنىڭ بىلەن قانغۇچە ئىچمىسەم بولمايدۇ.»
------------------------------------
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
مەزكۇر كىتاب ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگۈچى چېنىقىش (تور ئىسمى) ئەپەندىنىڭ ئالاھىدە رۇخسەت بېرىشى بىلەن قايتا ئىملا تۈزۈتۈلۈپ ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدا ئېلان قىلىندى!
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!

كىتابنىڭ داۋامى ھەر كۈنى بىر تېما شەكلىدە يوللىنىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى