ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۆزىڭىزگە ئىمكانىيەت قالدۇرۇڭ

ئۆزىڭىزگە ئىمكانىيەت قالدۇرۇڭ

ۋاقتى: 2016-05-25 ئاۋاتلىقى: 600 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بېشى «ھەقىقىي مۇھەببەتمۇ بېسىمنى تۈگىتەلەيدۇ» بۇ يەردە!

 

 ئۆزىڭىزگە ئىمكانىيەت قالدۇرۇڭ

 

بىز يۇقىرىدا شەرھلەپ ئۆتكەن قائىدە ۋە ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنى تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلارغا قانداق توغرا مۇئامىلە قىلىشقا ۋە تۇرمۇشنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ئازادە، خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەيدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنى — كۆڭلى يۇمشاق بولۇش، رەھىمدىل بولۇش، ئۆزىنى سۆيۈش.


دەرۋەقە، رېتىم بارغانسېرى جىددىي، قاتمۇقات، مۇرەككەپ بولۇۋاتقان ھازىرقى جەمئىيەتتە، نورمال روھىي ھالەتنى دائىم ساقلاش، تۇرمۇشنى ئازادە ۋە خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزۈش ئاسان ئەمەس. چۈنكى، ئەتراپىمىزدىكى مۇھىت كۆپتىن – كۆپ كاشىلا بىلەن تولۇپ تاشقان. مەسىلەن، نام – ئاتاق، پايدا – مەنپەئەت، ئەنئەنىۋى كۆزقاراش... قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار ئېڭىمىزغا تەسىر قىلىپ، سۆز ۋە ھەرىكىتىمىزگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بىزنى باشقىلار ئۈچۈن ياشاشقا، ۋەزىپە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. شەخسنىڭ غايىسى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش مۇھىت بىلەن ئازدۇر – كۆپتۇر سىغىشالمايدۇ. خىلمۇخىل كۆڭۈلسىزلىكلەر بولۇپ تۇرىدۇ.


بۇ زىددىيەتنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ شۇ ئېسڭىزدە بولسۇنكى، سىز ئىنتىلىۋاتقان تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي مەنىسى چىن بولۇش، تەبىئىي بولۇش. شۇڭا، تىرىشىدىغىنىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ روھىي ھالىتىنى تەڭشەشكە ئەھميەت بېرىش، روھىي كەيپىياتىڭىزنى ھەر زامان، ھەر ماكاندا ئازادە تۇتۇش؛ ھەۋەس ئىشتىياقىڭىزغا بېقىپ ھەرىكەت قىلىش، غايە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، مۇھەببەتكە ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش؛ ئابرۇيپەرەسلىك قىلىپ ئاۋارىچىلىك تارتماسلىق، تۇتامى يوق ئىشلارغا يۈرەك – باغرىڭىزنى سەرپ قىلماسلىق بولۇشى كېرەك. ۋەزىپە مەقسەت ئەمەس، خىزمەت — ماھىيەت. جەريانغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلسىڭىز، نەتىجىمۇ ئانچە مۇھىم بولماي قالىدۇ.


بىرەر ئىشنى ياخشى قىلالماسلىقتىن ئەنسىرىمەڭ، ئۆزىڭىزگە ئىمكانىيەت قالدۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.


بەزى ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالالماي قېلىشىڭىز، ئازار يەپ قالغاندا بەخىرامان يۈرەلمەسلىكىڭىز، ئىستاكان سۇنۇپ كەتسە «كارايىتى چاغلىق» دېيەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. دېمەك، سىزمۇ تەسىرگە ئۇچرايسىز. ئۆزىڭىزنىڭ كۆپ قېتىملىق قىلغان ئىشلىرىڭىزدىن رازى بولمىسىڭىز ھەرگىزمۇ روھىڭىز چۈشۈپ كەتمىسۇن، ئۆزىڭىزدىن نائۈمىد بولماڭ! بىلىشىڭىز كېرەككى، توققۇزى تەل بولۇشنى مەڭگۈ ئىشقا ئاشۇرالمايسىز — باشقىلارمۇ ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ ھەر قېتىملىق قىلغان ئىشىڭىزنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىكەنسىز، بۇ سىزنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭىز بولىدۇ، كېلەر قېتىم ئاشۇنداق ئىشنى قىلغاندا چوقۇم ياخشى قىلالايسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانچە جىددىيلەشسىڭىز، مەيۈسلەنسىڭىز ۋە بوشىشىپ كەتسڭىزمۇ ئۆزىڭىزگە بېسىم قىلماڭ، ئازادە بولۇڭ، ئۇنىڭغا ماسلىشىڭ، مەڭگۈ پۇشايمان قىلماڭ، پەقەت شۇ ئىشنى قىلغان بولسىڭىزلا كۇپايە. كىشىلىك ھايات بىر قېتىم يىراققا سەپەر قىلغاندەك ئىش. ھەرقانچە يىراق سەپەرمۇ تۇنجى قەدەمدە باشلىنىدۇ. سىز بۇ يىراق يولنى بىر باسقۇچ – بىر باسقۇچتىن ماڭسىڭىز، بىر باسقۇچنى بېسىپ بولۇپ، سەپىرىڭىزنىڭ دېگەندەك بولماي قالغانلىقىنى ھېس قىلسىڭىزمۇ كەينىڭىزگە قايتىپ كېلىپ قايتىدىن مېڭىشىڭىز ھاجەتسىز — داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىسىڭىزلا بولدى.


ئاچقۇچ شۇكى، ئۆزىڭىزگە كەڭ قورساق بولۇڭ، ئىمكانىيەت قالدۇرۇڭ.
------------------------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى