ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىرىنچى ئەۋلاد پۇل كىرىزىسى مودېلىنىڭ ئالاھىدىلىكى

بىرىنچى ئەۋلاد پۇل كىرىزىسى مودېلىنىڭ ئالاھىدىلىكى

ۋاقتى: 2016-08-07 ئاۋاتلىقى: 578 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىرىنچى ئەۋلاد پۇل كىرىزىسىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بار:
1. ئۇ پۇل كىرىزىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى ماكرو ئىقتىساد سىياسىتى ۋە مۇقىم پېرېۋوت نىسبىتى تۈزۈمىنىڭ بىردەك بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايدۇ، شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز بولغان كىرېدىتنىڭ كېڭىيىش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسىي ئىقتىسادنىڭ ناچارلىشىشى پۇل كىرىزىسى يۈز بېرىشنىڭ ئاساسىي سەۋەبى دەپ قارايدۇ.
2. كىرىزىس يۈز بېرىش پىرىنسىپىدا ئۇ بىر تەرەپتىن كىرېدىت كېڭىيىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تەكىتلەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ھايانكەشلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان زاپاسنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەككە تۆۋەنلىشىنى كىرىزىس يۈز بېرىشنىڭ ئادەتتىكى جەريانى دەپ قارايدۇ. بىراق كىرېدىت كېڭىيىشى، تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە پۇل كىرىزىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە بەك ئاددىيلاشتۇرۇۋەتكەن ۋە فورمۇلالاشتۇرۇۋەتكەن.
3. ھۆكۈمەتنىڭ پائالىيىتىنى بەك ئاددىيلاشتۇرۇۋەتكەن، ئەمەلىيەتتە پۇل كىرىزىسىنىڭ يۈز بېرىش جەريانى ئادەتتە ھۆكۈمەت بىلەن باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئوتتۇرىسىدىكى قورشاۋ شاھمات جەريانىدۇر، بىرىنچى ئەۋلاد پۇل كىرىزىسى نەزەرىيەسى بۇنىڭغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىگەن.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى