ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يېمەك-ئىچمەك ساھەسىنىڭ باشلامچىسى--كېرەم ئاتۇش

يېمەك-ئىچمەك ساھەسىنىڭ باشلامچىسى--كېرەم ئاتۇش

ۋاقتى: 2015-03-07 ئاۋاتلىقى: 664 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كېرەم ئاتۇش ـــ «شىنجاڭ مىراج يېمەك-ئىچمەك شىركىتى»نىڭ باش دېرىكتورى. 1965-يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەد كەنتىدە تۇغۇلغان.
1980-يىلى تىجارەت ئارقىلىق تىجەپ تاپقان 800 يۈەننى ئېلىپ شاڭخەيگە تىجارەت قىلغىلى بارغان. پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسى دەۋرىدە ئاشلىق، رەخت ۋە بىر قىسىم تۇرمۇش بۇيۇملىرى چەكلىك ئۆلچەم بويىچە تەمىنلىنىدىغان بولغاچقا، ئاشلىق، رەخت بىلەتلىرى بازاردا ئېلىپ-سېتىلاتتى. ئۇ خەنزۇ تىلى بىلمىسىمۇ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈپ، شاڭخەيدە بىر يېرىم يىل ئاشلىق بېلىتى ۋە رەخت بېلىتى سودىسى قىلغان. ئاندا-ساندا ئاتۇشقا كىيىم-كېچەك ئەۋەتىپ، ئاتۇش بىلەن شاڭخەي ئوتتۇرىسىدا سودا يولى شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 1982-يىلى گۇاڭجۇغا بېرىپ، شاڭخەي، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە، بېيجىڭ ئارىلىقىدا تېلېۋىزور، نىلون رەخت، سىنقويغۇ، سىنئالغۇ، ئاپتوموبىل سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ سودىنى 1988-يىلىغىچە داۋاملاشتۇرغان.
1988-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە خۇنەن، خۇبېي، جياڭشى، خەينەن قاتارلىق جايلاردىكى زىيان تارتىپ توختاش گىردابىغا بېرىپ قالغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئۈچ توقۇمچىلىق زاۋۇتى، بىر بوياقچىلىق زاۋۇتىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرغان ھەم بۇ جەرياندا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ياخشىلاپ، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ساتقان.

 
1992-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، رۇسىيە، شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەردە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان.
2000-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش مەقسىتىدە «ئەنجۈر» ماركىسىنى قوللىنىپ، ئاشخانا ۋە تورتخانا ئاچقان.
2004 -يىلى مىراج ماركىسىنى قوللىنىپ، «مىراج يېمەك-ئىچمەك ھەسسىدارلىق شىركىتى»نى قۇرۇپ، زامانىۋى قىياپەتتىكى ئۇيغۇر ئاشخانا مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە باشلامچىلىق رول ئوينىغان. كارخانا باشقۇرۇش، كارخانا مەدەنىيىتى شەكىللەندۈرۈشنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدەنگەن كېرەم ئاتۇش ئامېرىكىنىڭ كالفۇرنىيە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتىتىدا سەككىز ئاي كارخانىچىلار كۇرسىدا ئوقۇغان ھەم بۇ مەزگىلدە تەكلىپ بىلەن مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كەسىپلەرنى قانداق قىلىپ جۇڭگو بازارلىرىغا يۈزلەندۈرۈش توغرىسىدا 80 نەپەر كارخانىچىغا ئۈچ سائەت لېكسىيە سۆزلىگەن.
ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشغا باشلامچىلىق رول ئوينىغان كېرەم ئاتۇش ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە «تېز تاماقخانا» ئۇقۇمىنى ئېلىپ كىرگەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنى جۇڭگو ۋە دۇنيا بازارلىرىغا يۈزلەندۈرۈشنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىكى بەزى ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىدۇ. («شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىدىن رەتلەندى)

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى