ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ۋاقىت ھەممە نەرسىنى ئاجىزلىتىدۇ

ۋاقىت ھەممە نەرسىنى ئاجىزلىتىدۇ

ۋاقتى: 2016-05-29 ئاۋاتلىقى: 474 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بېشى «تۇرمۇشنىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ كەتمەڭ» بۇ يەردە!

 

ۋاقىت ھەممە نەرسىنى ئاجىزلىتىدۇ

 

ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىغا دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ – يوق؟ روھىڭىز كۆتۈرۈلگەندە تۇرمۇشىڭىز ناھايىتى گۈزەلدەك تۇيۇلىدۇ: ئىستىقبالىڭىزنىڭ پارلاقلىقىنى، كۈنلىرىڭىزنىڭ قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەنلىكىنى، ھەرقانداق ئىشنىڭ ئۇنچىۋالا يامان بولمايدىغانلىقىنى، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە چىقىشىپ ئۆتۈۋاتقانلىقىڭىزنى، كىشىلەر بىلەن بولغان ئېلىش-بېرىشىڭىزنىڭ ئازادە ۋە خۇشال – خۇرام بولۇۋاتقانلىقىنى؛ قېيىنچىلىقتا قالغاندا بىمالال ئوتتۇرىغا چىقالايدىغانلىقىڭىزنى ھەمدە ئۇنىڭدىن بۆسۈپ ئۆتۈش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقالايدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلالايسىز.


ئەكسىچە، كەيپىياتىڭىز چۈشكۈن بولغاندا، تۇرمۇش گويا ئادەم بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان دەرىجىدە ئاچچىق ۋە شەپقەتسىزدەك تۇيۇلىدۇ: ئىستىقبالىڭىزنىڭ غۇۋالىقىنى ھېس قىلىسىز ھەمدە ئەتراپتىكى ئادەم ۋە ئىشلارغا سۇبيېكتىپ ھېسسىياتىڭىز، ھەتتا خاتا نەزىرىڭىز بىلەن قارايسىز. ھەمىشە ئۇلارنىڭ بىر خىل رەزىل مۇددىئاسى باردەك ھېسسىياتتا بولىسىز. بۇ چاغدا سىزنى ناچار روھىي كەيپىياتىڭىز قايمۇقتۇرغان بولىدۇ.


كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى تازا تونۇپ يېتەلمەي، روھىي كەيپىياتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولىدۇ. ناچار روھىي كەيپىيات غايەت زور بېسىمدىن كېلىدۇ. ئېھتىمال، ئەتىگەندە روھىي كەيپىياتىڭىز ناھايىتى ياخشى بولغان بولسا كېرەك. ئايالىڭىزنى ياخشى كۆرىسىز، كۆڭۈلدىكىدەك خىزمىتىڭىزنىڭ بارلىقىدىن خۇرسەن ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ ئاددىيغىنە پىكاپىڭىزدىن مەمنۇن، كەلگۈسىڭىزگە ئۈمىد بىلەن قارايسىز، ئۆتمۈشىڭىزدىنمۇ ئىنتايىن رازى؛ لېكىن، چۈش بولغاندا روھىي كەيپىياتىڭىزدا ئۆزگىرىش بولدى. شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچىلىك ئارىلىقتا تامامەن ئۆزگىرىپ كەتكەندەك بولدى. سىز خىزمەتنىڭ مەنىسىزلىكىدىن بىزار بولۇشقا باشلىدىڭىز. خوتۇنىڭىزنىڭ كوتۇلداشلىرىغا چىدىمىدىڭىز، ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن پىكاپىڭىزغا قاراپ يۈزىڭىز يورۇق ئەمەستەك بىلىندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىستىقبالىڭىزدىن ئۈمىد يوق دەپ قارىدىڭىز. مۇبادا بىراۋ بالىلىق چاغلىرىڭىزدىكى تۇمۇش ئەھۋالىڭىزنى سوراپ قالسا، ئۇلارغا تۇرمۇشىڭىزنىڭ تولىمۇ جەبىر–جاپادا ئۆتكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىشىڭىز، ھەتتا شۇ زامانلاردىكى پېشانىڭىزنىڭ تەتۈرلىكىنى جاپاكەش ئاتا – ئانىڭىزدىن كۆرۈشىڭىز مۇمكىن.



شۇنچىۋالا تېز، يەنە كېلىپ كومېدىيە تۈسىنى ئالغان بۇرۇلۇشلار بىمەنە، ھەتتا كۈلكىلىك بولسىمۇ، لېكىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىز ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالدۇق. چۈشكۈن روھىي كەيپىيات بىزنى يىراقنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قىلىدۇ، كۆز ئالدىمىزدىكى بارلىق ئەھۋال ئادەمنى تەمتىرىتىپ قويۇۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ، روھىي كەيپىياتىمىز ياخشى چاغدا بۇ ئىشلارنىڭ شۇنچىلىك گۈزەل بىلىنگەنلىكىنى تامامەن ئۇنتۇپ كېتىمىز، كۆز ئالدىمىزدىكىسى ئوخشاش مۇھىت — جورا، خىزمەت شارائىتى، پىكاپ، شۇنداقلا ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسى بولسىمۇ، لېكىن كەيپىياتىمىز ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ بىرەرسىمۇ ئوخشاشتەك كۆرۈنمىگەن، ئەمەلىيەتتە، بىز ئۆزىمىزنىڭ پاسسىپ كەيپىياتىمىزنى تەڭشەشنى بىلمەي تۇرۇپ، كەلسە – كەلمەس خىيال قىلىپ، ھاياتىمىزنى خاتا بولغان دەپ قالىمىز. كەيپىياتىمىزنى ئوساللىشىپ قالدى دەپ قاراشتىن بىر – ئىككى سائەت ئىلگىرى ئۆزىمىزنى باشقا بىر دۇنيادا ياشاۋاتقاندەك قارىغانىدۇق. دەرۋەقە، تۇرمۇش دېگەن ھەرگىزمۇ كەيپىياتىڭىز ناچار چاغدا قارىغىنىڭىزدەك ئادەمنى ئۇنچىۋالا ئۈمىدسىزلەندۈرۈۋەتمەيدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىڭىزنى ھەر ۋاقىت تەتقىق قىلىپ، ناچار ئەھۋالىڭىزغا دىئاگنوز قويۇپ تۇرۇشىڭىز، ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرمەسلىكىڭىز كېرەك. كەلسە – كەلمەس ئاچچىقلانماڭ، ئادەمنىڭ روھىنى چۈشۈرىدىغان گەپ – سۆز قىلماڭ. ئىنچىكە ئويلاپ باقسىڭىز، روھىي كەيپىياتىڭىز ياخشى بولمىغاچقا، مەيۈسلىنىسىز (ئاچچىقلايسىز، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايسىز، قىسىلىسىز، ئۈمىدسىزلىنىسىز). بۇنداق تونۇش ھەرقانداق ئىشنى ئاسانلا چەكتىن ئاشۇرىۋېتىشىڭىزگە يول قويىدۇ. بۇ خىل ئوسال مىجەزىڭىزنى چۆرۈپ تاشلىسىڭىز نېمىشقا بولمايدىكەن؟ سىز بىردەم روھلىنىپ بىردەم چۈشكۈنلىشىدىغان ئىشنى قىلماي، كەيپىياتىڭىزنى ھەر ۋاقىت تەڭشەپ، ئۆزىڭىزگە بىر ياخشى روھىي ھالەت يارىتىپ بېرىشىڭىز كېرەك. قانداقتۇر بىرەر ئىش ئۈچۈن خاپا بولۇشقا «تەييارلىق» قىلغىنىڭىزدا، «بۇ ئىشنى سەل ئاددىيراق چاغلايچۇ، ئۇ ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىشكەن، قويۇپ تۇرايچۇ، ۋاقىت ئۇنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ» دەپ ئۆز – ئۆزىڭىزنى دەرھال ئاگاھلاندۇرۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن دىلىڭىز يورۇغاندەك، كۆڭلىڭىز كۆتۈرۈلگەندەك بولىدۇ. ئۇنداق ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىپ نېمە قىلارسىز؟ ئامېرىكىدا مۇنداق بىر ھېكايە بار ئىكەن، سىزگە سۆزلەپ بېرەي، ئازدۇر – كۆپتۇر ئىلھامى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس:


گۈل ساتىدىغان بىر موماي بار ئىكەن، ئۇنىڭ كىيىملىرى خېلىلا كونا، تېنىمۇ بەك ئاجىز، لېكىن چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرىدىكەن. بىر خېرىدار ئۇنىڭدىن: «بەك خۇشال كۆرۈنىسىزغۇ؟» دەپ سورىغانىكەن، ئۇ: «ھەممە نەرسە شۇنداق گۈزەل تۇرسا، نېمىشقىمۇ خۇشال بولماي» دەپتۇ. خېرىدار يەنە ئۇنىڭغا: «قاتتىقچىلىققا خويمۇ چىداشلىق ئىكەنسىز» دەپتىكەن، ئۇ: «ئېسا ئەلەيھىسسالام جۈمە كۈنى كېتىپ قالغاندا، پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئەڭ مۇسىبەتلىك بىر كۈن بولغانىدى، لېكىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپلا پاسخا بايرىمى بولدى. شۇڭا، مەن بەختسىزلىككە ئۇچرىغاندا ئۈچ كۈن تەخىر قىلىمەن، چۈنكى ئۈچ كۈندىن كېيىن ھەممە نەرسە ئەسلىگە كېلىپ نورماللىشىدۇ» دەپتۇ. شۇ خۇسۇستىن، «بۇ ئىشمۇ ھايال يوق ئۆتۈپ كېتىدۇ» دەپ دائىم ئويلاپ تۇرسىڭىز، ئۇ راستتىنلا سىزنى قىينىمايدىغان بولىدۇ. كەيپىياتىڭىز ياخشى بولغاندا تۇرمۇشقا رەھمەت – ھەشقەللا ئېيتىڭ، كەيپىياتىڭىز ئوسالراق بولغاندا ئۆزىڭىزنى سالماق، ئادەتتىكىدەك تۇتۇڭ. تۇرمۇشنى ھەقىقىي چۈشەنگەندىن كېيىن سەگەك ھۆكۈم چىقىرالايدىغان بولىسىز.

---------------------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى