ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىنجاڭدىكى كارخانىلار تەرەققىياتى مۇنبىرى ئېچىلدى

شىنجاڭدىكى كارخانىلار تەرەققىياتى مۇنبىرى ئېچىلدى

ۋاقتى: 2016-10-10 ئاۋاتلىقى: 552 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانىلار تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ئىدىيە ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، 2012-يىلى 15-دېكابىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا سانائەت بىرلەشمىسى بىلەن شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان «پۇرسەت -جەڭگە ئاتلىنىش-مىللىي كارخانىلارنىڭ سىجىل تەرەققىياتى»  باش تېمىسىدىكى شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانىلار تەرەققىيات مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2012-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى روشەن بولغان بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك گەۋدىسى 677 مىڭغا يېتىپ، تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى 422 مىليارد 120 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىساد گەۋدىسىنىڭ %95.3 ۋە %52.3 نى ئىگىلىگەن؛ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك ياراتقان ئەڭ ئاخىرقى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ قىممىتى بىۋاسىتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ GDP نىڭ %30 نى ئىگىلىگەن؛ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى گەۋدە قىلغان ئوتتۇرا-كىچىك-مىكرو كارخانىلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ %35 باج يىغىش ۋە %73.2 جەمئىيەتتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.
مۇنبەردە ئالىي مەكتەپلەر، ھۆكۈمەت، كارخانىلاردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا دىيارىمىزدىكى مىللىي ئىگىلىكنىڭ سىجىل تەرەققىياتى، پۇرسىتى، ھازىرقى ھالىتى، تەرەققىيات ئورۇن بەلگىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلاردا سۆز قىلدى. 
مەركىزى مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن جاڭ يۈنچى پىروفېسسور: شىنجاڭدىكى ئوتتورا كىچىك كارخانىلار چوقۇم يەرلىكنىڭ ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك. كارخانا باشقۇرۇش جەھەتتە، شىنجاڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كېيىن قالغان، شۇڭا ئۆزلۈكسىز تەربىيەلەش، ئۆگىنىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يول ئاچقۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسى ۋە بىلىمىنىڭ مۇكەممەللىشىشىنى ئۆستۈرۈپ، شىركەتلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت كارخانىلىچىلىرىنىڭ ۋەكىلى ھېسابلانغان، مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان شىنجاڭ ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ھازىر 3450 تاللا بازىرى، بىر نەچچە يېمەكلىك شىركىتى بار. شىركەت باش مۇدىرى قوشۇمچە باش دىرېكتورى رادىل ئابلا ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار تەرەققىيات جەريانىدا چوقۇم ئورۇننى ياخشى بەلگىلىشى (定位)، يەرلىكنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ پەرقلىق مۇلازىمەت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئاندىن سىجىل تەرەققىي قىلالايدۇ دەپ كۆرسەتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جۈرئەت ئىمىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سودا سانائەت ئالاقە سىستېمىسىنىڭ پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتېيىنىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك، ئوتتۇرا-كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى، كارخانا كەسىپ ئالماشتۇرۇشى ۋە نەشر كۆتۈرۈشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، مىللىي كارخانىلار مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ئاساسىي قاتلام سودا سانائەت بىرلەشمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاجىز ھالىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى.
---------------------------------------------
ئەسلى خەنزۇچە مەنبە:
http://news.ts.cn/content/2012-12/16/content_7569452.htm

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى