ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ۋەبلىن ئېففېكتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ۋەبلىن ئېففېكتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ۋاقتى: 2015-04-25 ئاۋاتلىقى: 780 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ۋەبلىن ئېففېكتى (Veblen effect) ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
 
ئامېرىكا ئىقتىسادشۇناسى  ۋەبلىن (veblen) ۋەبلىن ئېففېكتىنى ئوتتۇرغا قويدى، يەنى: تاۋار باھاسىنى قانچە يۇقىرى بېكىتسە بازىرىمۇ شۇنچە ئىتتىك بولىدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىدىغىنى ئىستېمالچىلارنىڭ بىر خىل تاۋارغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ دەرىجىسى نەرخنىڭ تۆۋەن بولۇشىغا قاراپ ئەمەس بەلكى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇشىغا قاراپ ئېشىپ بارىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ بەتخەج خاراكتېرلىك ئىستېمال ئېلىپ بېرىشىنىڭ پسىخىكىلىق تەلپۈنىشىنى ئەكس ئەتتۈردى.
ۋەبلىن ئېففېكتى
بىر كۈنى، بىر مۇناخ ئۆزىنىڭ شاگىرتلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، شاگىرتىغا بىر پارچە تاشنى بېرىپ ئۇنىڭغا كۆكتات بازىرىغا بېرىشنى  ۋە بۇ تاشنى سېتىشنى سىناپ بېقىشنى بۇيرۇپتۇ، بۇ تاش ھەم يوغان ھەم بەك چىرايلىق ئىكەن. لېكىن ئۇستازى ئۇنىڭغا: «تاشنى سېتىۋەتمە، پەقەت باھاسىنى كۆرۈپ باھالىتىپ باقساڭلا بولدى. كۈزىتىشكە دىققەت قىل، كۆپ كىشىلەردىن سورا، ئاخىرىدا ماڭا ئۇ تاشنىڭ كۆكتات بازىرىدا قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى دەپ بەرسەڭلا بولدى.» دەپتۇ.
شاگىرت تاشنى ئېلىپ كۆكتات بازىرىغا بېرىپتۇ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تاشنى كۆرۈپ ئۆز كۆڭۈللىرىدە : «بۇنى ناھايىتى ياخشى سەنئەت بويۇمى قىلغىلى بولغۇدەك، بالىلىرىمىز ئوينىسىمۇ بولىدۇ ياكى تارازا تېشى قىلساقمۇ بولغۇدەك.» دەپ ئويلاپ ئۇ تاشقا باھا قويۇپتۇ، قويغاندىمۇ پەقەتلا بىر نەچچە تەڭگىلا باھا قويۇپتۇ. ھېلىقى شاگىرت قايتىپ كېلىپ ئۇستازىغا ئۇلارنىڭ پەقەت بىر نەچچىلا تەڭگە چىقارغانلىقىنى دەپتۇ. ئۇستازى شاگىرتىغا: «ئەمدى سەن ئۇنى ئالتۇن بازىرىغا ئاپىرىپ باھالىتىپ باققىن، لېكىن سېتىۋەتمە، باھاسىنى كۆرۈپ باقساڭلا بولدى.» دەپتۇ.  شاگىرت بۇ قېتىم بازاردىن ناھايىتى خۇشال ھالدا كېلىپ شۇنداق دەپتۇ: «بۇ ئادەملەر بەك قالتىسكەن، ئۇلار 1000 يۈەن چىقىرىپ بۇ تاشنى سېتىۋېلىشقا رازى بولدى».  بۇ قېتىم ئۇستاز شاگىرتىغا بۇ تاشنى ئۈنچە-مەرۋايىت بازىرىغا ئاپىرىشنى بۇيرۇپتۇ ۋە 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولسا ساتماسلىقنى تاپىلاپتۇ. شاگىرت تاشنى ئېلىپ ئۈنچە-مەرۋايىت بازىرىغا كەپتۇ، ئۇنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەي قاپتۇ، خېرىدارلار 50 مىڭ يۈەنگە ئۇ تاشنى سېتىۋالماقچى بولۇپتۇ، شاگىرت ساتماپتۇ، خىرىدارلار بارغانسېرى باھانى ئۆرلىتىپتۇ ۋە 100 مىڭ يۈەنگە چىقىپتۇ، بۇ چاغدا شاگىرت يەنىلا ساتماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن خىرىدارلار تېخىمۇ ئۆرلەپ 200 مىڭ، 300 مىڭ يۈەنگە چىقىپتۇ،  شاگىرت: «بۇ باھاغا يەنىلا سېتىشقا بولمايدۇ، مەن پەقەت باھاسىنى كۆرۈپ باقتىم.» دەپتۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىشلارغا  ئەقلى يەتمەي بۇ كىشىلەر ساراڭ بوپتۇ، بۇ باھا ھېلىمۇ يېتەرلىك بولدى دەپ قاراپتۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىندۈرمەپتۇ، دەرۋەقە ئەڭ ئاخىرىدا بۇ تاشنى 500 مىڭ يۈەنگە سېتىۋېتىپتۇ.
#p#
ئۇ قايتىپ كەلگەندە ئۇستازى: «سەن ئەمدى چۈشەنگەنسەن، بۇ سېنىڭ تاش بىلەن ئالتۇننى ئايرىيدىغان سىناق تېشىڭنىڭ (سىنتاش)، چۈشىنىش ئىقتىدارىڭنىڭ بار-يوقلۇقىغا باغلىق. ئەگەر سېنىڭ يۇقىرى باھاغا ئېرىشكۈڭ بولمىسا، مەڭگۈ يۇقىرى باھاغا ئېرىشەلمەيسەن.» دەپتۇ.
بۇ ھېكايىدە ئۇستازى شاگىرتىغا ھاياتلىق قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەقىقىتىنى ئېيتىپ بەرگەن، لېكىن بۇ شاگىرتنىڭ تاشنى سېتىش جەريانىدا يەنە بىر  ئىقتىساد پىرىنسىپى: ۋەبلىن ئېففېكتىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدە دائىم مۇنداق مەنزىرىنى كۆرۈپ تۇرىمىز:  پاسونى، خۇرۇمى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان بىر جۈپ ئاياغ  ئادەتتىكى ئاياغ دۇكىنىدا 80 يۈەنگە سېتىلىدۇ، ئەمما چوڭ سودا سارايلارنىڭ پوكەيلىرىدە بولسا نەچچە يۈز يۈەنگە سېتىلىدۇ-يۇ كىشىلەر يەنىلا سېتىۋالىدۇ.  16600 يۈەنلىك كۆزەينەك جازىسى، 68800 يۈەنلىك خاتىرە سائەت، 1 مىليون 680 مىڭ يۈەنلىك يۇقىرى دەرىجىلىك پىئانىنو قاتارلىق «ئاسمان-پەلەك يۇقىرى باھا»لىق بويۇملارمۇ بازاردا شۇنداق ياخشى سېتىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، كىشلەرنىڭ بۇ تۈردىكى تاۋارلارنى سېتىۋېلىشى پەقەتلا  بىۋاسىتە ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە بەھىرلىنىش ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى پسىخىكىلىق جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتۇر. شۇنداق قىلىپ بىر خىل ئاجايىپ غەلىتە ئىقتىسادىي ئەھۋال مەيدانغا كەلدى، يەنى بىر قىسىم تاۋارلارنىڭ باھاسىنى قانچە يۇقىرى قويغانسېرى بۇ تاۋارلار خېرىدارلارنىڭ دىققىتىنى شۇنچە بەك جەلپ قىلدى. بۇ خىل ھادىسىگە ئەڭ ئاۋۋال ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس ۋەبلىن دىققەت قىلغان بولغاچقا بۇ خىل ھادىسە ئۇنىڭ نامى بىلەن «ۋەبلىن ئېففېكتى» دەپ ئاتالدى. جەمئىيەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشلەرنىڭ ئىستېمالى ئۇلارنىڭ كىرىمىگە ماس ھالدا ئېشىپ باردى، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ قوغلىشىدىغىنىمۇ سان ۋە سۈپەتتىن دەرىجىگە يۆتكەلدى. ۋەبلىن ئېففېكتىنى چۈشىنىۋالغاندىن كېيىن، بىزمۇ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يېڭىچە تىجارەت ئىستراتېگىيەسىنى تېپىپ چىقساق بولىدۇ. مەسىلەن: ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازىنى تاۋار ياكى مۇلازىمەت  تەرەپلەردىن تونۇتۇپ، تاۋارلىرىمىزغا بىر خىل يۇقىرى قاتلاملىق، ئېسىللىق ئوبرازىنى يارىتىپ، باشىقىلارغا «ئېسىلزادە»، «ئاددىيلىقتىن ھالقىغان» تەسىر بېرىش ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ ماللىرىمىزغا بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.
بۇ خىل قىممەتنىڭ ئالمىشىشى ئىستېمالچىلار سان، سۈپەتكە قاراپ مال سېتىۋېلىش باسقۇچىدىن ھېسسىي مال سېتىۋېلىش باسقۇچىغا يۆتكەلگەندە ئاندىن ئىشقا ئاشىدۇ. ئەمەلىيەتتە شەرقىي جەنۇبنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى بىر قىسىم تەرەققىي قىلغان رايونلىرىدا، ھېسسىي مال سېتىۋېلىش ئاللىقاچان ئاستا-ئاستا بىر خىل مودىغا ئايلىنىپ بولدى، پەقەت ئىستېمالچىنىڭ بۇ خىل ھېسسىي مال سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتسىلا، «ۋەبلىن ئېففېكتى» ئۈنۈملۈك ھالدا بازار سىغىمچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈلەيدىغان تىجارەت ئىستراتېگىيەسىگە ئايلىنىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى