ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يېڭى شىركەت قانۇنى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويۇلىدۇ

يېڭى شىركەت قانۇنى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويۇلىدۇ

ۋاقتى: 2016-09-07 ئاۋاتلىقى: 942 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېڭى شىركەت قانۇنى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويۇلىدۇ: ئىگىلىك تىكلەش بوسۇغىسى(创业门槛) تۆۋەنلىتىلىدۇ(ئەڭ تۆۋەن ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغى 30 مىڭ يۈەن دېگەن چەكلىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ)

 

[TechWeb خەۋەر قىلىدۇ] 2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋەر، 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنى شىركەت قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسىگە قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، 3-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويۇلىدۇ، يېڭى شىركەت قانۇنى ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان شىركەت قانۇنىنىڭ 12 ماددىسىنى ئۆزگەرتتى. ئاساسلىقى ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى ئەمەلىي تاپشۇرۇپ تىزىملىتىش تۈزۈمىنى تاپشۇرۇشقا ۋەدە بېرىپ تىزىملىتىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش، ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى تىزىملىتىش شەرتلىرىنى تۆۋەنلىتىش ۋە تىزىملىتىش تۈرلىرىنى ۋە تىزىملىتىش ھۆججەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. ئىگىلىك تىكلەش بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئىگىلىك تىكلەش سېپىگە قوشۇلۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

 

بۇنىڭ ئىچىدە، ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى تىزىملىتىش جەھەتتە، شىركەتنىڭ ئەنگە ئالدۇرغان مەبلىغىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سوممىسىغا قارىتا باشقا بەلگىلىمە بولغانلىرىدىن سىرت، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شېرىكسىز شىركەت، چەكلىك پاي شىركىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغى ئايرىم ھالدا 30 مىڭ يۈەن، 100 مىڭ يۈەن، 500 مىڭ يۈەن بولۇش چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

 

تىزىملىتىش تۈرلىرىنى ۋە تىزىملىتىش ھۆججىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش جەھەتتە، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچىكلىرىنىڭ تاپشۇرۇشقا ۋەدە قىلغان مەبلەغ سوممىسى، شىركەت ئەمەلىي تاپشۇرۇۋالغان مەبلەغ تىزىملىتىش تۈرى بولمايدۇ. شىركەت تىزىملاتقاندا مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ.

تۆۋەندىكىلەر ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:


(بىرىنچى) يەتتىنچى ماددا ئىككىنچى تارماقتىكى «ئەمەلىي تاپشۇرۇۋالغان مەبلەغ» چىقىرىۋېتىلدى.
(ئىككىنچى) يىگىرمە ئۈچىنچى ماددا ئىككىنچى تارماق مۇنداق ئۆزگەرتىلدى:«(ئىككىنچى) شىركەت نىزامىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بارلىق پايچىكلار چىقىرىشقا ۋەدە قىلغان مەبلەغ بولۇش».
(ئۈچىنچى) يىگىرمە ئالتىنچى ماددىسى مۇنداق ئۆزگەرتىلدى:«چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئەنگە ئالدۇرغان مەبلىغى شۇ شىركەتنى تىزىملىغان ئورگاندا تىزىملاتقان بارلىق پايچىكلار تاپشۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن مەبلەغ سوممىسىنى كۆرسىتىدۇ.»
«قانۇن، مەمۇرى نىزام ۋە گوۋۇيۈەن قارارلىرىدا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى ئەمەلىي تاپشۇرۇش، ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سوممىسى توغرىسىدا باشقا بەلگىلىمە بولغانلار، شۇ بەلگىلىمىگە بويسۇنىدۇ.»
(تۆتىنچى) يىگىرمە يەتتىنچى ماددىسىنىڭ ئۈچىنچى تارمىقى قىسقارتىلدى.



(بەشىنچى) يىگىرمە توققۇزىنچى ماددىسى قىسقارتىلدى.
(ئالتىنچى) ئوتتۇزىنچى ماددا يىگىرمە توققۇزىنچى ماددا بولدى، مۇنداق ئۆزگەرتىلدى:«پايچىكلار شىركەت نىزامىدا بەلگىلەنگەن مەبلەغنى چىقىرىشقا ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، بارلىق پايچىكلار كۆرسەتكەن ۋەكىل ياكى بىرلىكتە ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچى شىركەتنى تىزىملايدىغان ئورگانغا شىركەت تىزىملىتىش ئىلتىماسى، شىركەت نىزامى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى يوللاپ، تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.»
(يەتتىنچى) ئوتتۇز ئۈچىنچى ماددا ئۈچىنچى تارماقتىكى «ۋە چىقارغان مەبلەغ سوممىسى» چىقىرىۋېتىلدى.
(سەككىزىنچى) ئەللىك توققۇزىنچى ماددىنىڭ بىرىنچى تارمىقى چىقىرىۋېتىلدى.
(توققۇزىنچى) يەتمىش يەتتىنچى ماددا يەتمىش ئالتىنچى ماددا بولدى، ئىككىنچى تارماق مۇنداق ئۆزگەرتىلدى:«(ئىككىنچى) شىركەت نىزامىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بارلىق باشلاپ بەرگۈچىلەر سېتىۋېلىشقا ۋەدە قىلغان پاي دەسمايىسى ئومۇمىي سوممىسى ياكى توپلىغان ئەمەلىي تاپشۇرۇۋالغان پاي دەسمايىسى ئومۇمىي سوممىسى بولۇش.»
(ئونىنچى) سەكسەن بىرىنچى ماددا سەكسىنىنچى ماددا بولدى، بىرىنچى تارمىقى مۇنداق ئۆزگەرتىلدى:« چەكلىك پاي شىركىتى قۇرغۇچىلار بارلىق پاينى سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ قۇرۇلغان بولسا، ئەنگە ئالدۇرغان مەبلىغى شىركەتنى تىزىملىغان ئورگاندا تىزىملاتقان بارلىق قۇرغۇچىلار سېتىۋېلىشقا ۋەدە بەرگەن پاينىڭ ئومۇمىي سوممىسى بولىدۇ. قۇرغۇچىلار سېتىۋېلىشقا ۋەدە بەرگەن پاينى تولۇق سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن، باشقىلاردىن پاي توپلاشقا بولمايدۇ.»
ئۈچىنچى ماددىسى مۇنداق ئۆزگەرتىلدى:«قانۇن، مەمۇرى نىزام ۋە گوۋۇيۈەننىڭ قارارلىرىدا چەكلىك پاي شىركىتىنىڭ ئەنگە ئالدۇرغان مەبلىغىنى ئەمەلىي تاپشۇرۇش، ئەنگە ئالدۇرغان مەبلىغىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سوممىسى توغرىسىدا باشقا بەلگىلىمىلەر بولسا، شۇ بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىدۇ.»
(ئون بىرىنچى) سەنسەن تۆتىنچى ماددا سەكسەن ئۈچىنچى ماددا بولدى، بىرىنچى تارمىقى مۇنداق ئۆزگەرتىلدى:«قۇرغۇچىلار بارلىق پاينى سېتىۋېلىش ئۇسۇلىدا چەكلىك پاي شىركىتى قۇرغان بولسا، قۇرغۇچىلار شىركەت نىزامىدا بەلگىلەنگەن پاينى تولۇق سېتىۋالىدىغانلىقى توغرىسىدا يازما ئىسپات چىقىرىشى ھەمدە شىركەتنىڭ نىزامىغا ئاساسەن تاپشۇرۇپ مەبلەغ چىقىرىشى كېرەك، پۇلدىن باشقا مۈلۈك بىلەن مەبلەغ چىقارغان بولسا، قانۇن بويىچە مۈلۈك ھوقۇقىنى يۆتكەش رەسمىيىتى بىجىرىشى كېرەك.»
ئۈچىنچى تارمىقى مۇنداق ئۆزگەرتىلدى:«قۇرغۇچىلار شىركەت نىزامىدا بەلگىلەنگەن مەبلەغنى تولۇق تاپشۇرۇشقا ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، مۇدىرىيەت ۋە نازارەتچىلىك ھەيئىتى سايلاپ چىقىشى، مۇدىرىيەت شىركەتنى تىزىملىغان ئورگانغا شىركەت نىزامى ۋە قانۇن، مەمۇرى نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇپ، تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.»
(ئون ئىككىنچى) 178-ماددىسىنىڭ ئۈچىنچى تارمىقى چىقىرىۋېتىلدى.

بۇنىڭدىن سىرت، ماددىلارنىڭ تەرتىپىگە مۇناسىپ تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى