ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئامېرىكىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلىشى

ئامېرىكىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلىشى

ۋاقتى: 2016-08-19 ئاۋاتلىقى: 847 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئامېرىكىدا كىچىك تىپتىكى خۇسۇسىي شىركەتلەر ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇنداق شىركەتلەرنىڭ سانى بارلىق كارخانا ئىگىلىكى ئىچىدە خېلى چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. گېزىت، رادىيو ۋە تېلېۋىزور قاتارلىقلاردا بېرىلىدىغان خەۋەر-دوكلاتلاردىمۇ كىچىك تىپتىكى شەخسىي شىركەتنىڭ گېپى ناھايىتى كۆپ چىقىپ تۇرىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ شەخسىي شىركەت مۇھىتى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىمۇ ناھايىتى كۆپ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، كەلگۈسىدىكى كارخانا ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەمدە ياش-ئۆسمۈرلەرنى كەلگۈسىدىكى كارخانا ئىگىلىكىنىڭ لېدىرلىرىدىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان مەخسۇس تەربىيەمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر سىز ئىنگلىزچىنى بىلسىڭىز، ھەمدە بۇ جەھەتتىكى تەپسىلىي ئۇچۇرغا قىزىقسىڭىز، تۆۋەندىكى تور بېتىنى كۆرۈپ بېقىڭ: 
www.bizkids.biz

بىر مىسال سۈپىتىدە، مەن «ۋاشىنگتون ئىگىلىك ھەپتىلىك ژۇرنىلى» ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پىروگراممىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئۇلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان بىر ھەپتىلىك مەخسۇس تەلىم-تەربىيەسى بار بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىشنى قىلغىلى ھازىر 30 يىل بولغان. ئۇلارنىڭ بۇ بىر ھەپتىلىك پىروگراممىسىدا ، ئوقۇغۇچىلارنى بىر «خىيالىي شىركەت» قۇرۇپ چىقارغۇزۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ ھەر خىل فۇنكسىيەسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدىكەن. بۇ فۇنكسىيەلەر خېرىدارلار مۇلازىمىتى، مەھسۇلات تەشۋىقاتى، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر، تەتقىقات ۋە تەرەققىيات، ئىستراتېگىيە، لېدىرلىق، زىددىيەتنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھازىرقى ئىگىلىك دۇنياسىدا بولمىسا بولمايدىغان مۇرەككەپ ماھارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مۇشۇنداق مەخسۇس تەلىم-تەربىيە جەريانىدا دەرس سۆزلەيدىغانلار ئامېرىكىدىكى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ چوڭ باشلىقلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى جەمئىيەتتىكى بىر ئاددىي خىزمەتچى بولۇشتىن ئىش باشلاپ، كېيىن ئۆز ئالدىغا بىر شىركەت قۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز شىركىتىنى ئامېرىكىدىكى داڭلىق شىركەتلەر قاتارىغا قوشقان كىشىلەردۇر. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلار ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىۋاسىتە سەرگۈزەشتلىرىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنى مېڭىسىدە بىر ئۆمۈر ساقلىنىدىغان قىممەتلىك بىلىملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇرۇن چوڭ بولغاندا نېمە قىلىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ يۈرگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ تەلىم-تەربىيەنى ئالغاندىن كېيىن ئۆزلىرى كەلگۈسىدە قىلىدىغان ئىش توغرىسىدا بىر ناھايىتى ئېنىق قارارغا كېلەلەيدۇ. مۇشۇنداق تەربىيەنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۆز تەقدىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەن كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەسكەن. شۇڭلاشقا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان بۇ بىر ھەپتىلىك مەخسۇس تەلىم-تەربىيە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق بايقاپ، شۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلىپ جەمئىيەتكە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلاردىن بولۇپ چىقىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا. 
#p#
بۇنداق ئىشنى ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئاسانلا قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن ئۇنداق ئىشنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پۈتۈن مائارىپ ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىش-بېرىلماسلىقى ھۆكۈمەتكە باغلىق بىر ئىش بولغاچقا، مەن بۇ يەردە شەخسىلەر ئۆز ئالدىغا قىلالايدىغان ئىشلار ئۈستىدە قىسقىغىنا توختىلىپ ئۆتەي. مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئامېرىكىدا مەخسۇس ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرماقچى بولغان كىشىلەرگە ياردەم قىلىدىغان مۇلازىمەت شىركەتلىرى ناھايىتى كۆپ. بۇنداق مۇلازىمەت شىركىتىنى قۇرغانلار ئاساسەن ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرۇش ئىشلىرىدا يېتەرلىك تەجرىبە توپلىغان كىشىلەردىن ئىبارەتتۇر. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئاشۇنداق ئادەملەر بار. لېكىن بەك كۆپ ئەمەس. مېنىڭچە بولغاندا بۇ ئىشنى ئالدى بىلەن ئارمان شىركىتىگە ئوخشاش چوڭ شىركەتلەر باشلىسا بولىدۇ. يەنى ئۇلار بىر يىلدا بىر قانچە قېتىم ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرماقچى بولغانلارنى تەربىيەلەش پۇللۇق سېمىنارى (كۇرس) ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. ياش ئەۋلادلارنى كەلگۈسىگە ماسلاشتۇرۇپ تەربىيەلەيدىغان بۇ ياخشى ئىشنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى ئويلىسا، تەلەپ قىلغان مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىپ، مەكتەپلەردىن پۇل ئالماي، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر كۈن ياكى بىر ھەپتىلىك تەلىم-تەربىيە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى. مېنىڭچە يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى ئاسانلا قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەمەلىيەتنىڭ قانداق بولۇشى ھازىرقى ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ تونۇشى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى، غەيرىتى ۋە ئالىيجانابلىق دەرىجىسىگە باغلىق. 
 
مەن ئالدىنقى بىر يازمامدا ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي ئۆگىنىش ئۇسۇلىدىن تۆۋەندىكى 3 تۈرلۈكنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم: 
1) بالىنىڭ ئاتا-ئانىدىن، ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىدىن، ۋە يېڭى باشلىغانلارنىڭ بىلىملىكلەردىن ئۆگىنىش ئۇسۇلى. بۇ ھازىر ئەڭ كەڭ قوللىنىلىۋاتقان، ئەنئەنىۋى ئۆگىنىش ئۇسۇلىدۇر. 
2) ئىلغار شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى. 
3) ئۆز-ئۆزىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ۋە ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇپ تۇرۇپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى. 
ئۇيغۇر شىركەتلىرىگە يۇقىرىقىدەك تەكلىپ بېرىشتە، مەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۈلگە ئارقىلىق يېتەكلەش ئۇسۇلىنى كۆزدە تۇتقان. يېقىندا ئەكرەم ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىز بىلىك كۇلۇبىغا «بىزگە زادى نېمە كېرەك؟» دېگەن بىر تېمىنى يوللاپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۈلگە ئارقىلىق يېتەكلەشنىڭ ھازىر ناھايىتى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپتۇ. قىزىققۇچىلار بۇ يازمىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈپ باقسا بولىدۇ: 
 
 
يۇقىرىقىدەك مەخسۇس تەربىيەدىن باشقا، ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە «لېدىرلىق كۇلۇبى» دەپ ئاتىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەشكىللىنىپ قۇرۇپ چىققان كۇلۇبلارمۇ بار. بۇ كۇلۇبقا ئەزا بولۇپ كىرگەنلەر مەكتەپنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، لېدىرلىققا ئائىت ھەر خىل بىلىم ۋە ماھارەتنى ئۆگىنىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «لېدىرلىق كۇلۇبى» نى يولغا قويۇش ئىمكانىيىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. لېكىن، كەلگۈسىدە شىركەت قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئوقۇغۇچى ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلەش پۇرسەتلىرىدىن بىر قىسىملىرى بار. مەسىلەن، ئەگەر سىز باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە سىنىپنىڭ ئۆگىنىش باشلىقى، سىنىپ باشلىقى ياكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كادىرى بولۇپ ئىشلىسىڭىز، ئاشۇنداق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى قىلىش جەريانىدا ئۆزىڭىزدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماھارەت ۋە ئىقتىداردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېتىلدۈرەلەيسىز: (3) كىشىلىك مۇناسىۋەت ماھارىتى؛ (4) لېدىرلىق ماھارىتى؛ (5) تەشكىللەش ماھارىتى ۋە (6) باشقۇرۇش ئىقتىدارى. شۇڭا ئەگەر سىز كەلگۈسىدە چوڭراق ئىشلارنى كۆزلەپ ياشىماقچى بولسىڭىز، ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدىكى يۇقىرىقىدەك پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويماڭ.
 
4. ئاخىرقى سۆز 
 
جەنۇبىي ئافرىقىلىقلارنىڭ داھىيسى Nelson Mandela مۇنداق دەيدۇ. نەقىل: «دەسلەپتە، بىر ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پەقەت ئۆزۈم ئۈچۈنلا ئەركىنلىك ئىزدىگەن ئىدىم. مېنىڭ خىيالىمدىكى ۋاقىتلىق ئەركىنلىك ئاخشىمى سىرتقا چىقالايدىغان بولۇش، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئوقۇيالايدىغان بولۇش ۋە ئۆزۈم تاللىغان يەرگە بارالايدىغان بولۇش ئىدى. كېيىنچە Johannesburg دىكى بىر ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ئاساسىي ۋە شەرەپلىك ئەركىنلىكنى ئارزۇ قىلدىم. ئۇ ئەركىنلىك ئۆز ئىقتىدارىم يار بەرگەن پەللىگە يېتىش، ئۆز-ئۆزۈمنى باقالايدىغان بولۇش، ھەم توي قىلىپ بىر ئائىلە قۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئەركىنلىك بىر قانۇنلۇق جەمئىيەتتە باشقىلار تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدىغان ئەركىنلىك ئىدى. ئەمما، مەن تەدرىجىي ھالدا شۇنى كۆردۈمكى، مەن ئۆزۈملا ئەركىن بولماي قالماستىن، مېنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىم ۋە ھەدە-سىڭىللىرىممۇ ئەركىن ئەمەسكەن.... شۇ چاغدا مېنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىمگە بولغان تەشنالىقىم مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئەركىنلىكىگە بولغان تېخىمۇ چوڭ تەشنالىققا ئۆزگەردى. مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئۆز غۇرۇرى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن ياشىيالايدىغان ئەركىنلىكىگە بولغان ئارزۇيۇم مېنىڭ ھاياتىمنى جانلاندۇردى. مەندەك بىر قورقۇنچاق كىچىك بالىنى بىر جاسارەتلىك ئادەمگە ئايلاندۇردى. مەندەك بىر قانۇنغا ئوبدان رىئايە قىلىدىغان ئادۋوكاتنى بىر جىنايەتچىگە ئايلىنىشقا قىستىدى. مەندەك بىر ئائىلىسىگە كۆيۈنىدىغان ئەرنى بىر ئۆيسىز ئەرگە ئايلاندۇردى. ... مەن ئۆزۈمنىڭ قېشىدىكى ئادەمدىن بەكرەك پەزىلەتلىك ياكى بەكرەك ئۆز-ئۆزىنى قۇربان قىلىشنى خالايدىغان كىشى ئەمەس. لېكىن مەن شۇنى بايقىدىمكى، ئەگەر مېنىڭ خەلقىم ئەركىن بولمايدىكەن، مەن ئۆزۈمگە ئاتا قىلىنغان بىچارە ۋە چەكلىك ئەركىنلىكتىن ھۇزۇرلىنالمايدىكەنمەن.» 
 
#p#
ھەر بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى پۈتۈن مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ. مىللەت گۈللەنمىسە، سىز-بىزنىڭ ياخشى ياشىيالىشىمىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. ماددىي جەھەتتە ھەممە نەرسىمىز تەل بولۇپ، يولسىزلىقنىڭ دەردىنى تارتمىغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر مىللەتنىڭ كۈنى ياخشى بولمايدىكەن، بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ روھىي جەھەتتە خاتىرجەم ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس. ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە ئۆز تەقدىرىنى ھەر ۋاقىت مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلار كۈنسايىن كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىمۇ ناھايىتى چوڭ بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىنىڭ ھازىرغىچە بولغان تەرەققىياتى مانا شۇنىڭ بىر تىپىك مىسالىدۇر. ھازىرمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزىنىڭ ۋاقتى ۋە پۇلىنى ئىشلىتىپ، مۇشۇ ساھەدە ئۈن-تىنسىز تىرىشىۋاتىدۇ. مەسىلەن، سىزhttp://ouigour.fr/dictionnaire دېگەن تور بېتىگە قاراپ بېقىڭ. فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، ھازىر بىر ئۇيغۇرچە-فىرانسۇزچە ئىنتېرنېت لۇغىتى تەييارلاۋاتىدۇ. مەن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئۇلارغا قولىدىن كېلىشىچە ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەمدە بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. شۇنداقلا كەلگۈسىدە شىركەت قۇرۇشنى كۆزلەۋاتقان ياشلارنىڭ، خۇددى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئوت يۈرەك ياشلىرىمىزغا ئوخشاش، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان ھالدا، مىللەتنىڭ تەقدىرىنىمۇ ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ تۇرۇپ ئىش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەيلى سىز نېمە ئىش قىلماقچى ۋە قىلىۋاتقان بولۇڭ، يۇرتىمىز بىلەن خەلقىمىزنى ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالماڭ. ئەگەر سىز بىر شىركەت قۇرماقچى بولسىڭىز، پۇل تېپىپ جان بېقىش، ياكى باي بولۇشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە، مۇنداق بىر سوئالنى ئۆز-ئۆزىڭىزدىن داۋاملىق سوراپ تۇرۇڭ: «مەن شىركىتىمدە 20 ئۇيغۇر ياشنى باقالارمەنمۇ؟ 200 نىچۇ؟ 2000 نىچۇ؟» 
 
مەن ھەر بىر ماقالىنى بىلىك تورىغا چىقارغاندىن كېيىن، «Google» ئارقىلىق ئۇ ماقالىنى چىقارغان باشقا ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنى تېپىپ، ئۇلارغا مېنىڭ يازمام ھەققىدە يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقىشقا تىرىشىۋاتىمەن. ئۆزۈمنىڭ ھېسابلاپ كۆرۈشۈمچە، مېنىڭ ھەر بىر يازمام ھازىر 15 تىن 30 غىچە بولغان ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە چىقىۋاتىدۇ. مەن بۇ يەردە مۇشۇ يولدا ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا، ھەمدە ۋاقىت چىقىرىپ ئىنكاس يېزىۋاتقان تورداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. مەن ئالدىنقى قېتىم يازغان «غەربلىكلەرنىڭ يېزىش ئۇسلۇبى» دېگەن ماقالىدا مۇنداق بىر ئىشنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھازىرمۇ ئىجتىمائىي پەننى ئاساس قىلغان جەمئىيەت بولۇپ، كىتاب ئوقۇيدىغانلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بولۇشى مۇمكىن. ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن «غەربلىكلەرنىڭ يېزىش ئۇسلۇبى» دېگەن يازما ئانچە ئەھمىيەتلىك تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار كىتابنى تېز ئوقۇيدىغان بولۇپ، ئادەتلىنىپ كەتكەن بولغاچقا ھازىر ئۇيغۇرلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئۇسلۇبتا يېزىلغان ماقالە-كىتابلاردىن بىمالال پايدىلىنالايدۇ. مېنىڭ ئۇ يازمىدا بەكرەك كۆزدە تۇتقىنىم تەبىئىي پەن ۋە ئىنژېنېرلىق ساھەسىدىكى ياشلار، ھەمدە خەنزۇ تىلىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراۋاتقان ياشلاردۇر. ئەگەر بىز ھازىر ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي جەھەتتە ئەڭ تەرەققىي قىلغان ياپونلۇق، گېرمانلىق ۋە يەھۇدىي قاتارلىق مىللەتلەرگە ۋە ئامېرىكىدەك دۆلەتلەرگە قاراپ باقىدىغان بولساق، بۇ مىللەت ۋە دۆلەتلەردە تەبىئىي پەنچىلەر، سانائەتچىلەر ۋە ئىنژېنېرلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تىرىشىش نىشانىمۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ بىلىملىك نوپۇسى ئىچىدىكى تەبىئىي پەنچى، سانائەتچى ۋە ئىنژېنېرلارنىڭ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش بولۇشى كېرەك. كىتاب-ماقالە يازىدىغانلارمۇ مۇشۇنداق بىر يۈزلىنىشكە ماسلىشىشى، ئاشۇنداق بىر نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق يولنى تۇتۇشى كېرەك. مەن «غەربلىكلەرنىڭ يېزىش ئۇسلۇبى» دېگەن يازمامنى يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ تەييارلىغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندا ئۇنىڭغا ئىجتىمائىي پەنچىلەر ئورنىدا تۇرۇپ ئەمەس، تەبىئىي پەنچىلەر ئورنىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 
 
بۇ ماقالە 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇنجى قېتىم توردا ئېلان قىلىنغان. 
 
Nelson Mandela نىڭ سۆزىنىڭ تور بەت ئادرېسى: 
http://www. readonbc. ca/EN/mla_book_reviews/long_walk_to_freedom/?&PHPSESSID=afae0412c98571e2471ce275c099246e 
Hattie خانىم توغرىسىدىكى تور بەت: 
http://www. smallbusinessschool. com/webapp/sbs/sbs/index. jsp?page=http%3A%2F%2Fwww. smallbusinessschool. com%2Fwebapp%2Fsbs%2Fsbs%2Fhattielive. jsp 
بەزى ئىنگلىزچە سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچىسى تۆۋەندىكى ئىنتېرنېت لۇغىتى ئارقىلىق تېپىلدى: 
http://dict. yulghun. com 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى