ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قالايمىقانچىلىقنى چاقچاق دەپ بىلىڭ

قالايمىقانچىلىقنى چاقچاق دەپ بىلىڭ

ۋاقتى: 2016-07-18 ئاۋاتلىقى: 584 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بېشى «بالىڭىزنىڭ زېرىكىشلىرىدىن قورقماڭ» بۇ يەردە!

 

قالايمىقانچىلىقنى چاقچاق دەپ بىلىڭ

 

بىر كۈنى ئايالىم كۈلۈپ تېلىقىپ قاپتۇ — بۇ كۈلۈپ كۆزلىرىڭىزدىن تارام – تارام ياش چىقىرىۋېتىدىغان تۇيغۇ بەرگۈدەك قىزىق گەپ ئىدى. ئايالىم بۇ گەپكە «تەڭرى بىزگە ئاتا قىلغان قىزىق گەپ» دەپ ئات قويۇۋاپتۇ. ئۇنىڭ كۆزدە تۇتقىنى بىزنىڭ نەچچە سائەتلەپ ئۆي تۈزەشتۈرگەنلىكىمىز، نەرسە – كېرەكلەرنى رەتلىگەنلىكىمىز قاتارلىقلار ئىدى. لېكىن، مەيلى بىز قانچىلىك ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچىمىزنى سەرپ قىلمايلى، قارىغاندا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش يوقتەك قىلاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈزەشتۈرگەنسېرى قالايمىقان بولۇپ كېتىۋاتاتتى. بىز ئۇنچە چۇۋالچاق ئادەملەردىن ئەمەس ئىدۇق. ئەمەلىيەتتە بىز نەرسە – كېرەكلەرنى قانداق يىغىشتۇرۇشنى، پاكىزلىقنى قانداق ساقلاشنى ئوبدان بىلەتتۇق (بەك ئەمەلىي ئىدۇق). لېكىن، ئۆيىمىزگە ئىككى بالىمىزنىڭ دوستلىرى ھەمىشە كېلىپ تۇراتتى. ھېلىقى كۈنى ئايالىم ئىشكاپنىڭ تارتمىلىرىنى ئالدىراش رەتلەۋاتقاندا، بىر كىچىك دوست ئاشخانىنى دەسسەپ لاي قىلىۋېتىپتۇ (بۇ شەيتانلار ئائىلىمىزنىڭ ئىشىكتىن كىرىشتە ئاياغنى سېلىۋېتىش دەيدىغان قائىدىسىنىڭ بارلىقىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپتۇ). يەنە بىر قانچە بالىلار قىزىمنىڭ ئويۇنچۇق ئىشكاپىنى كۈچەپ ئاچماقچى بولۇشقانىكەن، «پاڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئويۇنچۇقلارنىڭ تەڭدىن تولىسى دېگۈدەك تۆكۈلۈپ كېتىپ، ئۆينى بىر ئاپتۇ. ھالبۇكى، ئۇ چاغدا مەن بالىخانىدا بىر قانچە ساندۇقنى ئېچىپ، ئۇلاردىكى خەققە بېرىۋېتىدىغان نەرسە – كېرەكلەرنى ئىزدەۋاتاتتىم. نەتىجىدە تۆۋەنكى ئۆينىڭ پولىنى پۇتۇم كىرىپ كېتىپ تېشىۋەتتىم. ئەمدى ھەممە ئۆي مالىماتاڭ بولۇپ كەتكەنىدى. قارىغاندا ھەممە ئائىلىنىڭ «ئاشۇنداق بىر كۈنى» بولىدىغان ئوخشايدۇ. ئىشىنىڭكى، سىزنىڭ ئائىلىڭىزمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس!


بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئىش ھەقىقەتەن بىر قەدەر ئېغىر بولۇشى، سىزنىڭمۇ روھىڭىز چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن. كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، سىزنىڭ بىرىنچى ئىنكاسىڭىز ھاياتلىق دېگەن ئاشۇنداق ئادىل بولمايدىغان ئوخشايدۇ دېگەندىن ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى سىزنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىڭىز بىكارغا كەتتى. بىز بۇنداق بېسىم ياكى روھى چۈشۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللارغا دائىم يولۇقۇپ تۇرىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېڭىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ ئىلگىرى شۇنداق بولغانلىقىمىز، كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئاللىبۇرۇن بېشارەت بېرىلگەن. ئويلاپ باقايلىكى، بۇنداق پاسسىپ ئوي – خىيال ھېچقاندا نەپ بەرمەيدۇ.



بۇنداق قىيىن شارائىتتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەپچىل چارىسى بىر قەدەم چېكىنىش، بۇ ئىشقا باشقا بىر يۇمۇرلۇق نۇقتىدا تۇرۇپ قاراش. خۇددى ئايالىم ئېيتقاندەك: «ئەگەر بەزىلەر ئۆيىمىزنى ئوغرىلىقچە مارىسا، جەزمەن ئەسەبىيلەرچە كۈلۈش»، بۇ بىر كۈنلۈك قالايمىقانچلىققا ئەركىن – ئازادە يۈزلىنىش.
بۇ بىزنىڭ قالايمىقانچىلىققا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىمىزنى بىلدۈرەمدۇ؟ ھەرگىز بىلدۈرمەيدۇ. ئايالىم ئىككەيلەن چېچەن پاكىز. ھەر ئىككىمىز پاكىزلىقنى، ئۆيىمىزنىڭ رەتلىك بولۇشىنى ياخشى كۆرىمىز. لېكىن، بەزى چاغلاردا ئائىلىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىشقا ئامالسىز قالىدىكەنسىز، بولۇپمۇ بىر ياكى بىردىن ئارتۇق بالىلىق بولغاندا. ھامان بەزى چاغلاردا ئۆيىڭىزگە ئادەم پاتماي قالىدۇ ياكى بەزى ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىسىز، يا بولمىسا ۋاقىت چىقىرالمايسىز، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەيسىز ۋە باشقىلار. بۇ ھەرگىزمۇ سىزنى ئائىلىسىنى تۈزەشتۈرمەيدۇ، دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ئادەتتىكىدەكلا بىر ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى سەمىڭىزگە سېلىپ قويغانلىق. ئادەتتىكى ئادەم تۇرۇقلۇق، قىلىۋاتقان ئىشىمىز ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئىشى تۇرۇقلۇق، ئۆزىمىزنى ئەيىبلەپ نېمە قىلىمىز.


ئۆزىڭىزنى چۈشكۈن روھىي ھالەتتىن ئازاد قىلىپ، ئۆزىڭىزگە يۇمۇرلۇق نۇقتىدا تۇرۇپ قارىغىنىڭىزدا، ئەمەلىيەتتە ھەممە ئىشنىڭ كەم كۈتىسىز بولۇشىنى قوغلىشىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى، ئائىلىڭىزنىڭ ھەمىشە كۆڭۈلدىكىدەك تۇرۇشىنىڭمۇ ھاجىتى يوقلۇقىنى بايقايسىز. باشقىلار بىلەن «قۇسۇرسىز — ئىللەتسىز بولۇش»نى تالىشىپ يۈرگەندىن كۆڭلىڭىزنى خاتىرجەم تۇتقىنىڭىز ياكى كۈلۈپ قويۇپ ئۆتكۈزۈۋەتكىنىڭىز ياخشىراق. چۈنكى، جوزىنى ھازىر پاك – پاكىز سۈرتۈپ قويغىنىڭىز بىلەن ھايال ئۆتمەي يەنە پاسكىنا بولىدۇ. ئوچۇق – يورۇق، يۇمۇرلۇق روھىي كەيپىياتىڭىز ئۆيىڭىزنى پاكىز، رەتلىك قىلىۋېتەلمىسىمۇ، لېكىن سىزگە تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ گۈزەللىكىىنى ھېس قىلدۇرىدىغان ماكان ئاتا قىلىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ قالايمىقانچىلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىيادە ئېغىر چاغلىماسلىقىڭىزنى ھەمىشە سەمىڭىزگە سېلىپ تۇرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى