ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پاسسىپ ئېھتىياج (Negative Demand)

پاسسىپ ئېھتىياج (Negative Demand)

ۋاقتى: 2014-05-25 ئاۋاتلىقى: 504 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بېشى «بازارشۇناسلىق(marketing) ۋە بازارشۇناسلار(Marketers)» بۇ يەردە!

 

1. پاسسىپ ئېھتىياج (Negative Demand)


پاسىسپ ئېھتىياج بولسا بازاردىكى كۆپلىگەن خېرىدار مەلۇم مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى ياقتۇرمايدۇ، مەسىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۆپلىگەن ياشانغانلار ھەر خىل كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تاتلىق يېمەكلىك ۋە سېمىز گۆشنى يېمەيدىغان بولدى، يەنە مەسىلەن بەزى خېرىدار خەتەردىن قورقۇپ ئايروپىلانغا ئولتۇرمايدۇ، ياكى خىمىيىلىك زەھەرلىك بويۇمنىڭ بەدىنىگە زەخىم ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرەپ خىمىيىلىك توقۇلمىلىق كىيىمنى ئالمايدۇ. بازارشۇناسلىق باشقۇرۇشنىڭ ۋەزىپىسى بولسا كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىپ، شۇنداقلا نىشانلىق خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا يېڭىدىن مەھسۇلات لايىھەلەش، باھا بېكىتىش، تېخىمۇ ئاكتىپ بولغان بازارشۇناسلىقنى يۈرگۈزۈش، ياكى خېرىدارنىڭ مەلۇم بىر مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتكە بولغان ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش، مەسىلەن ياشانغانلار تاتلىق يېمەكلىكنى يېگەندە مېڭە قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، ئايروپىلاننىڭ ۋەقە چىقىش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى كىچىك ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش. پاسسىپ ئېھتىياجنى ئاكتىپ ئېھتىياجغا ئايلاندۇرۇش، بازارشۇناسلىقنى ئۆزگەرتىش دەپ ئاتىلىدۇ.


2.يوق ئېھتىياج (No Demand)


يوق ئېھتىياج بولسا نىشانلىق بازار خېرىدارى مەلۇم مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتكە قىزىقمايدۇ ياكى پەقەتلا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، مەسىلەن نۇرغۇنلىغان ئافرىقا دۆلەت ئاھالىسى ئەزەلدىن ئاياغ كىيمەيدۇ، ئاياغقا ئېھتىياجى يوق. بازارشۇناسلارنىڭ ۋەزىپىسى بولسا ئېھتىياج يارىتىش، ئۈنۈملۈك بولغان تېزلىتىپ سېتىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق، مەھسۇلات پايدىسى بىلەن  كىشىلەرنىڭ تەبىئىي ئېھتىياجىدىن شۇنداقلا قىزىقىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈش.


3.يوشۇرۇن ئېھتىياج(Latent Demand)


بۇ بولسا ھازىر بولغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان. مەسىلەن، ياشانغانلار ئۆسۈملۈك يۇقىرى ئاقسىلىغا، تۆۋەن  ئېھتىياجلىق خولېستېرىنلىق ساقلىق ساقلاش يېمەكلىكى، كۆركەم ئازادە كىيىمگە، بىخەتەر، ئازادە، ئەتراپلىق مۇلازىمەتكە ئىگە قاتناش قورالى قاتارلىقلارغا ئېھتىياجلىق، بىراق كۆپلىگەن كارخانا ياشانغانلارنىڭ ئېھتىياجغا تېخىچە كۆڭۈل بۆلمىگەن. كارخانا بازارشۇناسلىقىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا يوشۇرۇش بازار ئېھتىياجىنى توغرا مۆلچەرلەپ، ئۈنۈملۈك بولغان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى ئېچىش، يەنى بازارشۇناسلىقنى ئېچىش.


4. تۆۋەنلىگەن ئېھتىياج(Falling Demand)


بۇ بولسا نىشانلىق بازار خېرىدارلارنىڭ مەلۇم مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتكە بولغان  ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەھەر ئاھالىسىنىڭ شامالدۇرغۇچقا بولغان ئېھتىياجى تويۇنۇپ، ئېھتىياجى تۆۋەنلىگەن. بازارشۇناسلار خېرىدار ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلەش سەۋەبىنى چۈشىنىشى، ياكى مەھسۇلات ئالاھىدىلىكىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالاقە ئۇسۇلى بىلەن ئېھتىياجىنى قوزغىتىشى، يەنى يېڭىلىق يارىتىپ، يەنە بازارشۇناسلىق قىلىش، ياكى يېڭى نىشانلىق بازارنى ئىزدەپ، ئېھتىياج تۆۋەنلىگەن ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.



5. تەرتىپسىز ئېھتىياج(Irregular Demand)


نۇرغۇن كارخانىلار پەسىل، ئاي، ھەپتە، كۈن، ۋاقىت تەسىرى بىلەن مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دۇچ كەلگەن، ھالبۇكى بۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە مەھسۇلاتنىڭ بىكار تۇرۇشى ياكى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەسىلەن ئاممىۋىي قاتناش قورالى تەرەپتىن، توشۇش يۇقىرى پەللىگە يەتكەن چاغدا يېتىشمەي، يۇقىرى پەللە ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن بىكار تۇرۇشى. يەنە مەسىلەن ساياھەت گۈللەنگەن پەسىلدە مېھمانساراي قىس ياكى كەمچىل، ساياھەت سۇس پەسىلدە بولسا مېھمانساراي بوش. يەنە مەسىلەن بايرام ياكى ھەپتە ئاخىرى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە سودا سارايلار قىستاڭچىلىق، ئادەتتىكى كۈنلەردە بولسا خېرىدار ناھايىتى ئاز. بازارشۇناسلىقنىڭ ۋەزىپىسى بولسا جانلىق باھا بېكىتىش، تېزلىتىپ سېتىش شۇنداقلا باشقا ئاكتىپ ئۇسۇللار ئارقىلىق ۋاقىت شەكلىدىكى ئېھتىياجنى ئۆزگەرتىش، بۇ بولسا ماس قەدەملىك ئېھتىياج دەپ ئاتىلىدۇ.

 
6. يېتەرلىك ئېھتىياج(Full Demand)


بۇ بولسا مەلۇم مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىنىڭ ھازىرقى ئېھتىياج سەۋىيەسى بىلەن ۋاقىت ئارزۇ ئېھتىياجى ئوخشاش، بىراق ئىستېمالچى ئېھتىياجى ئاساسەن ئۆزگەرمەيدۇ، رىقابەت كۈچى كۈنسېرى كۈچىيىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كارخانا بازاشۇناسلىقىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا مەھسۇلات سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز ئىستېمالچىلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى مۆلچەرلەپ، ھازىرقى ئېھتىياجنى ساقلاش، بۇ "بازارشۇناسلىقنى ساقلاش"دەپ ئاتىلىدۇ.


7. ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياج(Verfull Demand)


بۇ بولسا بازاردىكى خېرىدارنىڭ مەلۇم مەھسۇلاتقا بولغان ئېھتىياجى كارخانىنىڭ تەمىنلەش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىپ، مەھسۇلاتنىڭ تەلەپنى قاندۇرالماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، نوپۇس سانى زىيادە كۆپ بولۇش سەۋەبىدىن ماددىي ئەشيا كەمچىل بولۇپ، قاتناش، بايلىق شۇنداقلا ئولتۇراق ئۆي قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ تەلەپنى قاندۇرۇلماسلىقى. كارخانا بازارشۇناسلىقنىڭ  ۋەزىپىسى بولسا تىجارەتنى يەڭگىللىتىپ، باھانى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تېزلىتىپ سېتىش ۋە مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەلەپنى ئازايىتقىلى بولىدۇ. كارخانىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولسا پايدىسى بىر قەدەر ئاز بولغان، مۇلازىمەت تەلەپ قىلىش مىقدارى كۆپ بولمىغان نىشانلىق خېرىدارنى بازارشۇناسلىق ئازايتىش نىشانى قىلسا بولىدۇ. بازارشۇناسلىق ئازايتىشنىڭ نىشانى بولسا ئېھتىياجغا توسقۇنلۇق قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، پەقەت ۋاقىتلىق ئېھتىياج سەۋىيەسىنى ئازلىتىش.


8. زىيانلىق ئېھتىياج(Unwholesome Demand)


بۇ بولسا ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن تاماكا، ھاراق، زەھەر، سېرىق كىتاب قاتارلىقلار. كارخانا تىجارەت  باشقۇرۇشىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا باھا ئۆرلىتىش، تەشۋىق قىلىش شۇنداقلا سېتىۋېلىش پۇرسىتىنى ئازلىتىش ياكى قانۇن ئارقىلىق سېتىشنى چەكلەش، بۇ بولسا قارشى بازارشۇناسلىق دەپ ئاتىلىدۇ. قارشى بازارشۇناسلىقنىڭ نىشانى بولسا ماس بولغان ئۇسۇللار ئارقىلىق زىيانلىق بولغان ئېھتىياجنى يوقىتىش.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى