ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خىزمەت ئورنىدىكى «ئىشارەت»نى توغرا چۈشىنىش

خىزمەت ئورنىدىكى «ئىشارەت»نى توغرا چۈشىنىش

ۋاقتى: 2016-06-23 ئاۋاتلىقى: 762 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«داۋىنچىنىڭ مەخپىي نومۇرى» ناملىق ئەسەر مەخپىي نومۇرنى يېشىشكە مۇناسىۋەتلىك نادىر ئەسەر بولۇپ، بىر چاغلاردا چوڭ ئېكرانلاردا كۆرسىتىلدى. خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز داۋىنچىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى يېشىشتەك ئۇنداق يۇقىرى ماھارەتكە مۇھتاج بولمىساقمۇ، لېكىن خىزمەت ئورنىدىكى "ئىشارەت"نى يېشىشتەك ماھارەتنى يېتىشتۈرۈش بىز ئۈچۈن يەنىلا زۆرۈردۇر. ئۇ بىزنىڭ ھېسسىي ئىقتىدارىمىزنىڭ بىر خىل ئىپادىسى، يەنى بىزنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولغان خىزمەت سەھنىلىرىگە ئىنتىلىشىمىزدە ھازىرلاشقا تېگىشلىك ساپادۇر.  

بىرىنچى ئىشارەت: سىزنى ماختىغانلىق سىزنى ئاگاھلاندۇرغانلىقتۇر
دىلبەر (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئالدىنقى يىلى ۋۇخەن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا بولغان رېخۇا گۇرۇھىدا ئىشقا چۈشتى. خىزمەتكە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئۇ ھەر قانداق يەردە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، يىللىق باھالاشتا، كەسپى نەتىجىسى ئۆزى بىلەن بىر قاراردا كىرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. ئۇ داۋاملىق باشلىقىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشەتتى: "سىزنىڭ ئىپادىڭىز ناھايىتى ياخشى." ئاران دېگەندە باشلىقىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان دىلبەر خۇشال بولۇپ خىزمەتنى تېخىمۇ بېرىلىپ ئىشلىدى. بەزىدە ئۆز قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، قىلچە ئىككىلەنمەستىن بىر گۇرۇپپىنىڭ خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالاتتى.
 بىر يىلدىن كېيىن، تارماقنىڭ مەسئۇلى باشقا ئورۇنغا يۆتكەلدى، دىلبەر كۆڭلىدە خىزمىتىم ئۆسىدىغان بولدى دەپ ئويلىغانىدى، ئەمما، كۈتە-كۈتە ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى. باشلىق ئۇنى ئويلاشماستىن، خىزمەت ئىقتىدارى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان بىر كەسىپدىشىنى ئۆستۈرگەنىدى.
دىلبەر بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتىپ بولالماي باشلىقىنى ئىزدىدى. كىم بىلسۇن باشلىق ئۇنىڭغا سەمىمىيلىك بىلەن: "بۇ خىزمەت ئورنىغا كوللېكتىپ ھەمكارلىقىغا ماھىر كىشىلەر كېرەك، سىز ئۆز ئىپادىڭىزگە بەكلا كۆڭۈل بۆلىدىكەنسىز." دەپ ئېيتقانىدى. دىلبەر ئەمدى بىلىپ يەتتىكى، باشلىقىنىڭ بۇرۇن ئۇنى "شەخسىي ئىپادىڭىز ئالاھىدە ئىكەن" دەپ ماختىغىنى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا كوللېكتىپ ھەمكارلىقىغا دىققەت قىلىش توغرىسىدا ئىشارەت بەرگىنى ئىكەن. ئاخىرىدا ئۇ بۇ قېتىملىق ئۆستۈرۈلۈشنى قاراپ تۇرۇپ قولدىن كەتكۈزۈپ قويدى. 
قانداق قىلغاندا بۇنداق ئىشارەتنى پەرق ئەتكىلى ۋە بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ؟ 
"ئەقىللىق خىزمەتچى باشلىقى بىرىنچى قېتىم بۇنداق گەپنى قىلغاندىلا، بۇنىڭ ئۆزىگە قىلغان ئەسكەرتىش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايدۇ!" بۇ خىل كۆڭۈلسىزلىكنى قايتا ئەسلەپ قايغۇرغاندىن كېيىن، دىلبەر باشلىقىنىڭ ھەر بىر ئېغىز گەپ سۆزىگە ناھايىتى دىققەت قىلىدىغان بولدى، ئۇ يەنە ئاستا-ئاستا باشلىقىنىڭ گېپىنىڭ يوشۇرۇن مەنىسىنى بېلەلەيدىغان بولدى. بىر قېتىم باشلىقى كاماندروپكىغا چىقىش ئالدىدا ئۇنىڭغا: "ھەممە ئىشلارنى سىزگە تاپشۇردۇم" دېدى. لېكىن دىلبەر سودا ھەققىدە سۆھبەتلەشكەندە ھەرگىزمۇ ئۆز ئالدىغا ھۆكۈم چىقارماي، ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئارقىلىق باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭدىن يوليورۇق ئېلىپ، ئاخىرىدا چوڭ بىر سودىنى پۈتۈشتى. باشلىقىمۇ بۇ سەۋەب بىلەن شىركەت تەرەپتىن باھالاندى.
 باھا: باشقىلارنىڭ دېگەن گېپىنىڭ توغرا گەپ ياكى تەنە گەپ، ئىشارەت ياكى ئوچۇق گەپ ئىكەنلىكىنى بىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا شۇكى، گەپ قىلغۇچىنىڭ دائىملىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ۋە ئىپادىلەش ئادىتىنى چۈشىنىش، بۇ ئارقىلىق تىل ئېپادىلىشىدە ئىشارەتنىڭ بار يوقلىقىنى بىلىۋېلىش كېرەك. دىلبەرنىڭ باشلىقى ئېنىقلا ئەگىتىپ گەپ قىلغۇچىدۇر. باشلىقنىڭ ئىپادىلەش ئادىتىنى بىلىش ئۈچۈن، كۆپ ئەستايىدىللىق بىلەن گېپىنىڭ ئىچىدىكى گەپنى چۈشىنىشىمىز كېرەك.


 ئىككىنچى ئىشارەت: سىزدىن سورىغىنى ئەمەلىيەتتە سىزگە ئىپادە بىلدۈرگۈزۈشتۇر
يۇنۇس (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) خىزمىتىنى ئالماشتۇرۇپ  بىر يېمەك-ئىچمەك شىركىتىنىڭ بازار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، شىركەتنىڭ خوجايىنى ئۇنى ناھايىتى ئەتىۋارلايتتى. خوجايىن  چىقىشقاق ئادەم بولۇپ، ئادەتتىمۇ خىزمەتچىلەر بىلەن ناھايىتى يېقىن ئۆتەتتى. ئۇ يۇنۇسنىڭ تىرىشچانلىق ۋە نەتىجىسىنى بەكمۇ ئېتىراپ قىلاتتى ھەمدە شىركەتتە كۆپ قېتىم يۇنۇسنى ماختاپ ئۇنىڭ ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇش ئىستىكىنى ئويغاتقانىدى.  
شىركەت ئۇيۇشتۇرغان بىر قېتىملىق سودىگەرلەر يىغىنىدا، مەلۇم بىر سودىگەر شىركەت خوجايىنىغا بازار كېڭەيتىش مەبلىغىنى كۆپەيتىشنى، تېلېۋىزور ئېلان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشنى، شۇنداق قىلغاندىلا سودىگەرلەرنىڭ بازار سېتىقچىلىقىنى ئىلگىرىلىتىشىگە ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. خوجايىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن بىر نەچچە سېكونت سۈكۈتكە چۆكۈپ مۇنداق دېدى: "سىزنىڭ پىكرىڭىزنى قوللايمەن. بازار سالمىقىنى كۈچەيتىش ياخشى ئىش، لېكىن بىز ئىچكى قىسىم ئىچىدە يەنە مۇزاكىرە قىلىپ باقايلى." دېدى، ئارقىدىنلا، يۇنۇسغا قاراپ ئۇنىڭ پىكرىنى سورىدى. يۇنۇس شۇ ۋاقىتتىلا، شۇ سودىگەرنىڭ كۆز قارىشى بويىچە، ئېلان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
ئىشارەتنى پەرقلەندۈرۈشتە ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاش بەكمۇ زۆرۈردۇر.
ئۇ چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، تۆۋەندە ئولتۇرغان كۆپلىگەن سودىگەرلەر ئۇنىڭ پىكىرىگە قوشۇلۇپ، بازار ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا سۆزلەپلا كەتتى. ئەگەر شىركەت ئېلان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمىسە، ئۇلار سېتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ئامالسىز قالاتتى. سودىگەرلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا، شىركەت خوجايىنى ئامالسىز ھالدا، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا بىرىنچى پەسىللىك ئېلان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش چىقىمىنى بىر مىليون قىلىپ بېكىتتى.
يىغىندىن كېيىن، خوجايىن ئاچچىقلانغان ھالدا يۇنۇسنى يېرىم سائەتچە ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى چۈشەنمەي، ئەكسىچە ئىش قىلغانلىقىغا خاپا بولدى. يۇنۇس شۇنى چۈشىنىپ يەتتىكى، بايىقى يىغىندا، خوجايىننىڭ ئاتالمىش "قوشۇلۇشى" يالغان گەپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى پىكىرى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىدى. خوجايىن يۇنۇسنىڭ ئۆز ئىشارىتىنى توغرا چۈشىنىپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە ۋاكالىتەن سودىگەرلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان تەلىپىنى رەت قىلىشىنى ئۈمۈد قىلغانىدى. 
باھا: تىل ئىپادىلەشنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتى پەقەت مەنىسىنى چۈشىنىش بولۇپلا قالماستىن، يەنە بايان قىلغۇچىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مۇھىتى ۋە پىكىر قىلىش نۇقتىسىنى چۈشىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئوخشاش بىر ئېغىز گەپ، گەپ قىلغۇچىنىڭ تۇرۇشلۇق مۇھىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن تۈتۈنلەي ئوخشىمىغان مەنا ئىپادىلىشى مۇمكىن. خوجايىننىڭ مەۋقەسى بولسا قول ئاستىدىكىلەرنى خاتىرجەم قىلىپ، ئەڭ يۇقىرى پايدىغا ئېرىشىش. ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ كاللا ئىشلەتكەندە، كۆپ خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 

ئۈچىنچى ئىشارەت: سىزگە پىكىر بەرگىنى ئەمەلىيەتتە سىزنى ئىنكار قىلغىنىدۇر
خىزمەت ئورنىدىكى ئىشارەت پەقەت يۇقىرى تۆۋەن دەرىجىلىكلەر ئوتتۇرىسىدىلا بولماستىن، خىزمەتداشلار ئارىسىدىمۇ بولىدۇ.
تاھىر (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مەلۇم بىر شىركەتنىڭ بازار بۆلۈمىدە پىلانلىغۇچى بولۇپ ئىشلەيتتى. ئالدىنقى ھەپتە، ئۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزى ئىجادى تەپەككۇرغا مول دەپ قارىغان بىر پىلان-لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، يىغىن  ئېچىپ باشلىققا دوكلات قىلىشتىن بۇرۇن، خىزمەتداشلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. "قارىماققا  ياخشى تۈزۈلگەندەك قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى سوراپ باقسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولامدىكىن؟"
ئۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن  ئىشقا چۈشكەن بۇ خىزمەتدىشىنىڭ گېپى ئۇنىڭغا ئۈمىد ئاتا قىلغانىدى، ئۇ ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا باشقا خىزمەتداشلىرىدىن سورىدى. لېكىن ئۇ باشقا بىر كىشىنىڭمۇ ئالدىنقىغا ئوخشاش گەپ قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۇ ئۆز كۆڭلىدە، ھەممىسى مېنى قوللىدى دەپ ئويلىدى.
سىز بىلەن ھەقىقىي سىردىشالايدىغان ئادەمنى تېپىپ چىقىپ پىكىرلىشىڭ.
كىم بىلسۇن، باشلىق كېلىپ يىغىن ئاچقاندا، ئۇنىڭ بەرگىنى گۇمانلىق نەزەر ۋە يالغان كۈلكە بولدى. ئۇ گاڭگىرىغان ھالدا، باشقا بۆلۈمدىكى سىردىشالايدىغان خىزمەتدىشىنى تېپىپ پاراڭلاشتى. خىزمەتدىشى ئۇنىڭغا: "باشقىلارنىڭ ئۇنداق دېيىشى پەقەت سىزنىڭ ئاكتىپچانلىقىڭىزغا سوغۇق سۇ سەپمەسلىك ئۈچۈن، سىز راستلا ئۇلارنىڭ پىكىرىنى بىر بىرلەپ سوراپ چىقتىڭىزمۇ؟" خىزمەتدىشى ئۇنىڭغا يېڭىدىن بىر پىلان-لايىھەسى تۈزۈپ چىقىشنى، باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلەشكەندە، پەقەت ئۆزىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.                                             
باھا: بەزىدە خىزمەتداشلار ئۆز ئارا پىكىرلەشكەندە، يۈز-ئابرۇي ۋە خىزمەتداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەسىرىدە ئوخشاشلا ئاڭلاپ تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان ئىشارەت سۆزلىرىنى ئىشلىتىدۇ. ئەڭ ياخشى ئامال شۇكى، سىز بىلەن ھەقىقىي سىردىشالايدىغان ئادەم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇڭ، ياكى بولمىسا، سىز بىلەن پايدا مەنپەئەت ئىختىلاپى بولمىغان پېشقەدەملەردىن ئەقىل سوراڭ، ئۆزىڭىزنى تۆۋەن تۇتۇپ ئىش بېجىرىڭ، ئوخشاش كەسىپتىكى باشقا شىركەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەرلىرى بىلەن كۆپ پىكىر ئالماشتۇرۇڭ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى