ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
قانۇن-ساۋاتلار - دىكى يازمىلار
  • «مۇئەللىم» ئىككىنچى ئەۋلاد ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى (A8)

    ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 813 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 5
    ئىنگلىز تىلى، ئەدەبىيات، خەنزۇ تىلى دەرسلىكلىرىنى چەكمە ئوقۇتۇش، لۇغەت ئىزدەش، سىن دەرسخانا، يانداش دەرسخانا، ھېسسىيات-ئەقىل سىنىقى ئىقتىدارىغا ئىگە.    مەھسۇلات تونۇشتۇرۇلۇشى :   تىپى: A8   ئېكران چوڭلۇقى: 800x480 چىكىت، 9 دىيۇم 260 مىڭ رەڭلىك TFT رەڭلىك سىزىمچان ئېكران   كۆرسىتىش دائىرىسى: 35 قۇر (ھەر قۇردا 65 خەنزۇچە خەت)   كۇنۇپكا سانى: 76 دانە، كومپيۇتېر ئۆلچەملىك كۇنۇپكا تاختىسى، قەلەم بىلەن خەت كىرگۈزگىلى بولىدۇ.   ئېغىرلىقى: 500 گىرام   لۇغەت سىغىمچانلىقى: 8192 مىگابايت (8G)   كېڭەيتمە سىغىم كارتىسى:  32G غىچە TF كارتىسىنى قوللايدۇ.   لۇغەت چوڭ-كىچىكلىگى: 235mm x 165mm x 25mm   باتارىيە: 1650mAh، توك قاچىلىغىلى بولىدىغان لېتىي باتارىيە ئىشلىتىلگەن.   ئۇلىنىش شەكلى: USB ...
  • كىم ئەمگەك كۈچى شەكلىدە ئەۋەتىلگەن خادىملارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلىرىنى تاپشۇرىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-14 ئاۋاتلىقى: 630 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    كىم ئەمگەك كۈچى شەكلىدە ئەۋەتىلگەن خادىملارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلىرىنى تاپشۇرىدۇ؟
    جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش كېلىشىمىدە ئەۋەتىلگەن خادىملارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنىڭ سوممىسى ۋە تۆلەش شەكلى، ھەم شۇنداقلا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتى بېكىتىلىشى كېرەك.
    كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قايسى تەرەپنىڭ ئەمگەك كۈچى شەكلىدە ئەۋەتىلگە خادىملارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلىرىنى تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكەن شىركەت بىلەن ئەمەلىي ئادەم ئىشلەتكەن شىركەت مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىدۇ. لېكىن قانداق كېلىشىشىدىن قەتئىينەزەر، مەيلى ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش ئىدارىسى ياكى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بولسۇن، چوقۇم ئەمگەك كۈچى شەكلىدە ئەۋەتىلگەن خادىملارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك، ئۆزئارا ئىتتىرىشىپ ئەمگەك ...
  • ئاللىبۇرۇن ئىستىپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشىتىشنىڭ خەتىرى بارمۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-14 ئاۋاتلىقى: 809 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2

     ئاللىبۇرۇن ئىستىپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشىتىشنىڭ خەتىرى بارمۇ؟

     

    ئالىم (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مەلۇم شىركەتنىڭ بازار بۆلۈمىنىڭ كەسپ بىجىرگۈچىسى ئىدى، يېقىندا، شىركەت ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، كەسپ مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتتى، ئۇ شىركەتكە ئىستىپا بېرىش ئىلتىماسى سۇندى. شىركەت ئالىمنىڭ ئىستىپا ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى ھەمدە ئۇنىڭدىن 30 كۈن ئىچىدە شىركەتكە ماسلىشىپ ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى، 30 كۈن توشقاندىن كېيىن شىركەتتىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلدى. خىزمەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتى بىجىرىش جەريانىدا، شىركەت ئالىمنىڭ خىزمەتتىكى ۋاقتىدا كاماندىروپكا ھەققىنى ساختا دوكلات قىلىش ۋە باشقا مالىيە تۈزۈمىدىن قېچىش ئەھۋاللىرى بارلىقىنى بايقىدى. شىركەت «شىركەتنىڭ مالىيە تۈزۈمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» سەۋەبى بىلەن ئالىمنى ئىشتىن بوش...

  • ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئىقتىساد سەۋەبلىك ئادەم قىسقارتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغاندا، قايسى خادىملارنى ھەممىدىن ئاۋۋال ئېلىپ قېلىپ داۋاملىق ئىشلىتىشى كېرەك؟

    ۋاقتى: 2015-09-10 ئاۋاتلىقى: 484 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئىقتىساد سەۋەبلىك ئادەم قىسقارتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغاندا، قايسى خادىملارنى ھەممىدىن ئاۋۋال ئېلىپ قېلىپ داۋاملىق ئىشلىتىشى كېرەك؟

     

    جاۋاب: ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئادەم قىسقارتقاندا، تۆۋەندىكى خادىملارنى ھەممىدىن ئاۋۋال ئېلىپ قېلىپ داۋاملىق ئىشلىتىشى كېرەك:
    1.مۇشۇ ئىدارە بىلەن مۇددىتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولغان مۇقىم مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزگەنلەر؛
    2.مۇشۇ ئىدارە بىلەن مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزگەنلەر؛
    3.ئائىلىسىدە باشقا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق، بېقىشقا ئېھتىياجلىق ياشانغانلار ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بار بولغانلار.

     

    ئەلۋەتتە، «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىمۇ مۇكەممەل ئەمەس. مەسىلەن، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئادەم قىسقارتقاندا، ھەممىدىن ئاۋۋال ئېلىپ قېلىپ داۋاملىق ئىشلىتىشى كېر...

  • مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى

    ۋاقتى: 2015-09-09 ئاۋاتلىقى: 589 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى «ئىككىنچى، تەدبىر قوللىنىپ، سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى ساقلاش كېرەك» بۇ يەردە!

     

     4 §. مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى


    1. مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر قانۇنىي جاۋابكارلىقنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ شەرتى ۋە دائىرىسى


    1. مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر قانۇنىي جاۋابكارلىقنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ شەرتلىرى


    مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر قانۇنىي جاۋابكارلىقنىڭ شەكىللىنىشىدە بولۇشقا تېگىشلىك مۇھىم ئۈچ شەرت تۆۋەندىكىچە:


    1. مەھسۇلات سۈپىتى تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان ياكى ساتقان بولۇش، يەنى مەھسۇلات سۈپىتى دۆلەت ئېلان قىلغان بىخەتەرلىك، تازىل...

  • بىكارلىق پايدا نەدە بار؟

    ۋاقتى: 2015-09-09 ئاۋاتلىقى: 487 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ساۋۇتاخۇن دەم ئېلىشقا چىققان ئوقۇتقۇچى بولۇپ، يېقىندا مەكىت ناھىيە بازىرىدىكى بىر بانكىدىن 4500 يۈەن ئېلىپ، قايتىۋاتقاندا بىر ياش ئۇنىڭغا سالام قىلدى.
      − ئاكا، قۇرۇلۇش بانكىسى نەدە؟ − بىلمەيدىكەنمەن، −− دېدى ئۇ يىگىتكە سالام قايتۇرغاچ.  − بىلمىگىنىڭىزمۇ ياخشى بولدى، بىلگەن بولسىڭىز كۆرسىتىپ قويۇڭ دەپ ئاۋارە قىلاركەنمەن، − دېدى يىگىت ۋە يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يەنە بىر ياشقا بۇرۇلدى. − ئاداش قۇرۇلۇش بانكىسى نەدە، ياۋرو تېگىشەتتىم؟  − مەكىتتە قۇرۇلۇش بانكىسى يوق، تېگىشىدىغان ياۋرونى ئېلىڭلار كۆرۈپ باقاي، كېلىشىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس، − دېدى يەنە بىر ياش. ھېلىقى يىگىت سومكىسىدىن سەككىز ۋاراق چەتئەل پۇلىنى چىقاردى. − بۇ 800 ياۋرو، 10 مىڭ كويغا تېگىشىمەن. ئۇ ئىككىسى تالىشىپ يۈرۈپ، ...
  • شىركەتنىڭ قائىدە-تۈزۈمىگە يېنىك دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا، ئىشتىن بوشىتىۋەتسە بولامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-08 ئاۋاتلىقى: 590 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     شىركەتنىڭ قائىدە-تۈزۈمىگە يېنىك دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا، ئىشتىن بوشىتىۋەتسە بولامدۇ؟

     

    جاۋاب: چىمەن 5 ئاي بۇرۇن بىر چەتئەل كارخانىسىنىڭ شىركىتىگە بېرىپ ئىشلىگەن ئىدى، مەجبۇرىيىتى ئالدى سۇپىدا تېلېفون ئېلىش ۋە كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىش ئىدى.

     

    دېرىكتور ئۇنى ئەيىبلەپ، «خىزمەت ۋاقتىدا ژۇرنال كۆرۈپسىز، بۇ شىركەتنىڭ تۈزۈمىگە خىلاپ» دېدى. بىر ئايدىن كېيىن چىمەن خىزمەت ۋاقتىدا ژۇرنال كۆردى دېگەن سەۋەب بىلەن چىمەن بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلدى. شىركەتنىڭ بۇنداق قىلىشى توغرىمۇ؟

     

    «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، پەقەت ئەمگەكچى ئەمگەن ئىنتىزامى ياكى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ تۈزۈمىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ئەھۋالدىلا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ..

    <...
  • ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە ئىستىپا بېرىش ھوقۇقى بارمۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-06 ئاۋاتلىقى: 456 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە ئىستىپا بېرىش ھوقۇقى بارمۇ؟


    جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 37-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئەمگەكچى مۇددەتتىن 30 كۈن بۇرۇن يازما شەكىلدە ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنغا ئۇقتۇرۇش قىلسا، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

     

    بۇ يەردە، ئەمگەكچىنىڭ ئەقىلغا مۇۋاپىق سەۋەبى بولۇشى كېرەكمۇ-يوق دېگەن مەسىلە توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە يوق. يەنى، بۇ بەلگىلىمە ئەمگەك توختام قانۇنىدىكى ئۆز خاھىشى بويىچە ئىستىپا بېرىش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، پەقەت مۇددەتتىن 30 كۈن بۇرۇن يازما شەكىلدە ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنغا ئۇقتۇرۇش قىلسىلا، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر ئەمگەكچى خۇسۇسىي سەۋەب بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىپ، ئەمگەك توختامىدىكى مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلسا، كېلىشىمگە خىلاپلىق قىل...

  • سىناق مۇددىتىدە، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن خالىغانچە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-06 ئاۋاتلىقى: 445 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    سىناق مۇددىتىدە، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن خالىغانچە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟

     

    جاۋاب: سىناق مەزگىلىدە، ئەمگەكچىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرەرسى كۆرۈلمىسە، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ:


    (1)سىناق مەزگىلىدە قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىش شەرتىگە توشمايدىغانلىقى ئىسپاتلانسا؛
    (2)ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ قائىدە-نىزاملىرىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلسا؛
    (3)خىزمەتتە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، شەخسىيەتچىلىك قىلىپ كۆز بويامچىلىق قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنغا ئېغىر زىيان سالسا؛
    (4)ئەمگەكچى بىرلا ۋاقىتتا باشقا ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، مەزكۇر ئىدارىدىكى خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزسە، ياكى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن تۈزىتىشنى ر...

  • مائاش تارقاتمىغان ئورۇنلار تۆلەش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا قانداق قىلىش كېرەك؟

    ۋاقتى: 2015-09-06 ئاۋاتلىقى: 613 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    مائاش تارقاتمىغان ئورۇنلار تۆلەش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا قانداق قىلىش كېرەك؟

     

    جاۋاب: ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن: قەرزدار تۆلەش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى 15 كۈن ئىچىدە قەرزىنى تۆلەپ بولۇشى كېرەك، ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە يازما پىكىر سۇنۇشى كېرەك.

     

    خەلق سوت مەھكىمىسى قەرزدار سۇنغان پىكىرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ھەيدەكچىلىك قىلىش تەرتىپىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلىشى، تۆلەش بۇيرۇقى ئۆزلىكىدىن ئەمەلدىن قېلىشى كېرەك. بۇ چاغدا، تۆلەش بۇيرۇقى ئارقىلىق قەرز قايتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش تەرتىپى تولۇق ئاخىرلىشىدۇ، ھەقدار پەقەت سوتقا باشقىدىن ئەرز سۇنۇش ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىيالايدۇ.

     

    «يازما پىكىر»نىڭ مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىگە قارىتا سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈش...

  • شىنجاڭدا 2014-يىلىدىن باشلاپ يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يىللىق تەكشۈرۈتۈشىنى ۋاقىتلىق توختىتىدۇ

    ۋاقتى: 2015-09-04 ئاۋاتلىقى: 433 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    شىنجاڭدا 2014-يىلىدىن باشلاپ يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يىللىق تەكشۈرۈتۈشىنى ۋاقىتلىق توختىتىدۇ
    ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسى «يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يىللىق تەكشۈرۈتۈش خىزمىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا، 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يىللىق تەكشۈرۈتۈش خىزمىتى ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ دەپ بەلگىلەندى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى (گوۋۇيۈەن) دائىمىي ئىشلار يىغىنىنىڭ قارارىدىن ئۆتكەن سودا-سانائەت تىزىملاش تۈزۈمىدىكى ئىسلاھات پىلانىنىڭ روھىغا ئاساسەن، دۆلەتلىك سودا-سانائەت باش ئىدارىسى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى (ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى. ت) يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يىللىق...
  • ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش توختامىنى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا قانچە يىللىق تۈزىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-03 ئاۋاتلىقى: 566 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش توختامىنى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا قانچە يىللىق تۈزىدۇ؟
    جاۋاب: ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىلگەن ئىدارە ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچى بىلەن ئىككى يىلدىن يۇقىرى مۇقىم مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈپ، ھەر ئايدا ئەمگەك ھەققى بېرىشى كېرەك. ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىگە خىزمەت يوق ۋاقىتتا، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىلگەن ئىدارە تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە ئۇنىڭغا ھەر ئايدا ھەق بېرىشى كېرەك.
    ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىلگەن ئىدارە ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش كېلىشىمى بويىچە ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىگە بېرىدىغان ئەمگەك ھەققىنى تۇتۇپ قالسا بولمايدۇ. بۇ ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنغا تەسىرى بىرقەدەر چوڭ بولغان ئۆزگىرىشلەردىن بىرى.
    بۇنىڭدىن سىرت، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىلگەن ئىدارە ۋە ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىدىن ھەق ئالسا بولمايدۇ.  ...
  • شىركەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تىزىملاش

    ۋاقتى: 2015-09-02 ئاۋاتلىقى: 639 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بېشى «پايچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشى» بۇ يەردە!
    4. شىركەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تىزىملاش
    پايچىلارنىڭ بارلىق مەبلىغىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەبلەغ تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تەكشۈرگەندىن كېيىن، بارلىق پايچىلار بەلگىلەنگەن ۋەكىل ياكى ئورتاق ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچى شىركەتنى تىزىملاش ئورگىنىغا شىركەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ ۋە شىركەتنىڭ تىزىملىتىش ئىلتىماسى، شىركەتنىڭ نىزامنامىسى، مەبلەغنى تەكشۈرۈش ئىسپاتى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تاپشۇرىدۇ.
    قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقلىتىشىغا تېگىشلىك دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغاندا، تەستىق ھۆججىتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
    شىركەتنى تىزىملاش ئورگىنى«شىركەت قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇ...
  • «ئەمگەك توختامى قانۇنى»: ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلار ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى تۆلەشكە تېگىشلىك 21 خىل ئەھۋال

    ۋاقتى: 2015-09-02 ئاۋاتلىقى: 677 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1

     «ئەمگەك توختامى قانۇنى»: ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلار ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى تۆلەشكە تېگىشلىك 21 خىل ئەھۋال

     

    تۆۋەندىكى مەزموننى مەن يېقىندا ئېلان قىلىنغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى»(2008-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يۈرگۈزۈلىدۇ) قاتارلىق قانۇنلارنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ۋە ئۆگىنىشى ئۈچۈن رەتلەپ چىققان (ئەگەر خاتالىق بولسا، ئېغىر كۆرمەي تۈزىتىپ قويارسىلەر):

     

    بىرىنچى. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلار ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى تۆلەشكە تېگىشلىك 21 خىل ئەھۋال


    (بىرىنچى) ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى تۆلەشكە تېگىشلىك 9 خىل ئەھۋال:


    1. ئادەم ...

  • ئەمگەك توختامىنى چوقۇم ئىدارە ساقلىشى كېرەكمۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-01 ئاۋاتلىقى: 474 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئەمگەك توختامىنى چوقۇم ئىدارە ساقلىشى كېرەكمۇ؟

     

    جاۋاب: قانۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەمگەك توختامىنى ئەسلىدە ئىدارە بىلەن ئەمگەكچى ئىككىسى بىر نۇسخىدىن ساقلىشى كېرەك. شۇڭا، ئەمگەك توختامىنىڭ يازما ھۆججىتى ئاز دېگەندە ئىككى نۇسخا بولۇشى كېرەك.

     

    نۆۋەتتە بەزى ئىدارىلەر ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئەمگەك توختامىنى يىغىۋېلىپ بىر تۇتاش ساقلايدۇ، بۇ قانۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس.

     

    ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن تەمىنلىگەن ئەمگەك توختامىنىڭ ھۆججىتىگە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەمگەك توختامىدا ھازىرلىنىشقا تېگىشلىك ماددىلار ئېنىق يېزىلمىغان بولسا، ياكى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنىڭ يازما ھۆججىتىنى ئەمگەكچىگە تاپشۇرۇپ بەرمىگەن بولسا، ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئەم...

  • ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن قانداق تەرتىپ بىلەن ئىقتىساد سەۋەبلىك ئادەم قىسقارتىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-01 ئاۋاتلىقى: 524 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن قانداق تەرتىپ بىلەن ئىقتىساد سەۋەبلىك ئادەم قىسقارتىدۇ؟

     

    جاۋاب: 1.ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن مۇددەتتىن 30 كۈن بۇرۇن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ياكى بارلىق خىزمەتچىلەرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرىدۇ؛
    2.ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى خىزمەتچىلەرنىڭ پىكرىنى تىڭشايدۇ؛
    3.ئادەم قىسقارتىش لايىھەسىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرىغا دوكلات قىلىدۇ.
     

    ...
  • 9. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنى قوشۇۋېتىش، ئايرىش ۋە تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش

    ۋاقتى: 2015-08-30 ئاۋاتلىقى: 727 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بېشى «چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مالىيەسى، بوغالتىرلىقى» بۇ يەردە!
    9. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنى قوشۇۋېتىش، ئايرىش ۋە تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش
    1. قوشۇۋېتىش شەكلى
    شىركەتلەرنى قوشۇۋېتىش قوبۇل قىلىپ قوشۇۋېتىش ۋە يېڭىدىن قۇرۇپ قوشۇۋېتىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
    بىر شىركەت باشقا شىركەتنى قوبۇل قىلسا، بۇ قوبۇل قىلىپ قوشۇۋېتىش بولىدۇ، قوبۇل قىلىنغان شىركەت تارقىتىۋېتىلىدۇ. ئىككىدىن ئارتۇق شىركەت قوشۇلۇپ بىر يېڭى شىركەتنى قۇرغان بولسا، بۇ يېڭىدىن قۇرۇپ قوشۇۋېتىش بولىدۇ. قوشۇۋېتىلگەن ھەرقايسى تەرەپلەر تارقىتىۋېتىلىدۇ.
    2. قوشۇۋېتىش ۋە ئايرىشىنىڭ تەرتىپى
    شىركەتلەرنى قوشۇۋېتىش ياكى ئايرىشتا، شىركەتنىڭ پ...
  • كېلەر يىلى پېنسىيەگە چىقماقچى، «ئەمگەك توختام قانۇنى»نى ئىشلىتىپ ھوقۇقىنى قوغدىسا بولامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-08-30 ئاۋاتلىقى: 561 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1

     كېلەر يىلى پېنسىيەگە چىقماقچى، «ئەمگەك توختام قانۇنى»نى ئىشلىتىپ ھوقۇقىنى قوغدىسا بولامدۇ؟

     

    جاۋاب: ئوقۇرمەن ئەركىن گېزىتىمىزگە خەت يېزىپ مۇنداق دېدى: ئۇ بىر كەسپى ئورۇندا 30 يىلغا يېقىن ئىشلەپتۇ، ئىدارىسى ئىزچىل ئۇنىڭ بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزمەپتۇ، ھېچقاندا سۇغۇرتىمۇ ئېلىپ بەرمەپتۇ(ئىدارىسى ئۇنى شتاتلىق ئەمەس دەپتۇ). كېلەر يىلى ئەركىن پېنسىيەگە چىقىدىكەن، ئۇ «ئەمگەك توختام قانۇنى»نى ئىشلىتىپ ھوقۇقىنى قوغدىيالامدۇ؟


    ئەركىننىڭدەك بۇنداق ئەھۋالدا «ئەمگەك توختام قانۇنى»غا تەدبىقلىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى قانۇن ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئىشلارنى چەكلىيەلمەيدۇ دېگەن پىرىنسىپقا ئاساسەن، «ئەمگەك توختام قانۇنى» پەقەت كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئەمگەك توختامىغا ياكى قۇرۇلغان ئەمگەك مۇناسىۋىتىگە تەدبىقلىنىدۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇنلا ئىجرا قىل...

  • ئەمگەكچى كېسىم قىلىشقا ئىلتىماس قىلسا ياكى دەۋالاشسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياردەم قىلالامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-08-29 ئاۋاتلىقى: 528 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئەمگەكچى كېسىم قىلىشقا ئىلتىماس قىلسا ياكى دەۋالاشسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياردەم قىلالامدۇ؟
    جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇن بويىچە ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئىدارىنىڭ ئەمگەك توختامى، كوللېكتىپ توختامنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ. شۇڭا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇننىڭ قانۇن بويىچە ئەمگەك توختامى، كوللېكتىپ توختامنى ئىجرا قىلىشىدا نازارەت قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.
    ئەگەر ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئەمگەك قانۇنى، نىزام ۋە ئەمگەك توختامى، كوللېكتىپ توختاملارغا خىلاپلىق قىلسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ياكى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئەگەر ئەمگەكچى ئەمگەك توختامى سەۋەبلىك كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، ئەرز قىلسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يەنە قانۇن بويىچە قوللايدۇ...
  • ئەمگەكچىلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ھامان ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىۋەتسە بولامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-08-28 ئاۋاتلىقى: 568 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئەمگەكچىلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ھامان ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىۋەتسە بولامدۇ؟

     

    جاۋاب: ئەمگەك توختام قانۇنىنىڭ 38-ماددىسىدا ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلار زورلاش، تەھدىت سېلىش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئەمگەكچىلەرنى ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلىسا، ياكى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلار قائىدىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش، خەتەرلىك مەشغۇلات قىلىشقا مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئەمگەكچىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزسە، ئەمگەكچىلەر دەرھال ئەمگەك توختمامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ، ئىشتىن بۇرۇن ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنغا دەپ قويۇشى بىھاجەت.

     

    بۇ ماددا ئەمگەكچىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشنى رەت قىلىش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئەمگەكچىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش، قائىدىگە خىلاپ باشقۇرۇلۇش، خەتەرلى...

  • مۇلازىمەت مۇددىتىنىڭ يىل چېكىنى قانداق بېكىتىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-08-27 ئاۋاتلىقى: 555 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    مۇلازىمەت مۇددىتىنىڭ يىل چېكىنى قانداق بېكىتىدۇ؟

     

    جاۋاب: تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلغان خىزمەتچىلەرنىڭ مۇلازىمەت مۇددىتىنىڭ يىل چېكىنى ئىمزالاش توغرىسىدا، «ئەمگەك توختام قانۇنى»دا كونكرېت بەلگىلىمە يوق، مۇلازىمەت مۇددىتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى ئەمگەك توختامىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىدۇ دەپ چۈشىنىش كېرەك. لېكىن، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ مۇلازىمەت مۇددىتىنىڭ يىل چېكىنى بېكىتكەندە ئىككى نۇقتىغا رىئايە قىلىشى كېرەك: بىرىنچى، ئادىل، مۇۋاپىق بولۇش پىرىنسىپىنى گەۋىلەندۈرۈشى كېرەك، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانسا بولمايدۇ؛ ئىككىنچى، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن كېلىشكەن مۇلازىمەت مۇددىتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن مائاش تەڭشەش مېخانىزمىغا ئاساسەن ئەمگەكچىنىڭ ...

  • ئىدارە خىزمەتچى بىلەن «خىزمەت نەتىجىسى ياخشى بولمىسا ئەمگەك توختامى ئاخىرلىشىدۇ» دەپ كېلىشكەن بولسا، بۇ كېىشىم كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-08-27 ئاۋاتلىقى: 461 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئىدارە خىزمەتچى بىلەن «خىزمەت نەتىجىسى ياخشى بولمىسا ئەمگەك توختامى ئاخىرلىشىدۇ» دەپ كېلىشكەن بولسا، بۇ كېىشىم كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟

     

    جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەمگەك توختامى چوقۇم قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت ئاستىدىلا ئاخىرلىشىدۇ، ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان شەرتنى ئىككى تەرەپ ئەركىن كېلىشىۋالسا بولمايدۇ.

     

    لېكىن ھازىر يەنىا كۈچكە ئىگە بولۇۋاتقان «ئەمگەك قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەمگەك توختامىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىككى تەرەپ ئاخىرلاشتۇرىدىغان شەرتنى ئۆز ئالدىغا كېلىشسە بولىدۇ، لېكىن كېيىنكى قانۇن بۇرۇنقى قانۇندىن ئەۋزەل بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، «ئەمگەك توختام قانۇنى» كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، «ئەمگەك قانۇنى»نىڭ يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىسى تەبىئىيلا كۈچتىن قالىدۇ.

    ...
  • ئەمگەكچى كېسەل بولۇپ ساقايغاندىن كېيىن خىزمەت قىلالمىسا، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا تولۇقلىما بېرەمدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-08-27 ئاۋاتلىقى: 427 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئەمگەكچى كېسەل بولۇپ ساقايغاندىن كېيىن خىزمەت قىلالمىسا، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا تولۇقلىما بېرەمدۇ؟

     

    جاۋاب: ئەمگەكچى كېسەل بولۇپ ياكى خىزمەتتىن باشقا سەۋەب بىلەن يارىلىنىپ، بەلگىلەنگەن داۋالىنىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئەسلىدىكى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنالمىسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن باشقىدىن ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنالمىسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن مۇددەتتىن 30 كۈن بۇرۇن يازما شەكىلدە ئەمگەكچىنىڭ ئۆزىگە ئۇقتۇرغاندىن كېيىن ياكى ئەمگەكچىگە بىر ئايلىق مائاشنى ئارتۇق بەرگەندىن كېيىن، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

     

    ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن داۋالىنىش مۇددىتىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تولۇق ئىگەللىشى كېرەك، بولمىسا، بىر كۈننى كەم ھېسابلاپ قويسىمۇ قانۇنغا خىلاپ ھالدا توختامنى بىكار قىلغان دەپ قارىلىپ، ئىقتىسادىي ...

  • «ئەمگەك قانۇنى» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «ئەمگەك توختام قانۇنى» بەلگىلىگەن چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك ماددىلارغا قايسى مەزمۇنلار قوشۇلدى؟

    ۋاقتى: 2015-08-25 ئاۋاتلىقى: 359 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 3

     «ئەمگەك قانۇنى» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «ئەمگەك توختام قانۇنى» بەلگىلىگەن چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك ماددىلارغا قايسى مەزمۇنلار قوشۇلدى؟

     

    «ئەمگەك توختام قانۇنى» بەلگىلىگەن چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك ماددىلارغا «ئەمگەك قانۇنى» بىلەن سېلىشتۇرغاندا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار قوشۇلدى:

    ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ ئىسمى، ئادرىسى ۋە قانۇنى ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلى، ئەمگەكچىنىڭ ئىسمى، ئادرىسى ۋە ئاھالىلەر سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا كۈچكە ئىگە سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى قاتارلىق ماددىلار قوشۇلدى. بۇ مەزمۇنلار ئەمگەك مۇناسىۋىتىدىكى ئىككى تەرەپ ئاساسى گەۋدىسىنىڭ ئاساسى ئەھۋالى، ئەمگەك توختامىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.

     

    خىزمەت ئورنى ماددىسى قوشۇلدى. سەۋەبى ئەمەلىيەتتە ئەمگەكچىنىڭ خىزمەت قىلىدىغان ئورنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئادرىسى بىلە...

  • ئىدارە «ئىشتىن بوشاتماقچى» بولسا چوقۇم ئالدى بىلەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەكمۇ؟

    ۋاقتى: 2015-08-24 ئاۋاتلىقى: 493 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئىدارە «ئىشتىن بوشاتماقچى» بولسا چوقۇم ئالدى بىلەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەكمۇ؟
    جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»دا ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن يەككە تەرەپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئالدى بىلەن سەۋەبىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن چىقارغان يەككە تەرەپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش قارارىغا قاراپ چىقىشى كېرەك، ئەگەر ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇننىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ياكى ئەمگەك توختامىدىكى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بايقىسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇندىن تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پىكرىنى تەتقىق قىلىپ، بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا يازما شەكىلدە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرە...
  • ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش رەسمىيىتى بىجىرگەندە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ قانداق مەجبۇرىيىتى بار؟

    ۋاقتى: 2015-08-23 ئاۋاتلىقى: 636 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 3

    ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش رەسمىيىتى بىجىرگەندە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ قانداق مەجبۇرىيىتى بار؟

     

    جاۋاب: ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش رەسمىيىتى بىجىرگەندە، «ئەمگەك توختام قانۇنى» يەنە ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىنىڭ ھەرقايسىسى ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇردى:


    ئەمگەكچىگە نىسبەتەن، ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمىگە ئاساسەن خىزمەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتى بىجىرىشى كېرەك؛


    ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنغا نىسبەتەن، ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇل ۋە تۆلەم پۇل بېرىشكە تېگىشلىك بولسا، خىزمەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى بىجىرىپ ئاخىرلاشتۇرغاندا بىر قېتىمدىلا بېرىشى كېرەك، بۇنىڭدىن سىرت، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن يەنە بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەمگەكچىنىڭ ئارخىپى ۋە ئى...

  • ساختا ئەۋەتىش ھادىسىسىدە، ئەمگەكچى ئۆزىنى قانداق قوغدايدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-08-18 ئاۋاتلىقى: 464 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
     ساختا ئەۋەتىش ھادىسىسىدە، ئەمگەكچى ئۆزىنى قانداق قوغدايدۇ؟
    جاۋاب: بەزى كارخانىلار ئاللىبۇرۇن ئەمگەكچىنى ياللاپ ئىشلەتكەن ۋە ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان تۇرۇقلۇق، خىزمەتچىنىڭ سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەردىن قېچىش ئۈچۈن، خىزمەتچىنى ئەزەلدىن ئۇچرىشىپ باقمىغان مەلۇم ۋاسىتىچى شىركەت ياكى مەلۇم ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركىتى بىلەن توختام تۈزدۈرىدۇ، مانا بۇ ساختا ئەۋەتىش ھادىسىسى.
    ساختا ئەۋەتىش ھادىسىسىگە قارىتا، ئەمگەكچى ئەمگەك توختام قانۇنىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. ئەگەر ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن يەنە ئەمگەكچىگە توختام تۈزدۈرمەكچى بولسا، ئەمگەكچى چوقۇم ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش توختامى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەك، ئەگەر ئەۋەتىلگەن خىزمەتچى بولۇشنى خالىمىسا، ئىدارىنىڭ ت...
  • پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان ئايال ئىشچى ئەمگەك قانۇنىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشەلەمدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-08-18 ئاۋاتلىقى: 701 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان ئايال ئىشچى ئەمگەك قانۇنىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشەلەمدۇ؟

     

    دېلو مىسالى

     

    مەلۇم ئايال بىر شىركەتتە ئىشلەيتتى، 2009-يىل 5-ئايدا، ھامىلدار بولۇپ قالغان بۇ ئايال مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىغا بىر ئاي قالغاندا، شىركەتكە ئارام ئېلىش ئىلتىماسى سۇنىدۇ، شىركەت بولسا مەھەللە باشقارمىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ بۇ ئايالنىڭ «ئارتۇق تۇغقان»لىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، رۇخسەت بەرمەيدۇ. نەچچە كۈندىن كېيىن، بۇ ئايال يەنە بىر قېتىم ئىككى ئاي ئارام ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، دوختۇرخانىنىڭ دىئاگنوز ئىسپاتى بولمىغاچقا، شىركەت يەنە بىر قېتىم رەت قىلىدۇ. بىر ئايدىن كېيىن، بۇ ئايال بالىسىنى تۇغىدۇ، تۇغۇتىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، شىركەتنىڭ تۇغۇتىدىن نەچچە كۈن بۇرۇن ئۇنى تىزىمدىن چىقىرىۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاي...

  • «ئەمگەك قانۇنى»غا سېلىشتۇرغاندا، «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ ئەمگەك توختامىنىڭ ئىناۋەتسىز بولۇشى ۋە قىسمەن ئىناۋەتسىز بولۇشى جەھەتتە قانداق ئوخشىماسلىقلىرى بار؟

    ۋاقتى: 2015-08-17 ئاۋاتلىقى: 517 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    «ئەمگەك قانۇنى»غا سېلىشتۇرغاندا، «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ ئەمگەك توختامىنىڭ ئىناۋەتسىز بولۇشى ۋە قىسمەن ئىناۋەتسىز بولۇشى جەھەتتە قانداق ئوخشىماسلىقلىرى بار؟

     

    جاۋاب: «ئەمگەك قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئالداش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولسا، پەقەت دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەندىلا ئاندىن ئەمگەك توختامى ئىناۋەتسىز دەپ قارايدۇ.

     

    بىر تەرەپ ئالداش، مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى بىلەن ياكى قارىغۇنى ياردا قىستاپ، قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي خاھىشىغا خىلاپ ھالدا توختام تۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان بولسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تەرەپ سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىغا ئۆزگەرتىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ، ھەرگىزمۇ بىۋاسىتىلا ئىناۋەتسىز ھېسابلىمايدۇ، «ئەمگەك توختام قانۇنى» بولسا ئىناۋەتسىز دەپ ھېسابلاي...

  • ئەمگەكچى «قوشۇمچە خىزمەت» قىلسا، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-08-17 ئاۋاتلىقى: 545 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     ئەمگەكچى «قوشۇمچە خىزمەت» قىلسا، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟

     

    جاۋاب: ئەمگەكچى بىرلا ۋاقىتتا يەنە باشقا ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، مۇشۇ ئىدارىدىكى خىزمەت ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزسە، ياكى ئادەم ئىشەتكەن ئورۇن ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن تۈزىتىشنى رەت قىلسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

     

    ئەمگەكچى باشقا ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتسا(تۆۋەندە «قوشۇمچە خىزمەت» دەپ ئېلىندى)، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلماقچى بولسا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىنى ھازىرلىشى كېرەك:
    (1)قوشۇمچە خىزمىتى مۇشۇ ئىدارىدىكى خىزمەت ۋەزىپىسىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزسە؛
    (2)ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن قوشۇمچە خىزمەتكە قارش...

  • داۋالىنىش مۇددىتى دېگەن نېمە؟

    ۋاقتى: 2015-08-17 ئاۋاتلىقى: 414 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    داۋالىنىش مۇددىتى دېگەن نېمە؟


    جاۋاب: «كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ كېسەللىك بىلەن ياكى خىزمەتتىن سىرت سەۋەب  بىلەن يارىلانغان ۋاقىتتىكى داۋالىنىش مۇددىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»گە ئاساسەن، داۋالىنىش مۇددىتى كارخانا خىزمەتچىلىرى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ياكى خىزمەتتىن سىرت سەۋەب بىلەن يارىلىپ داۋالىنىپ ئارام ئالغاندا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشقا بولمايدىغان مۇددەتنى كۆرسىتىدۇ.

     

    خىزمەتچىلەر كېسەل بولۇپ قېلىپ ياكى ئىشتىن سىرت سەۋەب بىلەن يارىلىنىپ، خىزمەتنى توختىتىپ داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغاندا، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتى ۋە مۇشۇ ئىدارىدە ئىشلىگەن ۋاقتىغا ئاساسەن، 3 ئايدىن 24 ئايغىچە داۋالىنىش مۇددىتى بېرىلىدۇ.

     

    1. ئەمەلىي خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتى 10 يىلدىن تۆۋەن بولسا: مۇشۇ ئىدارىدە ئىشلى...

  • ئىدارىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-08-11 ئاۋاتلىقى: 419 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     ئىدارىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟

     

    جاۋاب: خىزمەتچى ئىدارىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. ئەمگەكچىنىڭ ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ قائىدە-تۈزۈمىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلماقچى بولسا، ئاۋۋال قائىدە-تۈزۈمىدە قايسى ئەھۋاللارنىڭ «ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلىشى كېرەك، شۇنداق بولسا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. پەقەت ئەمگەكچى ئەمگەك ئىنتىزامى ياكى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ئەھۋالدىلا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن مۇشۇ سەۋەب بىلەن ئەمگەكچى بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

    ...
  • ئىدارىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى چوقۇم ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا ئاندىن كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-08-10 ئاۋاتلىقى: 446 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئىدارىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى چوقۇم ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا ئاندىن كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟

     

    «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 4-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:«ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە چېتىلىدىغان قائىدە-تۈزۈملەرنى ۋە مۇھىم ئىشلار توغرىسىدىكى قارارلارنى ئېلان قىلىشى ياكى ئەمگەكچىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.» شۇڭا، بۇنىڭدىن كېيىن ئېلان قىلىنمىغان ياكى ئەمگەكچىلەرگە ئۇقتۇرۇلمىغان قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ قائىدە-تۈزۈملەر ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك قانۇنىي كۈچى بولمايدۇ.»
     

    ...
  • ھەق تەلەپ ئىقتىسادىي جاۋابكارلىق

    ۋاقتى: 2015-08-10 ئاۋاتلىقى: 494 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     بېشى «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى» بۇ يەردە!

     

    2. ھەق تەلەپ ئىقتىسادىي جاۋابكارلىق
    1. سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ مەھسۇلاتتا بولۇشقا تېگىشلىك ئىشلىتىلىش خۇسۇسىيىتى بولمىغان ھەمدە ئىشتىن ئاۋۋال چۈشەندۈرۈش بېرىلمىگەنلىرى، مەھسۇلاتتا ياكى ئورالمىدا ئىزاھلىنىپ قوللىنىلىدىغان مەھسۇلات ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرى، مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشى، ھەقىقىي مال ئەۋرىشكىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان سۈپەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرى، ساتقۇچىلار مەھسۇلاتنى رېمونت قىلىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش، قايتۇرۇۋېلىش، زىياننى تۆلەپ بېرىشكە مەسئۇل بولغاندىن كېيىن، ئەگەر ئىشلەچىقارغۇچىلار ۋە مال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەردىن تۆلەم تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق....

  • قايسى ئەھۋاللاردا ئىدارە ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ «ۋاقتىنى ئۇزارتىشى» كېرەك؟

    ۋاقتى: 2015-08-09 ئاۋاتلىقى: 413 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    قايسى ئەھۋاللاردا ئىدارە ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ «ۋاقتىنى ئۇزارتىشى» كېرەك؟


    جاۋاب: ئەگەر ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى توشقاندا، خىزمەتچىدە يۇقىرىدىكى ئەھۋاللاردىن بىرەرسى بار بولسا(«قانداق ئەھۋاللاردا ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ؟»غا قارالسۇن)، بۇ ۋاقىتتا ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرسا بولمايدۇ، بەلكى ئەمگەك توختامىنى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال يوقالغىچە ئۇزارتىپ شۇ چاغدا ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك.

     

    لېكىن بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا، مۇشۇ ئىدارىدە كەسپىي كېسەل بولۇپ قېلىپ ياكى خىزمەت سەۋەبلىك يارىلىنىپ ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقان ياكى قىسمەن ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقان دەپ بېكىتىلگەن خىزمەتچىنىڭ ئەمگەك توختام مۇددى...

  • مەسلىھەتلىشىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى كىم ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-08-09 ئاۋاتلىقى: 593 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1

     مەسلىھەتلىشىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى كىم ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويىدۇ؟

     

    جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 36-ماددىسىدا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كەلسە، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

     

    مەسلىھەتلىشىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنىڭ شەرتلىرى ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتىشنىڭ شەرتلىرى بىلەن ئوخشاش، پەقەت ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كېلەلىسىلا ئەمگەك توختامىنى مۇددەتتىن بۇرۇن بىكار قىلسا بولىدۇ.

     

    لېكىن قايسى تەرەپ ئالدى بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاننىڭ ئاقىۋىتى تامامەن ئوخشىمايدۇ، ئەمگەكچى ئالدى بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئىقتىسادىي تولۇقلىما تۆلىمىسىمۇ بولىد...

  • ئىدارە خىزمەتچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسا، يېڭى قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن قانداق قىلىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-08-08 ئاۋاتلىقى: 500 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئىدارە خىزمەتچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسا، يېڭى قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن قانداق قىلىدۇ؟

     

    جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنلا ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان، ھازىرغىچە يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە تۈزۈشى كېرەك. بۇ قانۇن يېڭى قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنلا ئەمگەك مۇناسىۋىتى شەكىللىنىپ بولغان ئىككى تەرەپنىڭ يېڭى قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ۋاقتىدا يازما ئەمگەك توختامىنى تولۇقلاپ تۈزۈشى كېرەكلىكىنى، ئەڭ كېچىككەندىمۇ يېڭى قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى 1 ئاي ئىچىدە يازما ئەمگەك توختامىنى تولۇقلاپ ئىمزالاپ بولۇشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئېنىق بەلگىلىدى.

     

    يەنى، 2008-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ...

  • خىزمەتچى خىزمەت نورمىسىنى تاماملىيالماي، ئىدارە ئۇنى ئىشتىن بوشاتسا ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەكمۇ؟

    ۋاقتى: 2015-08-07 ئاۋاتلىقى: 383 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    خىزمەتچى خىزمەت نورمىسىنى تاماملىيالماي، ئىدارە ئۇنى ئىشتىن بوشاتسا ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەكمۇ؟

     

    جاۋاب: ئەگەر خىزمەتچى ئايلىق نورمىلىقلىق ۋەزىپىسىنى تاماملىيالمىسا، كارخانا ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇشى، تەربىيەلىشى كېرەك، خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن يەنىلا بەلگىلەنگەن خىزمەت مىقدارىنى تاماملىيالمىسا، ئاندىن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ، يەنە ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇل بېرىشى كېرەك. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى، بۇ يەردىكى «خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇش»قا ئەمگەكچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھاجەتسىز، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كارخانىلار دائىم بۇ ماددىنى قالايمىقان ئىشلىتىدۇ.

     

    ھازىرقى مۇھىم مەسىلە، كارخانا بەلگىلىگەن نورما ئۆلچىمى مۇۋاپىقمۇ-يوق، بەزى كارخانىلار ئەڭ ئۇستا ئىشچىلارنىڭ سۈرئىتىنى بارلىق خادىملار يېتىش...

  • ئەمگەك توختامى قايسى تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-08-06 ئاۋاتلىقى: 390 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     ئەمگەك توختامى قايسى تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؟

     

    ئەمگەك توختامى تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى، تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ۋە مۇئەييەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى مۇددەت قىلغان ئەمگەك توختامى دەپ بۆلۈنىدۇ. تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن توختامنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتىنى كېلىشىۋالغان ئەمگەك توختامىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن بىر يىل، ئىككى يىل، ئۈچ يىل، مۇددىتى ئېنىق. مۇئەييەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى مۇددەت قىلغان ئەمگەك توختامى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى مەلۇم تۈرلۈك خىزمەتنى تاماملاشنى توختامنىڭ مۇددىتى قىلىپ كېلىشكەن ئەمگەك توختامىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل توختام قۇرۇلۇش جەھەتتە كۆپرەك ئۇچرايدۇ، قۇرۇلۇش تاماملانسا توختاممۇ ئاخىرلىشىدۇ. تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى مۇئەيي...

  • ئامانەت قويۇلغان پۇلنىڭ يوقاپ كېتىشىگە كىم سەۋەبلىك؟

    ۋاقتى: 2015-08-05 ئاۋاتلىقى: 607 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئۈچ كۈن ئاۋۋال يېڭىدىن بېجىرگەن بانكا كارتىسىغا كىرگۈزۈلگەن 470 مىڭ يۈەندىن 460 مىڭ يۈەنىنىڭ يوقاپ كېتىشى پۇل ئامانەت قويغۇچى ۋاڭ لىنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ شۇ ھامان دېلو مەلۇم قىلدى ھەم بانكا ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى. 15-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى دېلوغا 1 -سوتتا ھۆكۈم چىقاردى، سوت مەھكىمىسى بانكا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ كارتىسىدىكى پۇلنىڭ كەملەپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان، شۇڭا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قاراپ، بانكىنىڭ ۋاڭ لى ئامانەت قويغان 470 مىڭ يۈەننى ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۇپ بېرىشى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى.   ۋاڭ لى 2009-يىلى 26-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بانكىدا كىرېدىت كارتىسى ھەم ئېلېكتىرونلۇق ھېساب سېلىشتۇرۇش مۇلازىمىتى بېجىرگەن ھەم 26-، 27-، 28-ئۆكتەبىر كۈنلىرى كارتىغا جەمئىي 470 مىڭ يۈەن ...
  • سىناق قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان مەزگىلدە ئىدارە خىزمەتچىسىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەكمۇ؟

    ۋاقتى: 2015-07-30 ئاۋاتلىقى: 629 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     سىناق قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان مەزگىلدە ئىدارە خىزمەتچىسىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەكمۇ؟

     

    «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى ئىچىدە بولىدۇ. سىناق مەزگىلى ئەمگەك توختامى مۇددىتىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە بولغان ئىكەن، خىزمەتچىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلاردىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى بولىدۇ، يەنى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىقلاردىن.

     

    ئەگەر ئىدارە خىزمەتچىنىڭ سىناق مەزگىلىدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرمىغان بولسا، رەسمىي ئەمگەك توختامى تۈزگەندىن كېيىن تولۇقلاپ تاپشۇرسا بولىدۇ.

    ...
  • توختام قانۇنى: توختامنىڭ تۈزۈلۈشى

    ۋاقتى: 2015-07-30 ئاۋاتلىقى: 552 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2
    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى

     2-باب توختامنىڭ تۈزۈلۈشى
     9-ماددا ئالاقىدارلار توختام تۈزۈشتە مۇناسىپ ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارى ۋە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئالاقىدار توختام تۈزۈشنى قانۇن بويىچە ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.
     10-ماددا ئالاقىدارلار توختام تۈزۈشتە يازما، ئاغزاكى ۋە باشقا شەكىللەرنى قوللىنىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا يازما شەكىل قوللىنىش بەلگىلەنگەن بولسا، يازما شەكىل قوللىنىش كېرەك. ئالاقىدار يازما شەكىل قوللىنىشنى پۈتۈشكەن بولسا، يازما شەكىل قوللىنىش كېرەك.
     11-ماددا يازما توختامنامە، خەت-چەك ۋە سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون ھۆججىتى (جۈملىدىن تېلېگرامما، تېلېكس، فاكس، ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش ۋە ئېلېك...

  • ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش دېگەن نېمە؟

    ۋاقتى: 2015-07-29 ئاۋاتلىقى: 765 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
     ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش دېگەن نېمە؟
    جاۋاب: ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئادەم ئىشلىتىش ئۇسۇلى، «ئەمگەك توختام قانۇنى» تۇنجى قېتىم قانۇن شەكلى ئارقىلىق ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىشتىن ئىبارەت ئادەم ئىشلىتىش شەكلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە قېلىپلاشتۇردى، بۇ مەزمۇنلار «ئەمگەك قانۇنى»دا بەلگىلەنمىگەن.
    ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئىجارىگە ئېلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىدىغان ئورگانغا ئېھتىياجلىق بولغان خادىملارنىڭ ئۆلچىمى ۋە مائاش تەمىناتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئەۋەتىش ئورگىنى بازار خادىم قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق لاياقەتلىك خادىملارنى تېپىپ، لاياقەتلىك بولۇپ تاللانغان خادىملارنى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنغا ئەۋەتىدۇ.
    ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىدىغان ئورۇن بۇ قانۇندا دېيىلگەن ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بولۇپ، ئادەم ئى...
  • كارخانىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ خادىم قىسقارتسا، ئىدارە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرەمدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-07-28 ئاۋاتلىقى: 504 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     كارخانىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ خادىم قىسقارتسا، ئىدارە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرەمدۇ؟

     

    جاۋاب: كارخانىلار «كارخانىلار ۋەيران بولۇش قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ، 20دىن ئارتۇق خادىمنى قىسقارتىشقا ياكى قىسقارتىدىغان ئادەم 20گە يەتمىسىمۇ كارخانىنىڭ خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %10دىن  كۆپنى ئىگەللەيدىغان خادىملارنى قىسقارتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن مۇددەتتىن 30 كۈن بۇرۇن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ياكى بارلىق خىزمەتچىلەرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى خىزمەتچىلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خادىم قىسقارتىش لايىھەسىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرىغا دوكلات قىلغاندىن كېيىن، خادىم قىسقارتسا بولىدۇ.

     

    بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا خادىم قىسقارتسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچىلە...

  • ئىدارە ئەمگەكچىنىڭ ئارخىپىنى يۆتكەپ بەرمىسە قانداق قىلىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-07-27 ئاۋاتلىقى: 390 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئىدارە ئەمگەكچىنىڭ ئارخىپىنى يۆتكەپ بەرمىسە قانداق قىلىدۇ؟

     

    جاۋاب: ئەمەلىيەتتە بەزى ئىدارىلەر خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت ئالمىشىپ كېتىشىنى چەكلەش ئۈچۈن، ئەمگەكچىلەرگە ئەمگەك توختامى بىكار قىلىنغانلىق ياكى توختىتىلغانلىق ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشنى رەت قىلىدۇ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئارخىپىنى يۆتكەپ بەرمەيدۇ، ئەمگەكچىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى يۆتكەپ بەرمەيدۇ، بۇ ئەمگەكچىلەرگە ئاز بولمىغان زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

     

    ئىدارىنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا، «ئەمگەك توختام قانۇنى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان ياكى توختاتقاندا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغانلىق ياكى توختاتقانلىق ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشى، ھەم 15 كۈن ئىچىدە ئەمگەكچىنىڭ ئارخىپ ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرى...

  • ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر جاۋابكارلىقى ۋە مەجبۇرىيىتى

    ۋاقتى: 2015-07-27 ئاۋاتلىقى: 651 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى «مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(4)» بۇ يەردە!

     


    3§. ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر جاۋابكارلىقى ۋە مەجبۇرىيىتى


    1. مەھسۇلات سۈپىتى جاۋابكارلىقى


    مەھسۇلات سۈپىتى جاۋابكارلىقى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە ساتقۇچىلارنىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ياكى ساتقان مەھسۇلاتلىرىدا كەمتۈكلۈك-نۇقسان بولۇپ، سېتىۋالغۇچىلار، خېرىدارلار، ئىستېمالچىلار ياكى باشقا كىشىلەرگە جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك جەھەتتىن زىيان يەتكۈزگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.


    مەھسۇلات جاۋابكارلىقى دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئەڭ دەسلەپ ⅨⅩ ئەسىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ...

  • چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنىڭ نازارەت كومىتېتى ۋە نازارەتچىلىرى

    ۋاقتى: 2015-07-26 ئاۋاتلىقى: 604 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بېشى «چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دېرىكتورى» بۇ يەردە!
    6. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنىڭ نازارەت كومىتېتى ۋە نازارەتچىلىرى
    1. نازارەت كومىتېتى ياكى نازارەتچىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە نازارەت كومىتېتىنىڭ تەشكىل قىلىنىشى
    چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنىڭ تىجارەت كۆلىمى چوڭراق بولسا، نازارەت كومىتېتى تەسىسى قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەزالىرى 3 كىشىدىن ئاز بولسا بولمايدۇ. نازارەت كومىتېتى ئۆزىنىڭ تەركىبىدىكى ئەزالار ئىچىدىن بىر رىياسەتچى كۆرسىتىدۇ. نازارەت كومىتېتى پايچىلار ۋەكىلى ۋە شىركەتنىڭ مۇۋاپىق نىسبەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭ كونكرېت نىسبىتى شىركەتنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ. نازارەت كومىتېتىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى شىركەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر...
  • جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى

    ۋاقتى: 2015-07-26 ئاۋاتلىقى: 608 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى «مەمۇرىي جاۋابكارلىق» بۇ يەردە!

     

    4.جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى


    «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» ۋە «ساختا، سۈپىتى ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش توغرىسىدىكى قارار»دا، مەھسۇلات سۈپىتىگە خىلاپلىق قىلىشقا دائىر جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىغا قارىتا بىر قاتار مۇھىم بەلگىلىمىلەر تۈزۈپ چىقىلغان. بۇلار ئاساسلىق تۆۋەندىكىچە:


    1. جىسمانىي ساغلاملىققا، جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەھسۇلاتلارنى، مەسىلەن، داۋالاش ئەسۋابلىرى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تازىلىق ماتېرىياللىرى، ئېلېكتىر ئەسۋابلىرى، بېسىم قاچىسى، ئوڭاي يانىدىغان، ئوڭاي پارتلايدىغان م...

  • ئەمگەكچى مۇلازىمەت مۇددىتىدىكى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلسا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى تۆلىشى كېرەكمۇ؟

    ۋاقتى: 2015-07-25 ئاۋاتلىقى: 506 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     ئەمگەكچى مۇلازىمەت مۇددىتىدىكى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلسا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى تۆلىشى كېرەكمۇ؟

     

    جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 22-ماددىسىدا ئەمگەكچى مۇلازىمەت مۇددىتىدىكى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلسا، كېلىشىم بويىچە ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنغا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى تۆلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش تۆلىمىنىڭ سوممىسى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن تەمىنلىگەن تەربىيەلەش خىراجىتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچىدىن تۆلەشنى تەلەپ قىلغان كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى مۇلازىمەت مۇددىتى ئىچىدىكى تېخى ئىجرا قىلمىغان قىسمىغا تەقسىملىنىشكە تېگىشلىك تەربىيەلەش خىراجىتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى كېلىشكەن كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش تۆلىمىنىڭ ئىككى قاتلاملىق مەنىسى بار: ...

  • ئىدارە قانداق تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلىگەندە خىزمەتچى بىلەن مۇلازىمەت مۇددىتى شەرتى ئىمزالىيالايدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-07-23 ئاۋاتلىقى: 481 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئىدارە قانداق تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلىگەندە خىزمەتچى بىلەن مۇلازىمەت مۇددىتى شەرتى ئىمزالىيالايدۇ؟

     

    جاۋاب: بىر ئەمگەكچى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، مۇلازىمەت مۇددىتى بېكىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان تەربىيەلەشنىڭ قاتتىق شەرتى بار.

     

    1.ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن مەخسۇس تۈر تەربىيەلەش خىراجىتى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇش. بۇ مەخسۇس تۈر تەربىيەلەش خىراجىتىنىڭ سوممىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇشى كېرەك، زادى قانىچىلىك يۇقىرى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەمگەك توختام قانۇنىدا كونكرېت بەلگىلىمە يوق، كەلگۈسىدە ھەرقايسى جايلار كونكېرتلاشتۇرسا بولىدۇ.

    2.ئەمگەكچىگە ئېلىپ بارغىنى كەسپىي تېخنىكىلىق تەربىيەلەش بولۇش. كەسپىي بىلىم ۋە كەسپىي تېخنىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن چەتئەلدىن بىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، بىر تۈر كىرگۈزگەن بولسا چوقۇم مەشغۇلات ق...

جەمئىي 5 بەت/226پارچە ئۇچۇر باش بەت 1 2 3 4 5 كېيىنكى بەت