ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىكارلىق پايدا نەدە بار؟

بىكارلىق پايدا نەدە بار؟

ۋاقتى: 2016-06-12 ئاۋاتلىقى: 493 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ساۋۇتاخۇن دەم ئېلىشقا چىققان ئوقۇتقۇچى بولۇپ، يېقىندا مەكىت ناھىيە بازىرىدىكى بىر بانكىدىن 4500 يۈەن ئېلىپ، قايتىۋاتقاندا بىر ياش ئۇنىڭغا سالام قىلدى.

 
− ئاكا، قۇرۇلۇش بانكىسى نەدە؟
− بىلمەيدىكەنمەن، −− دېدى ئۇ يىگىتكە سالام قايتۇرغاچ. 
− بىلمىگىنىڭىزمۇ ياخشى بولدى، بىلگەن بولسىڭىز كۆرسىتىپ قويۇڭ دەپ ئاۋارە قىلاركەنمەن، − دېدى يىگىت ۋە يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يەنە بىر ياشقا بۇرۇلدى.
− ئاداش قۇرۇلۇش بانكىسى نەدە، ياۋرو تېگىشەتتىم؟ 
− مەكىتتە قۇرۇلۇش بانكىسى يوق، تېگىشىدىغان ياۋرونى ئېلىڭلار كۆرۈپ باقاي، كېلىشىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس، − دېدى يەنە بىر ياش.
ھېلىقى يىگىت سومكىسىدىن سەككىز ۋاراق چەتئەل پۇلىنى چىقاردى.
− بۇ 800 ياۋرو، 10 مىڭ كويغا تېگىشىمەن.
ئۇ ئىككىسى تالىشىپ يۈرۈپ، سەككىز ۋاراق «ياۋرو»نى 8000 يۈەنگە سېتىۋالدى.
يۇقىرىقى سودىنى كۆرۈپ تۇرغان ساۋۇتاخۇننىڭ قورسىقىغا جىن كىردى. ئۇمۇ ياۋرو ئېلىپ قويۇپ پايدىسىغا ساتماقچى بولدى. ساۋۇتاخۇننىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىۋالغان، ھېلىقى ئىككى ياش تەڭلا:
− ئاكا سىزمۇ ئېلىپ قويامسىز؟−دېدى.
ساۋۇتاخۇن سەل ئارىسالدى بولۇپ تۇرۇپ قالدى. بۇنى سەزگەن «ياۋرو» ساتقان يىگىت دەرھاللا:
− ئاكا ھازىر ئالىمەن دېسىڭىزمۇ يېنىمدا يوق، بىر تونۇشۇمنىڭ ئۆيىدە بار،−دېدى.
− ئۇنداق بولسا سىلە «ياۋرو»نى ئېلىپ چىقىڭلا، ماۋۇ ئاكىمىز بىلەن سىلىنى ساقلاپ تۇرايلى، − دېدى «ياۋرو» سېتىۋالغان ياش. 
ئۇلار شۇنداق كېلىشتى، ئىككىسى 20 مىنۇتتەك ساقلىغان بولسىمۇ، ياۋرو ساتىدىغان يىگىت كەلمىگەندىن كېيىن، ياۋرو سېتىۋالغان ياش ساۋۇتاخۇنغا:
− ئاكا ماۋۇ 800 ياۋرونى سىز ئېلىپ، ئاۋۇ ئاداشنى ئىزدەپ بېقىڭ، مەن مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇراي، − دېدى.
ساۋۇتاخۇن ئۇنىڭ قولىدىن 800 «ياۋرو»نى ئېلىپ مېڭىشىغا ياش يىگىت ئۇنى توۋلىدى.
− ئاكا مەن بايا بۇ «ياۋرو»نى 8000 كويغا ئالغان، يېنىڭىزدا پۇل باردۇ؟ − بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ساۋۇتاخۇن ئىككىلەنمەيلا:
− يېنىمدا 4500 كوي بار، مۇشۇنى تۇتۇپ تۇرۇڭ ئۇكام، − دەپ 4500 يۈەننى ياشقا بېرىپ، «ياۋرو» ساتىدىغان يىگىتنى ئىزدەشكە ماڭدى. يىگىتنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. قايتىپ كېلىۋېدى ئۆزىگە «ياۋرو» تۇتقۇزغان ياشمۇ كۆرۈنمىدى. شۇندىلا ساۋۇتاخۇن ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلدى.
ساۋۇتاخۇن «ياۋرو»نى بانكىدىكىلەرگە كۆرسىتىۋېدى، بانكىدىكىلەر:
− بۇ ياۋرو ئەمەس، تەقلىدى قەغەز پۇل ئىكەن، − دېدى.
ھەش - پەش دېگۈچە ئالدانغان ساۋۇتاخۇن ئالدىراپلا ساقچىخانىغا ماڭدى . . .

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى