ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلەش---شىركەت قانداق قۇرۇلىدۇ؟ (1)

ئىگىلىك تىكلەش---شىركەت قانداق قۇرۇلىدۇ؟ (1)

ۋاقتى: 2015-07-24 ئاۋاتلىقى: 590 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۆلىتىمىز ھەممىلا يەردە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىگىلىك تىكلەشكە چاقىرىق قىلىپ، نۇرغۇنلىغان تىپىك ئەندىزىنى تۇرغۇزدى، ئىش مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، سىياسەتنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئىشقىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولسا، مەكتەپ ۋە ھۆكۈمەت ھەل قىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئەھۋالنى ھەقىقىي يېزىپ، ھەقىقىي ئىگىلىك تىكلەشنى خالايدىغانلارغا  ئىگىلىك تىكلەشتە زادى قانچىلىك خەتەر بار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىش زۆرۈردۇر. شۇنداق قىلسىڭىز بەزى مەسىلىلەردىن ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ.

تۆۋەندە بىز شىركەت قۇرۇش ھەققىدىكى جەريان تەرتىپنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.
بىزنىڭ بۇ يەردە تونۇشتۇردىغىنىمىز ئىگىلىك تىكلەپ شىركەت قۇرۇش. ھەرگىزمۇ كوچىدا يايما يېيىپ ئىگلىك تىكلەش ئەمەس، ئەلۋەتتە، بۇ خىل تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىگىلىك تىكلەشنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق پايدىسى بار، ھەرىكەتچان بولۇپ، ھەر خىل باجدىن قۇتۇلۇپ قالغىلى بولىدۇ، پەقەت شەھەر تەرتىپى ساقلانغۇچىلارغا ئۇچراپ قالمىسىلا بولىدۇ. كىرىم ھېساباتى ئاددى بولۇپ، سىزنىڭ كىرىمىڭىزدىن چىقىمنى ئېلىۋەتسەك ساپ پايدا كېلىپ چىقىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلغا تايىنىپ پۇل تېپىش ھەقىقەتەن قىيىن، جاپالىق بولۇپ، كىرىمى تۆۋەن، ئىجتىمائىي ئاھالە كومىتېتى، شەھەر باشقۇرغۇچى، جامائەت خەۋەپسىزلىكى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش، سودا سانائەت باشقۇرۇش ھەتتا قارا جەمئىيەتتىكىلەر سىزنى تېپىۋېلىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت ئۆزىنىڭ جىسمانىي ئەمگىكىگە تايىنىپ جان بېقىش ھەقىقەتەن تەس.
ئۇنىڭدىن سەل يۇقىرى دەرىجىدىكىسى يەككە تىجارەتچى، مۇنداقچە ئېيتقاندا كىچىك تىجارەت قىلىش، تالون كېسىش ھاجەتسىز، پەقەت مۇقىم باج تاپشۇرسا بولىدۇ.
ئېلىپ سېتىشنى چوڭ قىلماقچى بولغاندا شىركەت قۇرۇش كېرەك، مېنىڭ قارىشىمچە بولغاندا، پەقەت مەبلەغ يېتەرلىك بولسىلا، ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بەرگىلى بولىدۇ، چوڭ خېرىدارنى ئۆزىگە قارىتىپ، پايدىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.شىركەت قۇرۇش بىلەن يەككە تىجارەتنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى بولسا، نەق پۇل ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
ئەگەر سىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياكى ئايلىق مائاشنى شۇ ئايدىلا خەجلەپ بولۇپ ئاي ئاخىرىدا بىر پۇڭ پۇلمۇ ساقلاپ قويمىسىڭىز، سىز ھەرگىزمۇ لاياقەتلىك باشقۇرغۇچى بولالمايسىز، چۈنكى سىزنىڭ نەق پۇل ئايلىنىشقا نىسبەتەن ھېچقانداق چۈشەنسىڭىز يوق. بۇنداق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى قالايمىقان بولۇپ، شىركەت ئاچسا تېخىمۇ قالايمىقان بولىدۇ.
نەق پۇل ئايلىنىشى دېگەندە، بۇ ئايدا پۇل بار يوقلۇقىنى مۇھاكىمە قىلمايدۇ، پەقەت مۇشۇ پەسىللىك كىرىمنىڭ بار يوقلۇقىغا، ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىغا قارايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا شىركەتنى داۋاملاشتۇرۇش تەسكە توختايدۇ.
شىركەت ۋەيران بولۇشنىڭ سەۋەبى كەسىپ بولماسلىق ئەمەس بەلكى مەبلەغ يۈرۈشمەسلىكتىن بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك مەبلەغ بولۇشى كېرەك، بۇ كىچىك شىركەت ئاچقان كىشى  ھەل قىلىدىغان مەسىلىگە ئوخشىمايدۇ، ئېشىپ قالغىنى بولسا بازاردىن ئېلىنىدۇ.
بىر شىركەتنىڭ بىر يىللىق ئەڭ تۆۋەن چىقىمى 7000 يۈەندىن كۆپ بولۇپ، ئاز بولغاندىمۇ 2 تۈمەن بولغاندا ئاندىن شىركەت ۋە شىركەت ئاچقۇچى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدە تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ.
ئەگەر بىر چوڭ خېرىدار سىزنى 10 تۈمەنلىك ئىشەنچىلىك بولغان توختام بىلەن تەمىنلىسە، ئۇنداقتا شىركەت ئۈچ ئادەمنى تامامەن بېقىپ كېتەلەيدۇ، شۇنداقلا ئوڭۇشلۇق ئىش باشلىغىلى بولىدۇ.
 ئەگەر چوڭ خېرىدار بولماي، مەبلەغ سالغىلى مۇئەييەن سېلىنما بولمىسا، شىركەت ئاچقاندا دائىم مەبلەغ يۈرگۈزۈشتىن مەسىلە چىقىدۇ، گەرچە كىچىك شىركەتنىڭ تىجارەت ھەققى يۇقىرى ئەمەس، بازاردىن پايدىلانسا بولغان بىلەن، بىراق ئەڭ قىيىن بولغىنى كىچىك شىركەتنىڭ بازارغا كىرىشى ناھايىتى قىيىن.
كۆپلىگەن شىركەت ئاچقان كىشىلەر، ئاۋۋال ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، خېرىدار جەلپ قىلىدۇ، ياكى بەزى ئالاھىدە  تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، خېرىدارنى ئۆزىگە تارتىدۇ.
ئەگەر ئوخشاش بولغان رىقابەت ئاستىدا، سىزدە ھېچقانداق بايلىق بولمىسا، تىرىشقان بىلەن بىكار بولىدۇ، تىرىشچانلىقىنى دېمەيلا قويايلى، تىرىشچان كىشى ھەممە يەردىلا بار، تىرىشچانلىققا تاينىش ئاقمايدۇ.
بىراق مۇۋاپىق بولغان بايلىق بولغاندا، تېزدىن شىركەتنى ئېچىش كېرەك، كەسىپ سىزنىڭ قىيىنچىلىقىڭىزنى يېڭىپ، تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، باي بولاي دېسىڭىز چوقۇم ھەرىكەت قىلىڭ، ئەڭ مۇۋاپىق مۇۋەپپەقىيەت يولى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش، نىسبىتى ناھايىتى كىچىك، بىراق يەنىلا ئۇتۇش پۇرسىتى بار، ئەلۋەتتە بۇمۇ مۇئەييەن تەننەرخكە تايىنىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى