ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەتنىڭ قۇدرىتى: روسچىلد جەمەتى ھەققىدە

شىركەتنىڭ قۇدرىتى: روسچىلد جەمەتى ھەققىدە

ۋاقتى: 2016-10-29 ئاۋاتلىقى: 607 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شىنجاڭ خەلق نەشرياتى نەشىر قىلغان «يەھۇدىيلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش تارىخى» ناملىق كىتابتا روسچىلد جەمەتىنىڭ زىيونىزم بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەققىدە مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ:
«18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، گېرمانىيەنىڭ ھەر قايسى ئىشتاتلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ سودىغا ئەھمىيەت بېرىپ پۇلى بار ۋە سودا، پۇل-مۇئامىلە تىجارىتى تەجرىبىسىگە ئىگە يەھۇدىيلارنى مەسلىھەتچىلىككە ياكى تەدبىر بەلگىلەش، باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ،  ئۆز رايونىدىكى سانائەت ۋە ئىچكى-تاشقى سودىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن ياۋروپادا ئوردىلارغا كىرىپ چىقالايدىغان، ئىمتىيازلىق ‹ئوردا يەھۇدىيلىرى› شەكىللىنىشكە باشلىدى.  ئۇلار ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ھېچقانداق مەنئى قىلىش چەكلىمىلىرىگە ئۇچرىماي،  پادىشاھ، يەر ئىگىسى ۋە ئاق سۆڭەكلەرنىڭ ھىمايىسىدە ئىچكى-تاشقى سودا، زىبۇ-زىننەت بويۇملىرى تىجارىتى قىلىش، قورال-ياراغ ۋە ئارمىيەگە ئېھتىياجلىق بويۇملارنى ئېلىپ-سېتىش، پۇل ياساش، پۇل ئالماشتۇرۇش كەسپى بىلەن ئەركىن شۇغۇللاندى. نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ ئىشلارنى قىلىپ بېيىپ،  ئاقسۆڭەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، يۇقىرى قاتلام جەمىئيتىگە كىردى، بەزىلەر ھوقۇقدارلارنىڭ مالىيە مەسلىھەتچىلىكىدىن سىياسىي مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئۆزگەردى.  ئۇلار ئۆزىنىڭ تەسىرى ۋە ئىناۋىتىدىن پايدىلىنىپ،  يەھۇدىيلارنىڭ جەمىئيەتتىكى سىياسىي ئورنىنى ياخشىلاپ،  يەھۇدىيلارنىڭ ئازادلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش بىلەن بىرگە نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان يەھۇدىيلارنىڭ قەدەم بېسىشى چەكلەنگەن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ساھەنى ئېچىپ بەردى.

بەزى يەھۇدىي سودا-سانائەتچىلىرى ئەنئەنىۋى سودىگەرچىلىك ئۈستۈنلىكى بىلەن سانائەت، قاتناش،  تىرانسىپورت، سودا، پۇل-مۇئامىلە كەسىپلىرىگە پائال مەبلەغ سېلىپ، غايەت زور پايدا ئالدى. 19-ئەسىردە گېرمانىيە ئوردىسىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىدىن بولغان كىشىلەر فىرانكفورت، ھامبۇرگ، لوندون، پارىژ، ۋېيېنا، سابىنت،  پېتىر بورگ قاتارلىق پۇل مۇئامىلە مەركەزلىرىدىكى سودا بانكىلىرىدا مۇھىم ئورۇنلارنى ئىگىلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە فىرانكفورتتىكى روسچىلد جەمەتى ئەڭ مەشھۇر بولدى.  بۇ جەمەتنىڭ ئاساس سالغۇچىسى يىراقنى كۆرىدىغان ئامسچىل روسچىلد (Amschel Rothichild) بانكا كەسپىنى فىرانكفورتتىن پۈتۈن ياۋروپاغا كېڭەيتتى.  ئۆزى چوڭ ئوغلى بىلەن فىرانكفورتتا تۇردى.  قالغان تۆت ئوغلى ۋېيېنا،  لوندون،  ناپلېس ۋە پارىژدا جەمەت بانكىسىنىڭ تارماق ئورگانلىرىنى تەسىس قىلدى. ئۇلار ناپالېئون قوزغىغان ئۇرۇش ئېلىپ كەلگەن ياخشى پۇرسەتتە ماھارەت كۆرسىتىپ، ئۇرۇشىۋاتقان دۆلەتلەرنى قەرز پۇل، رەخت، ئاشلىق ۋە قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىدى. ئەنگىلىيە بىلەن ياۋروپا قۇرۇقلۇقى ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارا پۇل پېرېۋوتىنى بىجىردى.  ئۇرۇشتىن كېيىن ياۋروپادىكى قايتا قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، ھەم فىرانسىيەنىڭ ئۇرۇش تۆلىمىنى تۆلىشىگە ياردەم قىلدى ھەم گېرمانىيە، ئىتالىيەدىكى ھەر خىل قايتا قۇرۇش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىپ، ياۋروپادىكى پۇل مۇئامىلە غوجايىنى بولۇپ قالدى. بۇرۇنقى پۇل مۇئامىلە، سودا كەسىپلىرىدىن باشقا تۆمۈر يول، كۆمۈر، پولات-تۆمۈر ساھەلىرىگە تەدرىجىي مەبلەغ سالدى.
#p#
19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە، روسچىلد بەش ئاكا-ئۇكا ياۋروپانىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغا تارقالغان تورى ئارقىلىق ياۋروپادا ناھايىتى چوڭ سودا،  پۇل مۇئامىلە ئىمپىرىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتكۈل ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي تۇمۇرىغا ھەمدە ياۋروپانىڭ مۇستەملىكە بېقىندى دۆلەتلىرى ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىغا مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. 1854-يىلىدىكى قىرىم ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇ جەمەت ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىگە نۇرغۇن قەرز بېرىپ،  ئەنگىلىيە، فىرانسىيەنىڭ روسىيەنى مەغلۇپ قىلىشى ئۈچۈن چوڭ تۆھپە قوشتى.
ئىقتىسادىي كۈچنىڭ كۈنسايىن ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يەھۇدىي كاپىتالىستلىرىنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي تەسىرىمۇ كۈنسايىن زورايدى. ئۇلار سىياسىي ساھەگە كىرىشكە باشلىدى. ئەنگىلىيە يەھۇدىيلىرىدىن سوسېس مۇنتېفورى تۇنجى ئاقسۆڭەك بولدى. ئۇ لوندوننىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارلىقىنى ئۇزۇنغىچە ئىشلىدى.  لىيونېل روسچىلد 1858-يىلى ئەنگىلىيە پارلامېنتىغا كىرگەن تۇنجى يەھۇدىي بولدى.
1882   -يىلى زىيونىزم نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكە ماڭغان بىر يىل بولدى. بىرىنچى قېتىملىق پەلەستىنگە كۆچۈش شۇنىڭ بىلەن باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي ياۋروپادىكى نۇرغۇن يەھۇدىيلار پەلەستىنگە كۆچۈپ كېلىشكە باشلىدى.  شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى يەھۇدىي مەھەللىلىرى شەكىللىنىشكە باشلىدى. ئەمما بۇ يەردە ئەمگەك تەجرىبىسى ئاز،  دېھقانچىلىق سايمانلىرى يوق، يەرلەر قاتتىق، زىيانداش ھاشارەتلەر كۆپ، شۇنداقلا ھاۋا بەك ئىسسىق بولغاچقا،  نۇرغۇن يەھۇدىيلار شەھەرلەرگە ۋە ياۋروپاغا كېتىپ قالدى.
بەختكە يارىشا فىرانسىيەدىكى ئېدمۇند روسچىلد بۇ مەھەللىلەرنى قۇتقۇزۇپ قالدى. 1882-يىلى 30 مىڭ فىرانك بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەر، دېھقانچىلىق سايمانلىرى ئېلىپ بەردى، يېزا ئېگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى ئەۋەتتى. يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرىنى تەربىيەلەشكە، سۇغىرىش مۇئەسسەلىرى قۇرۇلىشىغا مەبلەغ ياردەم قىلدى. 1884-يىلىدىن 1900-يىلىغىچە روسچىلد جەمەتى ئالتە مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلدى. «يەھۇدىيلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش تارىخى» (36-،69-،70-بەتلەر)  شىنجاڭ خەلق نەشرياتى 2001-يىلى 12-ئاي (ئۇيغۇرچە نەشرى،  فەن گۇاڭ)
«بالفور خىتابنامىسى» يەھۇدىيلارنىڭ ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم باسقۇچلۇق غەلبىسى ھېسابلىنىدۇ. 1917-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى بىرېتانىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بۇ باياناتنىڭ ماقۇللىشىدا ئەنگىلىيەدىكى روسچىلد جەمەتىنىڭ مۇھىم رولى بولغان ئىدى.
«1916-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى لويد گېئورگىي يېڭى ئىچكى كابېنت تەشكىللەپ، ئارتۇر جامېس بالفورنى (Arthur James Balfour)  تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەندى.  ئىچكى كابېنت 2-،7-كۈنى مۇھىم يىغىن ئاچتى.  يىغىنغا سىكېس،  سامۇئېل،  زىيونىزمنىڭ داھىيسى ۋە روسچىلد جەمەتىنىڭ ئىككى ئەزاسى قاتناشتى.»
1916  -يىلىدىكى «سىكېس-پىكوت كېلىشىمى» دىن خەۋەر تاپقان ۋېيزمان (ۋېيزمان شۇ ۋاقىتتىكى يەھۇدىي زىيونىزم ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، ئسرائىلىيەنىڭ تۇنجى زۇڭلىسى ۋە داڭلىق خىمىيە ئالىمى) 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەنگىلىيە تەرەپكە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى. ئەنگىلىيە تەرەپ ۋېيزمانغا دۇنيادىكى يەھۇدىيلارغا ئەنگىلىيەنىڭ پەلەستىننى كونترول قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى.  ۋېيزمان بىلەن لورد روسچىلد (ۋولتېر روسچىلد) ئامېرىكىدىكى زىيونىزم تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بىرانىسقا تېلېگرامما يوللاپ،  ئۇنىڭدىن ئامېرىكىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ،  مۇناسىپ قارار ماقۇللاپ،  ئەنگىلىيەنىڭ پەلەستىننى باشقۇرۇشىنى قوللاشقا جامائەت پىكرى پەيدا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بىرانىس دەرھال تېلىگرامما يوللاپ ماقۇللۇق بىلدۈردى.
#p#
بىر ھەپتىدىن كېيىن،  ۋېيزمان ۋە لورد روسچىلد بالفور بىلەن كۆرۈشۈپ ھۆكۈمەتنىڭ زىيونىزمچىلارنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بايانات ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بالفور ئۇلاردىن يازما تەلەپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىغا زىيونىزمچىلارنىڭ تەلىپىگە جاۋاب بېرىدىغان بايانات تەييارلاشقا يوليورۇق بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئىش ھەققىدە ئەنگىلىيە ئامېرىكىغا تېلىگرامما ئەۋەتىپ خىتابنامىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدا پىكىر ئالماقچى بولدى.  زۇڭتۇڭ ۋېلسوننىڭ مەسلىھەتچىسى مايور خىروس تېلىگرامما ئەۋەتىپ،  زۇڭتۇڭنىڭ قارىشىچە ھازىر زىيونىزىم ھەرىكىتىگە ئوچۇق ۋەدە بېرىدىغان پەيت ئەمەس ئىكەن دېدى.  نەتىجىدە،  خىتابنامە لاھىيەسى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇلدى.
مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەيدىغان ۋېيزمان بىلەن روسچىلد بىرلىكتە 10-ئاينىڭ 3-كۈنى بالفورغا بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى. ئامېرىكىدىكى زىيونىزمچىلارنىڭ داھىيىسىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن قارارىنى ئۆزگەرتكەن زۇڭتۇڭ ۋىلسون باش ۋەزىر لورد گېئورگىغا خەت ئەۋەتىپ خىتابنامىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى ئىچكى كابېنت يىغىنىدا ئاخىرقى قارار چىقىرىلىپ، خىتابنامە ئېلان قىلدى. بالفور 1917-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەنگىلىيەدىكى زىيونىزمچىلارنىڭ داھىيسى لورد روسچىلدقا خەت يېزىش شەكلى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى (يۇقىرىقى كىتاب 124-بەتلەر).
بالفور خەتنىمۇ روسچىلدقا تاپشۇرۇپ بەردى ۋە خەتنى «ھۆرمەتلىك لورد روسچىلد»  دەپ باشلىغانىدى.  دېمەك،  يەھۇدىيلارنىڭ ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرۇشىنىڭ يېشىل چىرىغى ئەڭ ئاۋۋال روسچىلدلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلغان ئىدى.
بىز بەلكىم ھازىر ئىسرائىلىيەنىڭ ئەنگىلىيە، ئامېرىكا بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىگە قاراپ «بالفور خىتابنامىسى» نىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن ئۇنچىۋالا ھەيران قالماسلىقىمىز مۇمكىن،  بۇنى توغرا ئاڭقىرىش ئۈچۈن شۇ دەۋردىكى ياۋروپا ۋەزىيىتىنى، يەھۇدىيلارنىڭ ياۋروپادىكى ئەھۋالىنى نەزەرگە ئېلىشىمىز، مەسىلىگە شۇ دەۋر نۇقتىسىدىن قارىشىمىز كېرەك. ئۇ مەزگىللەردە يەھۇدىيلار ياۋروپادا قارشى ئېلىنىدىغان مىللەت ئەمەس ئىدى. يەھۇدىيلارغا قارشى ئىدىيە (Anti-semitism) ھەرگىزمۇ ئىسرائىلىيە ھازىر دۈشمەنلىشىپ تۇرغان ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىدىن مەيدانغا كەلگەن ئەمەس. بەلكى ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىرقى دوستى ياۋروپادا يەنى خىرىستىيان دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن،  ئەنگىلىيەدىمۇ يەھۇدىيلارغا قارشى ئىدىيە كۈچلۈك ئىدى.  بۇ نۇقتىنى يەھۇدىيلار تارىخىنى ئازراق ئۇقىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئوڭايلا بىلەلەيدۇ.
CCTV    9-قانىلىنىڭ «دىئالوگ»  پىروگراممىسىدا ئامېرىكا يەھۇدىيلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېك لورسىن يەنە بىر مېھمانغا مۇنداق دەيدۇ: «ھەي،  خاررى،  ھازىر ئېيتقانلىرىڭ تېخى يېقىنقى زاماندا مەيدانغا كەلگەن نەزەرىيە،  ئەمەلىيەتتە ئۇ كاتولىك چېركاۋلىرى بىزنى ئۇلارنىڭ ئىلاھىنى (ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى)  ئۆلتۈرىۋەتتى  دەپ قارايدۇ. مانا بۇ بىزگە بولغان ئۆچمەنلىك، كەمسىتىشنىڭ مەنبەسى. تارىخقا قاراپ باقساڭ، بۇ نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايسەن، تارىختا مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار ئىناق چىقىشىپ ياشىغان دەۋرلەر بولغان، كەمسىتىشمۇ، ئاتالمىش يەھۇدىيلارغا قارشى كەيپىياتمۇ يوق ئىدى. ئەمما ياۋروپادا كاتولىك ئەقىدىلىرى تارقالغاندىن كېيىن،  ياۋروپادا يەھۇدىيلارغا ئۆزىنى سىغدۇرىدىغان ئورۇن بولمىدى.»
دېمەك، روسچىلد جەمەتىنىڭ تەسىرى ئىقتىسادىي ساھەدىن ھالقىپ، ئاللىبۇرۇن سىياسىي ساھەدىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغان كۈچكە ئايلانغان ئىدى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى