ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ باشلىنىشى ۋە تەرەققىياتى

كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ باشلىنىشى ۋە تەرەققىياتى

ۋاقتى: 2016-03-05 ئاۋاتلىقى: 495 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ باشلىنىشى ۋە تەرەققىياتى

كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش سۆزى ئىنگلىز تىلىدىكى Personnel management دىن كىرگەن بولۇپ،ئەسلىدىكى مەنىسى بولسا"خادىم باشقۇرۇش".ياپونىيە كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش دەپ تەرجىمە قىلغاندىن كېيىن،ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن.كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بىر پەن بولۇپ، ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن. كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەمەلىيەت تارىخىغا ئوخشاش ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى قەبىلە باشقۇرۇش،قۇللۇق جەمئىيەتتىكى ھەربىي گۇرۇپپا ۋە ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ھەممىسى كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا تەۋە. بىراق ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تارىخىدا، كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىلمىي باشقۇرۇش نەزەرىيىسى بولۇپ شەكىللەنمىگەن. 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، بىر قىسىم سودا، زاۋۇت ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى باشقۇرۇش خادىملىرى، ئالىم ۋە ئىنژېنېر قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىپ، شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن، تارىختىكى كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى يىغىنچاقلاپ ۋە ئىشلىتىپ، ئەمگەك ۋە ئەمگەك باشقۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىپ، كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى ئىلمىي باشقۇرۇش باسقۇچىغا كۆتۈرگەن. ئەسلىدىكى كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بولسا شەخسىي كارخانا خىزمەتچى خادىملىرىنى تاللىغان ۋە ئىشلەتكەندە، دەسلەپتە ئەمگەك باشقۇرۇش دەپ ئاتالغان، كېيىن ياللانما خادىم باشقۇرۇش، ئۇنىڭدىن كېيىن سانائەت مۇناسىۋىتى، 20-ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرىدىن كېيىن كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش دەپ ئاتالغان.

جۇڭگو كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئەمەلىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. چىن شىخۇاڭ جۇڭگونىڭ جەنۇپ شىمال سۇلالىسىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، جۇڭگودا كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاللىبۇرۇن شەكىلگە كىرگەن. ئىككى خەن سۇلالىسى مەزگىلىدە، فىئودال سۇلالە ئادەم تاللاپ ئىشلىتىش تەرەپتە، ئەمەلدارلىققا تاللاش، رەدىيە بېرىش، تاختا ئىمتىھانى، ماقالە يېزىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئىمتىھان تۈزۈمى ۋە تەربىيەلەش ئورگىنىنى(ئەمەلدارلىق ئۆگىنىش ۋە شەخس ئۆگىنىش) قۇرۇپ چىققان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنۋان(دەرىجە)،خانا(ۋەزىپە)،سۇيۇرغال(ئىش ھەققى) ئايرىم باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئوتتۇرىغا چىققان. سۇي تاڭ سۇلالىسىدىن كېيىن، ئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمى(يەنى ئادەم تاللاپ ئىشلىتىش تۈزۈمى) تەرەققىي قىلىپ پىشىپ يېتىلىش مەزگىلىگە كىرىپ، ئىمتىھان، تەربىيەلەش، ئىشقا سېلىش، تەيىنلەش-قالدۇرۇش، مائاش، پېنسىيىگە چىقىش قاتارلىق بىر قاتار تۈزۈم يۈرگۈزۈلۈش، مەخسۇس ئىمتىھان، باھالاش، تەيىنلەش-قالدۇرۇش، مۇكاپاتلاش جازالاش، نازارەت قىلىش قاتارلىق ئورگاننى قۇرۇپ چىقىپ، بىر پۈتۈن مۇكەممەل بولغان فىئودال بيۇروكرات كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىلدى. بۇ تۈزۈم مىڭ چىڭ سۇلالە دەۋرىگىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى. ھازىرقى زامان كادىرلار ئىشلىرىنىباشقۇرۇش بولسا 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا غەرب دۆلەتلىرىدىن جۇڭگوغا كىرگەن.


جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بولسا ئىنقىلابىي بازا خادىملىرىنى باشقۇرۇش ئاساسىدا، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئېھتىياجى بىلەن قەدەممۇ قەدەم شەكىللەنگەن. ئۇ تەشكىل باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى، باشقۇرۇشنىڭ ئوبيېكتى بولسا ئورگان، كوللېكتىپ، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇندىكى خىزمەتچى خادىم، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بولسا مەركەز بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش ۋە دەرىجىلىك بۆلۈم باشقۇرۇش ئۆز ئارا گىرەلەشكەن پرىنسىپنى يۈرگۈزىدۇ.
جۇڭگودا، ئومۇمەن خىزمەتچى خادىمنىڭ ئۆزى، خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى، خىزمەتچى خادىم ۋە تەشكىل ئوتتۇرىسىدىكى ئىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشنىڭ ھەممىسى كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ مەزمۇنى بولىدۇ. كونكرېت قىلىپ خىزمەتچى خادىمنى جەلىپ قىلىپ ئىشلىتىش، تەكلىپ قىلىش، تەقسىملەش، ئىشلىتىش، تەربىيەلەش، ئالماشتۇرۇش، ۋەزىپە مەسئۇلىيەت تۈزۈمى(خىزمەت تۈرى)، باھالاش، مۇكاپات-جازا، تەيىنلەش-قالدۇرۇش، ئۆرلەش ۋە تۆۋەنلەش، مائاش، پاراۋانلىق، ھېسابقا ئېلىش، ئىشتىن بوشىتىش، خىزمەتتىن چېكىنىش، پېنسىيىگە چىقىش، نەپىقە بېرىش ۋە كادىرلار ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق بىر قاتار باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ مەزمۇنى ئىزچىل تەرەققىي قىلىۋاتقان بولغاچقا، مەخسۇس كادىرلار ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۆلۈم مەيدانغا كەلدى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى