ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

4Rs بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسى ھەققىدە قىسقىچە بايان

4Rs بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسى ھەققىدە قىسقىچە بايان

ۋاقتى: 2016-05-30 ئاۋاتلىقى: 745 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

4Rs نەزەرىيەسى (The Marketing Theory of 4Rs) مۇناسىۋەت بازارشۇناسلىقىنى مەركەز قىلىپ، خېرىدار ئىخلاسمەنلىكىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان. ئۇ ھەم زاۋۇت-دۇكانلارنىڭ پايدىسىنى كۆزدە تۇتقان ھەم خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان، بىرخىل تېخىمۇ ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك بولغان تىجارەت مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى. 


بازارشۇناسلىق "4R شەكىل"رەسىمى
 
4Rs بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىنىڭ تالاش-تارتىشى
ئەللىئوت ئەتتېنبېرگ (Elliott Ettenberg)___ 2001يىلى «4R بازارشۇناسلىق» كىتابىدا 4R بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 
دون سچۇز (Don E. Schuhz) 4C بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسىدا 4R بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

ئۇنداقتا، 4Rs نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى نېمە؟ قېنى قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
4Rs نەزەرىيەسىنىڭ مەزمۇنى
4Rs نەزەرىيەسىنىڭ تىجارەتتىكى تۆت ئامىلى:
بىرىنچى، باغلىنىش ( Relevancy)، كارخانا ۋە خېرىدار تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە. خېرىدار ئوتتۇرسىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇناسىۋىتىنى قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش بولسا كارخانا تىجارىتىدىكى مەركەزلىك ئىدىيە ۋە ئەڭ مۇھىم مەزمۇن. 
ئىككىنچى، ئەكس ئەتتۈرۈش (Respond)، ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان بازاردا، تىجارەتچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ  ئەمەلىي بولغان مەسىلە قانداق تىزگىنلەش، ئورنىتىش ۋە پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش بولماستىن بەلكى قانداق قىلىپ خېرىدارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇش ھەمدە ئاڭلاش، شۇ ئارقىلىق مۆلچەر سودا شەكلىنى يۇقىرى جاۋابقا ئىگە بولغان سودا شەكلىگە ئۆزگەرتىش. 
ئۈچىنچى، مۇناسىۋەت (Relation)، كارخانا بىلەن خېرىدارنىڭ مۇناسىۋىتى تۈپتىن ئۆزگەرگەن بازار مۇھىتى ئاستىدا، ئالدىدا بازار ئىگىلەشىنىڭ ئاچقۇچى بولسا خېرىدار بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم بولغان مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئۆزگەردى. شۇنىڭغا ماس ھالدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل بۇرۇلۇش مەردانغا كەلدى: بىر قېتىملىق سودىدىن ئۇزاق مۇددەتلىك دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشغا بۇرۇلۇش؛كۆز ئالدىدىكى پايدىنى كۆزلەشتىن ئۇزۇق مۇددەتلىك پايدىغا بۇرۇلۇش؛ خېرىدار پاسسىپ ھالدا كارخانىنىڭ بىر يۆنىلىشلىك سېتىۋېلىشتىن خېرىدار ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلەپچىقىرىش جەريانىغا قاتنىشىشقا بۇرۇلۇش؛ مەنپەئەت ئۆز-ئارا توقۇنۇشىدىن ئورتاق ۋە ئىناق تەرەققىي قىلىشقا بۇرۇلۇش؛ باشقۇرۇش بازارشۇناسلىق گۇرۇپپىسىدىن كارخانا باشقۇرۇشقا خېرىدار بىلەن ماسلىشىشقا بۇرۇلۇش. 
تۆتىنچى، جاۋاب قايتۇرۇش (Return)، ھەرقانداق سودا ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ھەممىسى ئىقتىساد مەنپەئەت مەسىلىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەلگىلىك ئىنكاس قايتۇرۇش بولسا تىجارەت پائالىيىتى داۋامىدىكى توقۇنۇشنى توغرا ھەل قىلىشنىڭ چىقىش نۇقتىسى شۇنداقلا يەنە تىجارەتنىڭ مەقسىدى. 
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى