ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇرچە ماركىلىق ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ساختا دېگۈچىلەرگە

ئۇيغۇرچە ماركىلىق ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ساختا دېگۈچىلەرگە

ۋاقتى: 2016-02-27 ئاۋاتلىقى: 826 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەن بەزىدە ئەمەس كۆپۈنچە، بىر قىسىم ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ  ئېغىزىدىن ئەمەس كۆپۈنچە ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن «ئۇيغۇرچە ماركىلىق مەھسۇلاتلار ساختا، ئۇيغۇرلار قانچىلىك نەرسە ئىشلىيەلەيتتى! يەنىلا داڭلىق ماركىلىقنى ئالغان ياخشى!» دېگەندەك گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمەن. مۇنداقلارغا تېشىمدا بىلدۈرمىگەن بىلەن ئىچىمدە «سەنمۇ ئۇيغۇر بولدىڭمۇ!» دەپ كېتىمەن. «ئۇيغۇرچە ماركىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى قانداقراقتۇ؟» دېگۈچىلەرگە بىلگىنىمچە ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرىمەن. «ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭكىنى ئالىمىزدە!» دېگۈچىلەرگە «بارىكاللا! ئۇيغۇر بولسا سىزدەك بولسا!» دەپ كېتىمەن.

مەن ئۆزۇم ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولغاچقا  ئۇيغۇرچە ماركىلىق ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ زاۋۇتتىن قانداق ئىشلىنىپ چىقىپ بازارغا سېلىنىدىغانلىقى توغرىلىق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي .
مېنىڭ بىلىشىمدە شىنجاڭ رايونىدا ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلار ھازىرچە يوق. ھەممىسى ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەردە. مەن تۆۋەندە  ئۇيغۇرچە ماركىلىق EVD ئاپپاراتىنىڭ ئىشلىنىپ چىقىش جەريانىنى سۆزلەپ ئۆتەي. EVD ئاپپاراتى ئشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلار كۆپۈنچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە كۆپرەك. زاۋۇتلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ كۆلۈمى چوڭراق، تېخنىك كۈچى كۈچلۈك،  قېلىپلاشقان شىركەتلەشكەن بولۇپ بەزىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ  مەھسۇلاتىنىڭ ماركىسى بولىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن. بەزىلىرى پەقەت ئىشلەپچىقىرىش (قۇراشتۇرۇش) بىلەنلا شۇغۇللىنىدۇ. سىز قايسى ماركىنى چاپلاپ بەر دېسىڭىز  شۇنى چاپلاپ زاۋۇتتىن چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ زاۋۇت پەقەت قۇراشتۇتۇپ چىقىرىپ مەھسۇلاتنى سىناپ سىزگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. EVD ئاپپاراتىغا كېرەكلىك سىرتقى قەغەز قېپىنى باسما زاۋۇتىغا زاكاس قىلىدۇ. تۆمۈر قېپىنى ئايرىم بىر زاۋۇتقا زاكاس قىلىدۇ، ئىچىدىكى لازىر نۇرلۇق باش، مېخانىك قۇرۇلما، مەنبە توك يولى، سىفىر يېشىش توك يولى قاتارلىق زاپچاسلارنىڭ ھەممىسىنى  شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك زاۋۇت-كارخانىلاردىن زاكاس قىلىدۇ. EVD ئاپپاراتى زاكاس قىلغۇچى تەرەپ ئۆزى ئشلەپچىقارماقچى بولغان مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارى، سۈپەت ئۆلچىمىنى زاۋۇتقا دەپ بېرىدۇ. زاۋۇت مال زاكاس قىلغۇچىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن قۇراشتۇرىدۇ. بۇ يەردىكى نېگىزلىك بىر مەسىلە بازارغا سېلىنغان مالنىڭ باھاسى، سۈپىتى، ئىقتىدارلىرىنى مال زاكاس قىلغۇچى تەرەپ بەلگىلەيدۇ. چىققان مالنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى يامان-بولۇشى مال زاكاس قىلغۇچى تەرەپنىڭ سودا ئەخلاقى، كەسىپچانلىقى، ئىنساۋىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. بازاردا سېتىلىۋاتقان باشقا داڭلىق ماركىلىق ياكى ئادەتتىكى ماركىلىق EVD ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ئىشلىنىدۇ. بەزىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ زاۋۇتى بار بەزىلىرىنىڭ يوق. بىزنىڭ ماللىرىمىزنى ياراتمايدىغان بەزى ئۇيغۇرلىرىمىز  تېخى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ زاۋۇتى بولمىسا، باشقا داڭلىق ماركىلىقلارغا ئوخشاش ئىشلىيەلەمتى!» دېيىشلىرى بار.
#p#
بۇ يەردىكى مەسىلە زاۋۇت بولۇش بولماسلىقى مۇھىم مەسىلە ئەمەس بەلكى قانداق چۈشۈنۈش مەسىلىسى. دۇنيادىكى داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىسى نەيكېنىڭمۇ زاۋۇتى يوققۇ! ئۇ قانداق قىلىپ دۇنياغا داڭلىق بولالىدى؟! ئىچكىرىدىكى ئاشۇ زاۋۇت قۇرغانلارنىڭمۇ EVD ئاپپاراتى قۇراشتۇرۇش ئەلمىساقتىن قىلىپ كېلىۋاتقان ئاتا مىراس كەسپىمىكەن؟! سىزچە بىز ئۇيغۇرلار نان يېقىش، كاۋاپ پىشۇرۇش، قوي-كالا بېقىش، دېھقانچىلىق قىلىش، ئۇسۇل ئويناپ ناخشا ئېيتىشقىلا يارالغان دەپ ئويلايدىغان ئوخشايسىز! ھازىر بىزنىڭ بۇ ئەنئەنىۋى كەسىپلىرىمىزنى باشقا مىللەتلەرمۇ قىلىۋاتىدىغۇ! ھەتتا بەزىلىرىنى بىزدىنمۇ ئاشۇرۇپ ياخشى قىلىۋاتىدۇ! ئېلېكترون تېخنىكىسى بولسا تېخى ئالدىنقى ئەسىردىلا پەيدا بولۇپ تەرەققى قىلىۋاتقان يېڭى تېخنىكا. باشقا مىللەتلەر چېغىدا ئۇيغۇرلارغا خاس ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۈگۈنۈپ، تەرەققى قىلدۇرۇپ بىزدىنمۇ ياخشى  قىلىۋاتسا بىز نېمە ئۈچۈن تېخى يېقىنقى زاماندىلا چىققان يېڭى تېخنىكىلارنى باشقىلاردەك ئۈگۈنۈپ، باشقىلار چىقارغان مەھسۇلاتلارنى چىقىرالمىغىدەكمىز! دۇنياغا يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ھەرقانداق شەيئى نۇقسانسىز بولمايدۇ. ئازدۇر-كۆپتۇر ئەيىپى بولىدۇ. ئاتالمىش سىز بىلىدىغان  ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىدىكى ئاشۇ داڭلىق ماركىلار بازارغا سېلىنغىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ بۇرۇندىن تارتىپ بارمىتى؟ زاۋۇتى بارمۇ يوق؟ نەدە؟ بىلەمسىز؟.....
ھەرقانداق ئېلېكتر ئۈسكىنىسى بۇزۇلىدۇ، پەقەت بۇزۇلۇش نىسبىتىنىڭ ئاز-كۆپلىگى ئوخشىمايدۇ. ئەگەر سىز ئالغان ماركىدىكى ئېلېكتر ئۈسكۈنىسى بۇزۇلمىسا ياخشى ماركا، بۇزۇلۇپ قالسىلا ناچار ماركا دەپ ئويلىسىڭىز، مېنىڭچە ھازىر بازارغا سېلىنغان ۋە سېتىلىۋاتقان «مەشرەپ»، «ئارزۇ»، «تەبەسسۇم»، «مۇراد» قاتارلىق ماركىدىكى توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، EVD ئاپپاراتلىرىنىڭ سۈپىتى ئوخشاش ئىقتىدارلىق باشقا داڭلىق ماركىلىقلارغا ئوخشاش، باھاسى ھەم ئەرزان تۇرمامدۇ! مەشرەپ توڭلاتقۇلىرىنىڭ كاپالەت ۋاقتىىنى ھەتتا «12 يىللىق ئەلا مۇلازىمەت» دەپ ۋەدە بېرىۋاتسا سىز ئاشۇ قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ گېپىگە ئىشەنمەي كىمنىڭ گېپىگە ئىشىنەتتىڭىز!!! ھازىر ھۆكۈمىتىمىزمۇ يەرلىك كارخانىلارنى، مىللىي كارخانىلارنى زور كۈچ قوللاپ ھەر تۈرلۈك ئېتىۋار سىياسەتلەرنى چىقىرىۋاتسا، بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قوللىماي، دەۋرگە ماسلاشماي، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ چاقىرىغىغا ئاۋاز قوشمىساق، ئۆزىنى ئۆزى قوللىمىغان مىللەتنى ھۆكۈمەتمۇ قوللاپ زېرىكىدۇ، خۇدامۇ  قوللىمايدۇ!
يەھۇدى مىللىتىنىڭ مال سېتىۋېلىشتىكى بىر ئادىتىنى ھەممىمىز بىلسەك كېرەك. يەنە يەھۇدىلار نەرسە-كېرەك سېتىۋالماقچى بولسا ئىزدەپ سوراپ  يۈرۈپ يەھۈدىلارنىڭ ماگىزىنىدىن سېتىۋالىدىكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا شۇنداق ئازاب ئوقۇبەتلەرنى تارتىپ خانىۋەيران بولۇپ كەتكەن بىر مىللەت ئاشۇ مىللىي روھى بىلەن ھازىر دۇنيادىكى بايلار ئەڭ  كۆپ مىللەتكە ئايلاندى. بىر ماتېرىيالدىن كۆرۈشۈمچە ئامېرىكىدىكى يەھۇدىلارنىڭ نوپۇسى ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ %2-%3 نى ئىگىلەيدىكەن، ئەمما ئامېرىكا بايلىقىنىڭ %90 ى يەھۇدى بايلىرىنىڭ قولىدا ئىكەن. كورىيەلىكلەر تاللا بازىرىدىن ھازىر ئىچمەكچى بولۇپ بىر خالتا سۈت سېتىۋالماقچى بولسا  ساقلىنىش ۋاقتى  ئەڭ قىسقا قالغاننى سېتىۋالىدىكەن. ئۇلار  ئەگەر  بۇ سۈتنى ھېچكىم سېتىۋالماي ۋاقتى ئۆتۈپ  بۇزۇلۇپ كەتسە ئشلەپچىقارغان كارخانىغا زىيان بولىدۇ دەپ ئويلايدىكەن. ئەگەر بىزدىمۇ ئاشۇ مىللەتلەردىكىدەك ئاشۇنداق مىللەتنى قوللاش روھىمىز بولغان بولسا، قانچىلىك تەرەققى قىلىپ كەتكەن بولاتتۇق ھە! بەزىدە ئۇيغۇر دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «ئۇيۇشقاق» دېگەنگە زادى ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. 
#p#
ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ تېمىسىغا كېلەيلى: يوقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن ھەرقانداق شەيئى نۇقساندىن خالى بولالمايدۇ. ئۇنى پەقەت ياخشى قوللىساق، پەرۋىش قىلساق، ياخشى ئۆسۈپ-يېتىلىش مۇھىتى ھازىرلاپ بەرسەك، ئاندىن تەرەققى قىلىدۇ، باشقىلارغا ئوخشاش ئۆسۈپ-يېتىلىدۇ، ھەتتا ئولاردىنمۇ ئېشىپ كېتىشى مۈمكىن. شۇڭا ئۇيغۇرچە ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى ياراتمايدىغانلارغا تەسۋىيە قىلىدىغىنىم، ئەگەر  ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك نەرسە سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچە ماركىلىقنى ئويلىشىپ بېقىڭ، كۆرۈپ بېقىڭ! ئۇلارنىمۇ ئاشۇ داڭلىق  ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى ئشلەپچىقارغان زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقارغان، ھەرگىز  ئويغۇرلىرىمىز ئۆزلىرى يەر ئاستى زاۋۇتلاردا ياسىۋالغان ئەمەس! ئۇيغۇرلىرىمىز باشقىلارنىڭ ئۇنداق ھۈنەرلىرىنى ئۈگۈنىۋېلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن! مۇشۇنداق قىلساق ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىك كارخانىلارنى قوللاش، ئىقتىسادتا ئارقىدا قالغان مىللەتلەرنى يۆلەش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش سىياسىتىگە ماسلاشقان بولىمىز. ھازىر ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا دۆلەت مالىيەسىدىن پۇل ئاجرىتىپ مال سېتىۋېلىشتا يەرلىك كارخانىلارنى ئالدى بىلەن ئويلىشىش، يەرلىك كارخانىدا بولمىسا ئاندىن سىرتنىڭ كارخانىلىرىنى ئويلۇشۇش دېگەن بەلگىلىمە بار. ھۆكۈمىتىمىز بىزنى زور كۈچ بىلەن قوللاۋاتقان يەردە، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز  ئازراق بولسىمۇ قوللاپ قويايلى! ئەلمىساقتىن تارتىپ ھازىرغىچە مىللەت ئۈچۈن جانلىرىنى، ماللىرىنى ئاتىۋەتكەن  مەرد-سېخىلىرىمىز مۇ كۆپقۇ! ئاشۇلارنىڭ روھىدىن ئۈگۈنەيلى، جارى قىلدۇرايلى!
ئستېمالچىلىرىمىزغا ئەسكەرتىش: ئالىدىغان مالنى ئوبدان ئويلىشىپ، كۆپرەك كۆرۈپ، سېلىشتۇرۇپ ئاندىن ئېلىڭ. مالنىڭ سۈپەت كاپالىتى، ئالماشتۇرۇش ۋاقتى كاپالەت ۋاقتى توغرۇلۇق يازما ھۆججەت يازغۇزىۋېلىڭ.
ئۇيغۇرچە ماركىلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان ساتىدىغان تىجارەتچى كارخانىچىلارغا: ئىنساپلىق، ئىمانلىق، راستچىللىق بىلەن سودا قىلىڭ. ھەرگىز قوينىڭ بېشىنى ئېسىپ ئۆچكە گۆشى ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ. سۈپەتنى، ئىناۋەتنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇڭ.
تامام.
ماقالىنى ئىشلەتكەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ. ئەمگىگىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! مۇراد ئېلېكترون تورى
http://murad.com.cn/

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى