سوم بېلىقى ھادىسىسىنىڭ قوللىنىشى
ۋاقتى: 2015-06-20
ئاۋاتلىقى: 517 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھازىر سوم بېلىقى ھادىسىسى ئاساسەن ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇش، رەھبەرلىك پائالىيىتىدە كۆپ قوللىنىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى رىقابەت مىخانىزمىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئىقتىدارلىقلارنى بايقاش، رەھبەرلىك ئۇسلۇبىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ. ئەمما سوم بېلىقى ھادىسىسىنىڭ قوللىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى ھەرگىزمۇ بۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. تەپەككۇر نۇقتىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، مەسىلىنى بايقاش، مەسىلىنى ھەل قىلىش قاتارلىق ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
ئەگەر سوم بېلىقى رەھبەرنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلسا، رەھبەر ۋەزىپىنى تاماملايدىغان شەخسكە ياكى كوللېكتىپقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۆلۈك ھالەتتىكى ساردىنا بېلىقى كۇپىدىكى ساردىنا بېلىقى بىر تۈركۈم ئوخشاش خاراكتېردىكى ناھايىتى كۈچلۈك بىر توپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدار سەۋىيەسى ئوخشىشىپ كەتكەچكە، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاكتىپچانلىقى كەمچىل بولىدۇ. ئادەم ئىشنىڭ تۆپىدە لەيلەپ قېلىپ، ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ-دە، پۈتكۈل قۇرۇلما بىر كېلەڭسىز ھالەتكە كىرىپ قالىدۇ. ئەمما سوم بېلىقى رەھبەرنىڭ كېلىشى (ياكى كۇپتىكى ساردىنا بېلىقى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ سوم بېلىقى بولغاندا) يېڭى رەھبەر رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىپ، ئىنتىزامنى تەرتىپكە سېلىپ، تۈزۈمنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىش ھالىقىسىنىڭ يۈرۈشۈش جەريانىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا ئادەم، مەبلەغ، ماددىي بويۇم قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، كوللېكتىپنىڭ تىجارىتىدە تەدرىجىي ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەننەرخى تۆۋەنلەپ، كېلەڭسىز قۇرۇلما ئاددىيلاشتۇرۇلىدۇ. ئىقتىدارسىز ساردىنا بېلىقى ياكى يەپ كېتىلىدۇ ياكى شاللاپ قالدۇرىلىدۇ. سەۋرچان ساردىنا بېلىقى بولسا توغرا بولغان رىغبەتلەندۈرۈشكە ئېرىشىپ، پۈتكۈل قۇرۇلمىدا يېڭىچە قىياپەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. سوم بېلىقىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، پۈتكۈل كوللېكتىپنىڭ جاسارىتى ئېشىپ، ھەممىسى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلۈپ، كوللېكتىپنىڭ كۈچى زور دەرىجىدە ئاشۇرىلىدۇ-دە، بازاردا مۇستەھكەم پۇت تىرەپ، سىجىل تەرەققىي قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.