ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

نېمىشقا كۆپ ئىشلارنى پىلانلاپ بىرنىمۇ قىلالمايمىز؟

نېمىشقا كۆپ ئىشلارنى پىلانلاپ بىرنىمۇ قىلالمايمىز؟

ۋاقتى: 2016-07-14 ئاۋاتلىقى: 421 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىر كارخانىچى 40 ياشتىن باشلاپ، كۈندە ئىككى سائەت ۋاقىت چىقىرىپ رەسىم سىزىشنى مەشىق قىلىپتۇ. ھەمدە پېنسىيەگە چىقىپ ئىككى يىلدىن كېيىن شەخسى رەسىملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ، بالىلىق دەۋردىكى رەسسام بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپتۇ. 
يەنە بىر نىكاھ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىم، چەتئەلگە چىقىپ نۇتۇق سۆزلىمەكچى بوپتۇ، بىراق ئېنگلىز تىلىدا بەك قىينىلىپتۇ، شۇڭا 45 ياشقا كىرگەن يىلى ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىش قارارىغا كەپتۇ، ھەمدە ماشىنا ساقلاش، ئاپتوبۇستا ئولتۇرۇش قاتارلىق ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ سۆزلۈك يادلاپتۇ، دەرۋەقە ئىككى يىلدىن كېيىن راۋان پاراڭلىشالايدىغان بوپتۇ.
بىزنىڭ ئۆگىنەلمەسلىكىمىزدىكى سەۋەب كىشىلەر ئېيتقاندەك: ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغا زېھنىنى چېچىش، دائىم ئىسمېنا ئىشلىگەنلىكتىن ۋاقىتنىڭ يوقلىقى ياكى قېرىغانلىقتىن ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىشىشىمۇ؟ ۋەياكى ئەسلى سەۋەب بىزنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىمىزنىڭ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمىزنىڭ يوقلىقىمۇ؟
1. ئۆگىنىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ يوقلىقى: بۇنى قىلسا مائاش قېتىلامدۇ؟
ئىلگىرى خىزمەت قىلغانلاردىن ئۆگەنگەندە دائىم سورىلىدىغان سوئاللار: بۇنى ئۆگەنسەم مائاش قاتامدۇ؟ تەكشۈرۈپ-ئىسپاتلاشقا پايدىلىقمۇ؟ بۇ ھەرگىزمۇ بۇنداق ئادەملەرنى چاكىنا دېگەنلىك ئەمەس، ئاشۇ خىل غىدىقلاشلارمۇ ئۆگىنىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ بىر خىلى. بىراق، بۇنچە كۆپ غىدىقلاشلارنىڭ ئىچىدە زادى قايسى خىلى ئۇزۇنغا داۋاملىشىدۇ؟ ئېنىققى يەنىلا قىزىقىش. 
نۇغۇن ئادەملەر دائىم: مېنىڭ قىزىقىشىم يوق دەپ قاخشايدۇ. بۇنداق دېيىش تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس. تۇرمۇشنىڭ ھەربىر نۇقتىسى بىر خىل قىزىقىش. بەزى ئادەملەر قول-ھۈنەرۋەنچىلىكنى ياخشى كۆرىدۇ، كۈندە گۈل كەشتىلەيدۇ، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن داڭلىق گۈل كەشتىچىگە ئايلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەرلىرىنى ساتىدۇ، كۆرگەزمە قىلىدۇ. بەزىلەر رومان ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، كۆپ كۆرگەنلىكتىن ئاخىرى ئۆزى يېزىپ، داڭلىق يازغۇچىغا ئايلىنىدۇ. يەنە بەزىلەر تور ئويۇنلىرىنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئويناۋېرىپ ئاخىرى ئويۇن ئىجاد قىلغۇچىلارغا ئايلىنىدۇ. بەلكىم سىز پەقەت لاي ئادەم ئويناشنى ياخشى كۆرۈشىڭىز، بىراق ياخشى لاي ئادەملەرنى ياسىيالماسلىقىڭىز مۇمكىن، كۆرگەزمىمۇ قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن، بىراق خۇشاللىققا ئىرىشەلەيسىز، ھېسابتا بۇمۇ ياخشى ئىش. 
#p#
2. نىشان ئېنىق ئەمەس: نۇرغۇنلار ئۆگىنىشنى ئويلايدۇ، بىراق قانداق ئۆگىنىشنى بىلمەيدۇ
ئالىم بۇرىدەن بىر كىچىك ئېشەك بېقىۋاپتۇ. بىر كۈنى تەخەي ئوخشاش ئىككى ئوت دۆۋىسى ئالدىدا زادى قايسىسىنى يېيىش توغرىسىدا ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قاپتۇ، ئاخىرىدا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قاپتۇ. بۇ خىل ئىككىلىنىش سەۋەبىدىن كەلگەن قىيىنچىلىق «بۇرىدەن ئېشەك ھادىسىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. 
مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۆگىنىش ھەرگىزمۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تاپشۇرۇقى، ئائىلە باشلىقىنىڭ تەلىپى ئەمەس، بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ تاللاش ھوقۇقىغا ئېرىشىمىز، بىراق مۇشۇ سەۋەبتىن بىر خىل خاتىرجەمسىزلىك پىسخىكىسى پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل ئىشقا نىسبەتەن ئۆگەنگۈچىلەر ئىككى خىل تەييارلىق قىلىشى كېرەك: بىرى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۆگىنىش پىلانى، بىر ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش يۆنىلىشىنى تاللاش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى قىزىقىشتىن باشلاش كېرەك. يەنە بىرى بولسا، قىسقا مۇددەتلىك ئۆگىنىش پىلانى، مەسىلەن، يېقىندا مەلۇم بىر ئىشقا ناھايىتى قىزىقىپ قالسا، ياكى خىزمەت شۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلسا، قىسقا مۇددەتلىك پىلان تۈزسە بولىدۇ.
 
3. ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرەلمەسلىك: پىلاننى كۆپ سوقۇپ، ئەمەلىيەتتە ھېچ ئىش قىلماسلىق
ئۇچۇر تېز سۈرئەتتە ئالمىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەگەر ھەممەيلەننى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىغا سەل قارىدى دېسەك، ئۇلارغا ئۇۋال قىلغانلىق بولىدۇ. خىزمەت قىلىۋاتقان ھەممە ئادەمگە مەلۇمكى، پەقەت توك قاچىلاپ تۇرغاندىلا ئاندىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىلى بولىدۇ. بىراق، كۆپ قىسىم ئۆگىنىش ئارزۇسى بارلارنىڭ ھەممىسىدە مۇنداق گۇمان بار: نېمىشقا مەن دائىم ئۆگىنىش پىلانىمنى تاماملىيالمايمەن؟ بەلكىم بۇنى ئاددىي قىلىپ «ھۇرۇنلۇق» دەپلا چۈشەندۈرۈشكە بولمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئىككى تەرەپتىن كۆرۈشكە بولىدۇ: 
بىرىنچىسى ئۇزۇنغىچە ھۇزۇرلىنىشنى بىلمەسلىك، ھەمىشە: بۈگۈن ئويناپ، ئەتە ئۆگىنىش قىلاي دەپ ئويلايدۇ. پىسخىكا ئىلمىدىكى ئاتاقلىق قەنت-كېزەك تەجىرىبىسى ھۇزۇرلىنىش تۇيغۇسىنى ئۇزارتىشقا قارىتىلغان، پىسخىكاشۇناسلار بالىلارغا قەنت-كېزەك تارقىتىپ بېرىپ، ئەگەر ھازىر يېسە پەقەت بىرنىلا يەيدىغانلىقىنى، 10 مىنۇتتىن كېيىن يېسە ئىككىنى يەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. نەتىجىدە بەزىلىرى تاقەت قىلالماي شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەۋەتكەن، يەنە بەزىلىرى كۆپ يېيىش ئۈچۈن بۇ خىل ئازابقا چىدىغان. پىسخىكاشۇناسلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 20 يىلدىن كېيىن، ھېلىقى بەرداشلىق بېرەلىگەن بالىلارنىڭ كۆپ قىسمى ناھايىتى چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بايقىغان. 
#p#
ئۆگىنىش بولسا ھۇزۇر-ھالاۋەتنى كېيىنگە سۈرۈش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن بىر سىناق. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەم ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش تەجىرىبىسىدىن مۇنداق ھۇزۇرلانغان: ھەر قېتىم ئۆگىنىش قىلىپ ھارغاندا، ئۆز-ئۆزىگە «يەنە بەش مىنۇت ئۆگىنەي، بەش مىنۇتتىن كېيىن ئوينىسام بولىدۇ.» ئەمەلىيەتتە، يەنە بىر قېتىم ئۆگىنىش ھالىتىگە كىرگەندىن كېيىن، ئويۇننى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەن بولىسىز. ئەڭ مۇھىمى سىز ئۆگىنىش پىلانىڭىزنى تاماملاپ بولغان ۋاقتىڭىزدا، ھەتتا ئاشۇرۇپ تاماملىغان ۋاقتىڭىزدا، سىزنىڭ ئويۇندىن ئالغان خوشاللىقىڭىز تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. 
ئۇنىڭدىن باشقا، پىلاننى كۆپ تۈزۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلماسلىقنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بار، يەنى پاسسىپلىق ئىدىيەسىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالماسلىق. بەزى ئادەملەر ئۆزىگە يەتمەك تەس بولغان تەلەپلەرنى قويىدۇ، تەلەپ بەك زىيادە بولسا، روھى بېسىمىنى ئاشۇرىۋېتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەتكە بولغان قىزغىنلىقنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە پىلاننى تاماملىيالماي قالسا، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىگە زەربە بېرىدۇ، ھەمدە كېيىنكى قېتىممۇ غەلىبە قازىنالمايدىغاندەك ھېس تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىر قانچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن، پىلان تۈزگۈدەكمۇ قىزغىنلىقى قالمايدۇ.
ئەگەر سىزمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆگىنىش قىلالمايۋاتقان بولسىڭىز، سىزنىڭ تاماملاشقا ئاسانراق بولغان پىلانلارنى تۈزۈپ، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئاشۇرغاندىن كېيىن قايتىدىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. 
 
4. ئىزدىنىشنىڭ كەمچىل بولۇشى: ئەتراپتا ھېچقانداق يېڭى ئىشلار يوق
ئادەتتە بۇنداق ئىدىيەدىكى ئادەملەر، تۇرمۇشقا ۋە خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقى ناھايىتى تۆۋەن. راستىنى ئېيتقاندا، ئۇلارنى بۇنداق ھېس قىلدۇرىدىغان نەرسە پەقەت ئۆگىنىشلا ئەمەس. ئۇلار ھازىرقى تۇرمۇش ھالىتىدىن قاخشايدۇ، بىراق قانداق ئۆزگەرتىشنى بىلمەيدۇ، ھەم ئۆزگەرتىشكىمۇ جۈرئىتى يوق. بۇ خىل پوزىتسىيە ئۆگىنىش جەھەتتە: مېنىڭ يېڭى شەئىيلەر بىلەن تونۇشقۇم يوق، چۈنكى يېڭى نەرسىلەر ھازىرقى تۇرمۇشقا بولغان بىر خىل زەربە دەپ قارايدۇ.
قايتىدىن ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ۋە ئاللىبۇرۇن كۆمۈلۈپ قالغان قىزىقىشنى تاپماقچى بولسىڭىز، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل كىچىك ئىشتىن باشلاش. مەسىلەن ئىشخانىنىڭ لاھىيەلىنىشىنى ئۆزگەرتىش، قالايمىقانچىلىقنى رەتلەش. ئەگەر ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرغاندا، ئۆي كۆچۈشنى ئويلىشىش، مۇھىتنى ئالماشتۇرۇش، ياكى پۈتۈن كۈن تۇرىدىغان ئۆيىنى رەتلەش، يۈتۈپ كەتكىنىگە ئۇزۇن بولغان نەرسىلەرنى تېپىپ چىقىش. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئىزدىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىڭىزنى ئاشۇرۇپ، سىزنى ئۆزگەرتىشنىڭ خوشاللىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئەگەر داۋاملىق شۇنداق قىلسىڭىز، ئۆزگىرىشتىن قورۇقمايدىغان بولىسىز، ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىڭىزمۇ ئاشىدۇ. 
 
5. ۋاقىت باشقۇرۇشنى بىلمەيدۇ: ھەر ۋاقىت قالايمىقانچىلىق ئىچىدە تۇرۇش
Patek Philippe نىڭ مۇئاۋېن لىدىرى Thierry Stern نىڭ «ۋاقىت مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان رىقابەت»  دېگەن بۇ سۆزى ھەربىر ئۆگەنگۈچىگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭقۇر مەنىگە ئىگە.
ئاللاھ ھەر بىر ئادەمگە 24 سائەت ۋاقىت بېرىدۇ، ھەممە ئادەمگە ئوخشاش. ئالدىنقى سەككىز سائەتتە خىزمەت قىلىمىز، كېيىنكى سەككىز سائەتتە ئوخلايمىز. كىشىلەر ئارىسىدىكى پەرق دەل قالغان سەككىز سائەتتە چىقىدۇ. ئەگەر سىز كۈندە ئىشقا چۈشۈش ۋە ئىشتىن چۈشۈشكە ئۈچ سائەت، تاماق يېيىشكە ئىككى سائەت، تېلېۋىزور كۆرۈشكە بىر سائەت ۋاقىت سەرپ قىلسىڭىز، ئەركىن ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا بولىدىغان ۋاقىت ئاران ئىككى سائەت قالىدۇ. بىراق ئەگەر سىز ئۇلاردىن ئازراق ۋاقىتىڭىزنى ئۆگىنىشكە چىقارسىڭىز، سىزنىڭ ئۈگىنىشىڭىز كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە ئىلگىرىلەيدۇ. ئۇنداقتا بۇ ۋاقىتنى قانداق چىقىرىمىز؟ ئۇلارنى ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە قانداق تەڭشەيمىز؟  بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدىن پايدىلانساق بولىدۇ:
1. كۈندىلىك پىلاننى ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى پىلانلاش كېرەك. يەنى ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئەتىكى ئۆگىنىش، خىزمەت پىلانىنى پىلانلاش كېرەك.
2. ئۆزىنى پۈتۈن كۈن بىر ئىش بىلەن بېسىلىپ قالغاندەك تۇيغۇدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىشلارنى قىسىملارغا بۆلۈش كېرەك.
3. ئەڭ ئاۋۋال ئەڭ قىيىنىنى ئۇرۇنداش كېرەك. ئەگەر ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىش بىلەن قەدىمىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش بۈگۈنكى ۋەزىپە بولسا، ئالدىنقىسى سىزگە بەكرەك تەس بولسا، ئاۋۋال ئېنگلىز تىلى يادلاڭ، بۇنداق قىلغاندا روھى بېسىمنى ئازايتىپ، كېيىنكى ۋەزىپىنى تېخىمۇ ئاسان ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى