ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ياش ئايال ئىگىلىك تىكلىگۈچى: ئايتۇرسۇن رۇسۇل

ياش ئايال ئىگىلىك تىكلىگۈچى: ئايتۇرسۇن رۇسۇل

ۋاقتى: 2012-10-14 ئاۋاتلىقى: 462 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئايتۇرسۇن رۇسۇل شىنجاڭ شانئال ئىگىلىك تىكلەش كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭغا تۇنجى بولۇپ MBA (سودا سانائەتنى باشقۇرۇش ماگىستېرلىقى) تەربىيەلەش تۈرىنى ئېلىپ كىرگۈچى. 
ئايتۇرسۇن رۇسۇل 1969-يىلى قەشقەرنىڭ يۇپورغا ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق يېزىسىدا بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ بالىلىق ھاياتى چەت يېزىلاردا ئۆتكەن. 5 يىللىق باشلانغۇچ مەكتەپنى 3 يىلدا پۈتتۈرگەن. دادىسى (رۇسۇل ئابباس مەكتەپ مۇدىرى) ئاچچىق يېزىسىدىكى تۇنجى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان زىيالىي بولۇپ، ئايتۇرسۇن رۇسۇل دادىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئوقۇشقا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان. 
 
ئايتۇرسۇن رۇسۇل

ئايتۇرسۇن رۇسۇل 1990-يىلى سانائەت ئىنىستۇتىنىڭ يېمەكلىك كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ 1993-يىلى «يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاش» ناملىق كىتابنى يېزىپ چىققان. بۇ كىتاب 1997-يىلى دۆلەتنىڭ كىتاب نەشر قىلىش پىلانىنىڭ ئىچىدە نەشردىن چىقىرىلغان بولۇپ، دىيارىمىزدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال بولغان يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاش ھەققىدىكى بىردىنبىر كىتاب بولۇپ قالغان. 
ئايتۇرسۇن رۇسۇل 1993-يىلى «يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاش» ناملىق كىتابنى يېزىپ تاماملىغاندىن كېيىن، 1994-يىلى ھاياتىدىكى چوڭ بىر قارارنى چىقارغان. يەنى ئۇ ئىشلەۋاتقان يېمەكلىكلەر تەتقىقات ئورنىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئۇ دەسلەپتە ئېنگلىزچە تەرجىمانلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ جەرياندا 30 دىن ئارتۇق دۆلەتكە چىققان، ھەمدە تاشقى سودا ئىشلىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا باشلاپ، ئاز تولا سودا قىلىپ 1 مىليوندىن ئوشۇق پۇل تاپقان.  
ئەمما كېيىن باشقىلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا ئۇچراپ 1997-يىلىغا كەلگەندە 2 مىليون يۈەندەك زىيان تارتقان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ چوڭ مەغلۇبىيەتتىن كېيىن دەسلەپتە ئاشخانىلاردا مۇلازىمەتچىلىك قىلغان، مال ساتقۇچى بولغان، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى (توڭلاتقۇ) قاتارلىقلارنى رېمونت قىلىش، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئېچىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان. 2004-يىلغا كەلگەندە ئۇنىڭ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش دوكىنى 18 ئورۇنغا كۆپەيگەن.
ئۇ تەرجىمانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە چەتئەلدىكى كارخانىچىلار بىلەن ئۇچرىشىش، ئالاقە قىلىش جەريانىدا دىيارىمىزدىكى كارخانىچىلار ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىچىلىرى ھەمدە چەتئەل كارخانىچىلىرى ئوتتۇرىسىدا زور پەرقنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دىيارىمىزدىكى كارخانىچىلارنىڭ مەملىكىتىمىز ۋە چەتئەللەردىكى كارخانىچىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى دەپ قارىغان. ئۇنىڭدىكى كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئۇنىڭ دادىسىنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدا قالدۇرغان نەسھىيىتىنىڭ تەسىرىدە 2006-يىلغا كەلگەندە بارلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش دۇكانلىرىنى تاقاپ، شانئال ئىگىلىك تىكلەش كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىنى قۇرغان. 
ھەر بىر قارار تەربىيەلەشكە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 4 نەپەر ئوقۇتقۇچى كېلىپ دەرس ئۆتىدۇ. دەرسلىك ئۇيغۇرچىنى ئاساس قىلىپ ئۆتىلىددىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر تەربىيەلەنگەنلەر 25 مىڭدىن ئاشقان. تەربىيەلەش مەزمۇنى ئاساسەن ئىگىلىك تىكلەش، كارخانا باشقۇرۇش، سودا باشقۇرۇش ماگىستېرلىقى، ئاياللارغا قارىتىلغان بەختىيار ھايات، شىركەت خادىملىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
2009-يىلى ئۇ ب د ت نىڭ «17-نۆۋەتلىك ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات يىغىنى»غا قاتناشقان. 
ئۆزىگە بولغان نىشان: 2015-يىلغا بارغاندا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر كىرەلەيدىغان قورغانسىز مەكتەپ قۇرۇپ چىقىش. 
2010-يىلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان، «بەختىيار ھايات» تەربىيەلەش دەرسىدە جۇڭخۇا خەن دېلىن ئىنىستىتۇتى بىلەن ھەمكارلاشقان. شانئال تەربىيەلەش مەركىزىدە خەن دېلىن ئىنىستۇتىنىڭ تارماق مەكتىپى قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى