ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىنجاڭنىڭ يېڭى نۇسخىلىق يەككە تىجارەتچىلەر تىجارەت گۇۋاھنامىسى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تارقىتىلدى

شىنجاڭنىڭ يېڭى نۇسخىلىق يەككە تىجارەتچىلەر تىجارەت گۇۋاھنامىسى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تارقىتىلدى

ۋاقتى: 2016-01-18 ئاۋاتلىقى: 598 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 شىنجاڭنىڭ يېڭى نۇسخىلىق يەككە تىجارەتچىلەر تىجارەت گۇۋاھنامىسى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تارقىتىلدى

 

3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى شىنجاڭنىڭ يېڭى نۇسخىلىق يەككە تىجارەتچىلەر تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىشنى باشلاش مۇراسىمى

 

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى (مۇخبىر جىن خاۋ سۈرەتكە تارتىپ خەۋەر قىلغان) 2-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى مەمتىمىن فىردوس ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسىنىڭ يەككە تىجارەتچىلەر تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرۇش مەركىزىدە تىجارەت گۇۋاھنامىسى بىجىرگىلى كەلگەن يەككە تىجارەتچىلەرگە تۇنجى پارچە يېڭى نۇسخىلىق يەككە تىجارەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى، بۇنىڭدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ يەككە تىجارەتچىلەرنى تىزىملاش يېڭى سىستېمىسى تەڭشەشتىن ئۆتۈپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتى.

 

ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسى كارخانىلارنى ئەنگە ئېلىپ تىزىملاش ئورنىنىڭ باشلىقى خوۋ جيەنخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەسلىدىكى شىركەت ئەنگە ئالغاندا تەسىس قىلغان ئەڭ تۆۋەن ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغى چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندا، يەنە مەبلەغ چىقىرىش ئۇسۇلى، مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتى، تۇنجى قېتىملىق مەبلەغ چىقىرىش نىسبىتى ۋە پۇل مەبلەغ چىقىرىش نىسبىتىنىڭ چەكلىمىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مەبلەغ سالغانلار ئۆزلىرى كېلىشىپ، شىركەتنىڭ نىزامنامىسىگە خاتىرىلەپ قويىدىغان بولغان، شىركەتنى تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرغاندا مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكلاتى تاپشۇرمايدىغان بولغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن، كارخانىلار پۇل-مۇئامىلە ئورگىنىغا بېرىپ مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكلاتى بىجىرسە ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ كۈن ۋاقىت كېتەتتى، يەنە بىر قىسىم بىجىرىش خىراجەتلىرى بار ئىدى، ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى تىزىملىتىش تۈزۈمى ئىلاھات قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى تۈرلۈك خىراجەت تىجىلىپ قالىدىغان بولدى، پەقەت ئالدىنقى مەزگىللىك ماتېرىياللىرىنى تولۇق تەييارلىغان، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلا بولسا، يېڭى كارخانىلار تىجارەت گۇۋاھنامىسى ئالالايدۇ.


 

خوۋ جيەنخۇا مۇنداق دېدى: ئەنگە ئالدۇرغان مەبلەغنى تاپشۇرۇشقا ۋەدە بېرىش تۈزۈمى بارلىق شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە گوۋۇيۈەن قارارلىرىدا ئېنىق بەلگىلەنگەن بانكا، زايوم، سۇغۇرتا، بىۋاسىتە سېتىش قاتارلىق 27 تۈرلۈك شىركەتكە قارىتا ۋاقتىنچە تاپشۇرۇشقا ۋەدە بېرىش تۈزۈمى يۈرگۈزۈلمەيدۇ.

 

ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسى سىياسەت قانۇن ئورنىنىڭ باشلىقى جاڭ لىنچۈەن تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: بەزىلەر ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى تاپشۇرۇشقا ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويسا، ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى خالىغانچە دوكلات قىلسا بولىدۇ، چىقارغان مەبلەغ نەقلەشسە نەقلەشمىسە ئوخشاش دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.

 

ئۇ مۇنداق دېدى: تاپشۇرۇشقا ۋەدە بېرىش تۈزۈمى شىركەت پايچىكلىرىنىڭ ئۆزى تاپشۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن مەبلەغ چىقىرىش سوممىسى بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان بەلگىلىمىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، ئەگەر پايچىك(قۇرغۇچى) شىركەتنىڭ نىزامنامىسىگە ئاساسەن چىقارغان مەبلىغىنى تاپشۇرمىسا، قانۇن ۋە شىركەت نىزامنامىسىگە ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 

2013-يىل 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «شىركەت قانۇنى»نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسىگە قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، 12 ماددا ئۆزگەرتىلدى.

 

ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى گاڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسى تىزىملاش كەسپى يۇمشاق دېتال سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىشنى تاماملاپ، بازار ئاساسىي گەۋدىسى ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇپ پۈتكۈزدى، ھازىر ئۇيغۇرچە خەنزۇچە قوش تىللىق يېڭى نۇسخىلىق تىجارەت گۇۋاھنامىسى ياساشنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەۋاتىدۇ، 3-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ؛ «ئاپتونوم رايوننىڭ كارخانا تۇرۇشلۇق ئورنى(تىجارەت مەيدانى)نى تىزىملاپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نى تەقلىد قىلدى، ئەنگە ئېلىپ تىزىملاش كادىرلىرىنى كەسپىي تەربىيەلەشمۇ 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن تاماملىنىپ، ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرىنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا قانۇن بويىچە ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.


 

3-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى مەمتىمىن.فىردوس ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسىنىڭ يەككە تىجارەتچىلەر تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرۇش مەركىزىدە تىجارەت گۇۋاھنامىسى بىجىرگىلى كەلگەن يەككە تىجارەتچىلەرگە تۇنجى پارچە يېڭى نۇسخىلىق يەككە تىجارەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.

 

خەۋەر ماتېرىيالى: تىزىملىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى


(بىرىنچى) شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى تاپشۇرۇشقا ۋەدە قىلىپ تىزىملىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى تىزىملىتىش شەرتىنى ئاسانلاشتۇرۇش.


(ئىككىنچى) يىللىق تەكشۈرۈش، گۇۋاھنامە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلدى. كارخانىلارنىڭ يىللىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى كارخانىلارنىڭ يىللىق دوكلات قىلىپ ئاشكارىلاش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش.

 


(ئۈچىنچى)تۇرۇشلۇق ئورنى(تىجارەت مەيدانى)نى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش.


(تۆتىنچى) ئېلېكترونلۇق تىجارەت گۇۋاھنامىسى ۋە پۈتۈن جەريانى ئېلېكترونلاشتۇرۇلغان تىزىمغا ئېلىپ باشقۇرۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش.


(بەشىنچى) بازار ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسى قۇرۇپ، بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردى. شىركەت قانۇنىي ۋەكىلى دۆلەت ئۇچۇر مەنبەسى ئامبىرىنى ئاساس قىلىپ بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تىجارەتتە بىنورماللىق كۆرۈلگەنلەرنى تىزىملاش تۈزۈمى قۇرۇش.

 

تىزىملىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى


كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان سودا-سانائەت ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى تىزىملىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. كارخانىلار ۋە يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ يىللىق تەكشۈرۈشىنى توختاتقاندىن سىرت، بازار ئىقتىسادى ئاساسىي گەۋدىلىرىگە يەنە قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ مۇخبىر زىيارەت قىلغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرىدىن سورىدى.

 

يېڭى نۇسخىلىق تىجاۋەت گۇۋاھنامىسىگە ئىككى ئىلىك كودى قوشۇلىدۇ، تور ئادرېسى ئاشكارىلىنىدۇ

 

3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسى تىزىملاتقىلى كەلگەن كارخانىلارغا يېڭى نۇسخىلىق تىجارەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىشقا باشلىدى.

 

ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسى كارخانىلارنى ئەنگە ئېلىپ تىزىملاش ئورنىنىڭ باشلىقى خوۋ جيەنخۇا مۇنداق دېدى: ئەسلىدىكى تىجارەت گۇۋاھنامىسىنىڭ 15 خىل نۇسخىسى بار ئىدى، ھازىرقى يېڭى نەشرلىك تىجارەت گۇۋاھنامىسى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ 8 خىل بولدى، يېڭى نۇسخىلىق تىجارەت گۇۋاھنامىسىگە ئىككى ئىلىك كودى، ئىناۋەت ئاشكارىلاشنى تەكشۈرىدىغان تور ئادرېسى قوشۇلدى، ئەمەلىي تاپشۇرۇۋالغان مەبلەغ تۈرى، يىللىق تەكشۈرۈش ستونى ۋە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار قاتارلىق مەزمۇنلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

 

دۆلەت سودا-سانائەت باش ئىدارىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2014-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان كارخانىلار ئەسلى نۇسخىلىق تىجاۋەت گۇۋاھنامىسىنى داۋاملىق ئىشلەتسە بولىدۇ، يېڭى نۇسخىلىق تىجارەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىشكە ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ، ئەسلى نۇسخىدىكى تىجاۋەت گۇۋاھنامىسىنىڭ ئىشلىتىش مۇددىتى ئەڭ كېچىككەندىمۇ 2015-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ.


 

بايىلا يېڭى نۇسخىلىق تىجاۋەت گۇۋاھنامىسىنى ئالغان تىجارەتچىلەر مۇخبىرغا يېڭى نۇسخىلىق تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى كۆرسەتمەكتە

 

«قارا تىزىملىك» باشقۇرۇشى زور مىقداردىكى «سومكا شىركەتلىرى»نىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

 

ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى تاپشۇرۇشقا ۋەدە بېرىش تۈزۈمىدە، سودا-سانائەت ئورۇنلىرى ئەمەلىي تاپشۇرۇۋالغان مەبلەغنى تىزىملىمايدۇ، نۇرغۇن «سومكا شىركەتلىرى» پەيدا بولۇپ ئىقتىداسىي تەرتىپكە زىيان سالامدۇ قانداق؟

 

ئىسلاھات قىلغاندىن كېيىنكى كارخانىلارنىڭ يىللىق دوكلات تۈزۈمىنى مىسالغا ئالساق، بەلگىلەنگەن مۇددەت بويىچە يىللىق دوكلاتىنى ئاشكارىلىمىغان كارخانىلارغا قارىتا، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئوگانلىرى بازار ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسىدا ئۇلارنى تىجارەتتە بىنورماللىق كۆرۈلگەنلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارغا يىللىق دوكلاتنى ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەشنى ئەسكەرتىدۇ. كارخانا ئۈچ يىل ئىچىدە يىللىق دوكلاتىنى ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتىنى ئورۇندىسا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا نورمال خاتىرىلىنىش ھالىتىگە قايتۇرۇلۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتكىچە ئورۇندىمىسا، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ئۇنى تىجارەتتە بىنورماللىق كۆرۈلگەنلەر خاتىرىسىگە مەڭگۈلۈك كىرگۈزۈۋېتىدۇ، نورمال خاتىرىلىنىش ھالىتىگە قايتۇرۇشقا بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلار تىزىملىكىگە، يەنى «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزۈۋېتىدۇ. «قارا تىزىملىك»نى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش، كارخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، مەسئۇلىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان لەۋزىدە تۇرمىغانلارغا تەنبىھ بېرىش تۈزۈمىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىر جايدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، ھەر جايدا چەكلىمىگە ئۇچراش»نى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

 

«شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى تاپشۇرۇشقا ۋەدە بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىجازەت بوسۇغىسى تۆۋەنلىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ سەمىمىيىتىگە بولغان تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.»-دېدى لى گاڭ. ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى تىزىملىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئاللىبۇرۇن گۇاڭدۇڭ، شېنجېن، دۇڭگۇەن قاتارلىق جايلاردا سىناق قىلىندى، ھازىرغىچە بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمىدى. شۇڭا، شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى تاپشۇرۇشقا ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغاندا، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىجازەت بوسۇغىسى تۆۋەنلەيدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ سەمىمىيىتىگە بولغان تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرىلايدۇ.»

 

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرىگە ۋە دۆلەتلىك سودا-سانائەت باش ئىدارىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بازار ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسى»نى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇپ چىقتى.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى