ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەتنىڭ قۇدرىتى: نادىر ئۈزۈندىلەر (2)

شىركەتنىڭ قۇدرىتى: نادىر ئۈزۈندىلەر (2)

ۋاقتى: 2016-03-30 ئاۋاتلىقى: 837 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى بۇ يەردە!

ئالتىنچى قىسىم: ھاكىمىيەت كىمنىڭ قولىدا
ئۇرۇشتىن كېيىنكى جاھان چوڭ شىركەتلەر رېقابەتلىشىدىغان دەۋرنى كۈتۈۋالدى. كىشىلەر ئاستا-ئاستا شۇنى بايقاشقا باشلىدى: باشقۇرۇش دېگەنلىك ئۈنۈم دېگەنلىك، باشقۇرۇش دېگەنلىك پايدا دېگەنلىك. باشقۇرۇش بولسا شىركەت ياراتقان شۇنداقلا ئۆزى ئېستېمال قىلىدىغان مەھسۇلات، شۇنداقلا ھەربىر مۇۋەپىقىيەت قازانغان تەشكىل چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك بىلىم.
زادى كىمنىڭ دېگىنى ھېساب؟ تەدبىر قانداق قىلىپ ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ ھوقۇقنىڭ تەقسىم قىلىنىشى، ئۆز-ئارا چەكلىشى ۋە داۋاملاشتۇرۇشى ھەرقانداق بىر تەرەققىي قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان، مەڭگۈلۈككە ئىنتىلىدىغان شىركەت ئۈچۈن ئېيتقاندا چوقۇم ئاتلاشقا تېگىشلىك بوسۇغا.
پەقەت دەقىقىلا ھايات-ماماتلىق قىلى ئۈستىدە تۇرالايدىغان، تىك يار ئۈستىدە تۇرغان شىركەتلا ئۆزىنى يېڭىلىيالايدىغان ئاكىتىپ ئاڭغا ئىگە بولالايدۇ، شۇندىلا ئاندىن پايدىسىز تەشكىلات ئىگە بولالمىغان ئىچكى ئىمپۇلۇسقا ئىگە بولۇپ يېڭى بىر باشقۇرۇش سېخىمىسى يارىتىدۇ.
سېلون ئېيتقاندەك: «مۇستەبىتنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ھەرقانداق بىر ئورۇن تەرەققىي قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. ئەگەر ھەممە سۇئالنىڭ بارلىق جاۋابىنى بىلسە، ئۇنداقتا بۇ مۇستەبىت تۈزۈمى ئەڭ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۇسۇلى ھىسابلىنىدۇ. ئەمما ھىچقانداق بىر مۇستەبىت بۇنداق قىلالمايدۇ، كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق .»

چىڭخۇا  ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىنىڭ پىروفېسسورى---نېڭ شىياڭدۇڭ
كەسپى ۋاستىچىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىگىدارلىق ھوقۇقى بىلەن باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ئايرىلىپ چىقىشىنىڭ بەلگىسى. بۇرۇن شىركەتنى ئىگىدارلىق قىلغۇچى باشقۇراتتى، ئەمەلىيەتتە شىركەتنىڭ ھاياتى بىلەن ئىگىدارلىق قىلغۇچىنىڭ ھاياتى مەھكەم باغلىنىپ قالغان، بۇ  شىركەتكە ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋە ئەڭ ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ كىرىشىگە پايدىلىق ئەمەس، ئەمما كەسپى ۋاستىچىلەر شىركەتنىڭ ئالدىنقى سىپىگە كىرىپ ئىگىدارلىق قىلغۇچى بىلەن ئاجراشتى، بۇ ئىككى ھوقۇقنىڭ ئايرىلىشى شىركەتنىڭ بىر مۇستەقىل ھاياتلىق سۈپىتىدە داۋاملىشىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇ ئەڭ مۇنەۋۋەر كىشىنىڭ قولىدا نۇر چاقنىيالايدۇ.
كەسپى ۋاستىچىلەر راستىنلا چوڭ شىركەتلەرنىڭ باشقۇرۇش سەھنىسىدە ماڭدى. كارخانىنىڭ تەقدىرى شۇنىڭدىن بىرى قانداشلىق ۋە تەلەيدىن ھالقىدى.
ئامېرىكا ئۆلىماسى چەندلېر(Chandler)نىڭ قارىشىچە: بىر شىركەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى قاتلىمى ھەر ئىككىلىسلا مائاش ئالىدىغان ۋاكالەتچىنىڭ كونترول قىلىشى ئاستىدا بولسا، ئۇنداقتا بۇ شىركەت زامانىۋى شىركەت دەپ ئاتىلىدۇ.
شىركەت زامانىۋىيلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە تەسىر قىلىدۇ.

كاڭلەن شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە باشقۇرغۇچىسى: (Roger Mavity)
كەلگۈسى ئەۋلادلار بۇرۇنقىلاردەك ئەقىللىق بولۇشى ناتايىن، بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ ئىز-باسارلىرى، بالىلىرىنىڭ ئوخشاش تالانتقا ئىگە بولۇشى ناتايىن.
ھىچكىممۇ ئۆز جەمەتىدىن ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىز-باسار چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. شىركەت ئەۋلاتلىرىغا قالدۇرۇلسا بولىدۇ، ئەمما شىركەتنى باشقۇرىدىغان تالانتنى ئېرسىيەت قالدۇرغىلى بولمايدۇ.
شىركەتنىڭ «چەكسىز چوڭ بولۇشى» ۋە «چەكسىز ئۇزۇن داۋاملىشىشى»دەك بۇ ئىككى نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىگىدارلىق ھوقۇقى بىلەن باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ئاجرىلىشىشى بىر ئاقىلانە تاللاش. شىركەتنى ياراتقان كىشىنىڭ شىركەت ئۈچۈن قىلىشى زۆرۈر بولغان مۇھىم ئىش بەلكىم مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن ئايرىلىش.
1956-يىلى، كەسپىي ۋاكالەتچى سېلون ئەپەندىم شەرەپ بىلەن پېنسىيەگە چىققاندا، توڭيوڭ شىركىتى يېڭى باش دىرېكتور سايلاپ چىقتى. سېلون سەمىمىيلىك بىلەن شۇنى ئىتراپ قىلغان: «ياخشىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تاللىغان ئادەم مەن ياللىماقچى بولغان كىشى ئەمەس، ئەمما ئۇ مېنى تاللىسا مەن قارشى تۇرالمايمەن.» ئۇ چىڭ تۇرغان بىر ئىغىز كونا گەپ: «ھازىرقى باشلىقنىڭ ئىزباسار تاللىشىغا يول قويماڭ، بولمىسا ئېرىشكىنىڭىز پەقەت ئىككىنچى دەرىجىلىك كۆچۈرۈلمە نۇسخىدۇر.»
«ھازىرقى زامان باشقۇرۇش ئىلمى ئاتىسى» دەپ ئاتالغان پېتېر فېردىناند درۇكېر (Peter Ferdinand Drucker) مۇنداق دەيدۇ: تەشكىلنىڭ مەقسىتى ئادەتتىكى كىشىلەرنى ئالاھىدە ئىشلارنى قىلغۇزۇش.
#p#
20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، باشقۇرۇشنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئاممىۋىي بىلىمگە ئايلانغانلىقى شىركەت ئەمەلگە ئاشۇرغان ئەڭ مۇھىم نەتىجىلەرىنىڭ بىرى.
ئىگىدارلىق ھوقۇقى كۈنسېرى پارچىلىنىپ چوڭ-كىچىك پايچېكلارنىڭ قولىغا چۈشكەندە، ماشىنىغا ئولتۇرۇپ كۆنگەن بۇ پايچېكلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى شىركەتنىڭ يۈرۈشۈشى بولماستىن بەلكى پايچېك باھاسى بولۇپ قالىدۇ؛ باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋاكالەتچىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي مەنىدىن ئۇلارنىڭ كۈچىنى دەڭسىيەلمەيدۇ، ھوقوق بىلەن مەسئۇلىيەت تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى بىر تۈركۈم ھازىرقى زامان پادىشاھلارنى ياراتتى.
ئەكسىچە، يېڭىدىن مەسئۇلىيەت ئىزدىگەندە تاللىغىلى، باھا بەرگىلى، ھەتتا باشقۇرغۇچىلارنى ھازىرقى تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغىلى بولىدۇ، بۇ ھازىرغىچە بولغان ئەڭ ئىشەنچىلىك سىستېما ئوڭشاپ تۈزىگۈچى.

جون خوپكىنس (John HOPKINS) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  پىروفېسسورى: لۇيېس گالون
2007-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان ئىقتىسادى كىرىزىس مەزگىلىدە، باشقۇرغۇچىلارغا قارىتا نۇرغۇن تەنقىد پەيدا بولدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسقىنى يەنىلا كەسپىي باشقۇرغۇچىلاردۇر. بىز كەينىمىزگە يانمايمىز، چۈنكى بۇ ئاللىقاچان ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ. بىزگە كېرەك بولغىنى تېخىمۇ ياخشى كەسپىي باشقۇرغۇچىلار ۋە خەۋپ-خەتەر ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچىلاردۇر. ھەر قانداق بىر چوڭ مۇرەككەپ سىستېمىدا بۇ مەسىلىلەردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ، كارخانا دېگەن شۇنداق، ھۆكۈمەتمۇ شۇنداق.
 ئاساسنى دائىم كۆكىرىپ تۇرسۇن دېسەك تۈزۈم ئادەمدىن بەكرەك ئىشەنچىلىك. چۈنكى دۇنيادا ئەزەلدىن ھېچقانداق مۇكەممەل ۋە مەڭگۈلۈك تۈزۈم ئورۇنلىشىپ باقمىغان، ھەربىر تاللاشنىڭ دەسمايىسى ۋە ئۈنۈمى بولىدۇ. ھەرقانداق بىر تەشكىلگە نىسبەتەن، كونا ھوقوق تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغاندا، ئىشەنچ ئاستا-ئاستا سۇسلاشقاندا، بىردىنبىر ئامال يېڭى تەڭپۇڭلۇق ئىزدەش ۋە يېڭى ئىشەنچ قۇرۇپ چىقىش.

يەتتىنچى قىسىم: كارخانىلار سەركىلىرى
كۈچلۈك ئامېرىكا شىركەتلىرىگە يۈزلەنگەندە، پاناسونىك (Panasonic) ئۆزىنىڭ تەرەققىيات لېنىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ قول ئاستىدىكىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «بۇرۇن بىر ياپونىيەلىكنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلە ئويلاشقان بولسىڭىز، ئەمدى دۇنيا كىشىلىك نەزىرى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشىڭىز كېرەك. بىر ئىقتىسادچان دۇنيا كىشىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ مىللەتنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن تولۇق پايدىلانغاندىلا ئاندىن دۇنيا خارەكتېرلىك ئىقتىساد ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.»
كىشىلەر شۇنى بايقىدىكى: شىركەت تۈپكى نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئادەمنىڭ تەشكىلىدۇر. تۈزۈم ۋە ئەقلى ئىدراكتىن باشقا ئادەمنى رىغبەتلەندۇرىدىغان، ئىلھاملاندۇرىدىغان، جەم قىلىدىغان پەقەت مەدەنىيەتلا بار. ئۇ شىركەت باشقۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئېگىز نۇقتىسى، شۇنداقلا ئۈنۈم ۋە پايدىنىڭ يېڭى مەنبەسى.
پەقەت ئىلغار مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلالايدىغان، ئۆزگىچە يېڭى مەدەنىيەت يارىتالايدىغان شىركەتلا زاماننىڭ ئالدىدا ماڭالايدۇ.
زامانىۋىي ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ياپونىيەلىكلەرنىڭ ۋاقىت كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتتى. «كېچىكىش» دېگەن سۆز شۇنىڭغا ئۇلاپلا يېقىنقى زامان ياپون سۆزلىرىدە پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
مېڭجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىدىن تارتىپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشقا ۋەكىللىك قىلغۇچى ياپونىيە ئىختىساس ئىگىلىرى شۇنى ھېس قىلدىكى: ئىدىيەنى ئازات قىلىش دۆلەتنىڭ ئالغا بېسىشىنىڭ ئاساسى.
#p#
ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتى (Waseda University) سىياسى ئىقتىساد كەسپىنىڭ پىروفېسسورى: چۆجىنچىڭ (堀真清 ياپونچە ئىسىم، بىلىدىغانلارنىڭ چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز)
پەقەت  ھەربىر خەلق مۇستەقىل ئادەمگە ئايلانغاندا، ئاندىن دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دۆلەت قۇرۇش ۋە خەلقنى مۇستەقىل قىلىش تۈپكى نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئوخشاش. گەرچە نۇرغۇن تەرەپلەردىن دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولسىمۇ، لېكىن فۇزې ئىقتىسادقا ئېتىبار بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ياپونىيەنىڭ «شىركەت قانۇنى» سەھنىگە چىققان 1890-يىلى، پارلامېنت تۇنجى ئاساسى قانۇننى ئوتتۇرىغا قويدى. «ئاساسى قانۇن» ساماۋى خاننىڭ مۇتلەق ھوقۇقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە خەلققىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئقتىسادى ئەركىنلىك بەردى، ئۇ: «ياپون خەلقىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى دەخلىگە ئۇچرىمايدۇ.» دەپ بەلگىلىدى.


ھىتوتسۇباشى (Hitotsubashi University) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  ئاسپىرانتلار فاكۇلتىتېنىڭ پىروفېسسورى: جۇيچۇەن ۋۇلاڭ (橘川武郎 ياپونچە ئىسىم، بىلىدىغانلارنىڭ چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز)
تۈپكى نۇقتىدىن قارىغاندا، ياۋرو-ئامېرىكا دۆلەتلىرى بەكرەك ئىندىۋىدۇئالىزمغا ئېتىبار بېرىدۇ، پايچېكلارمۇ يەككە-يەككە ئادەملەر، باشقۇرغۇچىلارمۇ ئۆزىنىلا ئويلايدۇ، ئۆزىنىڭ ئۆسۈش مەسىلىسىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ياپونىيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدە بولسا پەقەت شىركەت روناق تاپسىلا ئۆزىمۇ كۈچلىنەلەيدۇ. شەخسنىڭ تەقدىرىنى شىركەتنىڭ تەقدىرىگە باغلاپ ئويلاش زادى ئوخشىمايدۇ. مېنىڭچە  ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ مۇشۇنداق دەپ قارايدۇ.
1946-يىلى ياپونىيە يولغا قويغان «تىنىچلىق قانۇنىدا» ساماۋى خان پەقەت دۆلەتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدىلا ساقلىنىپ قېلىنىپ، ئالاھىدە ھوقۇق بىلەن سالاھىيەت تۈزۈمى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىلدى، باراۋەرلىك پىرىنسىپى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ئاساسى قانۇن»غا يەنە «مال-دۇنيا ھوقۇقى دەخلى تەرۈزگە ئۇچرىمايدۇ» دەپمۇ كىرگۈزۈلدى.
تويوتا ماشىنا شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە بىر "ئەندوڭ"دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە ئارغامچى بار. ھەرقانداق بىر خىزمەتچى خادىم نۇرمالسىزلىقنى بايقىغاندا بۇ ئارغامچىنى تارتىپ ئىشنى توختىتىپ ناچار مەھسۇلاتنىڭ كېيىنكى سىخقا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. "ئەندوڭ" ئارغامچىسىنى تارتىش مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقى ئىشچىلارنىڭ پەقەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى بىر ۋىنتا، ياكى خالىغانچە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان ئۆلچەملىك زاپچاس ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇلار مۇستەقىل پېكىر قىلالايدىغان، ھېسسىياتى بار، باشقىلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىغا ئېرىشەلەيدىغان ئادەملەردۇر.
#p#
ياپونىيە باشقۇرۇش ئىلمى ئۇستازى داچېيەن يەنيى (大前沿一) خۇلاسىلەپ: ياپونىيە شىركىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى پەقەت شىركەت شۇئارى ۋە ئۆمۈرلۈك ياللانما تۈزۈمىلا ئەمەس بەلكى تەشكىلنىڭ باشقىدىن ئىختىساسلىقلارنى بايقىشى دەيدۇ.
تۈپكى نۇقتىدىن ئېيتقاندا شىركەت بىر كۆركەم بىنا، ئىقتىسادى ئۈنۈم، ئىستراتېگىيە تەھلىلى ياكى بەش يىللىق پىلان ئەمەس، بەلكى ئادەم ئىشقا سالىدىغان ئامىل، مەدەنىيەتنىڭ كۈچىدە شەكىلسىزلىك شەكىللىكتىن ئۈستۈن كېلىدۇ.
لېكىن مەدەنىيەت مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ ئەمەس، پەقەت ئۆگۈنۈشكە ئۇستا ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن مەدەنىيەتلا ھەقىقى ھاياتى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.


ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتى (Waseda University) سىياسى ئىقتىساد كەسپىنىڭ پىروفېسسورى: چۆجىنچىڭ (堀真清 ياپونچە ئىسىم، بىلىدىغانلارنىڭ چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز)
بۇرۇن بار نەرسىلەرنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە يېڭى نەرسىلەرنى كىرگۈزۈش. قىسقا قىلىپ ئېيتقاندا ياپون مەدەنىيىتىنىڭ ئارىلاشمىلىقى. ياپونىيەلىكلەر يېڭى نەرسىلەرنى كىرگۈزۈشكە ناھايىتى ماھىر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يېڭى نەرسىلەرنى ئەركىن ئىشلىتىش بىلەن بىرگە ئۆزىدە بار نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويمايدۇ، ئەكسىچە ئەسلى نۇسخىنى ساقلاپ قالىدۇ. يېڭى كونا نەرسىلەر مۇشۇنداق توقۇنۇشسىز ئەھۋال ئاستىدا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

كلارېمونت (Claremont Graduate University) ئۇنىۋېرسىتېتى درۇكې باشقۇرۇش فاكۇلتىتېنىڭ باشلىقى: ئەلا جېكسون
ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ ئاۋۋال كۆڭۈل بولىدىغىنى ئادەم، ئۇلار باشقۇرۇش ئاۋۋال «مىقدارنى مەركەز قىلىش» ئەمەس بەلكى «ئادەمنى مەركەز قىلىش»  ياكى «پايدىنى مەركەز قىلىش» كېرەك دەپ قارايدۇ. ئۇلار خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى قوزغايدۇ، ئۇلار خېرىدارلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ، توختىماي ئۆز قىممىتىنىڭ پايچېكقا، جەمئىيەتكە، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا يارىتىشقا پايدىسى بار يوقلۇقىنى ئويلايدۇ.
شىركەت ئەزەلدىن ھېچقانداق پايدا كەلتۈرىدىغان ئىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا ياپونىيە شىركەتلىرى مەدەنىيەتتىن ئېرىشكەن پايدا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۈلگۈسىگە ئايلاندى. كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنى تېزلىكتە كېڭەيدى.
كىشىلەر شۇنىڭ بىلەن ئارقا-ئارقىدىن ئۆز مەدەنىيىتىنى ئىزدەشكە، گۈزەل قىممەت ئارقىلىق شىركەتنى قايتا قۇرۇپ چىقىش، ئالىيجاناب روھ بىلەن شىركەت بەرپا قىلىشقا، غايەت زور مەنپەئەتنىڭ ئاممىۋى ئەخلاقى بىلەن شىركەتنى ئوراشقا باشلىدى. بۇلار ئېرىشكەن نەتىجىلەر پەقەت قاتتىق ۋاستىغىلا تايىنىپلا ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ.

#p#
خارۋاد ئۇنىۋېرسىتېتى كېننەدى فاكۇلتىتېنىڭ باش پىروفېسسورى: جوسېف نەي(Joseph Nye)

ھەربىر شىركەتنىڭ چوقۇم ئۆز نىشانى، مەدەنىيىتى بولۇشى كېرەك، بۇ ئامىللار خادىملارنى تىرىشىپ ئىشلەشكە، ئىستېمالچىلارنى سادىق بولۇشقا جەلپ قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، شىركەت چوقۇم يۇمشاق كۈچكە ئېتىبار بېرىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا شىركەتكە لازىملىق بايلىقنى يىغىۋالغىلى، مەھسۇلاتلىرىنى ياخشى ساتقىلى بولىدۇ . 

كورنەل (Cornell University) ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتىتىنىڭ پىروفېسسورى: سېتۇرت بۇلۇمىن
ئامېرىكىدا بىر خىل ئومۇمىي كۆز قاراش بولۇپ، ئۇ نۇرغۇن ئادەملەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى، بۇ خىل مەدەنىيەت قىممەت كۆز قارىشى--- كۈچىنىڭ بارىچە پايدا، پۇرسەت ۋە يېڭىلىق قوغلىشىش.

گېرمانىيە بايرىئۇز (Universität Bayreuth) ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىلمى پىروفېسسورى: ئاندېلياس لىيمور
ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇش مەدەنىيىتى ياپونىيە بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ئامېرىكىدا تېخىمۇ ئەركىن، ھاياتى كۈچى تېخىمۇ تولۇپ تاشقان، ئىجادچانلىق روھىغا تېخىمۇ باي باشقۇرۇش مەدەنىيىتى بار. بۇ خىل مەدەنىيەت شەخىسنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كوللېكتىپقا ئەمەس بەلكى خۇسۇسىيلىققا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.
قانداق مەدەنىيەت مۇھىتىدا تۇرۇشتىن قەتئىينەزەر، ئۆز مەدەنىيىتىدە خاسلىقنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغۇتىدىغان ئارتۇقچىلىقلارنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، يەككە ئادەم بىلەن تەشكىل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلغاندىلا رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىشى مۇمكىن.
ئۆتكەن ئەسىردە دۇنيادىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۆگەنگۈچى ۋە يېتىشكۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياپونىيە مەدەنىيەتى ئۇلىشىش، قوشۇلۇش، يېڭىدىن بەرپا بولۇش قاتارلىقلارنى تاماملىدى، ياپونىيە شىركەتلىرىمۇ ئۆز شىركەت مەدەنىيىتىدىن ئاستا-ئاستا سىرتقا چىقارغۇچىغا ئايلىنىپ دۇنيادا قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى قالدۇردى، لېكىن، ئۇ خۇددى ئەزەلدىن ھەقىقىي بىر يول باشلىغۇچىغا ئايلانمىغاندەك قىلىدۇ.
بىر دۆلەتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ھەربىر خەلقىنى ئازاد قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانىدىكى ئورنى ۋە نەتىجىسىنى بەلگىلەيدۇ، بۇ نۇقتا دەل مەزكۇر دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر سىڭىپ، ئۇنىڭ يادرولۇق رىقابەت ئارتۇقچىلىقىغا ئايلىنىدۇ.
تارىخ يەنە بىر قىتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت دەسلەپكى ئىجادىيەت يارىتىش كۈچىگە ئىگە مەدەنىيەت گېنىلا ئىقتىسادى مۆجىزىلەرنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرالايدۇ
--------------------
داۋامى داۋاملىق تەھرىرلىنىپ يوللىنىدۇ....

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى