ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىدارە ھازىر تېز سۈرئەتتە خادىم قىسقارتسا ئەمگەكچىلەرگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەكمۇ؟

ئىدارە ھازىر تېز سۈرئەتتە خادىم قىسقارتسا ئەمگەكچىلەرگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەكمۇ؟

ۋاقتى: 2016-06-02 ئاۋاتلىقى: 506 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىدارە ھازىر تېز سۈرئەتتە خادىم قىسقارتسا ئەمگەكچىلەرگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەكمۇ؟

 

جاۋاب: نۆۋەتتە، قىسمەن شىركەتلەر ئەمگەك توختام قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئەمگەك توختامى ئىقتىسادىي تولۇقلىما ئۇسۇلىنى خاتا چۈشىنىپ، يېڭى قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلساق ياكى ئاخىرلاشتۇرساق، ئىقتىسادىي تولۇقلىما مەجبۇرىيىتىدىن قۇتۇلۇپ قالالايمىز دەپ قارىماقتا.

 

«ئەمگەك توختامىغا خىلاپلىق قىلىش ۋە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنىڭ ئىقتىسادىي تولۇقلىما چارىسى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئىدارە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ مۇددەتتىن بۇرۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا، ئوخشاشلا ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇل بېرىشى كېرەك، ئۆلچىمى: خىزمەتچىنىڭ شۇ ئىدارىدە ئىشلىگەن ۋاقتىغا ئاساسەن، ھەر يىلىغا 1 ئايلىق مائاشىغا باراۋەر ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇل بېرىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 12 ئايلىقتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئىشلىگەن ۋاقتى 1 يىلغا توشمىغان بولسا 1 يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

 

شۇڭا. ئىدارە ھازىر تېز سۈرئەتتە خادىم قىسقارتسا پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر خىزمەتچىنىڭ ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى يېڭى قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن توشسا، ئىدارە داۋاملىق توختام تۈزمىسە تولۇقلىما بەرمىسىمۇ بولىدۇ.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى