ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ (2)

لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ (2)

ۋاقتى: 2013-10-26 ئاۋاتلىقى: 573 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


3. كەسپى ئەخلاقى
كەسپى ئەخلاق مەسىلىسىدە مۇنداق بىر ھەقىقى ۋەقە بار. ۋۇخەت شەھەرلىك پوياڭ كۇچىسىدا 1917-يىلى سېلىنغان 6 قەۋەتلىك بىر بىنا بولۇپ، ئىسمى «جىڭ مىڭ بىناسى»، مەزكۇر بىنا سېلىنىپ 80 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مەزكۇر بىنانىڭ لايىھەلىگۈچىسى —ئەنگلىيەدىكى بىر لايىھە ئورنىدىن ئالاھىدە خەت يوللاپ، مەزكۇر بىنانىڭ 1917-يىلى لايىھەلەنگەنلىكىنى، مۇددىتىنىڭ 80 يىل ئىكەنلىكىنى، ھازىر مۇددىتىنىڭ توشقانلىقىنى، شۇڭا بىنا ئىگىسىنىڭ دىققەت قىلىشىنى ئالاھىدە ئۇقتۇرغان. 
يەنە بىر ۋەقە بولۇپ، تەيۋەندىكى بىر دوكتۇر ئىتالىيەدە بىر داڭلىق ئاياق سېتىش مەخسۇس دۇكىنىدىن ئاياق ئالغاندا، ئۇ خىل نومۇرلۇق ئاياق ئاللىقاچان سېتىلىپ بولۇنغان بولغاچقا، بۇ دوكتۇر بىر دەرىجە كىچىك ئاياقنى تاللىغان. ئۇ كۆڭلىدە ئاياق دېگەن بوشايدىغان نەرسە بولغاندىكىن ھېچقىسى يوق دەپ ئويلاپ ئەمدى قاپچۇقىدىن پۇل سۇغۇرغاندا، مال ساتقۇچىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. سەۋەبى، مال ساتقۇچى ئىستېمالچىنىڭ ئاياقنى سىناپ كىيگەندىكى چىراي ئىپادىسىنىڭ بىنورمال ئىكەنلىكىنى بايقىغان، شۇڭا ئۇ بۇ ئىستېمالچىغا ئاياق سېتىشنى رەت قىلغان. ھەمدە ئىستېمالچىغا «مەن ئىستېمالچىغا ساتقان ئاياقنى ئىستېمالچىمنىڭ كىيگەندە پۇشايمان قىلىشىنى خالىمايمەن.» دەپ ئەھۋال چۈشەندۈرگەن.

ھەممىمىز بىلىمىز ماكدونالد تېز تاماقخانىسى ناھايىتى تېز بازار تېپىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. نېمە ئۈچۈن ماكدونالد پۈتۈن خەلقئارا شۇنداق ياخشى تەسىرگە ئىگە؟ ماكدونالدنىڭ مۇنداق بىر تۈزۈمى بار، يەنى كالا گۆشى قاتلىمىسى پىشۇرۇپ چىقىرىلىپ 20 مىنۇتقىچە سېتىلمىسا چوقۇم تۆكىۋېتىش كېرەك. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، خىزمەتتە مەيلى ئىشچى-خىزمەتچى بولسۇن ياكى باشقۇرغۇچى بولسۇن چوقۇم ئۆزىدە يۇقىرى بولغان بىر كەسپى ئەخلاقىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ماكدونالد ئۆزىنىڭ كالا گۆشى قاتلىمىسى پىشۇرۇپ چىقىلغاندىن كېيىن 20 مىنۇتقىچە سېتىلمىسا تۆكىۋېتىشنى بەلگىلىگەن. ئەمما بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ساندىكى تاماقخانىلاردا تاماق پىشىپ 20 مىنۇت ئەمەس 2 سائەت ئۆتۈپ كەتسىمۇ ھەرگىز تۆكىۋەتمەيدۇ. (ئەلۋەتتە، تاماق تۆكۈش ئىسراپچىلىق، ياخشى ئادەت ئەمەس، ئەمما نېمە ئۈچۈن ماكدونالد 20 مىنۇتتا سېتىپ بولغان تاماقنى ئادەتتىكى تاماقخانىلاردا 2 سائەتتىمۇ سېتىپ چىقىرالمايدۇ؟ مانا بۇ بىز ھەقىقىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە) ماكدونالددا كالا گۆشى قاتلىمىسى پىشىپ چىققاندىن كېيىن 20 مىنۇت ئىچىدە چوقۇم ئۇنى ئىستېمال قىلىپ بولۇش كېرەك. مانا بۇ بىر شەرت.
 
بىر شىركەتكە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى تەكلىپ قىلما قىلماقچى بولۇپ، ئادەم قۇبۇل قىلىشتا، بىر توپ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر قايتا ئىمتىھان بېرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلار گەرچە سورالغان ھەر بىر سۇئالغا  ناھايىتى ئىشەنچلىك ھالدا ناھايىتى ياخشى جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما، ھەممىسى ئاساسەن ئىشقا قۇبۇل قىلىنمىغان. بۇ ۋاقىتتا بىر نەپەر ئىمتىھان بەرگۈچى ئىمتىھان مەيدانىغا كىرگەندە، ئىشىك كەينىدە بىر قەغەز پارچىسىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىمتىھان مەيدانىغا بۇنداق قەغەزنىڭ تۇرۇشىنى ئانچە مۇۋاپىق كۆرمىگەن ئىمتىھان بەرگۈچى ئېڭىشىپ قەغەزنى تېرىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتمەكچى بولغان، ئۇ قەغەز پارچىسىنى ئېلىپ ئەمدىلا ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتمەكچى بولۇشىغا، ئىمتىھام ئالغۇچى سۆز ئېچىپ: «ياخشىمۇ سىز دوستۇم، سىز تېرىۋالغان قەغەزگە قاراپ باقسىڭىز.» دېگەن. بۇ ئىمتىھان بەرگۈچى تازا چۈشەنمىگەن ھالدا قەغەزنى ئېچىپ قارىغاندا، قەغەزگە «سىزنىڭ شىركىتىمىزگە كېلىپ ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى بولۇشىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز.» دېگەن خەتنى كۆرگەن. بىر قانچە يىلدىن كېيىن بۇ ئەخلەت تەرگۈچى مەزكۇر شىركەتنىڭ باش لىدېرى بولغان.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، بەزىدە بىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش ياكى گەپ-سۆزىمىدىكى ناھايىتى كىچىك بىر ئەھۋاللار بىزنىڭ بىر ئۆمۈر ھاياتىمىزغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭا ھەر ۋاقىت ئۆز ئۆزىمىزنى سورىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىغا كۆپرەك دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.
4. كەسىپنى سۆيۈش
جېك فارىس (ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ رەئىسى فارىس) 13 يېشىدىن باشلاپلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ماي قاچىلاش پونتىكىدا ئىشلەشكە باشلىغان. ئۇ ئەسلىدە ماشىنا رىمونت قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاتا-ئانىسى ئۇنى مەخسۇس خېرىدار كۈتۈشكە بۇيرۇغان.
ئۇنىڭ خىزمىتى، ماي قاچىلاشقا ماشىنا كەلگەندىن كېيىن، ماشىنا توختىغان ھامان ماشىنىنى تەكشۈرۈپ چىقىش. فارىس ئۆزىنىڭ ئەگەر ياخشى قىلسا، چوقۇم نۇرغۇن خېرىدارلارنىڭ قايتا كېلىشى (回头顾客) نى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆزلۈكىدىن كۆپرەك ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشقان، مەسىلەن، خېرىدارلارغا ماشىنىسىنى سۈرتۈپ بېرىش، ئەينەك ۋە چىراقلارنى تازىلاپ بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى قوشۇپ قىلغان.
ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدا شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايدىغان بىر ئادەم ئۆز خىزمىتىدىن دائىم ئاغرىنىپلا يۈرۈيدىغان ياشلارغا مۇنداق دەيدۇ: «ئېسىڭدە بولسۇن، بۇ دېگەن سېنىڭ خىزمىتىڭ. سەن بۇ خىزمەتنى تاللىغان ئىكەنسەن، چوقۇم ئۇنىڭ ھەممە تەرىپىنى قوبۇل قىلىشىڭ كېرەك. ھەرگىزمۇ پەقەت ئۆزۈڭگە ئاز-تۇلا خوشاللىق ۋە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان جايلىرىنىلا ياقتۇرۇپ، باشقا جەھەتلەرنى ياقتۇرمىساڭ بۇ ياخشى بولمايدۇ.» خىزمەتنىڭ پايدىلىق تەرىپى ۋە خوشاللىق تەرىپى ھەممىسى ئوخشاش: پۇل، تەجرىبە-ساۋاق، پىشىپ يېتىلىش تۇيغۇسى، ئابروي … قاتارلىقلار. ھەر قانداق خىزمەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق بېسىمى ۋە مەنبىيى بولىدۇ. تازىلىق ئىشچىسى چوقۇم سېسىقچىلىققا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. سەنئەتكار ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىگە باشقىلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. مۇخبىر تەرتىپسىز خىزمەت مۇھىتىغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. … ھەممە ئائىلىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى بولىدۇ.
ئارىمىزدا توخۇمنى ياقتۇرىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، ئەمما ئۇلار تۇخۇمنى ياقتۇرىدۇيۇ ئەمما توخۇنى ياقتۇرمايدۇ. چۈنكى ئۇلار توخۇ دېگەن قالايمىقان چىچىپ قويىدۇ. مەينەت دەپ قارايدۇ. ئەمما ئۇلار ياقتۇرغان تۇخۇمنىڭ دەل ئاشۇ «مەينەت» توخۇ تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشىدۇ ياكى بىلسىمۇ ئىتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ. بىز چوقۇم بۇنداق كېسەلنىڭ ئۆزىمىزدە يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.
ئەمەلىيەتتە، ھەر قانداق ئادەم پەقەت ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى كۆيۈنۈپ ياخشى قىلالىسىلا، قىلغان ئىشىدىن نەتىجە قازىنالايدۇ.
مەن تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە بىزنىڭ مەكتەپكە ئانچە يىراق بولمىغان بىر جايدا بىر خەنزۇ ئۇستام ئاياق ياماش بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئۇنىڭ ھەر بىر ئىشنى شۇنچىلىك بېرىلىپ، ئەستايىدىل قىلىۋاتقىنىغا قاراپ بەكمۇ ھەيران قالاتتىم. بىزدە مۇزدوز دېسە ئانچە كۆزگە ئىلىپمۇ كەتمەيدىغان ئەھۋال مەۋجۈت. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ھەممە ماشىنىلىشىۋاتقان، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئېشىۋاتقان دەۋردە مۇزدوزلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى دېگەندەك ياخشى ئەمەس. لېكىن مەن تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقاندا كۆرگەن ئاشۇ خەنزۇ ئۇستام مۇشۇ كىشىلەر نەزىرىگە ئانچە ئېلىپ كەتمەيدىغان مۇزدوزلۇقنىمۇ ناھايىتى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغان. ئىچكىرىدە بىر ئۇستامنىڭ مۇشۇنداق كىشىلەر نەزىرىدە تۆۋەن بولغان مۇزدوزلۇقنى شۇنچىلىك ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. سىز مەيلى ئۇ ئۇستامنىڭ يېنىدا قاراپ ئولتۇرۇڭ ياكى ياماشقا تېگىشلىك ئاياقلىرىڭىزنى ئۇنىڭ يېنىدا قويۇپ قويۇپ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىغا كېتىڭ، ئۇ ئۇستام ئوخشاشلا شۇنداق ئەستايىدىل ئىش قىلىدۇ. دەسلەپ مەن ئۇ ئۇستامغا ئاياق ياماتقاندا، ئۇنىڭ قىشىدا قويۇپ قويۇپ كېتىپ قالسام ياخشى قىلىپ بەرمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ قېشىدا ساقلاپ ئولتۇرۇپ ياماتقان ئىدىم. چۈنكى ئىچكىرىدە بىزدەك ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرى ئانچە ياخشى ئەمەس. ئەمما مەن ئۇ ئۇستامنىڭ يېنىدا ساقلاپ ئولتۇرۇش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، مېنىڭ ئۇنىڭ يېنىدا قىلغان ئىشىغا قاراپ ئولتۇرۇشۇم ھەقىقەتەن ئارتۇقچىكەن. شۇڭا كېيىنچە ئاياق ياماتماقچى بولسام، ئۇنىڭ قېشىغا قويۇپ قويۇپلا بازارغا بېرىپ (چۈنكى بىزنىڭ بازارغا چىقىش ۋاقتىمىز چەكلىك، ئىككى ھەپتىدە ئاران بىر قېتىم بازارغا چىقىمىز ھەمدە بازارغا چىقىش ۋاقتى ئاران 2 سائەت ئىدى.) ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ كېلىپ ئاندىن ئۇنىڭ ياماپ قويغان ئايىقىمنى ئېلىپ خاتىرجەم بولىدىغان بولغان ئىدىم. ئۇ ئۇستام ئىشنى شۇنچىلىك ئەستايىدىل قىلىغىنىغا قارىماي ئىش ھەققىنى بەك يۇقىرى قىلىۋالمايتتى، ۋۇشىدەك تۇرمۇش سەۋىيەسى شۇنچە يۇقىرى شەھەردە ئاياق ياماتساقمۇ ئۇنىڭ ئىش ھەققى ئۈرۈمچىدە ئاياق ياماتقاندىن ئەرزان توختايتتى.
ئۇ ئۇستام ئاشۇنداق ئىش قىلىش پىرىنسىپى بىلەن بىزنىڭ مەكتەپتىكى پۈتكۈل شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى ئىشەنچىسىگە مۇيەسسەر بولغان ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇ ئۇستام زادىلا يېتىشىپ بولالماي قالغاندا، ئۇنىڭ ئايالى ياردەملىشىدىغان بولدى. بىزنىڭ مەكتەپتىكى 500 دىن ئارتۇق شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئاياقلىرى يىرتىلىپ كەتسە باشقا يەرگە ئاپارماي شۇ ئۇستامنىڭ يېنىغىلا ئاپىراتتى. كېيىن مەكتەپ پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغان ۋاقىتلاردا مەن بىر نەچچە قېتىم ئۇ ئۇستامنىڭ ئەر ئايال تۇرۇپمۇ زادىلا يېتىشىپ بولالمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يېنىدا ئۈچرەت ساقلايدىغانلارنىڭ ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. ئەلۋەتتە، ئۇ ئۇستام پەقەت بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭلا ئايىقىنى يامىمايتتى، بەلكى شۇ ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ ئاياقلىرىنىمۇ يامايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىش قىلىشتا ئەستايىدىل، ئىنچىكىلىكى شۇنداقلا ئىش ھەققىنىڭ تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن شۇ رايوندىكى كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ئىدى. شۇڭا ھەر قانداق ئىشنى پەقەت ئەستايىدىل بېرىپ قىلغاندىلا ئۇ ئىشتىن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. شۇڭا كەسىپنى سۆيۈش ھەقىقەتەن مۇھىم. پەقەت ئۆز كەسپىمىزنى سۆيۈپ ياخشى قىلغاندىلا بىز قىلىۋاتقان خىزمىتىمىزدىن خوشاللىق ھېس قىلالايمىز ھەم خىزمەت ئۆنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيمىز.
 
5. ھەر قانداق ئادەم ھەممىسى دېگۈدەك ئۆز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ
ھەق بىلەن ئويلىشىپ ئولتۇرمىغان كىشى ھەقىقىي ھەقكە ئېرىشەلەيدۇ. خىزمەتتە ئىش ھەققىگە قارىغاندا، تەجرىبە ئۆگىنىش تېخىمۇ مۇھىم. بولۇپمۇ ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ، ساغلام بولغان ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىغا ئېرىشىش تېخىمۇ مۇھىم. سىزنىڭ خىزمەت قىلىشىڭىز ھەرگىزمۇ پەقەت سىزنىڭ خوجايىنىڭىز ئۈچۈنلا بولماستىن، بەلكى ئۆزىڭىز ئۈچۈندۇر. سىزنىڭ خوجايىنىڭىز سىزنىڭ كۈچىڭىزدىن پايدىلىنىدۇ. سىز بولسىڭىز خوجايىننىڭ سىزگە يارىتىپ بەرگەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىسىز. ئىشچى-خىزمەتچى ۋە خوجايىنلار ھەر ۋاقىت ئۆز-ئارا بېقىنىدۇ.
دائىم مۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقىمىز، بەزىلەر دائىم ئاغرىنىپ: «ئاشۇ ئازراقلا ئىش ھەققى ئۈچۈن شۇنچە ئۆزىنى قۇربان قىلىش كېرەكمۇ؟»، يەنە بەزىلەر: «بازار ئىگىلىكى دېگەن تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇشنى ئاساس قىلىدۇ. شۇڭا قانچىلىك بەرسە شۇنچىلىك ئىشلەش كېرەك.» دەپ قارايدۇ. ئەمما ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە «مەن قانچىلىك ئىشلىسەم شۇنچىلىك ئالىمەن؟» دەپ ئويلىمايدۇ. بىزدە شۇنداق بىر كېسەل ئەۋج ئالغانكى، ئادەم ئىشلەتكۈچى قول ئاستىدىكىلەرگە نىسبەتەن، قانچىلىك ئىشلىسە شۇنچىلىك بېرىمەن دەپ ئويلايدۇ ھەم شۇ بويىچە چوت سوقىدۇ. قول ئاستىدىكىلەر بولسا قانچىلىك بەرسە شۇنچىلىك ئىشلەيمەن دەپ چوت سوقىدۇ. بۇ يەردە شۇنداق بىر يامان خاراكتېرلىق ئايلانما شەكىللەنگەنكى، ئىشلىگۈچى ئىشلەتكۈچىگە نىسبەتەن قانچىلىك بەرسە شۇنچىلىك ئىشلەيمەن دەپ قارايدۇ ھەم خىزمىتىنى بېرىلىپ ئەستايىدىل ئىشلىمەيدۇ. ئىشلەتكۈچىمۇ ئىشلىگۈچىنىڭ بېرىلىپ ئىشلىمىگەنلىكىنى بايقاپ ئۇنىڭغا يۇقىرى ھەق بېرىشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردىكى يامان خاراكتېرلىق ئايلانما مەڭگۈ ئاياغلاشمايدۇ. شۇڭا ھەر كىم ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. چوقۇم بۇ نوقتىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش كېرەك. «قانچىلىك بەرسە شۇنچىلىك ئىشلەيمەن.» ئەمەس بەلكى «قانچىلىك ئىشلىسەم شۇنچىلىك ئالىمەن.» دېگەن قاراشنى تۇرغۇزۇش كېرەك.
بىر ئادەم تاغدىن بىر بۈركۈت بالىسىنى تۇتۇپ كېلىپ ئۇنى توخۇ بىلەن بىرگە سولاپ باققان. بۈركۈت بالىسى توخۇ بىلەن بىرگە تۇرۇش جەريانىدا بارا-بار توخۇ بىلەن ياخشى چىقىشىپ قالغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ بۈركۈت بالىسى ئۆزىنى توخۇ دەپ قالغان. گەرچە بۇ بۈركۈت بالىسى قانات چىقىرىپ يېتىلگەندىن كېيىن بۇ ئادەم بۇ بۈركۈتنى ئوۋ ئوۋلاشقا ماھىر بۈركۈت قىلىپ چىقىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ئەمما بۇ بۈركۈت زادىلا ئۇچالمىغان. چۈنكى ئۇ توخۇ بىلەن بىرگە ياشاش جەريانىدا توخۇ بىلەن ئوخشاش ھالغا كېلىپ قالغان. گەرچە بۇ ئادەم كۆپ سەۋەب قىلغان بولسىمۇ ھېچ ئۈنۈمى بولمىغان. گەرچە ئەسلىدىن بىر بۈركۈت بولسىمۇ ئەمما ئۆزىنى توخۇ دەپ قارىغان بولغاچقا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇچۇش ئىستىكىدىن قالغان. 
شۇڭا بىزمۇ خىزمەتتە ئۆزىمىزنىڭ نىشانىنى بېكىتىشىمىز ناھايىتى مۇھىم، ئۆز ئارزۇيۇمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدە كۈچلۈك ئىستەك بولغاندىلا، ئاندىن تىرىشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى بولىدۇ. گەرچە دەسلەپ خىزمەت قىلغاندا، ھەر خىل قىيىنچىلىقلار كۆپ، ئىش ھەققى ئاز بولسىمۇ، چىداپ تىرىشىش كېرەك. چۈنكى سىزنىڭ شەكىلسىز مەبلىغىڭىز ___ سىزنىڭ خىزمەت جەريانىدا توپلىغان تېخنىكىڭىز، سىزنىڭ خىزمەت تەجرىبىڭىز، سىزنىڭ خىزمەت ئىشەنچىڭىز قاتارلىقلارنى ھېچكىم ئېلىپ كېتەلمەيدۇ. سىز پەقەت قەتئىي داۋاملاشتۇرسىڭىزلا، بۇ شەكىلسىز مەبلىغىڭىز ھامان بىر كۈنى سىزگە ئەسقاتىدۇ.
داۋامى بار….

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى