ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى
ۋاقتى: 2015-11-25
ئاۋاتلىقى: 486 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
1. تەبىئىيلىك
باشقا ھەر قانداق بىر بايلىق بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئادەم كۈچى بايلىق كىشىلەر ئۆزى ئىگە بولغان بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە ساقلانغان بىر خىل "جانلىق" بايلىق، ئادەمنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى، گېن-ئېرسىيەت قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ تەبىئىيلىككە ئىگە.
2. دەۋرلىك
ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ سانى، سۈپىتى شۇنداقلا ئادەم كۈچى بايلىق ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، يەنى ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ شەكىللىنىشى دەۋر شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، دەۋرلىككە ئىگە.
3. پائالىيەتچانلىق
ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ پائالىيەتچانلىقى بولسا ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىكى باغلىنىشى، پائالىيەتچانلىقىغا ئىگە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز يوشۇرۇش كۈچنى ئاچىدۇ.
4. ئىككى ياقلىمىلىق
ئىككى ياقلىمىلىق بولسا ئادەم كۈچى بايلىقى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمالغا ئىگە.
5. ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىق
ئادەم كۈچى بايلىقى ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىق بولسا ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىلگەندە، زايە بولىدۇ ۋە ناچارلىشىدۇ.
6. ئىزچىللىق
ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئىزچىللىقى بولسا، ئادەم كۈچى بايلىقى ئىزچىل بايلىق يارىتىدۇ، پەقەت ئادەم كۈچى بايلىق ئىشلىتىش جەريانى بولۇپلا قالماستىن يەنە تەربىيەلەش، يىغىش، يارىتىش جەريانىمۇ بولىدۇ.
7. قايتا ھاسىل بولۇش
ئادەم كۈچى بايلىقنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشى بولسا، نوپۇس ئىچىدە ئىزچىل ئالماشتۇرۇش ۋە ئەمگەك كۈچىنى ئىشلىتىش "سەرپ قىلىش>>>ئىشلەپچىقىرىش>>>قايتا سەرپ قىلىش>>>يەنە ئىشلەپچىقىرىش" جەريانىدا ئەمەلگە ئاشىدىغان قايتا ھاسىل بولۇش بولۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشى تەبىئىي قانۇنىيەتلىك تەسىرىدىن باشقا يەنە كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسى، ئىرادىسىنىڭ ئىدارە قىلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ، يېڭى تېخنىكا ئىنقىلابنى چەكلەيدۇ.