ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

21 كۈن ھادىسىسىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى

21 كۈن ھادىسىسىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى

ۋاقتى: 2016-03-26 ئاۋاتلىقى: 633 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «21 كۈن ھادىسىسى دېگەن نېمە؟» بۇ يەردە!

 

21 كۈن ھادىسىسىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى


نېمە ئۈچۈن 21 كۈن ھادىسىسى پەيدا بولىدۇ؟ ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى نېمە؟ ئۇنىڭغا تەسىر قىلىدىغان ئامىل قايسىلار؟ تەھلىل قىلىشقا ئاساسلانغاندا، 21 كۈن ھادىسىسىنىڭ ئاساسلىق ئامىلى تۆۋەندىكىچە:


بىرسى كونا ئادەت،كونا ئىدىيە يېڭى ئادەت،يېڭى ئىدىيىنىڭ ھاسىل بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.ئىككى خىل ئادەت ،ئىدىيە شەكلى ناھايىتى چوڭ دەرىجىدە ئوخشاشلىققا ئىگە،بىراق ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم ئامىللار قارمۇ قارشى بولغان مەزمۇننى تەلەپ قىلغاچقا،توسقۇنلۇق ھاسىل بولىدۇ. مەسىلەن ئوقۇتۇش كىتابى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ ئوخشاشلىق بار، ئوخشاشلا ئوقۇتقۇچىدىن ئادەم تەربىيەلەش ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى تەلەپ قىلىدۇ، بىراق ئوقۇتۇش كىتابى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيەلەش ۋاسىتىسى ئوتتۇرىسىدا پەرق يەنىلا چوڭ،ھەتتا تۈپتىن پەرقلىنىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ۋە تەربىيەلىگۈچىنىڭ يېڭى ئىدىيەسى بىلەن ئادىتى كىتاب بىلەن تەربىيەلىگۈچىگە تەسىر قىلىدۇ ۋە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، كونا ئادەت، كونا ئىدىيە قانچە مۇستەھكەم بولسا، يېڭى ئادەت، يېڭى ئىدىيىنىڭ شەكىللىنىشى شۇنچە ئاسان توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كونا ئادەت، كونا ئىدىيىنىڭ توسقۇنلۇقى ئاستىدا يەنە بىر خىل يېڭى ئادەت، يېڭى ئىدىيەنى ئۆگىنىشتە دائىم مەلۇم جاھىل خاراكتېرلىك خاتالىق كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل خاتالىق كونا ئادەت، كونا ئىدىيەدىن كەلگەن. كۆرۈنۈپ تۇرىدىكى، بىر يېڭى ئىدىيە ياكى يېڭى ئادەتنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن 21 كۈن كېتىدۇ(ياكى 21 قېتىم تەكرارلىنىدۇ)، كونا ئادەت، كونا ئىدىيىنىڭ توسقۇنلۇقى ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتتە، بۇنى 21 كۈن ھادىسىسىنىڭ ئاساسلىق تەسىرى دېيىشكە بولىدۇ.


ئىككىنچىسى ئىدىيە بىلەن ئادەتنىڭ شەكىللىنىشىگە بىر جەريان كېرەك. بۇ نۇقتىنى ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتتۇق، ئۇزۇن ۋاقىتلىق تەتقىقاتلارنى ئاساس قىلغاندا،ئۇنىڭ ئۈچ باسقۇچتىن كېيىن ئاندىن شەكىللىنىدۇ. ئەگەر ئامېرىكىلىق كېلىمەن (1961)نىڭ تەتقىقاتىنى ئىشلەتسەك، ئۇمۇ ئوخشاشلا ئۈچ باسقۇچىنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ، بىرىنچى باسقۇچ، ئىتائەت قىلىش. يەنى يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئادەتنى يۈزتۇرانە قۇبۇل قىلىپ، سىرتقى كۆرۈنۈشتە ھەرىكەت بىلەن يېڭى تەلەپنى ئوخشاش ئىپادىلەش، لېكىن ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماسلىق. بۇ ۋاقىتتا، سىرتقى مۇكاپات ياكى جازانىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاسان ئۇچرايدۇ، چۈنكى ئىتائەت قىلغاندا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، ئىتائەت قىلىنمىغاندا جازالىنىدۇ. كۆرۈنۈپ تۇردىكى، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئادەتنىڭ شەكىللىنىشى باشلانغاندا كۆپلىگەن سىرتقى بېسىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئۆزلىكىدىن شەكىللەنگىنى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ بولسا، تونۇش. تونۇش بولسا كۆڭلىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئادەتنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئىتائەت قىلىشتىن يەنىمۇ بىر قەدەم چوڭقۇرلاشقان، شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ۋاقىتتا تونۇش قاتلىمى تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇپ، ھەرگىزمۇ پاسسىپ ئامالسىزلىقتىن بولمايدۇ، بەلكى تەشەببۇسكارلىق بولۇپ، مەقسەتلىك ھالدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، ئۆزىنى كۈچىنىڭ بارىچە يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئادەتكە يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئۈچىنچى باسقۇچ، ئۆزلەشتۈرۈش. بۇ چاغدا، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئادەت ئاللىبۇرۇن پۈتۈنلەي ئۆزلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھېچقانداق ماسلاشماسلىق بولمايدۇ، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئادەتنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ ئۈچ باسقۇچ ئادەتتىكى ئىدىيە، ئادەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا شەكىللىنىش ئۈچۈن پەقەت 21 كۈن كېتىدۇ، بۇ بولسا كۆپلىگەن تەجرىبە ۋە ئەمەلىيەتنىڭ نەتىجىسى.



ئۈچىنچىسى بولسا يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئادەتنىڭ شەكىللىنىشى ئۈزلۈكسىز تەكرارلاشقا ئېھتىياجلىق، يەنى ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ئۈزلۈكسىز تەكرارلاش ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولىدۇ. 21 كۈن ھادىسىسى بىر يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئادەت پەقەت 21 كۈندىن كېيىن شەكىللىنىدۇ ئەمەس، بەلكى، 21 كۈن ئىچىدە بۇ يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئادەتنى ئۈزلۈكسىز تەكرارلىغاندا ئاندىن ئىشلىتىش ئۈنۈمى بولىدۇ. بۇ ھازىرقى نۇرغۇنلىغان ئېلاننى قايتا تەكرار قويۇشنىڭ سەۋەبىدۇر.


ئەلۋەتتە،بۇ يەردە سۆزلىگەن 21 كۈن بولسا يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئادەتنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىسى ئۈچۈن ئېيتىلغان، ئاجىز، ئاددىي بولغان  يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئادەتنىڭ شەكىللىنىشى بىر قەدەر تېز بولۇشى مۇمكىن، كۈچلۈك، مۇرەككەپ بولغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئادەتنىڭ شەكىللىنىشى بىر قەدەر ئاستا بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەھلىل قىلىشقا تېگىشلىك. يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئادەتنىڭ خاراكتېرى شەكىللىنىشكە كەتكەن ۋاقىتقا نىسبەتەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىراق ھازىرچە تەسىرى تېخى چوڭ ئەمەس، بۇنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ مۇھاكىمە قىلىش كېرەك.


بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كونا ئىدىيە، كونا ئادەتنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى يوقىلىشى يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئادەتنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن ئوخشاش بولامدۇ يوق؟ ئۇنىڭ جەريانى بىردەك ياكى  ئەمەسمۇ؟ بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس. بىراق بىر تەرەپ ناھايىتى ئېنىقكى، ئەگەر بىر كونا ئىدىيە، كونا ئادەتنىڭ ئۆزى بىزنىڭ ئۆزگەرتمەكچى بولغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئادىتىمىز بولسا، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ بولسا، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇلار ماس قەدەملىك بولسا، ئورنىتىلغان ۋاقىت، يەنى يوقىتىلغان ۋاقىت بولسا، ئۇنداقتا، ئوخشاشلا 21 كۈندە ئاندىن ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ.


21 كۈن ھادىسىسى مەكتەپتىكى تەربىيەلىگۈچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ناھايىتى بەك مۇھىم. ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە نۇرغۇنلىغان ياخشى بولمىغان ئادەت، ياخشى بولمىغان ئۆزگەرتىش قىيىن بولغان خاتا ئىدىيە ساقلانغان، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئادەتنىڭ شەكىللىنىشى قىيىن، بۇ بىزنىڭ 21 كۈن ھادىسىسىنىڭ تەرتىپى بويىچە ئىش بېجىرىش بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئاكتىپلىق بىلەن مۇشۇ قانۇنىيەتنى ئىشلىتىشى كېرەك، تۆۋەندىكىلەر بولسا ئىشلەتكەندە تېخىچە  دىققەت قىلىنمىغان قارشى تەدبىر:


ئاۋۋال، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئادەت، ئىدىيەنىڭ رولىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك.ھەرىكەت ئىلىم تەتقىقاتىدا كۆرسىتىشىچە، بىر ئادەمنىڭ بىر كۈندىكى ھەرىكىتىنىڭ تەخمىنەن %5 ئىدىيىگە تەۋە بولمىغان ھەرىكەت بولۇپ، بۇ ئادەت خاراكتېرلىك ھەرىكەتكە تەۋە ئەمەس، ھالبۇكى ئېشىپ قالغان %95 ھەرىكەتنىڭ ھەممىسى ئىدىيىنىڭ ئىدارە قىلىشىغا ئۇچرايدۇ، ھەممىسى ئادەت خاراكتېرلىك ھەرىكەت. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئىدىيە، ئادەت بىر ئادەمنىڭ ھەرىكىتىدە ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ، بۇ يەنە بىر ئادەمنىڭ غەلىبە قىلىشىنىڭ تۈرتكىسى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ياخشى بولغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش ناھايىتى مۇھىم، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئادەتنىڭ رولىغا ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك.



ئۇنىڭدىن قالسا، مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىدىيە، ئادەتنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقى ۋە شەكىللىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك. بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز دائىم مۇنداق ئۇھ تارتىدۇ: "پور ياغاچتىن ھەيكەل ئويغىلى بولمايدۇ"، يەنە "تۆمۈر پولات بولسىكەن" دېگەن خىيالى بار. كۆپلىگەن تەجرىبە ۋە ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، پەقەت ئۈزلۈكسىز تەكرارلاپ، ئادەتكە ئايلاندۇرغاندا، ئىدىيەنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىدىيە، ئادەتنى ئۆزگەرتىش بولسا كىشىنى ناھايىتى بىئارام قىلىدىغان، ئىختىيارى بولمىغان بىر ئىش. بىراق مەيلى قانداق دەيلى، ئادەمنىڭ ھەرىكىتى ئادەت، ئىدىيە بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ، ياخشى بولمىغان ئىدىيە، ئادەتنى ئۆزگەرتمىگەنلەر، ياخشى بولمىغان ھەرىكەت ھاسىل بولىدۇ، ئۇنىڭ نەتىجىسى ئەلۋەتتە ياخشى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىدىيە، ئادەتنى ئۆزگەرتكەن ۋاقىتتا بىئاراملىق، ئىختىيارى بولماسلىق سەۋەبىدىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ، يەنە زۆرۈر بولغاندا سىرتتىن بېسىم بېرىش، بولۇپمۇ ئەمدىلا باشلىغان ۋاقىتتا تېخىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك. مۇنداق تەمسىل بار: "ھەممە ئىشنى باشلاش قىيىن"، بۇ بىر پاي ئوقنى ئېتىپ چىقارغاندا، كېيىن ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، شۇنى ئېسىمىزدە ساقلىشىمىز كېرەككى، ھەر قانداق بىر ئىدىيە، ئادەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھەممىسى ئۈلۈكسىز تەكرارلاشقا موھتاج، 21 كۈنگىچە، ھەتتا 21 كۈندىن ئارتۇق. ئىشىنىڭ، ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ئىدىيە، ئادەت بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇ مەغلۇبىيەتلىك ئاقىۋەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.


ئۈچىنچىدىن، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئىدىيە، ئادىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغاندا چوقۇم 21 كۈن ھادىسىسىنىڭ تەرتىپىگە بويسۇنۇشى، قارىغۇلارچە ئىش كۆرمەسلىكى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئۈچ باسقۇچنىڭ شەكىللىنىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئىدىيە، ئادەتنى ئۆزگەرتىش؛ ئىككىنچىدىن سەۋرچان بولۇش، يېڭى ئىدىيە، ئادەتنىڭ شەكىللىنىشىگە 21 كۈن ،ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن بۇ 21 كۈن ئۈزلۈكسىز تەكرارلاش، مەشىق قىلىشقا ئېھتىياجلىق.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى