مۇلازىمەت مۇددىتىنىڭ يىل چېكىنى قانداق بېكىتىدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
مۇلازىمەت مۇددىتىنىڭ يىل چېكىنى قانداق بېكىتىدۇ؟
جاۋاب: تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلغان خىزمەتچىلەرنىڭ مۇلازىمەت مۇددىتىنىڭ يىل چېكىنى ئىمزالاش توغرىسىدا، «ئەمگەك توختام قانۇنى»دا كونكرېت بەلگىلىمە يوق، مۇلازىمەت مۇددىتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى ئەمگەك توختامىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىدۇ دەپ چۈشىنىش كېرەك. لېكىن، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ مۇلازىمەت مۇددىتىنىڭ يىل چېكىنى بېكىتكەندە ئىككى نۇقتىغا رىئايە قىلىشى كېرەك: بىرىنچى، ئادىل، مۇۋاپىق بولۇش پىرىنسىپىنى گەۋىلەندۈرۈشى كېرەك، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانسا بولمايدۇ؛ ئىككىنچى، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن كېلىشكەن مۇلازىمەت مۇددىتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن مائاش تەڭشەش مېخانىزمىغا ئاساسەن ئەمگەكچىنىڭ مۇلازىمەت مۇددىتى ئىچىدىكى ئەمگەك ھەققىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.