ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەتنىڭ قائىدە-تۈزۈمىگە يېنىك دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا، ئىشتىن بوشىتىۋەتسە بولامدۇ؟

شىركەتنىڭ قائىدە-تۈزۈمىگە يېنىك دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا، ئىشتىن بوشىتىۋەتسە بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-07-30 ئاۋاتلىقى: 586 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 شىركەتنىڭ قائىدە-تۈزۈمىگە يېنىك دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا، ئىشتىن بوشىتىۋەتسە بولامدۇ؟

 

جاۋاب: چىمەن 5 ئاي بۇرۇن بىر چەتئەل كارخانىسىنىڭ شىركىتىگە بېرىپ ئىشلىگەن ئىدى، مەجبۇرىيىتى ئالدى سۇپىدا تېلېفون ئېلىش ۋە كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىش ئىدى.

 

دېرىكتور ئۇنى ئەيىبلەپ، «خىزمەت ۋاقتىدا ژۇرنال كۆرۈپسىز، بۇ شىركەتنىڭ تۈزۈمىگە خىلاپ» دېدى. بىر ئايدىن كېيىن چىمەن خىزمەت ۋاقتىدا ژۇرنال كۆردى دېگەن سەۋەب بىلەن چىمەن بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلدى. شىركەتنىڭ بۇنداق قىلىشى توغرىمۇ؟

 

«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، پەقەت ئەمگەكچى ئەمگەن ئىنتىزامى ياكى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ تۈزۈمىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ئەھۋالدىلا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ..

 

«خىزمەت ۋاقتىدا كىتاب كۆرۈش» ئادەتتىكى تۇرمۇش ساۋاتلىرىدىن قارىغاندا ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش بولماسلىقى كېرەك. بۇ دېلودا، ئەگەر شىركەت قائىدە-تۈزۈمىدە خىزمەت ۋاقتىدا كىتاب كۆرۈش ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان قىلمىش دەپ بەلگىلىمىگەنلا بولسا، شىركەت بۇنى باھانە قىلىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى