ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ياغاچ چېلەك نەزەرىيەسىنىڭ سەككىز خىل تەرەققىياتى

ياغاچ چېلەك نەزەرىيەسىنىڭ سەككىز خىل تەرەققىياتى

ۋاقتى: 2016-07-09 ئاۋاتلىقى: 864 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ياغاچ چېلەك نەزەرىيەسى دېگەن نېمە؟ بۇ يەردىن كۆرۈڭ!

ياغاچ چېلەك نەزەرىيەسىنىڭ سەككىز خىل تەرەققىياتى
بىرىنچى تەرەققىيات: بىر ياغاچ چېلەكنىڭ سىغىمچانلىقى يەنە بۇ چېلەكنىڭ دىيامېتىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
ھەر بىر شىركەتنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمىغان «ياغاچ چېلەك»تۇر. شۇڭا، «ياغاچ چېلەك»نىڭ چوڭ-كىچىكلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. دىيامېتىرى چوڭ بولغان چېلەكنىڭ سىغىمچانلىقى تەبىئىي ھالدا چوڭ بولىدۇ. يەنى، بىر شىركەت بازارغا كىرىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئۇنىڭ تۇنجى قەدىمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلىرىنىڭ ئاساسىي پۇختا، بەزىلىرىنىڭ ئاساسىي ئاجىز، بەزىلىرىنىڭ بايلىق دائىرىسى كەڭ، بەزىلىرىنىڭ بايلىق دائىرىسى تار بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى شىركەتنىڭ دەسلەپكى تەرەققىياتىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.
ئىككىنچى تەرەققىيات: ھەر بىر تاختاي ئوخشاش بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ياغاچ چېلەكنىڭ سىغىمچانلىقى يەنە ئۇنىڭ شەكلى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
فىزىكا ئۆگەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. ئايلانما ئۇزۇنلۇقى تەڭ بولغان ئەھۋال ئاستىدا، چەمبەرنىڭ يۈزى چاسىنىڭ يۈزىدىن چوڭ بولىدۇ. شۇڭا، يۇمىلاق چېلەكنىڭ سىغىمچانلىقى باشقا شەكىلدىكى ھەر قانداق چېلەكتىن چوڭ بولىدۇ. بۇ كوللېكتىپ تەشكىلات قۇرۇلمىسىنىڭ يۈرۈشۈش ماسلىشىشچانلىقى ۋە مەركەزگە ئىنتىلمە كۈچىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، يەنى بىر چەمبەر مەركىزىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، ئۆزىگە ئەڭ پايدىلىق بولغان چەمبەرنى ھاسىل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
شۇڭا، كارخانا ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، كارخانىنىڭ ھەر بىر بايلىقىنىڭ ھەممىسى بىر يادرونى چۆرىدىشى، ھەر بىر بۆلۈمنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يادرونى نىشان قىلىپ كۈچىشى، باش دىرېكتور بولغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ھەر قانداق بىر بۆلۈمىگە ئادىل بولماسلىقى، بۇ «ياغاچ چېلەك»نىڭ ئەڭ ئاخىرىقى سىغىمچانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار: قۇرۇلما كۈچنى بەلگىلەيدۇ. ئەلۋەتتە قۇرۇلما يەنە «ياغاچ چېلەك»نىڭ سىغىمچانلىقىنىمۇ بەلگىلەيدۇ.
#p#
ئۈچىنچى تەرەققىيات: ياغاچ چېلەكنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى سىغىمچانلىقى يەنە ياغاچ چېلەكنىڭ ئىشلىتىلىش ھالىتى ۋە ئۆز-ئارا ماسلىشىشچانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.
ھەر بىر ياغاچ چېلەكنىڭ ھامان بىر پارچە ئەڭ قىسقا تاختىيى بولىدۇ. ئەڭ دەسلەپكى ياغاچ چېلەك نەزەرىيەسى بىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى: ياغاچ چېلەكنىڭ سۇ سىغىمچانلىقى ئەڭ قىسقا تاختاينىڭ ئېگىزلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەمما، ئالاھىدە ئىشلىتىش ھالىتىدە، ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىقمۇ سۇ سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: مەقسەتلىك ھالدا ياغاچ چېلەكنى ئېگىز تاختاي تەرەپكە يان قىلغاندا، بۇ خىل ھالەتتىكى سۇ سىغىمچانلىقى تىك قويغان ھالەتتىكى سۇ سىغىمچانلىقىدىن كۆپ بولىدۇ. ياكى سۇ سىغىمچانلىقىنى ۋاقىتلىق ئاشۇرماقچى بولساق، ئاشۇ ئەڭ ئېگىز تاختاينىڭ بىر قىسمىنى كېسىپ ئېلىپ، ئۇنى ئەڭ قىسقا تاختايغا ئۇلاش ئارقىلىقمۇ چېلەكنىڭ سۇ سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.
ياغاچ چېلەكنىڭ سۇ سىغىمچانلىقى يەنە ياغاچ چېلەكنىڭ ھەر قايسى تاختايلىرىنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشىنىڭ زىچلىقى تەرىپىدىنمۇ بەلگىلىنىدۇ. ياغاچ تاختاينى ئۇلاشتا، يوچۇق قالماسلىقى كېرەك. ھەر بىر پارچە تاختاينىڭ ھەممىسىنىڭ ئالاھىدە ئورنى ۋە تەرتىپى بولىدۇ. بۇ ئورۇن ۋە تەرتىپ ئالمىشىپ قالماسلىقى كېرەك. ئەگەر ھەر بىر تال تاختاي ئارا ماسلىشىشچانلىق ياخشى بولمىسا، ئۇ ھالدا يوچۇق چىقىپ قېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا سۇنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بىر كوللېكتىپتا، ئەگەر ياخشى بولغان ماسلىشىش ئېڭى بولمىسا، ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى تولۇقلاش ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ «ياغاچ چېلەك»نىڭ سۇ سىغىمچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ. يەككە تاختاي ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ يەنىلا بىكار، بۇ خىل تاختايلارنىڭ گۇرۇپپىلىنىشىنى پەقەت بىر گۇرۇپپا تاختاي دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمما بىر مۇكەممەل ياغاچ چېلەك، بىر كوللېكتىپ دەپ قاراشقا بولمايدۇ.
ئەگەر ياغاچ چېلەك شىركەتنىڭ رىقابەت كۈچىنىڭ ئامىلىغا ئوخشىتىلسا، ئۇ ھالدا، قانچىلىك سۇ سىغىدىغانلىقى شۇ شىركەتنىڭ ھەقىقىي رىقابەت كۈچىنى بەلگىلەيدۇ. ئەمما، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر جىمجىت ھەمدە كۆڭۈلدىكىدەك بىر پەرەزنى شەرت قىلىشى كېرەك: يەنى، بارلىق ياغاچ چېلەكنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولغان سۇ ئېلىش ھالىتىدە تۇرۇشى كېرەك. مەسىلەن: يامغۇر ياغقان ۋاقىتتا، ھەممە چېلەك چوقۇم يامغۇر چۈشىدىغان جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.
ئەمەلىيەتتە، سۇ قاچىلاشنىڭ ئۆزى بىر ھەرىكەتچان ھالەت. كارخانا قۇرۇش، داڭلىق ماركا يارىتىش ھەرگىزمۇ يەككە ھالدىكى بىر سۇ قانچە كۆپ قاچىلانسا شۇنچە ياخشى بولىدىغان سۇ قاچىلاش جەريانىلا ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ئەڭ مۇھىمى قانداق قىلغاندا ئەڭ ئۈنۈملۈك ھالدا سۇ قاچىلىغىلى بولىدۇ ۋە قانداق قىلغاندا قاچىلانغان سۇنى ئۈنۈملۈك ئىشلەتكىلى بولىدۇ دېگەندىن ئىبارەت.
#p#
تۆتىنچى تەرەققىيات: ياغاچ چېلەك نەزەرىيەسىنىڭ ھەرىكەتچان تەرەققىياتى
بىرىنچىدىن، سۇ قاچىلاشتىن بۇرۇن مۇنداق بىر مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، يەنى ئاۋۋال سۇمۇ ياكى ئاۋۋال چېلەكمۇ؟ ئاۋۋال چوڭ ياغاچ چېلەكمۇ ياكى ئاۋۋال كىچىك ياغاچ چېلەكمۇ؟ ياغاچ چېلەك نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، ئەلۋەتتە ئاۋۋال ياغاچ چېلەك بولۇشى، ئاندىن سۇ بولۇشى، ئەڭ ئاخىرىدا كىچىك ياغاچ چېلەكتىن چوڭ ياغاچ چېلەككە، پاكار ياغاچ چېلەكتىن ئېگىز چېلەككە ئۈزلۈكسىز تەڭشەش كېرەك.ھەر قانداق بىر ياغاچ چېلەك دەسلەپتىلا ناھايىتى چوڭ، ناھايىتى چوڭقۇر بولمايدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە، بەلكىم ئاۋۋال سۇ بولۇپ ئاندىن ياغاچ چېلەك بولۇشى مۇمكىن. ياكى ئاۋۋال تېخى پۈتمىگەن ياغاچ چېلەك، ھەتتا بىر پارچە تاختايلا بولۇشى مۇمكىن. ئاندىن ئاشۇ كەمچىل بولغان بىر قانچە پارچە مونوپوللۇق خاراكتېرىگە ئىگە تاختاي بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، تۇنجى كىرىمنى قىلىۋېلىپ، ئاندىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۇنجى ياغاچ چېلەكنى ياساپ چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
ئىككىنچىدىن، سۇ سىغىمچانلىقى ھەرىكەتچاندۇر. قاچىلىنىدىغان نىشانغا يەتمەكچى بولغان سۇ مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى قانچىلىك تاختاي كېرەكلىكىنى بەلگىلەيدۇ. تاختاي قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولۇشى ناتايىن. تاختاي كۆپ بولۇپ كەتسە، مەبلەغ ئىسراپ بولىدۇ. ئاز بولسا تولۇقلاش كېرەك.
سۇ سىغىمچانلىقىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بەزىدە شىركەتنىڭ رىقابەت كۈچىنىڭ ھەممىسى بولۇشى ناتايىن. بازار رىقابىتىدە بارلىق تاختايلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رىقابەتچىنىڭ تاختايلىرىدىن ئېشىپ چۈشۈشى ناتايىن. بەزىدە رىقابەت ئېھتىياجى تۈپەيلى مەقسەتلىك رىقابەتچىگە كونا مىخ (تاختاينى مۇقىملاشتۇرىدىغان نەرسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ) سېتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى باشقىلارنىڭ نىسبەتەن ئاجىز تەرىپىگە ھۇجۇم قىلىشقا قارىتىپ رىقابەتچىسىنى مەغلۇپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. رىقابەتچى كۈچلۈك، ئۆزى ئاجىز ئەھۋالدا، مەلۇم تەرەپتىكى ئەۋزەللىكىگە كۈچەپ، رىقابەتچىنىڭ ئاجىزلىقىدىن غالىب كېلىش كېرەك. مانا بۇ نىسپىي رىقابەت ئەۋزەللىكىدۇر.

بەشىنچى تەرەققىيات: ياغاچ چېلەك نەزەرىيەسىدىكى سۇنىڭ ئىشلىتىلىش تەرەققىياتى
بارلىق سۇ قاچىلاش جەريانىنىڭ ھەممىسى سۇنىڭ ئىشلىتىلىش قىممىتىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش، يەنى پايدىلىنىشقا بولىدىغان سۇ قاچىلاش جەريانىدۇر.
بىر ياغاچ چېلەككە نىسبەتەن، ئەڭ ئاۋۋال ئەڭ پۇختا ئىككى پارچە ياغاچتىن تۈزۈلگەن تۇتقۇچى بولۇشى كېرەك. بۇ ئىككى پارچە ئۇزۇن تاختاي چوقۇم بۇ ياغاچ چېلەكنىڭ ئەڭ چوڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرۈشكە بەرداشلىق بېرەلىشى كېرەك. بۇ دەل چولپان (مەلىكە) تاختاي ھادىسىسىدۇر. يەنى، پەقەت بۇ ياغاچ چېلەكنىڭ بارلىق تاختىلىرى ئوخشاش ئۇزۇن بولسا، بۇ پەقەت سىزنىڭ سۇ قاچىلاش كۈچىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما قانداق قىلغاندا بۇ تاختايلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قېزىپ چىققىلى بولىدۇ؟ بۇ دەل سىزنىڭ مەلۇم دەرىجىدە كۆتۈرۈش ياكى تارتىش ھەرىكەت مەشغۇلات كۈچىڭىز بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
#p#
ياغاچ چېلەكنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر ياغاچ چېلەكنىڭ ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئىككى پارچە تاختىيى باشقا تاختايلارغا قارىغاندا ئۇزۇن ھەم مۇستەھكەم بولىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇنى كۆتۈرۈشكە تۇتقۇ قىلغىلى بولىدۇ. تۇتقۇچ قىلىنىدىغان ياغاچ تاختاينىڭ ئورنى كۆتۈرۈش ۋە تارتىشقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئورۇندا بولۇشى كېرەك. بۇ دەل ئىخچام بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. بىر كارخانىغا نىسبەتەن، چوقۇم يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بۇ بىر ئىككى يادرولۇق رىقابەت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ پۈتكۈل شىركەتنىڭ تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىشتۇر. ئۇنداق بولمايدىكەن، بىر جىپسىلىق ياغاچ چېلەكنى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ.
ئوخشاشلا، بىر ناھايىتى چوڭقۇر چېلەككە ئازلا سۇ قاچىلىغاندا، چېلەكنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىگە زور دەرىجىدە تەسىر يېتىدۇ. بۇ دەل بىر شىركەت چوقۇم ئويلىشىشقا تېگىشلىك ئىش.

ئالتىنچى تەرەققىيات: ياغاچ چېلەكنىڭ سۇ سىغىمچانلىقى يەنە ھەر قايسى تاختايلا ئارا بولغان ماسلىشىش دەرىجىسى تەرىپىدىنمۇ بەلگىلىنىدۇ.
ياغاچ چېلەكنىڭ سۇ سىغىمچانلىقى يەنە ھەر قايسى تاختايلا ئارا بولغان ماسلىشىش دەرىجىسى تەرىپىدىنمۇ بەلگىلىنىدۇ، يەنى تاختاي بىلەن تاختاي ئوتتۇرىسىدىكى يوچۇقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كارخانىدا، ھەر بىر ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى بىر پارچە ياغاچ تاختاي، ھەمدە ھەر بىر پارچە تاختاينىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ. يەنى، كارخانىدىكى ھەر بىر ئىشچى-خىزمەتچى چوقۇم باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشى، شۇ ئارقىلىق ئۆز-ئارا ياردەمدە بولۇپ، زىچ ماسلىشىشى كېرەك. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا ئۆز-ئارا ئارىلىقتىكى يوچۇقنى كىچىكلىتىپ، ئەڭ ياخشى سۇ سىغىمچانلىقىنى ياراتقىلى بولىدۇ.
#p#
يەتتىنچى تەرەققىيات: ياغاچ چېلەك سۇ سىغىمچانلىقى يەنە ھەر بىر تاختاينىڭ قېلىنلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
بۇ نۇقتا ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر تاختاينىڭ قېلىنلىقى يېتەرلىك بولمىسا، ئۇ ھالدا، ياغاچ چېلەكنىڭ دىيامېتىرى قانچە چوڭ، تاختاينىڭ ئۇزۇنلۇقى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە خەتەرلىك بولىدۇ. بىز كارخانىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى تاختاينىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەخلاقىنى تاختاينىڭ قېلىنلىقىغا ئوخشاتساق، بۇنى ئاسانلا چۈشىنەلەيمىز. بىر كارخانىچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى پەقەت ئۇنىڭ قانچىلىك ئىقتىدارى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىسى بارلىقىغا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قانچىلىك ئەخلاقلىق، ئىقتىدارلىق مۇنەۋۋەر ئىشچى-خىزمەتچىگە ئىگە ئىكەنلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر ئەخلاقى بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ خىزمەتچىنىڭ شىركەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنى ئۇنىڭ ئىقتىدارى بىلەن ئوڭ تاناسىپ تۈزىدۇ.

سەككىزىنچى تەرەققىيات: ياغاچ چېلەكنىڭ سۇ سىغىمچانلىقى يەنە ياغاچ چېلەكنىڭ تېگىنىڭ يۈزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
بۇ نۇقتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر بىر ياغاچ چېلەكنىڭ تېگىنىڭ يۈزى يېتەرلىك بولمىسا، بىر سەھنە بولمىغانغا باراۋەردۇر. ئۇ ھالدا بۇ خىزمەتچىلەرنى چۈشەپ قويۇپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش دائىرىسىنى چەكلەپ قويىدۇ. ياغاچ چېلەكنىڭ تېگى يېتەرلىك چوڭ بولغاندىلا، خىزمەتچىلەر ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ. يەنى ھەر قانچە قىسقا تاختاي ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بوشلۇق.
شۇڭا، شىركەتلەر خىزمەتچىلەرگە چوقۇم چوڭ بىر چېلەك تېگى تەمىنلىشى، بىر چوڭ سەھنە تەمىنلەپ بېرىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، خىزمەتچىلەرنىڭ ئاستا-ئاستا يېتىشىپ چىقىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرەلەيدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى