ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلەشتە: مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەڭ مۇھىم

ئىگىلىك تىكلەشتە: مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەڭ مۇھىم

ۋاقتى: 2013-01-16 ئاۋاتلىقى: 707 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى: مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ياخشى كۈن كەچۈرۈشتىن مۇھىم
 
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك تىكلەشتە قانداق تاللىشى، قانداق ئىش باشلىشى، ئالىي مەكتەپ ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسىنى قانداق ئىسلاھات قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۈگۈنكى بۆلەكتە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتى بىلەن داڭلىق كارخانىچى ليۇ چىيەنجېنىڭ ماقالىسى ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك تىكلەشتە قانداق قىلىپ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىش، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى قانداق قوللاش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش، جەمئىيەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە قانداق شارائىت يارىتىپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە توختىلىپ ئۆتىمىز.
7-ئاي دەل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە قەدەم قويىدىغان مەزگىلى. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن قانداق قىلىش كېرەك؟ ئىشقا ئورۇنلىشىش تەس بولغانلىقتىن نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك تىكلەشنى تاللىدى. مائارىپ ئۇچۇر شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسەن، 2008-قارارلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش نىسبىتى %1 بولۇپ، شۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى جەمئىي 5 مىليون 590 مىڭ، شۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ يىلدىكى سانى 55 مىڭ 900 نەپەر. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، 2010-يىلىدىكىنىڭ سانى 40 مىڭ ئاشىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك تىكلەشتە بىلىمنى دەسمايە قىلىدۇ! بىر خىل ئاكتىپ چىقىش يولى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىگىلىك تىكلەش ياخشى قارالماقتا ۋە ئۈمىد كۈتۈلمەكتە. لېكىن تۆمۈر تاۋاققا قارىغاندا ئىگىلىك تىكلەشنىڭ خەتىرى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، دۇچ كېلىدىغان زىددىيەتلەرمۇ نۇرغۇن.
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك تىكلەشتە قانداق قىيىنچىلىقلار بار؟ بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشمىز كېرەك؟ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرى يەنە قانداق تېرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى كېرەك؟
 
كۆز قاراش بۆلىكى:
مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ياخشى كۈن كەچۈرۈشتىن مۇھىم
2009-يىلى 4-ئايدا تيەنجېن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2006-يىللىق ئوقۇغۇچىسى چېن يۆپېڭ كارتون مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىشتەك ئىگىلىك تىكلەش ئىستىكى بىلەن تيەنجېن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەلەش سىنىپىغا قاتناشتى. شۇ يىلى 10 ئايدا چېن يۆپېڭ ۋە ئىگىلىك تىكلەش گۇرۇپپسىدىكىلەر بىڭ خەي يېڭى رايونى يېڭىلىق يارىتىش ئىگىلىك بازىسىغا ئوڭۇشلۇق كىردى.
#p#
ئەينى ۋاقىتتىكى ھالىتىگە سېلىشتۇرغاندا ھازىرقى چېن يۆپېڭ تېخىمۇ ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدىغان بولغانىدى. «ئەينى ۋاقىتتا ئارزۇيىمىز ناھايىتى غايىۋىي بولۇپ، يىللىق كىرىمنى مىليوندىن ئاشىدۇ.» دەپ ئويلىغانىدۇق، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا ئىنتايىن كۆپتۈرگىلى بولىدىغان غايە پىلانى ئاستا ئاستا غۇۋالاشتى.
«ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىن رېئاللىق بىلەن ئەسلىدىكى غايىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلدىم، پەقەت غايە ۋە قىزغىنلىقلا يېتەرلىك ئەمەس، بېكىنمە ھالەتتە ماشىنا ياساشقا بولمايدۇ، ئۆزىمىزنى تۆۋەن تۇتۇپ، توختىماستىن خېرىدار ئىزدەپ، بازارنى ئوبدان كۆزىتىپ. توختىماستىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشمىز كېرەك.» دەيدۇ چېن يۆپېڭ. بىر مۇلازىمەتنى بېجىرىش ئۈچۈن بىر ھەپتىدە يېڭى ئاياغنى كىيىپ يىرتىۋەتكەنلىكىنى؛ گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ كۈندە بىر ۋاق ئاق چۆپ يىگەنلىكىنى؛ «رەھمەت، بىزگە كېرەك ئەمەس» دېگەن سۆزگە كۆنۈپ قالغانلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېسىدە ئېنىق بارلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قېيىنچىلىقلارنى يەڭگەندىن كېيىن، چېن يۆپېڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاستا-ئاستا بازارنىڭ تومۇرىنى تۇتالايدىغان بولدى. چېن يۆپېڭ فليۇگېرئويۇنچۇق لايىھەلەش چەكلىك شىركىتى يېڭىلىق يارىتىش بازىسىدا پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان بولدى.
يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى جەمئىيەتنىڭ قىززىق نۇقتىسى شۇنداقلا قېيىن نۇقتىسى بولۇپ قالدى. ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاللىشى بولۇپ قالدى، پەن تېخنىكا شىركىتى، مەيخانا، تورخانا قاتارلىقلار تىزلىك بىلەن كۆپەيدى.
«ئەڭ ئاخرىغىچە بەرداشلىق بەرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنتايىن ئاز ساندا. نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىكى بازاردىن يېراق بولۇپ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىدى.» دەيدۇ تيەنجېن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغغۇچىلار  بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دا يۈەنپىڭ. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇ نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەمدىلا بازارغا چىقىپ «ساھىلدىلا ئۆلۈپ قالغان»لىقىنى كۆرگەن. ئىگىلىك تىكلەش قارىشىنى ئۆزگەرتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ياخشى كۈن كەچۈرۈشتىن مۇھىملىقىن تونۇپ يېتىش ئىنتايىن مۇھىم. مەۋجۇت بولۇش باسقۇچىدىكى كارخانىلار بەك يىراققا نەزەر تاشلىۋالسا بولمايدۇ.
#p#
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىلدە بولۇپ، مەلۇم ئاساسىي مەدەنىيەت ساپاسى بار، مەكتەپتە ئۆگەنگەن كەسپىي بىلىملەر ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدىكى تونۇش ۋە تەجرىبىلەر شۇنداقلا ئىگىلىك تىكلەشتىكى يوشۇرۇن قابىلىيىتى ياكى قىزىقىشى، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر تۈرلۈك پايدىلىق سىياسەتلىرى شۇنداقلا ئۆيدىكىلىرى ياكى دوستلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى قاتارلىقلار ھەممىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى بايلىقى. ئەلۋەتتە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئاجىزلىقىمۇ ئىنتايىن روشەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە بولغان تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس. دا يۈەنپىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىدە مەبلەغ كەمچىل، بەك غايىۋىي، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز، ئىگىلىك تىكلەشتىكى خەتەرگە قارىتا سىستېمىلىق بىلىم قۇرۇلمىسى كەمچىل، مەلۇم ساندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىدا قارىغۇلارچە ئەگىشىش ۋە قىززىققانلىق بار دەيدۇ.
بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى 96-يىللىق ئوقۇغۇچىسى لى خاۋنىڭ ئون يىلغا يىقىن ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىسى بولۇپ، ئۇ مۇخبىرغا: «بازارغا كىرگەندىن كېيىن ھەممە ئىش چوقۇم بازارنىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن بولۇشى، ئادەتتىكى قانۇن ۋەكىلى ئورنىدا باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىشى كېرەك، ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتىنى قوغداش كۈنلۈكى قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ. كارخانا پىلانىنى تۈزۈشتىن باشلاپ، سودا سانائەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە كارخانا قۇرۇلغاندى كېيىن ئىچكى قىسىمدىكى باشقۇرۇش، بازار، مەبلەغ، ھەمكارلىقنىڭ يۈرۈشىشى قاتارلىقلارغىچە ئوقۇغۇچىلار ئىگىلىك تىكلەشتە دۇچ كېلىدىغان قېيىنچىلىقلار ئادەتتىكى كارخانىلارنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ.» دەيدۇ.
«يېغىپ ئېيتقاندا، ئىگىلىك يارىتىشتىكى مەبلەغنى يېغىشنىڭ تەس بولۇشى، مەيلى پۇل شەكلىدىكى ياكى ماددا شەكلىدىكى ۋە ياكى تەجرىبە تەپەككۇر شەكلىدىكى مەبلەغ بولسۇن، بۇ مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چوقۇم يۈزلەنمىسە بولمايدىغان بىر ئۆتكەل.» دەيدۇ بېيجىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېتەكچىلىك مەركىزىنىڭ مەسئۇلى. ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى بولۇش ياخشى ئىش، لېكىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ھەرگىزمۇ «ئادەم قانچىلىك قاپ يۈرەك بولسا شۇنچىلىك يېرى بولىدۇ.» غا ئوخشىمايدۇ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چوقۇم ئۆزىدىكى شارائىتلارنى ئېنىق تونۇپ يېتىشى، كاللىسى سەگەك بولۇشى كېرەك.
#p#
سىياسىي تۈزۈمگە دائىر ئەسەر
ھەم «ئاتنى يېتىلەش» ھەم «ئۇزىتىپ قويۇش»
جىخېنىڭ شىركىتى ئاخىرى ئىشقا كىرىشتى، شۈجوۋ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك تىكلەش ھويلىسىدىكى 28 كىۋادىرات مېتىر كېلىدىغان ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ، ئۇ شۇنداق ھاياجانلىنىپ كەتتى. بۇ قېتىم ئۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش گۇۋانامىسى ئارقىلىق بىر پۇڭ خەجلىمەي تۇرۇپ بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىغا كۆچۈپ كىردى. «بۇ گۇۋاھنامە بولسا مەن يەنە بىر قىسىم باجنى تۆلىمىسەممۇ بولىدۇ، يىل ئاخىرىدا تۆت-بەش تۈمەن تېجىگىلى بولىدۇ.» دەيدۇ ئۇ.
شۈجوۋ شەھىرىدىكى ئىككى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ھويلىسىدا، جىخېغا ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىۋاتقانلاردىن يەنە 100 دىن ئارتۇق شىركەت بار. ئۇلار تەلەيلىك؛ «دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئۈلگىلىك بازىسى» 4-ئايدا شۈجوۋدا قۇرۇلدى. بۇنىڭ ئالدىدا، شەھەرلىك كومىتېت، شەھەرلىك ھۆكىمەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى بۇ يىل تاماملايدىغان «خەلىقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش »نىڭ  قاتارىغا كىرگۈزگەن. «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى بېكىتىش» شۈجوۋ شەھىرىنىڭ «ھۆكىمەت خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات»نىڭ بىر مۇھىم قىسمىغا ئايلاندى. قىسقىغىنە ئۈچ ئاي ئىچىدە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدىكى قىززىق نۇقتا ھەم قىيىن نۇقتىلارغا دائىر يەتتە قىزىل تاشلىق ھۆججەت ئارقىمۇ-ئارقا چۈشتى.
بىلىم ئارقىلىق ئىگىلىك يارىتىشنى ئالاھىدىلىك قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كارخانىسىنىڭ توغرا يولغا كىرىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا كىرىشىشى جەمئىيەتنىڭ ياخشى بولغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، كارخانا قۇرۇشقا لازىملىق بولغان ياخشى مۇلازىمەتتىن ئايرىلالمايدۇ. 2002-يىلىدىن باشلاپ، مائارىپ ئورگانلىرى، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئورگانلىرى شۇنداقلا ھەرقايسى يەرلىك ھۆكىمەت ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى رىغبەتلەندۈرۈپ ھەم ياردەم قىلىپ، جانلىق ھالدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھۆكىمەت بازا قۇرۇش ھەم كارخانا قۇرىدىغاندا ئىشلىتىدىغان ئورۇن جەھەتتە شارائىت ھازىرلاپ بەردى. ئىگىلىك تىكلەشنى خالايدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى جەمئىيەت كاپالەت تولۇقلىمىسى، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز قاتارلىقلارغا ئىلتىماس قىلسا بولىدىغان بولدى.
#p#
گەرچە ھەرقايسى ئورۇنلار ئوتتۇرىغا چىقىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئېتىبار سىياسىتىنى قوللىغان بولسىمۇ لېكىن ئەمىلىيەت ئۇنچە خۇشاللىنارلىق ئەمەس. ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، 2009-يىلى يۈننەن ئۆلكىسى ئېلىپ بارغان «ئۆسۈمنى كۆتۈرىۋېتىپ تولۇقلىما بېرىش» تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش تۈرىدە، بۇ خىل سىياسەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى پەقەت 1400 نەپەر بولۇپ، پەقەت %7 پىرسەنتنى ئىگەللىگەن.
«سىياسەت ئاللىبۇرۇن ئوتتۇرىغا چىقىپ بولدى، ئەمما قانداق ئىلتىماس قىلىش كېرەك؟ بەزى جايلاردا بۇ جەھەتتىن مەخسۇس ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، قوللايدىغان ھەم مۇلازىمەت قىلىدىغان ئورگانلار يوق. لى خاۋ مۇنداق دەيدۇ: «مەبلەغ يوق، تەجرىبە يوق، ئادەم يوق»بولۇش مەسلىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتە يېتەرلىك بولمىغان تەرەپتۇر، ئالىي مەكتەپ ئوقۇچىلىرى ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھۆكىمەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ سىياسەت، مەبلەغ، تېخنىكا جەھەتتىكى زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا مۇھتاج. ھۆكىمەت جەمئىيەت كۈچىنى توپلاپ ئاممىغا پايدىلىق بولغان مەسلىھەت سوراش ئورگانلىرىنى قۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇش، مەبلەغ باشقۇرۇش، ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش تەرەپلەردىكى يېتەكلەش مۇلازىمىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.
ھازىر، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئورگانلىرى «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش پىلانى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى، بۇ يىلدىن باشلانغان ئۈچ يىل ئىچىدە 450 مىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ. بۇ جەرياندا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش، شىركەت قۇرۇشنى تەتقىق قىلىش، ئۇچۇرلاشقان ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرىدى، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدىكى تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى. ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ھەم مەلۇم شارائىتى بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ. 
«ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش سىياسىتى ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ، ئەمما ھۆكىمەتنىڭ چىقارغان سىياسىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئويلىشىش كېرەك، ھەم ئاتنى يېتىلەپ مېڭىش ھەم ئۇزىتىپ قويۇشنى بىلىش، كەينىدىكى يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى قىلىش لازىم.» لى خاۋ مۇنداق دەپ قارايدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش، يۆلەش ھەم قوغداش سىياسىتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىنىڭ دەسلەپكى، ئوتتۇرى، ئاخىرقى قاتارلىق ئۈچ باسقۇچىغا سىڭگەن بولۇشى، ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى يېتىشتۈرۈشكە پايدىلىق بولغان «يېشىل كارىدور» نى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
#p#
ئەمەلىي پائالىيەتكە دائىر ئەسەر
تىرىشىپ «ئىگىلىك تىكلەش ئىددىيەسى»نى «ئەمەلىيەت»كە ئايلاندۇرۇش 
  بىر قېتىملىق كارخانىلارنىڭ يۇقىرى ئورۇندىكى مەكتەپلەردىكى نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىدە، بىر كارخانىچى ئىگىلىك تىكلەشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن مەھسۇلات ۋە تېخنىكا توغرىلىق بازارنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان-بارمىغانلىقىنى سورىغاندا، دائىم ئېرىشىدىغىنى غايىۋى يەكۈن بولغان: «جۇڭگودا تۆت مىليارد ئادەم بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىزغا ئېھتىياجلىق، ئەگەر ھەربىر ئادەم بىردىن سېتىۋالسا، ئۇنداقتا بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىز تۆت مىلياردلىق سېتىلىش بازىرىغا ئېرىشەلەيدۇ»
«بۇ خىل بىلگايتىسقا ئوخشاش باتۇرلارچە ئىگىلىك تىكلەش چۈشى بولمايدىغان ئىش، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك تىكلەشتىن بۇرۇن چوقۇم تەييارلىقلارنى پۇختا قىلىپ، يېتەرلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.» جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك تىكلەش بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئالىي مەكتەپ ئىگىلىك تىكلەش تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى جاۋ چاڭشېڭ مۇنداق دەيدۇ: «جەمىيەتتىكى كۆپ يىل كۆرەش قىلىپ يۈرگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەبلىغى ھەم تەجرىبىسى كەمچىل. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك تىكلەشتە ئاۋۋال ئۆزىنىڭ يېتەرلىك بولمىغان تەرىپىنى كۆرۈپ يېتىشى كېرەك، شۇندىلا ئاندىن قانداق قىلغاندا يېتەرلىك بولمىغان تەرەپلەرنى تولۇقلاشنى بىلگىلى بولىدۇ.» دېگەن مەسىلە ئايدىڭ بولىدۇ.
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەشتە، دۆلەتنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىدىن سىرت يەنە ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ئۇلارنى ئىمكانقەدەر مۇكەممەل بولغان ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسى، ئەمەلىيەتتە قوللىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، «ئىگىلىك تىكلەشنى چۈشىنىش، ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاش، ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىش» قاتارلىق جەمئىيەت كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش روھىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ بولغان ئىگىلىك تىكلەشكە دائىر ئەمىلىي پائالىيەت قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.
جاۋ چاڭشېڭ مۇنداق دەپ قارايدۇ، بىر تەرەپتىن ئالىي مەكتەپ ۋە جەمئىيەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تېخنىكىلىق ئىگىلىك يارىتىش ئىشلىرىغا مۇكەممەل بولغان تەربىيەلەشنى تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ساغلام چوڭ بولۇشىغا تۈرۈتكە بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن شارائىت يارىتىپ يەنىمۇ كۆپ بولغان خەلق ئىچىدىكى فوندىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. يېقىندا، بېيجىڭ جىلى ئۇنىۋېرسىتېتى 30 مىليون چىقىرىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش فوندىنى قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ دۆلىتىمىزدە ھازىرغا قەدەر سوممىسى ئەڭ چوڭ بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش فوندى ھېسابلىنىدۇ، ھەمدە دۆلىتىمىزدىكى «مەكتەپ خاراكتېرلىك»ئىگىلىك تىكلەش فوندى ھېسابلىنىدۇ. بۇ فوندى ئىگىلىك تىكلەشنى يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرى ھەمدە خەتىرى بولغان مەبلەغ سېلىش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ «بىرگە بىر» يېتەكچىلىك قىلىشنى قوزغىتىدۇ ھەم ئەڭ ئاخىرىدا بۇ تۈرنى بىر ئىگىلىككە ئايلاندۇرىدۇ.
#p#
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مائارىپ ئورگىنىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسلىھەت بېرىش ھەم يېتەكچىلىك قىلىش مەركىزى، بېيجىڭ تەبئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، يىسەي گۇرۇھى بىرلىشىپ قۇرغان 2010-يىللىق جۇڭگو ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش پىلانى يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، يىسەي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش پىلانىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرىگە ئەمەلىيەتچان ئىگىلىك تىكلەش ياردىمى، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭدىن سىرت، ھەر ئىككى يىلدا ئۆتكۈزىلىدىغان «رىقابەت لوڭقىسى» ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش  مۇسابىقىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىگىلىك تىكلەش بىلىملىرى بىلەن تەمىنلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىگىلىك تىكلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ياخشى بىر سەھنە بىلەن تەمىنلەپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ئىگىلىك تىكلەش ئىدىيەسى»نى «ئەمەلىيەت»كە ئايلاندۇرۇشىغا ياردەم قىلدى. لى خاۋ مۇنداق دەيدۇ:«ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چېنىقىشلارغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىگىلىك تىكلەش روھىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك».
«ساغلام بولغان ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى ناھايىتى مۇھىم، بىراق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئىگىلىك تىكلەش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ئىگىلىك تىكلەشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش-بولماسلىقىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل.» جاۋ چاڭشېڭ: «ئەگەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى شارائىتلىرى تولۇق بولسا ياكى تىرىشىش ئارقىلىق تولۇق قىلالىغان بولسا، مەسىلەن، مەبلەغ، تۈر، ئادەم كۈچى قاتارلىقلار، ئۇنداقتا سىز دادىللىق بىلەن سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.» دەيدۇ. ئەگەر خامۇش ھالدىلا ئىگىلىك تىكلەش يولىغا كىرىۋالسا، ئۇنداقتا پەقەت مەغلۇبىيەتتىن ئىبارەت نەتىجىنى قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
«بۇنىڭغا قارىتا، پۈتكۈل جەمئىيەتمۇ تىرىشىپ مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ، ئىگىلىك تىكلۈگۈچىلەر مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەندە سوغۇققان بولۇش كېرەك. بىرىنجى قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەشتىكى مەقسەت مۇۋاپىقىيەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكىدە ئەمەس، بەلكى ياشلىق، جۇشقۇنلۇق، يۇقىرى مەدەنىيەت بىلىملىرى قاتارلىق بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، مول بولغان تەجرىبە توپلاش، ئوقۇغۇچىلىقتىن خىزمەتچى خادىمغا بولغان ئۆتكۈنچى دەۋىرنىڭ قىسقىلىقىنى تولۇقلاشتۇر» دەيدۇ، جاۋ چاڭشېڭ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى