ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە سۆھبەت

مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە سۆھبەت

ۋاقتى: 2016-01-30 ئاۋاتلىقى: 559 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە سۆھبەت

ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمىسى
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن پىرىستان
 
ئادەم قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۇنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسى ئۇتۇق قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. قىيىنچىلىقتىن ئادەتتە تېزلا قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىرىنچىدىن، قىيىنچىلىققا چوقۇم سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. قىيىنچىلىق ئادەتتە قاتناش توسۇلۇپ قالغانغا ئوخشايدۇ. ھەرقانچە ئالدىرىساقمۇ ماشىنىنى ھەيدەپ چىقىپ كېتەلمەيمىز. ئىككىنچىدىن، قىيىنچىلىقنى تەدرىجىي يوقىتىشىمىز ھەم ئۇنىڭدىن نەپ ئېلىشىمىز كېرەك. خۇددى ماندېلا 27 يىل تۈرمىدە يېتىپ تۇرۇپ قارا تەنلىكلەر باراۋەرلىك مەسىلىسىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەي ئاخىردا غەلىبىگە ئېرىشكەندەك.
مەن بىر تەمسىل ئالاي، قىيىنچىلىق بىر ئىتقا ئوخشايدۇ. كىچىك ۋاقتىمدا يېزامدا ئىت بەك كۆپ ئىدى،  سىز ئىتقا ئۇچراپ قالغان چاغدا، ئەگەر باتۇرلۇق بىلەن ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەرسىڭىز ئىت سىزدىن قورقىدۇ. ئەگەردە بۇرۇلۇپلا قاچسىڭىز ئىت سىزنى قوغلايدۇ، ھەتتا سىزنى چىشلىۋېلىشىمۇ مۇمكىن. ئىتنىڭ خاراكتېرى شۇكى سىز قورقمىسىڭىز سىزدىن قورقىدۇ، سىز قورقسىڭىز سىزنى قوغلايدۇ. قىيىنچىلىقمۇ ئوخشاش، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىسىڭىز، ئادەتتە قىيىنچىلىقنى يېڭىپ كېتەلەيسىز، ئەگەر ئارقىغا قايتسىڭىز قىيىنچىلىق سىزنى يېڭىۋېلىشى مۇمكىن. قىيىنچىلىق ئالدىدا ھەرگىز جەڭگىۋارلىقىڭىزنى ئۇتتۇرۇپ قويسىڭىز بولمايدۇ.
ئۇرۇش ۋە ئىنقىلاب دەۋرىدە قەھرىمانلار كۆپ چىقىدۇ، ۋەزىيەت قەھرىمانلارنى ياراتقان. ئەمما تىنچلىق دەۋرىدە ئۇلارنىڭ ئاساسى جەھەتتىن رولى بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن بۇ دېگىنىم تىنچلىق مەزگىلىدە ئىختىساسلىقلار چىقسا بولمايدۇ دېگىنىم ئەمەس. ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان مۇھىتتىكى ئىپادىسى ئوخشاش بولمايدۇ. تىنچلىق دەۋرىدە ئىجتىمائىي پەنچىلەر بىلەن ئالىملار كۆپ چىقىدۇ.
بىر ئادەمنىڭ ماشىنا ھەيدەش ماھارىتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى، ئادەتتىكى يوللاردا بىلگىلى بولمايدۇ. پەقەت خەتەرگە يولۇققان ۋاقىتتا ياكى خەتەرلىك تاغ يوللىرىدىلا شوپۇرنىڭ ئىنكاسى بىلەن شوپۇرلۇق ماھارىتىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئوخشاشلا ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولغان مەزگىلدە بىر ئادەمنىڭ ھەقىقىي قابىلىيىتىنى بىلىش تەسكە توختايدۇ. بىر ئادەمنىڭ قابىلىيىتى ئۇ كىشى خەتەرگە ۋە جىددىي ئەھۋالغا يولۇققان چاغدا ئەڭ ئاسان ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. بۇ دەل نېمىشقا ئۇرۇش ۋە ئىنقىلاب ۋاقتىدا قەھرىمان بىلەن قورقۇنچاقنى تېزلا ئايرىپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.
مۇنداق بىر گەپ بار، بىر ئادەمنىڭ قابىلىيىتى  ھامىلىدار ئايالغا ئوخشايدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تەبىئىيلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ،  بۇ گەپنىڭ پەقەت يېرىمى توغرا. بىر ئادەمنىڭ تالانتى جەمئىيەت تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدۇ. شۇنداقلا تالانتقا ئېگە بولۇشتىن باشقا، يەنە تالانتىنى جەمئىيەتكە يۈزلەندۈرۈش ئىقتىدارى بولۇش، ئۆزىنىڭ ماركىسىنى يارىتىش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا سىز ھامىلىدار بولغان تەقدىردىمۇ باشقىلار كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەلۋەتتە تالانتى بولمىسا جەمئىيەتكە ھەرقانچە يۈزلەندۈرگەن بىلەن كىيىمنىڭ ئىچىگە ياستۇق تىقىۋېلىپ ھامىلىدار بولغاننى دورىغانغا ئوخشاش، ئاخىرىدا كىشىلەر ھامان سامان قورساق ئىكەنلىكىنى بايقىۋالالايدۇ.
ئادەم ۋاز كېچىشنى بىلىشى كېرەك، بىز مەغلۇبىيىتىمىزنى چۆرۈپ تاشلىشىمىز، ھەم غەلىبىمىزدىن ۋاز كېچەلىشىمىز كېرەك. مەغلۇبىيەت سۈبھى ئالدىدىكى زۇلمەتكە ئوخشايدۇ، شۇڭا ئۇنى چۆرۈپ تاشلىشىمىز لازىم. چۆرۈپ تاشلىمىغاندا قۇياشنىڭ پارقىراق نۇرىنى كۆرەلمەيمىز. غەلىبە تاققا ياماشقانغا ئوخشايدۇ. ئەگەر سىز بىر تاغنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە خۇمار بولۇپ قالسىڭىز، يەنە تېخىمۇ ئېگىز بىر تاققا ياماشقىڭىز كەلمەيدۇ. سودا ساھەسىدە، مەغلۇبىيەتنى چۆرۈپ تاشلىغان كىشىنىڭ ۋەكىلى شى يىجۇ(史玉柱) ، غەلىبىسىدىن ۋاز كېچەلىگەن كىشى لى كەيفۇ(李开复).
#p#
ھەرگىز ھازىرقى ھالىتىمىزگە قاراپ كەلگۈسىگە ھۆكۈم قىلماڭ، ھازىر نەس باسقان بولسا كېيىن نەس بېشى ناتايىن. ھازىر قالتىس بولسىڭىز كېيىنمۇ قالتىس بولۇشىڭىز ناتايىن. ئوخشاش بولمىغان پەسىلدە ئوخشاش بولمىغان گۈل ئېچىلغانغا ئوخشاش، ھاياتنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىلىدە ئوخشاش بولمىغان قابىلىيەت ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. بەزىلەر ياشلىق دەۋرىدىن مەمنۇن بولىدۇ، بەزىلەر ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىن پەخىرلىنىدۇ. يەنە بەزىلەر ياشانغانلىق دەۋرىدىن شادلىنىدۇ. ھاياتنىڭ ھەرخىل-ھەر تۈرلۈك كۆتۈرۈش-پەسىيىش نۇقتىسى بولىدۇ، بىراق مەنىلىك ئۆتكەن ھاياتنىڭ بىردەك ئورتاقلىقى، ئەزەلدىن ئۆزىنى تاشلىۋەتمىگەنلىكىدە.
گەرچە بىز ئۆزىمىزنى داۋاملىق ھايات دەپ بىلسەكمۇ، ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۆزىمىزنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيمىز. بىر ئادەم ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىسە، ئۇ ئادەمدە ھاياتقا بولغان قىزغىنلىق بولمايدۇ. بىزنىڭ كىيىنىپ-ياسىنىشىمىز ياكى تىرىشىپ ئۆگىنىپ خىزمەت قىلىشىمىز، ئۆزىمىزنى باشقىلارغا تونۇتۇش ئۈچۈنلا بولماستىن ھەم كوللېكتىپنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت. مىسالەن، ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەر تۇيۇقسىز غايىب بولسا، سىز ھازىر قىلىۋاتقان كۆپىنچە ئىشىڭىزنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز. بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشايمىز، ھەم باشقىلار ئۈچۈنمۇ ياشايمىز، بۇ ئىنتايىن ياخشى!
بەزىلەر داۋاملىق ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى رەھبەرلىك ئورنى قىلىۋالىدۇ. خۇددى قولىدىن كەلمەيدىغىنى يوقتەك ھېس قىلىدۇ. ۋاقتى كېلىپ ھوقۇقىدىن ئۆستۈرۈلۈپ ياكى چۈشۈرۈلگەندە ئۆزى بىلەن ئالاقە قىلىدىغانلارنىڭ ئازىيىپ قالغانلىقى، بۇرۇنقىدەك كېلىپ-كېتىدىغانلارنىڭ ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئازايغانلىقىنى بايقايدۇ، ئادەم ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىغا سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ھەرگىزمۇ ھوقۇق ئەمىلىنى باشقىلارنى جەلپ قىلىدىغان سېھرى كۈچكە ۋە باشقۇرۇش قولىغا ئايلاندۇرىۋالماسلىقى كېرەك. رەھبەرلىك قابىلىيىتى دېگىنىمىز، ئىشەنچتىن باشقا ھېچنېمىسى قالمىغاندىمۇ يەنىلا ئەتراپىدا ئەگەشكۈچىلىرى بولىدىغان بىرخىل قابىلىيەت ۋە تەسىر كۈچى.
 سۈنزى مۇنداق دېگەن:«ئەسكەر پەقەت ئۆلۈم ئالدىدىلا ھاياتلىققا ئىنتىلىدۇ»، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىشتا ھەل قىلغۇچ شەرت-شارائىت بولىدۇ. بىرىنچىدىن كۈچ-قۇۋۋەت چوڭ پەرقلىنىپ كەتمەسلىكى، ئىككىنچىدىن ئەسكەردە ھالاكەت گىردابىدىمۇ يەنىلا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بولۇشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن تېخىمۇ ياخشى ئامال بولمىغاندا. ھازىرقى بىزنىڭ كەسىپكە بولغان ئىنتىلىشىمىزدە، بىزدە يالغۇز تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بولۇشى كېرەك، شۇنداقتىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ شەرتلىرىنىمۇ نەزەرگە ئالمىساق بولمايدۇ. بولمىغاندا پەقەت قاراملىق قىلغان بولىمىزدە، ئاخىرىدا ئۆزىمىزنى جاپاغا قويىمىز. گەرچە شىر بولغان تەقدىردىمۇ ، ھالاكەت گىردابىدا پىل بىلەن تىركىشىپ قالسا، ئاۋۋالقىدەكلا ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.
بىر ئادەم قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى-ئاشماسلىقى، چوڭ يۆنىلىش بىلەن كىچىك يۆنىلىشنى توغرا تونۇپ يېتىشتە. كىچىك يۆنىلىش ئۆزىنىڭ تىرىشىش نىشانى، چوڭ يۆنىلىش بولسا دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئېقىمى. چوڭ يۆنىلىش توغرا بولۇپ كىچىك يۆنىلىش بولمىسا بولمايدۇ، باشنى تىقىۋېلىپ ئىش قىلىپ چوڭ يۆنىلىش بىلەن كارى بولمىسا تېخىمۇ بولمايدۇ. بىر توپ ئادەم شىمالى قۇتۇپقا مېڭىپتۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ شىمالغا قانچە ماڭغان سىرى شۇنچە شىمالى قۇتۇپتىن يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى بايقاپتۇ، بارلىق ئەسۋاب -سايمانلار ئۇلارنىڭ ماڭغان يولىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ، ئۇنداقتا ئۇلار قانداق بولۇپ ماڭغانسېرى شۇنچە يىراقلاپ كەتكەن، ئەسلى ئۇلار جەنۇبقا ئېقىۋاتقان غايەت زور مۇز پارچىسىنىڭ ئۈستىدە مېڭىۋېتىپتىكەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى