ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىزچىل كۆڭۈل قويىدۇ(بولۇپمۇ دەسلەپكى مەزگىلدە)

ئىزچىل كۆڭۈل قويىدۇ(بولۇپمۇ دەسلەپكى مەزگىلدە)

ۋاقتى: 2016-09-26 ئاۋاتلىقى: 684 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «دۇنيادىكى زورىيىشى ئەڭ تېز بولغان 17 شىركەتنىڭ ئورتاق نۇقتىسى.....» بۇ يەردە!

 

6.ئىزچىل كۆڭۈل قويىدۇ(بولۇپمۇ دەسلەپكى مەزگىلدە)


بەيدۇ «مۇكاكىمە ۋە بايانى»: بىردەك كۆڭۈل بۆلۈش.
بەيدۇ «مۇكاكىمە ۋە بايانى»: تاللىۋالغاندىن كېيىنلا بېرىپ قىلىش كېرەك، باشقىلارغا ئەگىشىشكە، تەۋرىنىپ قېلىشقا بولمايدۇ.
گوگىل ئەقىدىسى: كۆڭۈل قويۇپ بىر ئىشنى ئەڭ ياخشى قىلىش.


برىن تور خىزمىتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىلا، ئۇلارنىڭ «ئىزدەش»بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىشقا قارار قىلغانلىقىنى، «ئىزدەش»نىڭ ئۇچۇرغا ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى، ئۇ بولغاندىلا ئاندىن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ھەقىقىي ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.


لېي جۈن: يەتتە خەتلىك قوشاقنىڭ بىرىنچىسى كۆڭۈل قويۇش. مەسىلەن ھازىرقى نۇرغۇن مىكروبلوگ بېكەتلىرىنىڭ كۈندىلىك يېڭىلىنىشى ئانچە كۆپ ئەمەس، لېكىن ماقالىلىرىنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى، ئاز كۆپ بولغان دەۋردە، بىزنىڭ ئۇچۇرىمىز ئېشىپ كەتكەن، قانداق قىلغاندا نەرسىلەرنى نەپىس، قىممەتلىك بولىدۇ، مانا بۇ مۇھىم نۇقتا.


7.ھەممىسى ئېلان، قوشۇمچە قىممەت مۇلازىمىتى ياكى ئېلېكترونلۇق سودىنى ئاساسلىق پايدا ئېلىش ئەندىزىسى قىلغان


تىڭشۈن قوشۇمچە قىممەت مۇلازىمىتى پايدا ئېلىش ئەندىزىسىنى تاللىدى.
ئېلان Googleنىڭ ئاساسلىق پايدا ئېلىش ئەندىزىسى.
بەيدۇ 2001-يىلى 08-ئايدا جۇڭگودا تۇنجى بولۇپ رىقابەت باھا تىزىملىك سودا ئەندىزىسى(竞价排名商业模式)نى ياراتتى.


8.ھەممىسى پۈتۈن دۇنيادىكى ئابونتلارنى مۇلازىمەت ئوبيېكتى قىلغان(باشلىنىشىدىلا شۇنداق دېسىمۇ بولىدۇ)
1999-يىلى ئەلى بابا B2B تور سودا سۇپىسىنى قۇرۇپ، پۈتۈن دۇنياغا مۇلازىمەت قىلىشنى تاللىدى.
ئامازوننىڭ دەسلەپكى نىشانى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تور كىتابخانىسى بولۇش ئىدى.
گوگىلنىڭ دەسلەپكى نىشانى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرخىل تىللارنى ئىشلىتىدىغان ئادەملەرنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىشىگە ياردەم قىلىش ئىدى.
Facebook خەلقئارالىشىش جەريانىنى ئېچىپ، 2005-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگىچە كانادا، ئەنگىلىيە، مېكسىكا، ئاۋستىرالىيە، يېزى زېللاندىيەگىچە كېڭەيدى.

 

9.ھەممىسىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئاقىللار كوللېكتىپى بار


زۇكىربېرگنىڭ جوبسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقانچە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بار.
سۈن جىڭيى خېلى ئۇزۇن مەزگىل ئەلى بابانىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى.
ئېرىك سىمىس گوگىلنىڭ ئىككى رەھبىرىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى.



10. CEOلىرىنىڭ ھەممىسى ئابونتلار تەسىراتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، مەھسۇلاتىنى «ئەڭ ياخشى» قىلىدۇ
ئامازوننىڭ بۇرچى: دۇنيادىكى ئەڭ خېرىدارلارنى مەركەز قىلغان شىركەت بولۇش.
ما خۇاتىڭ، جۇ خوڭيى ۋە لېي جۈنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى شىركەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەھسۇلات دېرىكتورى قىلغان.
لى يەنخوڭ: مەن ئۈچتىن بىر ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ مەھسۇلات ۋە تېخنىكىنى تۇتىمەن.
جوبس شۈبھىسىزكى شىركەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەھسۇلات دېرىكتورى.
بەيدۇ «مۇھاكىمە ۋە بايانى»: ئابونتلارنىڭ ئېھتىياجى ھەممىنى بەلگىلەيدۇ.
بەيدۇ «مۇھاكىمە ۋە بايانى»: ئىشلارنى ئەڭ ياخشى قىلىش.


لېي جۈن: ئىككىنچى ئەڭ ياخشى، ئەڭ ياخشى دېگەن سىز قىلالايدىغان ئەڭ يۇقىرى چەك، ئەڭ ياخشى دېگەن باشقىلار چىقالمايدىغان يۈكسەكلىكلەرگە چىقىش. كۆپچىلىك دائىم ماڭا «خۇشامەت» قىلىپ، شياۋمى iPhoneنى دوراپتۇ دەيدۇ، مەن قانداق ئىپادىلەشنى راستىنلا بىلمەيمەن. ياخشى نەرسىنى كۆچۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. ھەر قېتىم iPhoneنى كۆچۈرمەكچى بولغىنىمدا، خەقنىڭ سىنبەلگىنى شۇنداق ياخشى قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، «بىز قىلالامدۇق؟» دەپ ئويلايمەن. مەن پەقەت كۈندە ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەپ، بىر قەدەم بىر قەدەمدىن تىرىشىپ، ئىمكانقەدەر ئۇنىڭغا ئازراق، ئازراقتىن يېقىنلىشىشنىلا ئارزۇ قىلىمەن.

 

ئۆتكەن 5 يىل جەريانىدا، ئامېرىكىدا جەمئىي 38 بازار قىممىتى 10 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان پەن-تېخنىكا كارخانىسى بارلىققا كەلدى. بۇ كارخانىلارنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئالاھىدىلىكى بار ــــ مەھسۇلاتقا ئاجايىپ قىزغىن. ئۇلار ھەمىشە مەھسۇلات ئېچىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە شەخسەن ئۆزى قاتنىشىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قولىدىكى مەھسۇلاتنىڭ ئۆزلىرى ئويلىغاندەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا، بەزى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر كارخانىسىنىڭ پېيى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا CEOلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، مەسىلەن Facebookتىكى Zuckerberg ۋە Zyngaدىكى Pincus.

 

لېي جۈن: ئۈچىنچى سۆزلىمەكچى بولغىنىم ئالقىش. مەن دائىم كۆپچىلىكتىن بىر سوئالنى سورايمەن ــــ خايدىلاۋغا بېرىپ باققانمۇ؟ خەيدىلاۋ راستىنلا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدىن ياخشىمۇ؟ نېمىشقا يىغىن زالى ئالقىشقا ئېرىشەلمەيدۇ، بۇ خەيدىلاۋ بولسا ئالقىشقا ئېرىشىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئالقىشنىڭ ماھىيىتى ئابونتلارنىڭ كۈتۈلمە قىممىتىدىن ئېشىپ كېتىش. خەيدىلاۋ بىر ناھايىتى كونا يەردە، بىز كىرگەن ۋاقتىمىزدا ئۇ بىزنىڭ بارلىق كۈتۈلمە قىممىتىمىزدىن ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا بىز ناھايىتى ياخشىدەك ھېس قىلىمىز. بىز بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىغا بارغاندا بىزنىڭ كۈتۈلمە قىممىتىمىز ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ 


«قىززىش ئۈچۈن ياشاش» شياۋمىنىڭ مەھسۇلات ئىدىيەسى. شياۋمى شىركىتى ئىنتېرنېت ئەندىزىسىنى ئىشلىتىپ يانفون مەشغۇلات سىستېمىسى ئېچىشنى تۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلدى، 600 مىڭ قىززىغان دوستلار ئېچىش ۋە ياخشىلاش ئەنزىدىسىگە قاتناشتى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى