ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاغزاكى قائىدىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش قىلمىشىغا قانداق ئىسپات كۆرسىتىدۇ؟

ئاغزاكى قائىدىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش قىلمىشىغا قانداق ئىسپات كۆرسىتىدۇ؟

ۋاقتى: 2014-03-06 ئاۋاتلىقى: 461 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

  ئاغزاكى قائىدىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش قىلمىشىغا قانداق ئىسپات كۆرسىتىدۇ؟

 

جاۋاب: ئەمگەكچىلەر ئىمكانقەدەر مەسئۇل خادىملاردىن يازما خاراكتېرلىك باشقۇرۇش تەدبىرى قالدۇرۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. ئەگەر يازما ھۆججەت قالدۇرۇپ قويۇشقا ئامال بولمىسا، باشقا گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنى تېپىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

 

ئەلۋەتتە، چوڭ تىپتىكى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارغا قارىتا، ئەگەر «قائىدىگە خىلاپ باشقۇرۇش، خەتەرلىك مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇرلاش» قىلمىشىنى بېكىتكىلى بولسا، ھەم مۇئەييەن دەرىجىدە مۇقىملاشتۇرالىسا، خىزمەتچىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، خىزمەتچىلەر ئىدارىنىڭ بۇ كۆرسەتمىسىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

 

ئىدارىلەرنىڭ ھايات بىخەتەرلىكىگە ۋە تەن سالامەتلىككە زىيانلىق ئەمگەك شارائىتىغا قارىتا، ئەمگەكچىلەر ئىدارىنى پاش قىلسا، ئەرز قىلسا، ئۆزىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى، بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا پايدىلىق. لېكىن بۇ بەلگىلىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئەمگەك نازارەت تارماقلىرىنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ پاش قىلىشى، ئەرز قىلىشىنى ئەستايىدىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى ۋە شۇنداقلا پائال، ئاكتىپ ھالدا تەكشۈرۈشىگە تايىنىش كېرەك، نوقۇل ھالدا ئەمگەكچىلەردىن يېتەرلىك ئىسپات بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان بىلەنلا بولمايدۇ، بۇ ھەم كەلگۈسىدىكى مۇناسىۋەتلىك يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىدە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىك مەسىلىلەردىن بىرى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى