ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ياردەمچىم ئىستىپا بەردى!

ياردەمچىم ئىستىپا بەردى!

ۋاقتى: 2016-06-04 ئاۋاتلىقى: 590 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىلاۋە: بۇ يېڭىلىق يارىتىش زاۋۇتى لى كەيفۇ، يولۋاسقا مىنگەن 360 جۇ خوڭيى، يوۋمىدىكى ۋاڭ لىفېن قاتارلىقلار كۈچلۈك تەۋسىيە قىلغان بىر پارچە ماقالە: بىر يېڭى كەلداخۇندىن، كۆپىنچە يېڭى كەلداخۇنلاردىن، دەسلەپكى تۆت يىلنىڭ ئىچىدە، ئانچە چوڭ پەرقنى كۆرگىلى بولمايدۇ. لېكىن بۇ تۆت يىللىق كەچۈرمىش، ئۇلارنىڭ كېيىنكى كەسپىي ھاياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سالغان ئاساسى ئىنتايىن مۇھىم. مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق كۆرۈپ چىقىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمىز!
ياردەمچىم ئىستىپا بەردى!--قول ئاستىڭىزدىكى گەپ ئاڭلىمايدىغانلارغا كۆرسىتىڭ
(1)
ئەينى ۋاقىتتا شىركەت زور بىر تۈركۈم شۇ قاراردا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋە ئاسپىرانتلىقتىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن يېڭى كەلداخۇنلارنى قوبۇل قىلدى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 25 ياش ئىدى. ئۇ يېڭى ياردەمچىم، كۆپ قېتىملىق يۈزتۇرانە ئىمتىھاندىن كېيىن، مەن ئۆزۈم قوبۇل قىلغان بىر قىز بالا. داڭلىق ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن، ئەقىللىق، مىجەزى شوخ بولۇپ، مېنىڭ ئالاھىدە قايىللىقىمنى قوزغىغان بولغاچقا، مەن ئۇنى ھەقىقەتەن ئېتىراپ قىلىمەن، مېنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشىمدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر سەۋەب، ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولغانلىقىدىن سىرت، يەنە ئۇنىڭ خېتىنىڭ چىرايلىق بولغانلىقىدىندۇر. قىزلارنىڭ ئىچىدە چىرايلىق خەت يازالايدىغانلار كۆپ ئەمەس، بولۇپمۇ ئۇنىڭدەك، قارىماققا ئۇزۇن چېچى يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان، ناھايىتى ئاياللاشقان بىر قىزنىڭ، يازغان خېتىنىڭ شۇنداق جانلىق ۋە ئوچۇق بولۇشى، مەندە ئىختىيارسىزلا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى تەسىرنى پەيدا قىلدى.
 
قولمۇقول ئۆگىتىش. خىزمەت جەريانىدىن كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشقىچە، ئۇ ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋالدى. نۇرغۇن خىزمەتلەرنى بىر ئۆگەنسىلا قىلالايتتى، بىر قىلسىلا پۇختا قىلاتتى. ھەرقايسى خىزمەتداشلار بىلەنمۇ ناھايىتى ياخشى چىقىشىپ ئۆتتى. مەن ئاستا-ئاستا ئۇنىڭغا بەزى ماسلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى بېرىشكە باشلىدىم، ھەرقايسى تارماقلار ئارىسىدىكى ۋە شۇنىڭدەك ھەرقايسى تارماق شىركەتلەر ئارىسىدىكى كەسپىي ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشلارنى ئۇنىڭ سىناپ بىر تەرەپ قىلىشىغا بەردىم.
دەسلەپتە دائىم خاتالىق سادىر قىلاتتى. ئۇ جىددىيلىشىپ، مېنى ئىزدەپ كېلىپ پاراڭلاشتى. مەن ئۇنىڭغا، خاتالاشسىڭىز ھېچقىسى يوق، ھازىرچە خاتىرجەم ھالدا ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغىنىڭىز بويىچە قىلىڭ، بىرەر مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، كېلىپ مەندىن سوراڭ دېدىم. يەنىلا خاتالىق سادىر قىلدى، يەنە كېلىپ مېنى ئىزدىدى، بۇ قېتىم نىسبەتەن چوڭقۇرراق پاراڭلاشتۇق، ئۇنى گاڭگىرىتىپ قويغىنى، نېمىشقا دائىم ئۇنىڭغا بۇ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى قىلدۇرغىنىم ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭدىن قانداق ئىش ئۇششاق-چۈششەك ئەمەس ئىش بولىدۇ دەپ سورىدىم.
ئۇ جاۋاب بېرەلمىدى، يېرىم كۈن ئويلانغاندىن كېيىن، ماڭا مۇنداق دېدى: مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، مېنىڭ ئىقتىدارىمغا ئاساسەن، مەن پەقەت بۇ ئىشلارنىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىم ئىشلارنىمۇ قىلالايمەن. شۇ قېتىملىق سۆھبىتىمىز 1 سائەت داۋاملاشتى. مەن بىلىمەن، مېنىڭ گېپىمنى، ئۇ ئانچە قوبۇل قىلالمىدى. كېيىن مەن ئۇنىڭغا، ئاۋۋال قولىڭىزدىكى خىزمەتنى ياخشى قىلىڭ، ئالدى بىلەن ئاددىي ساۋات خاراكتېرلىك خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىڭ، شۇنىڭدىن كېيىن قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرلەڭ دېدىم.
#p#
(2)
يېرىم يىلدىن كېيىن، ئۇ مېنى ئىزدەپ كېلىپ، تۇنجى قېتىم ئىستىپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەن بىر باشقىلار بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان كۆرۈشۈشۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىستىپا بېرىش مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتىم. ئۇنىڭدىن ئىستىپا بېرىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىسام، ئۇ ئۇدۇللا مۇنداق دېدى: تولۇق كۇرستىكى تۆت يىلدا، دەرستە مۇنەۋۋەر ئىدىم، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت تاپقاندا ھەر كۈنى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىمنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. پەقەتلا ئۇتۇق قازىنىش ھېسسىياتى يوق. مەن يەنە ئۇنىڭدىن: ھېس قىلىشىڭىزچە، سىز ھازىر قىلىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ ئىچىدە، ئەڭ ئەھمىيەتسىز ھەم ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى ئەڭ ئىسراپ قىلىۋاتقىنى نېمە دەپ سورىدىم. ئۇ دەرھال ماڭا مۇنداق جاۋاب بەردى: سىزگە ياردەملىشىپ تالونلارنى رەتلەپ، ئاندىن ئاتچوت قىلدۇرۇپ، ئاندىن مالىيە بۆلۈمىگە بېرىپ تەرتىپتىن ئۆتۈپ، ئاندىن نەق پۇلنى ئەكىلىپ سىزگە بېرىش.
مەن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن مۇنداق سورىدىم: سىزنىڭ ماڭا ياردەملىشىپ تالون رەتلەپ ئاتچوت قىلدۇرغىنىڭىزغا يېرىم يىل بولغاندۇ؟ بۇ ئىش ئارقىلىق، سىز قانداق ئۇچۇرلارنى يەكۈنلەپ چىقتىڭىز؟
ئۇ يېرىم كۈن ھاڭۋاققاندىن كېيىن، ماڭا مۇنداق جاۋاب بەردى: تالون رەتلەش دېگەن شۇ تالون رەتلەشقۇ، پەقەت مالىيەدە خاتالىق چىقمىسىلا بولىدىغۇ، ئۇنىڭدا قانچىلىك ئۇچۇر بولاتتى؟
مەن ئۇنىڭغا، مەن سىزگە ئەينى ۋاقىتتا ئۆزۈمنىڭ قانداق قىلغانلىقىمنى سۆزلەپ بېرەي دېدىم: 98-يىلى، مەن مالىيە بۆلۈمىدىن باش دىرېكتورنىڭ ئىشخانىسىغا يۆتكەپ كېلىنىپ، باش دىرېكتورنىڭ ياردەمچىسىلىك خىزمىتىنى قىلدىم. مەن قىلىدىغان خىزمەتلەردىن بىرى، سىزنىڭ ھازىر قىلىۋاتقىنىڭىزغا ئوخشاش، باش دىرېكتورغا ياردەملىشىپ ئۇنىڭ بارلىق تالونلىرىنى ئاتچوت قىلدۇرۇش ئىدى. ئەسلىدە بۇ خىزمەتتە سىز بايا ئېيتقانغا ئوخشاش، تالونلارنى رەتلەپ بولۇپ، ئاندىن مالىيەدىكى تەرتىپتىن ئۆتكۈزسىلا بولاتتى.
ئەمەلىيەتتە تالون بىر خىل سانلىق مەلۇمات خاتىرىسى، ئۇنىڭدا باش دىرېكتور بىلەن ھەتتا پۈتۈن شىركەتنىڭ تىجارىتى بىلەن ئالاقىدار خىراجەتلەرنىڭ ئەھۋالى خاتىرىلەنگەن. قارىماققا مەنىسىزدەك تۇرغان بىر توپ سانلىق مەلۇماتلار، ئەمەلىيەتتە شىركەتنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تىجارىتى ۋە يۈرۈشۈشىگە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا مەن بىر جەدۋەل تۈزۈپ، باش دىرېكتور ماڭا ئاتچوت قىلدۇرغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋاقتى، سوممىسى، ئىستېمال سورۇنى، تېلېفون نومۇرى قاتارلىقلارنى خاتىرىلەپ قويدۇم.
مەن دەسلەپتە بۇ جەدۋەلنى تۈزگەندە مەقسىدىم ناھايىتى ئاددىي ئىدى، مەن مالىيە جەھەتتە ئاساسلانغىدەك ئىسپات بولۇشىنى ئويلىغان ئىدىم، بۇنداق بولغاندا شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالىمادىس باشلىقىم مەندىن بىرەر ئەھۋالنى سوراپ قالغان ۋاقىتتا، مەن ئۇنىڭغا توغرا بولغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئېيتىپ بېرەلەيتتىم. مۇشۇنداق بىر پارچە سانلىق مەلۇمات سىتاتىستىكىسى ئارقىلىق، مەن تەدرىجىي ھالدا باشلىقلارنىڭ سودا پائالىيىتىدىكى بەزى قانۇنىيەتلەرنى بايقىدىم، مەسىلەن، قايسى تۈردىكى سودا پائالىيىتى، ئادەتتە قانداق سورۇندا بولىدۇ، خىراجەت خامچوتى تەخمىنەن قانچىلىك؛ باش دىرېكتورنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋىتىدىكى ئادەتتىكى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلار.
باشلىقىم ماڭا خىزمەت تاپشۇرغان ۋاقىتتا مېنىڭ ناھايىتى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىدىغانلىقىمنى، بەزى ئۇچۇرلارنى ئۇ ماڭا ئەزەلدىن دەپ بەرمىگەن بولسىمۇ، مېنىڭ ئوخشاشلا ئۆز ۋاقتىدا توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىمنى بايقىغان ۋاقىتتا، مەندىن سەۋەبىنى سورىدى، مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ خىزمەت ئۇسۇلۇمنى ۋە ئۇچۇرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېيتىپ بەردىم.
تەدرىجىي ھالدا، بۇ خىل ياخشى سۈپەتلىك جۇغلىنىش ئاساسىدا، ئۇ بارغانچە تېخىمۇ كۆپ مۇھىم خىزمەتلەرنى تاپشۇرىدىغان بولدى. يەنە تەدرىجىي ھالدا، بىر خىل ئىشىنىش ۋە سۆزسىز چۈشىنىش شۇ سەۋەبلىك بارلىققا كەلدى، خىزمىتىمنى ئۆستۈرگەن ۋاقىتتا، ئۇ مېنىڭ ئۇ ئىشلىتىپ باققان ئەڭ ياخشى ياردەمچى ئىكەنلىكىمنى ئېيتتى.
مەن بۇ بىرمۇنچە سۆزلەرنى دەپ بولۇپ بۇ قىزغا قارىسام، ئۇ ماڭا ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنىڭغا ئۇدۇللا ئېيتتىم: مېنىڭچە سىزدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە، سىز كۆڭۈل قويمىدىڭىز. قارىماققا ئاسان، كاللا ئىشلەتمەيلا پۈتتۈرىۋېتىدىغان خىزمەتتە، سىز كۆڭلىڭىزنى تىندۇرالمىدىڭىز، شۇڭا، يېرىم يىل بولدى، سىز ئۆزىڭىزدە ئىلگىرلەش بولمىغانلىقىنى ھېس قىلدىڭىز. ئۇ ھېچنېمە دېمىدى. لېكىن ئىستىپا بېرىش دوكلاتىنى قايتۇرۇۋالدى.
يەنە 3 ئاي داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ يەنىلا ئىستىپا بەردى. بۇ قېتىم مەن ئۇنى تۇتۇپ قالمىدىم. ئۇ كەتتى.
كېيىن ئۇ پات-پات MSN دا مەن بىلەن پاراڭلىشىپ، ماڭا ئۆزىنىڭ يېڭى خىزمەتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتاتتى. بىر يىلنىڭ ئىچىدە، ئۇ ئۈچ قېتىم خىزمەت ئالماشتۇردى، ھەر قېتىمدا ئانچە ئۇزۇن داۋاملاشتۇرالمىدى. ھەر قېتىمدا ئۇ يېڭى خىزمەتنىڭ ئۇ قىلماقچى بولغان خىزمەت ئەمەسلىكىنى دەيتتى. 2005-يىلى، ئۇ يەنە بىر قېتىم ئىستىپا بەردى، ناھايىتى بىئارام بولۇپ مېنى ئىزدەپ كېلىپ، مەن بىلەن تاماق يېگۈسى بارلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنى ئىشخانا بىناسىنىڭ كەينىدىكى سودا بازىرىدىكى ياپونىيە ئاشخانىسىدا تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلدىم. تاماق يەپ يېرىمىغا كەلگەندە، ئۇ تۇيۇقسىز ماڭا مۇنداق دېدى: مەن سىزنىڭ بۇرۇن قىلغان گېپىڭىزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندەك قىلۋاتىمەن.
#p#
(3)
ئاتالمىش كەسپىي ھاياتتا، ئەمەلىيەتتە سىز ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۈسىدە نېمە خىزمەت قىلىدىغانلىقىڭىزنى، كەلگۈسىدە قىلىدىغان خىزمىتىڭىزنىڭ، ئۆزىڭىز ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن كەسىپ بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىنى پەرەز قىلالمايسىز. كۆپىنچە ئادەملەر كېلەچەكتە قىلىدىغان خىزمەتنىڭ ئۇ دەسلەپتە ئۆگەنگەن كەسىپ بىلەن ئازراقمۇ مۇناسىۋىتى بولماسلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. 22 ياشتا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن باشلاپ 26 ياشقىچە بولغان بۇ تۆت يىل ۋاقىتتا، مۇھىمى سىزنىڭ نېمە قىلغانلىقىڭىز ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ خىزمەتتە قانداق ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرگەنلىكىڭىز. بۇ ياخشى خىزمەت ئادىتى مۇنۇلارنى كۆرسىتىدۇ: ئەستايىدىل، پۇختا خىزمەت ئىستىلى، ۋە شۇنىڭدەك ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئەڭ يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنەلىگەن ياكى ئۆگىنەلمىگەنلىك، يېڭى شەيئىلەرنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىنى بايقاش، باشقىلاردىن قىسقا بولغان ۋاقىتتا بۇ قانۇنىيەتلەرنى ئىگىلەش ۋە ئۇلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش. يۇقىرىدىكى ئامىللارنى ھازىرلىسىڭىز، سىز بىر ئىشەنچكە ئېرىشكەن خىزمەتچى بولالايسىز.
ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھورۇنلۇقى بولىدۇ، ھەممە ئادەم ئىشلىتىش قولايلىق بولغان ئادەملەرنى ئىشلىتىشنى خالايدۇ. سىز باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئاساسىنى ھازىرلىغاندا، ھەمدە كۈندىلىك خىزمەتتە تەدرىجىي ئۆزىڭىزنىڭ پۇختا، ئەقىللىق ۋە ئىنچىكە ئىكەنلىكىڭىزنى ئىپادىلىگەن ۋاقىتتا، بارغانچە كۆپ خىزمەت پۇرسىتى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا قويۇلىدۇ. سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا ئېنىق جېكىلىگىلى بولىدىغان ۋە سىز ئوڭۇشلۇق تاماملىيالايدىغان خىزمەتنى، ئۈچ ئېغىز گەپ بىلەن ھەتتا يېرىم سائەت جېكىلەپ بىر ھەرقانچە قىلسىمۇ چۈشەنمەيدىغان ئادەمگە تاپشۇرۇشنى كىممۇ خالايدۇ؟ ئالاقىمۇ بىر خىل تەننەرخ، ئالاقىگە سەرپ قىلغان ۋاقىت قانچە ئاز بولسا، ئىچكى سەرپىيات شۇنچە ئاز بولىدۇ، بۇ باشقۇرغۇچىلار ئەڭ ئېنىق بىلىدىغان بىر ئىش.
سىز ئۇچرىشىپ باقمىغان خىزمەتلەر بىلەن ئۇچرىشىدىغان خىزمەت پۇرسىتىڭىز باشقىلارنىڭكىدىن تېخىمۇ كۆپ بولغان ۋاقىتتا، سىز باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولىسىز، ھەممە ئادەم ئەقىللىق، تىرىشچان ئوقۇغۇچىنى ياخشى كۆرىدۇ، باشقۇرغۇچىلار تېخىمۇ شۇنداق بولسا كېرەك.
بىر يېڭى كەلداخۇندىن، كۆپىنچە ھاللاردا تېخىمۇ كۆپ يېڭى كەلداخۇنلاردىن، دەسلەپكى تۆت يىلنىڭ ئىچىدە، ئانچە چوڭ پەرقنى كۆرگىلى بولمايدۇ. لېكىن بۇ تۆت يىللىق كەچۈرمىش، ئۇلارنىڭ كېيىنكى كەسپىي ھاياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سالغان ئاساس ئىنتايىن مۇھىم. نۇرغۇن كىشىلەر ياش ۋاقتىدا ئەگرى-توقاي يولدا مېڭىشقا ئېتىبار قىلمايدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر كۈندىلىك خىزمەتلەرنى ھەممە ئادەم ياخشى قىلالايدۇ، ھەيران قالغۇچىلىكى يوق دەپ ئويلايدۇ. لېكىن دەل مۇشۇ ئاددىي خىزمەتلەر، قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرلەپ، بىلىنىپ-بىلىنمەي، كېيىنكى تەرەققىياتنىڭ بەلگىلىگۈچىسى بولۇپ قالىدۇ.
ئاساسىي قاتلام خىزمىتىگە پەرۋاسىزلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئەڭ چوڭ زىيان، قارىماققا ئاددىي بولغان شەيئىلەرنى بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنىڭ پاسىل ئايرىپ ئۇزۇن مەزگىل تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارى مەسىلىسىگە ئايلىنىشى قاتارلىقلار.
ئەقىللىق ئادەملەر ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىدا مەسىلە بار دەپ قارىمايدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانچە، ئۇ ئۆزىنىڭ تەلىيىنىڭ كاجلىقىدىن ئاغرىنىدۇ، قارىماققا قابىلىيىتى ئادەتتىكىچە بولغان كىشىلەرنىڭ ھەمىشە ئۆزىدىن تەلەيلىك ئىكەنلىكىدىن ئاغرىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزىدىن چىرايلىق ئىكەنلىكىدىن ياكى ئۇنىڭ رەھبەرلەرنى خۇش قىلالايدىغانلىقىدىن ئاغرىنىدۇ دېگەندەك. تەدرىجىي ھالدا، پىسخىك ھالىتىگە تەسىر يېتىدۇ. ئاتالمىش تالانتلىق كىشىنىڭ تونۇلماي قېلىشى، بەزىدە مۇشۇنداق بولىدۇ.
 
خىزمەت بىر ئەقىللىق ئادەمگە موھتاج، خىزمەت ئەمەلىيەتتە بىر پۇختا ئادەمگە تېخىمۇ موھتاج. ئەقىللىق بىلەن پۇختىنىڭ ئارىسىدا، مەن كېيىنكىسىنى تاللاشنى بەكرەك خالايمەن.
پۇختىلىقنى ھەممە ئادەم قىلالايدۇ، تۇغما شەرتلەر بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى