ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىم ئەمگەك توختامى تۈزىدىغان ئالاقىدار تەرەپ بولىدۇ؟

كىم ئەمگەك توختامى تۈزىدىغان ئالاقىدار تەرەپ بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-03-13 ئاۋاتلىقى: 583 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دىلمۇرات مەلۇم شەھەردە ئىش ئورنىدىن قالغاندىن كېيىن، باشقا بىر شەھەرگە بېرىپ پولات-تۆمۈر زاۋۇتىدا ئىشلىگەن ھەمدە ئۈچ يىللىق ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان. ئىشلەش جەريانىدا، دىلمۇرات تونۇشلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن مەلۇم گۈللۈك ئولتۇراق رايونىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ، پولات-تۆمۈر زاۋۇتىغا ئۆزىنىڭ پولات تاۋلاش سېخىدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. پولات-تۆمۈر زاۋۇتى دىلمۇرات مەزكۇر زاۋۇت بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلماي تۇرۇپ گۈللۈك ئولتۇراق رايونىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان، دېگەن ئاساس بىلەن شەھەرلىك ئەمگەك كېسىم كومىتېتىغا ئەرز قىلىپ، دىلمۇراتنىڭ گۈللۈك ئولتۇراق رايونىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن ئىمزالىغان ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى، دىلمۇرات بىلەن گۈللۈك ئولتۇراق رايونىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش كومىتېتى پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ دىلمۇراتنىڭ ئىشقا كەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن تارتقان زىيىنىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. كېسىم كومىتېتى پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ پولات تاۋلاش سېخىنى ئەمگەك توختامىنىڭ سۇبيېكتلىق سالاھىتىگە ئىگە ئەمەس،دەپ قاراپ، دىلمۇرات بىلەن پولات-تۆمۈر تاۋلاش سېخى تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى ئىناۋەتسىز، دەپ كېسىم قىلىپ، ئەرزنى رەت قىلغان. پولات-تۆمۈر زاۋۇتى يەنە سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان. پولات-تۆمۈر زاۋۇتى يەنە سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان، سوت مەھكىمىسى ئاخىرىدا كېسىم كومىتېتىنىڭ قارارىنى كۈچكە ئىگە قىلغان.

 
ئۇنداقتا، يۇقىرىدىكى بۇ خىل ئەھۋالغا مۇتەخەسسىسلەر قانداق جاۋاب بېرىدۇ؟ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جاۋابىغا قىزىقسىڭىز قېنى دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جاۋابى: 
ئەمگەك مۇناسىۋىتىگە ئىگە ئالاقىدار ئىككى تەرەپلا ئەمگەك توختامى تۈزۈش سالاھىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تەرەپ ئادەم ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بولۇپ، «ئەمگەك توختامى قانۇنى»نىڭ 2-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن، يەنى ئادەم ئىشلىتىش سۇبيېكتى كارخانا، يەككە ئىگىلىك تەشكىلاتى، پۇقرالار قۇرغان كارخانىدىن باشقا ئورۇنلاردىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.«ئەمگەك توختامى قانۇنى»دا «ئەمگەك قانۇنى» ئاساسىدا تەتبىقلىنىش دائىرىسى كېڭەيتىلدى، يەنى پۇقرالار قۇرغان كارخانىدىن باشقا ئورۇنلار قاتارلىق تەشكىلاتلار ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قىلىندى. كارخانىدىن باشقا ئورۇنلار، كەسپى ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي كۈچلەر ھەمدە پۇقرالار غەيرىي دۆلەت ئىلكىدىكى مۈلۈكتىن پايدىلىنىپ قۇرغان، غەيرىي تىجارەت خارەكتېرلىك ئىجتىمائىي مۇلازىمەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بىر قەدەر ئالاھىدە بولغان مۇستەقىل ھەق تەلەپ سۇبيېكتىدۇر. مەسىلەن، پۇقراۋى مەكتەپ، پۇقراۋى دوختۇرخانا، پۇقراۋى كۈتۈپخانا، پۇقراۋى مۇزېي، پۇقراۋى پەن-تېخنىكا سارىيى قاتارلىقلار، ئۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپى ئورۇنلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار «ئەمگەك توختامى قانۇنى» غا ئاساسەن ئادەم ئىشلىتىش سۇبيېكتى بولسا بولىدۇ. شۇڭا، ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا، ئەمگەك توختامىنىڭ سۇبيېكتلىق سالاھىتىگە ئىگە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن بويىچە قۇرۇلغان كارخانا، يەككە ئىگىلىك تەشكىلاتى، كارخانىدىن باشقا پۇقراۋى ئورۇن، دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپى ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىقلار بولۇشى كېرەك. كارخانىغا قاراشلىق ئورۇنلار، سېخ، شىركەتنىڭ تارماق ئاپپاراتى، يېزا ئائىلىلىرى، يەككە سودا-سانائەتچىلەردىن باشقا پۇقراۋى ئەمگەكچىلەر بىلەن مۇستەقىل ئەمگەك توختامى تۈزسە بولىدۇ، ئەمگەك توختامى تۈزگەن تەقدىردىمۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۇبيېكتلىق سالاھىيەتكە ئىگە بولمىغانلىقتىن، كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلگەن)
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى