ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇلار بىر قېتىم ئۇتۇۋالسۇن

ئۇلار بىر قېتىم ئۇتۇۋالسۇن

ۋاقتى: 2016-06-19 ئاۋاتلىقى: 368 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بېشى « ئۇششاق ئىشلارنى كىم قىلاركى دەپ تۇرماي، ئۆزىڭىز قىلىۋەتكىنىڭىز تۈزۈك» بۇ يەردە!

 

ئۇلار بىر قېتىم ئۇتۇۋالسۇن

 

ئۇلار دېگىنىمىز، ھەرقانداق ئادەم — بالىڭىز، جورىڭىز، ئاتا – ئانىڭىز، ئاغىنە – بۇرادەرلىرىڭىز ياكى خىزمەتداشلىرىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەدبىرنىڭ چوڭ ئالدىنقى شەرتى سىزنىڭ خەقنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ بىر قېتىم ئۇتۇۋېلىشىنىڭ كارايىتى چاغلىقلىقىنى چۈشىنىشىڭىزدە. ئەكسىچە، ئۇمۇ بېسىمنى تۈگىتىشنىڭ بىر ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. خەقنىڭ «ئۇتۇۋېلىشى» سىزنىڭ «ئۇتتۇرغان»لىقىڭىزغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، خەقنى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغاندەك ھېس قىلدۇرۇش — خەقنى ئۆزىڭىزنىڭ پىكرىنى ئاق – قارىنى پەرق قىلماي ئۆزلەشتۈرۈشكە مەجبۇرلاشتىن ياكى بىرمۇنچە ۋاقىت چىقىرىپ خەقنى خاتا قىلغانلىقىغا، ئۆزىڭىزنىڭ توغرا قىلغانلىقىڭىزغا قايىل قىلىشتىن يىراق تۇرىدۇ، تېخى سىزنى ئاسان رازى قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۇرمۇش ئەخلاقىنىڭ كەڭ مەنىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تالاش – تارتىشتا ھەقىقىي ئۇتۇپ چىققان بىرمۇ ئادەم يوق. چۈنكى، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا تالاش – تارتىش بولغاندا، بىر – بىرى بىلەن تۈزۈت قىلىشىپ كەتمەيدۇ، ھەر كىم ئۆزىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرىدۇ، بىر – بىرىگە ئالسىلا – باقسىلا دەپ يول قويۇپ ئولتۇرمايدۇ. تالاش – تارتىش جەريانىدا، ھەقىقىي ياخشى گەپ ئاڭلايدىغان ياكى بىرەر نەرسىنى ئۆگىنىۋالىدىغان كىىشلەر ناھايىتى ئاز بولىدۇ. قارىمۇ – قارشى ئىككى تەرەپنىڭ تالاش – تارتىشى غەزەپ – نەپرەت، ئوڭۇشسىزلىق ۋە بېسىم پەيدا قىلىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، خەق سىزنى ئۇتۇۋالغاندا، ئۆزىڭىزمۇ ئۇتۇۋالغاندەك بولۇڭ، شۇ چاغدا مۇناسىۋىتىڭلار تېخىمۇ ئىناق بولىدۇ، ئۆسۈپ يېتىلىشىڭلارغا تېخىمۇ پۇرسەت بولىدۇ. تالاش – تارتىش پاتققىغا يەنە پېتىپ قالمىسىڭىز، جاھىللىق ياكى ھەققانىيەتكە، ھەتتا مۇھەببەت ياكى مېھىر – شەپقەتكە ئېسىلىۋالمايدىغان بولىسىز، مەسىلىنىڭ بەرىبىر ناھايىتى تېزلا ئۆزلۈكىدىن ھەل بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بايقايسىز. خەق تالاش – تارتىش ياكى قەھر – غەزەپلىك مۇنازىرىسىنى باشلىغاندا، سىز قىزىقارلىق (بەزىدە جاپالىق)، پات ئارىدا بىر نىيەتكە كېلىدىغان پەيتكە يۈزلەنگەن بولىسىز. سىز جەڭ ۋەزىيىتىگە كىرەمسىز ياكى چېكىنىپ چىقامسىز؟ ئۆزىڭىزنى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزنى ئىسپاتلاشنى سىناپ باقامسىز ياكى خەقنىڭ بىر قېتىم ئۇتۇۋېلىشىغا ۋە ياكى پىكىرلىرىنى دەۋېلىشىغا يول قويامسىز؟ بەزىدە بالام بەزى ناتوغرا ياكى ئادىل بولمىغان گەپلەرنى قىلىدۇ. مەسىلەن، بىر بالام: «سىزنىڭ ئەزەلدىن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا ۋاقتىڭىز يوق» دېسە، دەرھال ئاچچىقىم كېلىپ: «توغرا ئەمەس! سەن بىلەن بىللە بولۇشقا دائىم ۋاقىت چىقىرىۋاتىمەنغۇ، ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ تۈنۈگۈن بىللە باغچىغا بېرىپ ئوينىدۇق، ئاندىن سىرتتا كەچلىك غىزا يېدۇققۇ!» دېيىشىم مۇمكىن. لېكىن، مەن شۇنى بايقىدىمكى، ئۇنىڭغا: «توغرا ئېيتىسەن، مەنمۇ بىزنىڭ دائىم بىللە بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن ساڭا بەك ئامراق» دېيىشىم كېرەك ئىكەن. شۇنداق قىلغاندا، تالاش – تارتىش ئېغىرلىشىپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئۆكۈنۈشنى تۈگەتكىلى بولىدىكەن، شۇنداقلا ئۇ مېنىڭ چىن يۈرىكىمدىن چىققان ئەڭ سەمىمىي باياناتىم بولۇپ قالىدىكەن.


ئەگەر ئەھۋال ئېغىر بولسا ياكى خەق سىزنى بوزەك قىلسا، سىزدىن نەپ ئالماقچى بولسا، ئۆزىڭىزنى ئاقلىماڭ دېمەكچىمۇ ئەمەسمەن. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم، خەقنىڭ ئاندا – ساندا ئۇتۇۋېلىشىغا يول قويۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ كەڭ قورساقلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ، خەق سىزنى يىراقنى كۆرەر ۋە ئاقىلانە ئىكەن دەپ قالسۇن. ئادەتتە خەقمۇ سىزنىڭ ئاشۇنداق قىلغىنىڭىزدىن ئۈلگە ئالىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى