ئىدارە ئالدامچىلىق قىلىپ توختامنىڭ ئىناۋەتسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئەمگەكچى ئىستىپا بەرسە بولامدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئىدارە ئالدامچىلىق قىلىپ توختامنىڭ ئىناۋەتسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئەمگەكچى ئىستىپا بەرسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ئەگەر ئىدارە سەمىمىيلىك پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئالداش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ ياكى قارىغۇنى ياردا قىستاپ، ئەمگەكچىنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي خاھىشىغا خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامى تۈزۈشكە ياكى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاپ، ئەمگەك توختامىنىڭ ئىناۋەتسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
«ئالداش» مۇناسىۋەتلىك بىر تەرەپنىڭ قەستەن قارشى تەرەپكە يالغان ئەھۋالنى ئېيتىپ، ياكى قەستەن ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆز خاھىشىنى خاتا ئىپادىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
«تەھدىت سېلىش» پۇقرا ۋە ئۇنىڭ ئورۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ھاياتى ۋە سالامەتلىكى، ئابرويى قاتارلىقلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقى بىلەن قورقۇتۇپ، قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي خاھىشىغا خىلاپ قىلمىشنى قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.