ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تاۋار ئوبوروت كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى

تاۋار ئوبوروت كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى

ۋاقتى: 2016-08-25 ئاۋاتلىقى: 1097 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تاۋار ئوبوروت كارخانىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنى سېلىشتۇرغاندا، كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئالاھىدىلىكى بولىدۇ:
1. تاۋار ئوبوروت كارخانا مەدەنىيىتى تىجارەت ھەرىكىتى مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلىدۇ. مەدەنىيەت ئادەمنى ۋاسىتە قىلىدۇ، بىر كارخانىنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ھەربىر خىزمەتچى قەلبىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە تەسىر قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيىتى ئارقىلىق ئەكس ئېتىدۇ، بۇ گەپ-سۆز، ھەرىكەت، چىراي ئىپادە، قائىدە-يوسۇندا ئەكس ئېتىدۇ. بۇلار كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ خىزمەتچىلەردىكى سىرتقا يۈزلىنىشى بولۇپ، ھەرىكەت مەدەنىيىتى دەپ ئاتىلىدۇ. تاۋار ئوبوروت كارخانىلىرى تىجارەت ھەرىكىتىنى مەركەز قىلىدۇ، شۇنداقلا تىجارەت ھەرىكىتى بىۋاسىتە كارخانىنىڭ مۇلازىمەت مەھسۇلاتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تىجارەت ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىققان تىجارەت ھەرىكەت مەدەنىيىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇ كارخانا مەەنىيىتىنىڭ مەركىزى. ئالدى بىلەن، خېرىدار ئىلغار تىجارەت ھەرىكىتى مەدەنىيىتىگە مۇھتاج. خېرىدار دۇكانغا كەلگەندىن كېيىن ھەم مەھسۇلاتقا ھەم مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئەلا مۇلازىمەت خېرىدارنىڭ مەھسۇلاتنى سېتىۋىلىشىنى تېزلىتىدۇ.
ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلار ئاساسلىق مەھسۇلاتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئىپادىلەيدۇ، ئوبوروت كارخانىلىرى ئاساسلىق مۇلازىمەت ئارقىلىق خېرىدارلارنى ئۆزىگە تارتىدۇ. ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ «مۇلازىمەت بىرىنچى» ،  «خېرىدارلار ھەممىدىن ئەلا» قاتارلىق تىجارەت ئىدىيەسى كونكرېت تىجارەت ھەرىكىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. قىزغىن پوزىتسىيە، ئۆلچەملىك مەشغۇلات، ئەدەپلىك سۆز-ئىبارىلەر، ئۆز ئارا ھەرمەت قىلىدىغان قائىدە-يوسۇنلارنىڭ ھەممىسىگە خېرىدارلار ئېھتىياجلق بولىدۇ، بۇلار خېرىدارلارغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ، بۇ ئوبوروت كارخانىلىرى رىقابەت كۈچىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى. ئىككىنچىدىن، تىجارەت ھەرىكەت مەدەنىيىتى تاۋار ئوبوروت كارخانا مەدەنىيىتىنى تارقىتىدىغان كۆزنەك. كارخانا مەدەنىيىتى شەكىللەندۈرگەن كارخانا خاسلىقى كارخانىنىڭ ئابرويى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، لېكىن بۇ خېرىدارلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئاساسىدا قۇرۇلغان بولىدۇ. شۇڭا كارخانا مەدەنىيىتى تارقىتىشقا مۇھتاج، تارقاتقاندىلا ئاندىن كارخانىنىڭ ئابرويى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئادەمنىڭ ھەر قانداق ئىجتىمائىي پائالىيىتىنىڭ مەدەنىيەت مەزمۇنى بولىدۇ، بۇ بىر خىل مەدەنىيەت بەلگىسى. تاۋار ئوبوروت كارخانا خادىملىرىنىڭ تىجارەت ھەرىكىتى شۇ كارخانا قىممەت قارىشى، كارخانا روھى ۋە تۈزۈم سىستېمىسى قاتارلىق مەدەنىيەت مەزمۇنىنىڭ ئىپادىلىنىشى. بۇ كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ يېتەكلەش، چەكلەش، رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارى بولغانلىقىدىندۇر. بۇ ئىقتىدارلارنىڭ رولى ئاستىدا، كارخانا خادىملىرىنىڭ تىجارەت ھەرىكىتى شۇ كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ خاسلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، خېرىدارلار ۋە ئىستېمالچىلار دەل ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە ئاساسەن كارخانىنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقىنى تونۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن كارخانا مەدەنىيىتىنى تارقىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
#p#
2. مال سېتىۋىلىش مۇھىتى كارخانا مەدەنىيىتىنى تەشكىل قىلىدىغان مۇھىم ئامىل. كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئۈچ قاتلام قۇرۇلمىسى ئىچىدە، مۇھىت مەدەنىيىتى ماددىي مەدەنىيەت قاتلىمىغا تەۋە، ئۇ مەنىۋىي مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى. كارخانا ماددىي مەدەنىيىتى مەھسۇلات، تېخنىكا شارائىتى،  قول ھۈنەر ئەسلىھەلىرى، قۇرۇلۇش سايمانلىرى، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى قاتارلىق ماددىي ئامىللار ئىپادىلەپ چىققان مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىدۇر. ئوبوروت كارخانىلىرى مەھسۇلات ئىشلەپچىقارمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ماددىي مەدەنىيىتى ئاساسلىق مال سېتىۋىلىش مۇھىت مەدەنىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. مال سېتىۋىلىش مۇھىتى سودا ساراي ئىمارەتلىرى، دۇكان ئالدى، لوزۇنكا، دۇكان بېزەكلىرى، تاۋارلارنىڭ تېزىلىشى، ئارام ئېلىش ئورۇنلىرى ۋە كومپيۇتېردا ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى قاتارلىقلار. مال سېتىۋىلىش مۇھىتى سودا ساراي قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئىپادىلىنىشى، كارخانىنىڭ سىرتقى ئوبرازى، ئۇ كارخانىنىڭ تىجارەت كۈچى، روھىي كەيپىياتى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مال سېتىۋىلىش مۇھىتى تاۋار ئوبوروت كارخانىسىنىڭ زۆرۈر شەرتى، بولۇپمۇ تۇرمۇش ماتېرىياللىرى تىجارىتى قىلىدىغان سودا سارايلار ئۈچۈن، مال سېتىۋىلىش مۇھىتى خېرىدارنىڭ مال سېتىۋىلىش كەيپىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. رەڭگى يېقىشلىق، كۆزگە ئاسان چېلىقىدىغان لوزۇنكىلار كىشىنىڭ ئېسىدە قالىدۇ، ئۆزىگە خاس بولغان دۇكان ئالدى ۋە پاكىز، رەتلىك بولغان دۇكان مۇھىتى (تاۋارلارنىڭ تىزىلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.) خېرىدارلارغا گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىدۇ، تېز ۋە توغرا بولغان پۇل ئېلىش ئەسلىھەلىرى كىشىگە قولايلىق ۋە ئىشەنچلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ ۋە ھاكازالار. ياخشى مۇھىت خېرىدارلارغا كۈچلۈك جەلپ قىلىش تۇيغۇسى بېرىدۇ. ئوخشىمىغان تۈردىكى ئوبوروت كارخانىلىرىدا خېرىدارلارنىڭ مال سېتىۋىلىش مۇھىتىغا بولغان تەلىپىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى ئوبوروتى قىلىدىغان كارخانىلاردا، نۇرغۇنلىغان تاۋارلارنى نەق مەيدانغا تىزىپ قويغىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تاۋار ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدىغان كومپيۇتېر سىستېمىسى بولۇشى كېرەك؛ چوڭ تىپتىكى تۈرلۈك ماللار سودا سارايلىرىدا خېرىدارلارنىڭ تاۋار تۈرىنىڭ مول بولۇشى، تىزىلىشىنىڭ كۆپ خىل بولۇشىغا قويغان تەلىپى يۇقىرىراق؛ تاللا بازارلىرىغا نىسبەتەن، خېرىدارلار «ئېچىۋېتىلگەن ۋە ئاسان كىرىپ چىققىلى بولۇشى»قا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ياپونىيەلىك مۇتەخەسسىس مۇشۇ سوئال ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 52 مىڭ ئادەم بولغان سودا چەمبىرىكىدە جەمئىي 2000 پارچە سوئال ۋارىقى تارقاتقان، يېغىۋېلىنغان 1600 قەغەزدىن ئېرىشكەن نەتىجىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، خېرىدارلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تاۋار ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ مال سېتىۋىلىش مۇھىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، مۇھىت مەدەنىيىتى تاۋار ئوبوروت كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەشكىلىي قىسمى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى