ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ يوشۇرۇن مەبلەغ سالغۇچىدىن سوراشقا تېگىشلىك بەش سوئالى

ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ يوشۇرۇن مەبلەغ سالغۇچىدىن سوراشقا تېگىشلىك بەش سوئالى

ۋاقتى: 2016-08-02 ئاۋاتلىقى: 705 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ يوشۇرۇن مەبلەغ سالغۇچىدىن سوراشقا تېگىشلىك بەش سوئالى


 كىرىش سۆز: مەبلەغ توپلاش ئەمەلىيەتتە بىر قوش يۆنىلىشلىك تاللاش، ئاساسلىق ئارقا كۆرۈنۈش تەكشۈرۈشىدىن سىرت، ئىگىلىك تىكلىگۈچى يوشۇرۇن مەبلەغ سالغۇچىدىن سوراشقا تېگىشلىك ياكى سورىمىسا بولمايدىغان بەش سوئال بار.

شىركەتنىڭ كۆپ قىسىم ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى بىر قېتىملىق مەبلەغگە ئالماشتۇرماقچى بولغىنىڭىزدا، سىز قانداق قىلىپ مەبلەغ سالغۇچىنى توغرا تاللىغىنىڭىزنى بىلەلەيسىز؟ 
  
گەرچە مەبلەغ توپلاش قارىماققا مەبلەغ سالغۇچىغا ئېرىشىش باسقۇچىغا ئوخشىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر قوش يۆنىلىشلىك تاللاشتۇر. مەبلەغ سالغۇچىنىڭ مەبلەغ سالغۇدەك پۇلى بولۇشى ھەرگىزمۇ شۇ كىشى ۋە ياكى شۇ شىركەتنىڭ سىزنىڭ شىركىتىڭىزگە ماس كېلىپ، سىزگە مۇۋاپىق قوشۇمچە قىممەت يارىتىپ بېرەلەيدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇلار سىزنىڭ شىركىتىڭىزگە مەبلەغ سېلىشنى تاللىغان ۋاقىتتا، سىزمۇ مەبلەغ سالغۇچىنى ۋە ياكى سىز بىلەن بىرنەچچە يىللىق ھەمكارلىق ئورنۇتۇپ، تەڭ كۈرەش قىلىدىغان شېرىكنى تاللىغان بولىسىز. 
  
ئاساسلىق ئارقا كۆرۈنۈش تەكشۈرۈشىدىن سىرت، ئىگىلىك تىكلىگۈچى يوشۇرۇن مەبلەغ سالغۇچىدىن سوراشقا تېگىشلىك ياكى سورىمىسا بولمايدىغان مۇنداق بەش سوئال بار.

. مەبلەغ سالغۇچى سىزگە قانداق قوشۇمچە قىممەت يارىتىپ بېرەلەيدۇ؟
  
راست گەپنى ئېيتقاندا، ئاڭلىماققا ناھايىتى كۈلكىلىك، لېكىن مەن ھەقىقەتەن ئۆزى مەبلەغ سالغان تۈرگە نىسبەتەن ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان مەبلەغ سالغۇچىلارنى كۆرگەن، يەنە تېخى پەقەت بىر قېتىملا ئەمەس. كارخانىچىلار ئوبدان ئويلىنىشى كېرەك، پۇلدىن باشقا، مەبلەغ سالغۇچىلاردىن سىز زادى يەنە نېمىلەرگە ئېرىشمەكچى؟ سىزگە كېرەكلىك بولغىنى قانداق قىلغاندا نۆلدىن باشلاپ بىر كارخانىنى قۇرۇپ چىقالايدىغان، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى بىلىدىغان ۋە يېتەرلىك تەجرىبىسى بىلەن سىزگە يول كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان، ۋە ياكى مەلۇم ساھە، مەسىلەن سېتىش، بازارشۇناسلىق، مەھسۇلاتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تەجرىبىسى مول ئادەمدۇر.
  
مەبلەغ سالغۇچىنى تاللاش مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا توي قىلىش بىلەن باراۋەر، چۈنكى بۇ كىشى سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا سىڭىپ كىرىپ، سىز بىلەن ئۇزاق مۇددەت بىر قولۋاقتا كۈرەش قىلغۇچىدۇر. ئەمەلىيەتتە، مەبلەغ سالغۇچىنىڭمۇ ياخشىسى ۋە ئادەتتىكىسى بولىدۇ، شۇڭا ئىگىلىك تىكىلىگۈچى چوقۇم ئۆزىگە ۋە ياكى شىركىتىگە ماس كېلىدىغان مەبلەغ سالغۇچىنى تېپىشى كېرەك.


2. مەبلەغ سالغۇچى سىز ئاچماقچى بولغان تۈرنى چۈشىنەمدۇ؟
  
مەبلەغ سالغۇچىنى تېپىش سىز كېرەكلىك بولغان مەبلەغنىلا توپلاش ئەمەس، مەبلەغ سالغۇچىنىڭ سودا ئەندىزىڭىزگە نىسبەتەن چۈشىنىشى ۋە شۇ كەسىپنى قىلىشتا تەجرىبىسى بار-يوقلىقىنى ئويلىشىش ئىنتايىن مۇھىم. ئىگىلىك تىكلىگۈچى مەبلەغ سالغۇچىنىڭ شىركىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئۇلار كۆز تىككەن ساھەنى چۈشىنىشى لازىم، چۈنكى بۇ ئۇچۇرلار مەبلەغ  سالغۇچىنىڭ سىز شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپكە نىسبەتەن كۆز- قارىشى بار-يوقلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
  مەسىلەن، سىزنىڭ باشلىغىنىڭىز رەقەملىك بازارشۇناسلىق يېڭىلىق يارىتىش تۈرى بولسا، ئەمىسە سىز بىلىشىڭىز كېرەك بولغىنى بۇ مەبلەغ سالغۇچىنىڭ تۇنجى قېتىملىق مۇشۇ خىلدىكى تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشىمۇ قانداق دېگەن مەسىلە. ئەگەردە ئالدىن تەجرىبىسى بولمىسا، بۇ مەبلەغ سالغۇچىنىڭ كەسپىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كىشىلىك ئالاقە تورى ۋە ياكى سىزگە مەسلىھەت بېرىش ۋە تەدبىر بەلگىلەشتە يېتەرلىك ئىقتىدارىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈش ئىمكانىيىتىنىڭ ئىنتايىن چوڭلۇقىنى چۈشەندۈرىدۇ. 

3. مەبلەغ سالغۇچىنىڭ سىز ئاچماقچى بولغان تۈر تەۋە بولغان ساھەگە نىسبەتەن قىزىقىشى قانچىلىك؟
  
مەبلەغ سالغۇچىنىڭ سىز ئاچماقچى بولغان تۈرگە نىسبەتەن تونۇشى بار-يوقلىقىنى بىلىشنىڭ مۇھىم بولغىنىغا ئوخشاش، ئىگىلىك تىكلىگۈچىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئۆزى ئاچماقچى بولغان تۈرنىڭ تىپى ۋە مۇناسۋەتلىك ساھەگە بولغان قىزىقىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئۇ مەبلەغ سالغان باشقا كارخانىلار ئىچىدە ئوخشىشىپ كېتىدىغان تۈرلەر بارمۇ يوق، سىز ئاچماقچى بولغان تۈر ئۇ مەبلەغ سالغان ساھەلەردىكى ئەڭ مۇھىم تۈرمۇ ياكى ئەڭ يېڭى سىناقمۇ، ئۇ نۇرغۇنلىغان ئوخشاش خىلدىكى كارخانىلارغا مەبلەغ سېلىشقا تەييارلاندىمۇ ياكى ئاللىبۇرۇن ھارغىنلىقتىن چېكىندىمۇ، ئىگىلىك تىكلىگۈچى بۇلارنى چوقۇم چوڭقۇر ئىگەللىشى كېرەك. ئىگىلىك تىكلىگۈچى ھەمىشە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرگە تېخىمۇ قىزىقىدىغان ۋە مەبلەغ سالغۇسى بار كىشىلەرگە موھتاج.

4. مەبلەغ سالغۇچى ھازىر ئۆز كەسپىنىڭ قايسى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ؟
 
نۇرغۇنلىغان تەۋەككۈلچىلىك بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تەۋەككۈلچىلىك بىلەن مەبلەغ سېلىش ساھەسىدە ۋە ئۆز كەسپىدە 15يىلدىن 25 يىلغىچە تەجرىبىسى بولسا، چوقۇم سىزنىڭ شىركىتىڭىزگە ئاز بولمىغان ياخشى تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. 
   
تەۋەككۈلچىلىك بىلەن مەبلەغ سېلىشتا ئارانلا بىرنەچچە يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن شېرىكنىڭ يېتەرلىك بولمىغان تەجرىبىسى بۇ بىر چوڭ مەسىلىدۇر. ئەگەردە ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مەبلەغ سېلىش ئەندىزىسى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى، ئىگىلىك تىكلەش تۈرىگە بولغان چۈشەنچىسى ۋە بىر ئىگىلىك تىكلەش شىركىتىنى قوزغىتىشتىن نەتىجە قازاندۇرۇشتا كېرەكلىك بولغان تەجرىبىسى يېتەرلىك ئەمەس، شىركىتىڭىزگە بولغان تەسىرىمۇ ئۇنچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ، ئۇنىڭ پىكىر-تەكلىپىمۇ تازا ئورۇنلۇق بولمايدۇ.
 
ئۇنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى مۇددىئاسىنى چۈشىنىپ بېقىڭ، ئەگەردە ئۇمۇ ئۆزىنىڭ كەسپىنى ياكى ماركىسىنى راۋاجلاندۇرماقچى بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قەدىمى سىزنىڭكى بىلەن تۈپتىن ئوخشاش بولۇشى ناتايىن، بۇ خىل ئەھۋال پەيتكە ماس كەلمىگەن، ئويلاپمۇ باقمىغان كېلىشمەسلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇ بەلكىم سىزنىڭ شىركىتىڭىزگە ماس كەلمىگەن باشقا بىر نەتىجىسى ياخشى بولغان مەبلەغ سالغۇچى ياكى مۇدىرىيەت ئەزاسىنى باشلاپ كىرىشى مۇمكىن. بەلكىم يەنە ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا ماس كېلىدىغان ئەمما شىركەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر پىكىرىدە چىڭ تۇرۇشى مۇمكىن. باشقا بىر پايدىلىق بولمىغان ئەھۋال بولسا، ئەگەردە بۇ مەبلەغ سالغۇچى ئاستا-ئاستا ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلەردىن ئايرىلىۋاتقان بولسا، بۇ ئۇنىڭ شىركىتىڭىزگە بولغان تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇ خىل تەسىر سىزنىڭ كېلەر قېتىملىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە ياكى يېڭى پىلان لايىھەسىنى قارار قىلىپ بېكىتىشىڭىزدە ئىنتايىن چوڭ رول ئوينايدۇ. ئۆز كەسپىنىڭ خاتىمىسىگە يېقىنلىشىپ قالغان مەبلەغ سالغۇچىمۇ ئوخشاشلا شىركىتىڭىزنى نەتىجە قازاندۇرۇشتا سىزگە ياردەم قىلالمايدۇ.
  
شىركەتنىڭ مەلۇم قىسىم ئىگىدارلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە تەييارلانغان ۋاقتىڭىزدا، بۇ پەقەت پۇلنىڭلا ئىشى بولماستىن بەلكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پىكىر-تەكلىپ ۋە ياردەمگە ئېچىلغان بىر دېرىزىدۇر. مەبلەغ سالغۇچى ئۆز كەسپى تۇرۇۋاتقان باسقۇچىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى بۇ مەبلەغنىڭ شەخسىي ئېھتىياج ئۈچۈن ئەمەس بەلكى شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سېلىنغانلىقىنى  ئېنىق بىلىۋېلىشى كېرەك. 

5. مەبلەغ سالغۇچىنىڭ شىركىتىڭىز ئۈچۈن تەييارلىغان مەبلىغى قانچىلىك؟
  
ئۆزىڭىزنىڭ كېلەر قېتىملىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پىلانىنى ياخشى ئويلىشىڭ، مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى، شىركىتىڭىز ئۈچۈن جەمئىي قانچىلىك مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ كېلەر قېتىملىق مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاللىبۇرۇن ۋە ياكى ۋاقىتلىق ئالدىن ساقلاپ قالغانلىقىنى ئوبدان ئېنىقلاڭ. بەزى شىركەتلەرنىڭ ئالدىن ساقلاپ قالغان مەبلىغى بولمايدۇ، ھەممىسى كېلەر قېتىملىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋاقتىدا ئاندىن ئويلىشىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ھازىر بار بولغان مەبلىغى ۋە مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ، ئەمما بەزى شىركەتلەرنىڭ قاتتىق زاپاس ياكى يۇمشاق تەقسىملەشتەك كەلگۈسى مەبلىغى بولىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىنىڭ كەلگۈسىدە شىركىتىڭىز ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز مەبلەغ سېلىش پىلانى بار-يوقلۇقىنى چۈشىنىپ، كېلەر قېتىملىق مەبلەغ توپلىشىڭىزغا تەييارلىق قىلىڭ.
     

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى